مۇسۇلمانلار
نەپلە ناماز قانداق ناماز؟ 1

نەپلە ناماز قانداق ناماز؟

سوئال:

نەپلە ناماز زادى قانداق ناماز؟ ئۇنى قانداق چاغلاردا ئوقۇسا مۇۋاپىق؟ ياكى بەش ۋاقىت نامازنىڭ ھەر قايسىغا قوشۇپ ئوقۇسا بولامدۇ؟ قانچە رەكئەت ئوقۇيمىز؟

جاۋاب:

ئاللاھ تائالا ھەر مۇسۇلمانغا بىر كېچە-كۈندۈز ئىچىدە جەمئىي 17 رەكئەت ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان؛ بۇلار، تاڭ يورۇغاندىن كېيىن كۈن چىققۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئىككى رەكئەت، كۈن قايرىلغاندىن باشلاپ ئەسىر ۋاقتىغىچىلىك تۆت رەكئەت، ئەسىر ۋاقتىدىن تارتىپ كۈن پاتقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا تۆت رەكئەت، كۈن پاتقاندىن كېيىن غەربىي ئۇپۇقتا قىزىللىق يوق بولغۇچە ئۈچ رەكئەت، غەربىي ئۇپۇقتىكى قىزىللىق يوقىلىپ، ئاقلىق يوق بولغۇچە تۆت رەكئەتتۇر.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ پەرزلەردىن ئىلگىرى ياكى كېيىن بىر قانچە رەكئەتتىن ناماز ئوقۇغان. پەرزنىڭ سىرتىدا ئوقۇلغان بۇ نامازلار نەپلە ياكى نامازلارنىڭ سۈننەتلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سۈننەت نامازلارنى ئوقۇغانلار ساۋاب قازىنىدۇ، ئوقۇمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ، لېكىن ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ.

ئەسلىدە مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان شەرت يۇقىرىدىكى 17 رەكئەت پەرزنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشتۇر. سۈننەتلەرنى ئوقۇش ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىشتۇر. ئۇلار خالىسا بۇ سۈننەتلەرنى ئوقۇپ ساۋاب قازىنىدۇ، خالىسا ئوقۇماي ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ.

ئەگەر بىر مۇسۇلمان يۇقىرىدىكى سۈننەت نامازلاردىن باشقا نەپلە ناماز ئوقۇماقچى بولسا، ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولمايدىغان ۋاقىتلاردا ئۆزى خالىغان مىقداردا نەپلە ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئىختىيار ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن.

«نەپلە ناماز» دېگەننىڭ مەنىسى «پەرز ئەمەس ناماز» دېگەن بولىدۇ. مەنىسى ئوقۇغانلار ساۋاب ئالىدىغان، ئوقۇمىغانلار گۇناھكار بولمايدىغان، لېكىن ساۋابتىن مەھرۇم قالىدىغان ناماز دېگەن بولىدۇ.

نەپلە ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولغان ۋاقىتلار كۈن چىقىۋاتقان ۋاقىت، كۈن تىكلەنگەن ۋاقىت ۋە كۈن پېتىۋاتقان ۋاقىت بولۇپ جەمئىي ئۈچ ۋاقىتتۇر. بۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئوقۇشقا بولىدۇ.

نەپلە نامازنىڭ ئېزى ئىككى رەكئەت بولىدۇ. جىقىنى ئوقۇغۇچى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. نەپلە نامازنىڭ شەرتلىرى پەرز نامازلارنىڭ شەرتلىرىدۇر. مەسىلەن: پەرز ناماز ئۈچۈن شەرت قىلىنغان  تاھارەت، بەدەننىڭ پاك بولۇشى، ناماز ئوقۇيدىغان جاينىڭ پاك بولۇشى، ئەۋرەت يەرلىرىنىڭ يېپىلغان بولۇشى، قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش … قاتارلىق شەرتلەر نەپلە ناماز ئۈچۈنمۇ شەرت قىلىنىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر