مۇسۇلمانلار
ياردەم تىلەش ۋە دۇئا 1

ياردەم تىلەش ۋە دۇئا

4.      ياردەم تىلەش ۋە دۇئا

1) ئىنسان ياردەمگە موھتاج

ئاللاھ تائالا ئىنساننى چىرايلىق شەكىلدە يارىتىش[1] ۋە ھۆرمەتلىك قىلىش[2] بىلەن بىرگە، ئۇنى ئاجىز ياراتقان[3]. سانسىزلىغان نېمەتلەرنى يارىتىپ ئۇنىڭغا سۇنۇش[4] بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا بەزىدە ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن[5]، بەزىدە جازالاش ئۈچۈن[6] مۇسىبەت يەتكۈزۈشنى بەلگىلىگەن. ئۇنىڭ فىترىتىگە نېمەتلەردىن كۆپ ھاسىل قىلىش ۋە خەۋپ – خەتەرلەردىن ساقلىنىش ئارزۇسىنى سىڭدۈرگەن[7]، شۇڭلاشقا ئۇ ھاياتى بويىچە بۇ ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ[8]، ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلغان چېغىدا باشقىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ[9].

2) جائىز بولغان ياردەم  تىلەش

ياردەمگە مۇھتاج بولۇپ قالغان كىشى ياردەم قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان، ياردەم قىلىش قولىدىن كېلىدىغان ۋە ياردەم قىلالايدىغان كىشىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ[10]. ياردەم قىلالايدىغانلارنىڭ موھتاجلارغا ياردەم تەلەپ قىلمىسىمۇ ياردەم قىلىشى ياخشى ئىشتۇر[11]، ھەتتا مۇھىم ئىشتۇر[12]. شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى مۇرادىغا يېتىشتە ئاجىزلىق ھېس قىلىدىكەن، كۈچى يېتىدىغان بىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا ئەقىلگە ئۇيغۇن ۋە شەرىئەتكە مۇۋاپىق ئىش قىلغان بولىدۇ.

3) شېرىك بولغان ياردەم تىلەش

ئاللاھتىن غەيرىينىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلاردا ئاللاھنى قويۇپ «ئەۋلىيا»لاردىن، «ھەزرىتى بۇزرۇكۋار»لاردىن ۋە «پىرى كامىل»لاردىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلغانلىقتۇر، شۇنداقلا شېرىكتۇر. سۈننىي سوپىلار شەيخ ۋە ماشايىخلىرىنىڭ روھلىرىدىن، شىئىي تائىپىلەر ئىماملىرىنىڭ ۋە ئۇلۇغلىرىنىڭ روھلىرىدىن مەدەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار بۇ قىلمىشى بىلەن مۇشرىك ۋە كافىر بولۇپ كېتىدۇ[13]. چۈنكى ئۇلار ئۇ «ئۇلۇغلار»نى ئەھۋالىمىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، سۆزىمىزنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، قەيەردە بولساق ۋە قايسى تىل بىلەن چاقىرساق بىزگە ياردەم قىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغان بولىدۇ.  بۇلار بولسا پەقەت ئاللاھنىڭ سۈپىتىدۇر[14].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېيىشنى ئۆگەتكەن:

﴿إِيَّاكَ نَعۡبُدُ وَإِيَّاكَ نَسۡتَعِينُ  ٥﴾

«ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز»[15].

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلىش شېرىكتۇر. چۈنكى دۇئا تۆۋەنچىلىك بىلەن يېلىنىپ تۇرۇپ ياخشىلىق تىلەش دېگەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ[16]. يەنى ئاللاھتىن باشقىسى بېرىشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىلەرنى ئەنبىيالاردىن ياكى ئەۋلىيالاردىن ۋە ياكى قانداقلا بىر «ئۇلۇغ زات»دىن تىلەش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. بۇنداق قىلغۇچى مۇشرىكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَا تَدۡعُ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُكَ وَلَا يَضُرُّكَۖ فَإِن فَعَلۡتَ فَإِنَّكَ إِذٗا مِّنَ ٱلظَّٰلِمِينَ  ١٠٦﴾

«ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلمىغىن! ئەگەر ئۇنداق قىلساڭ، چوقۇم زالىملاردىن بولىسەن»[17].

4) سەۋەب قىلماي دۇئا قىلىشنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى

ئەسلىدە مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە لايىق رەۋىشتە غەيرەت قىلىش، لازىملىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىش ۋە كېرەكلىك سەۋەبنى ھاسىل قىلىش شەرت قىلىنغان[18] بولسىمۇ، ئەپسۇس، بۈگۈن قۇرئان – سۈننەتنىڭ مەزمۇنىدىن يىراقلاشقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا سەۋەب قىلماي دۇئا قىلىش بىلەن خاتالىشىۋاتقان ياكى دۇئانى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش بىلەن مۇشرىك بولۇپ كېتىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ.

ئۇزۇندىن بېرى مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنى تاشلاپ، ئەسلا ئەپۇ قىلىنمايدىغان شېرىك پاتقىقىغا پاتتى ۋە ھالى كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلاشتى. ئۇلار دەرۋەقە ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئاندا مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان رەھمەتلىرىدىن[19] مەھرۇم قالدى[20]، زېمىن شۇنچە كەڭ تۇرۇپ ئۇلارغا تار كەلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى دورىنى دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسىپ بويىچە ئىستېمال قىلمىغان ياكى ئۆزى خالىغانچە دورا ئىستېمال قىلغان ۋە ياكى ئالدىدا تۇرغان دورىنى ھېچ ئىستېمال قىلمىغان، نەتىجىدە كېسىلى كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان كېسەل ئادەمگە ئوخشايدۇ. تۆۋەندىكى شېئىرنى يازغان كىشى نېمىدىگەن ياخشى يازغان ئىكەن – ھە:

ئەجەب ئىشقۇ ئەجەب ئىش بەكمۇ كۆپتۇر ئەجەب ئىش،

يېنىدىكى دورىنى ئالماسلىق بىر ئەجەب ئىش.

ئۆلۈپ كەتكەن تۆگىدەك چۆلدە تارتىپ ئۇسسۇزلۇق،

دۈمبىسنىڭ ئۈستىدە سۇ يۈكلەنگەن تۇرۇقلۇق[21].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 378 – 382.

[1]  قاراڭ: 95 – سۈرە تىن، 4 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 17 – سۈرە ئىسرا، 70 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 28 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 29 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 32 ~ 34 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 12 ~ 14 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 36 – ، 37 – ۋە 65 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 61 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 20 – ۋە 29 – ئايەتلەر؛ 35 – سۈرە فاتىر، 13 – ئايەت؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 12 – ۋە 13 – ئايەتلەر.

[5] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 155 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 112 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 30 – ئايەت.

[7] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 14 – ئايەت. 100 – سۈرە ئادىيات، 8 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 84 – سۈرە ئىنشىقاق، 6 – ئايەت.

[9] قاراڭ: 28 – سۈرە قەسەس، 15 – ئايەت.

[10] قۇرئان كەرىمدە يەئجۇج ۋە مەئجۇجنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن قورققان قەۋم بىلەن زۇلقەرنەيننىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىپ بىر سېپىل سېلىشى (قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 94 ~ 96 – ئايەتلەر)، مۇسانىڭ تەرەپدارىدىن بولغان كىشىنىڭ، مۇسانىڭ دۈشمىنىدىن بولغان كىشىگە قارشى مۇسادىن ياردەم تەلەپ قىلىشى (قاراڭ: 28 – سۈرە قەسەس، 15 – ئايەت) زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ بىر ئىشتا ئاجىز كېلىپ قالغان كىشى ياردەم قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان بىراۋدىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

[11] «كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار – يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يار – يۆلەك بولىدۇ» – (مۇسلىم، «زىكىر، دۇئا، تەۋبە ۋە ئىستىغفار»، 38؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 67؛ تىرمىزى، «ھۇدۇد»، 3؛  ئىبنى ماجە، «ئىفتىتاھۇل كىتاب»، 17؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 12: 393، 13: 325، 16: 297، 394.

[12]  «ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار» – (5 – سۈرە مائىدە، 2 – ئايەت).

[13] قاراڭ: 10 – سۈرە  يۇنۇس، 106 ~ 107 – ئايەتلەر؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 117 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 13 ~ 15 – ئايەتلەر؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 4 ~ 6 – ئايەتلەر.

[14] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 180 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 110 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 8 – ئايەت؛ 19 – سۈرە مەريەم، 93 – ئايەت؛ 59 – سۈرە ھەشر، 24 – ئايەت.

[15] 1 – سۈرە فاتىھە، 5 – ئايەت.

[16] ئبنى مەنزۇر «دۇئا»، 14: 257؛ ئەبۇلھەسەن نۇرۇددىن موللا ئەلى ئىبنى سۇلتان مۇھەممەد قارى ھەرەۋىي، مىرقاتۇل مەفاتىھ شەرھى مىشكاتىل مەسابىھ، (بېيرۇت: دارۇلفىكر، ھ 1422 / م 2002)، 4: 1523؛ ئەبۇلئۇلا مۇھەممەد ئابدۇرراھمان ئىبنى ئابدۇررەھىم مۇبارەكفۇرى، تۇھفەتۇل ئەھۋەزىي، (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، تارىخسىز)، 9: 218.

[17] 10 – سۈرە يۇنۇس، 106 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 117 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 213 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 88 – ئايەت؛ 72 – سۈرە جىن، 18 – ۋە 20 – ئايەتلەر؛ 35 – سۈرە  فاتىر، 13 ~ 14 – ئايەتلەر؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 4 ~ 6 – ئايەتلەر.

[18] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 186 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 97 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 19 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 112 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 94 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 55 – ئايەت.

[19] قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 102 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 47 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 51 – ئايەت؛ 63 – سۈرە مۇنافىقۇن، 8 – ئايەت.

[20]  بۈگۈن يەر يۈزىدە پارتلىغان ھەر بومبا مۇسۇلماننىڭ دىيارىدا پارتلىماقتا، ئاققان كۆز ياشلىرى مۇسۇلماننىڭ كۆزىدىن ئاقماقتا، مۇسۇلماننىڭ بالىلىرى ئۆلتۈرۈلمەكتە، مۇسۇلماننىڭ ئىززىتى دەپسەندە قىلىنماقتا، مۇسۇلماننىڭ غۇرۇرى ئاياغ ئاستى قىلىنماقتا. قىسقىسى مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرى تۆكۈلمەكتە، ماللىرى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىنماقتا، شەھەرلىرى بومباردىمان قىلىنماقتا، خاتىرجەم تۇرغىلى يېرى يوق سەرگەردان بولۇپ پاناھگاھ ئىزدەپ يۈرگەن «پاناھلىق تىلىگۈچىلەر»مۇ مۇسۇلمانلاردىن تەركىب تاپماقتا.

[21] – بۇ بىر ئەرەب شائىرىنىڭ شېئىرى بولۇپ، ئەسلى تېكىستى مۇنداق: «وَمِنَ الْعَجَائِبِ وَالْعَجَائِبُ جَمَّةٌ … قُرْبُ الشِّفَاءِ وَمَا إِلَيْهِ وُصُولُ. كَالْعِيسِ فِي الْبَيْدَاءِ يَقْتُلُهَا الظمأ… والماء فوق ظهورها محمولُ» – ئىبنى قەييىم جەۋزىيە، زادۇلمەئاد، 4: 90.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر