مۇسۇلمانلار

نېمىنى يەتكۈزۈش كېرەك؟

سوئال:
كۈنىمىزدە يەتكۈزۈش ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلە قايسى؟ قايسى ئۇسۇل بىلەن يەتكۈزۈش كېرەك؟ مۇنازىرىلەشكەندە قايسى ئۇسلۇب بىلەن مۇنازىرىلەشسەك ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ؟
جاۋاب:
1- كۈنىمىزدە ئالدى بىلەن يەتكۈزۈش ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلە قۇرئان-ھەدىستىكى ئىسلامدۇر، ئاندىن كىشىلەرنى بۇ ئىسلامدىكى تەقۋادارلىققا، قېرىنداشلىققا ۋە ئىلىم-مەرىپەتكە يۈرۈش قىلىشقا دەۋەت قىلىش لازىم.
2- ئالدى بىلەن يەتكۈزگۈچىلەر يەتكۈزىدىغىنىنى ئۆزلىرى ئوبدان بىلىشلىرى شەرت. چۈنكى «ئۆزىدە بولمىغاننى باشقىسىغا بەرگىلى بولمايدۇ». ئاندىن ئۇنى مۇۋاپىق پەيتتە، ئۇيغۇن پۇرسەتتە، ئىلمىي يوسۇندا، تاتلىق بىر تىل بىلەن يەتكۈزۈش لازىم.
3- مۇنازىرىدە ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى مەقسەت قىلىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنازىرە قىلىشقاندا ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا دادىللىقنى، گەپ-سۆزدە ئادىللىقنى، شەخسىيەتكە ئەمەس زېھنىيەتكە ھۇجۇم قىلىشنى، قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلىكىگە ئاساسلىنىپ دەلىل كەلتۈرۈشنى پىرىنسىپ قىلىش لازىم.
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىشىم لازىمكى:
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاق تۇرۇشى پەرزدۇر. ئەۋزەل بىلەن جايىزدەك كىچىك مەسىلىلەردە ھەر مۇسۇلمان ئۆز پىكرىدە قالسا بولىدۇ، پەرقلىق كۆز قاراشلاردا بولغانلارنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ.
ئوتتۇز يىلدىن بېرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا بەزى كىشىلەر مانا مۇشۇنداق ئۇششاق-چۈششەك مەسىلىلەر ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىشىپ بىر تەرەپ پەرقلىق كۆز قاراشتىكى قارشى تەرەپنى دىن دۈشمەنلىرىدىنمۇ يامان كۆرىدىغان، چايناپ پۈركۈۋەتسىمۇ دەردى چىقمايدىغان ھالەتتە ياشاپ كەلدى. بۇنىڭدىن ھېچبىر مۇسۇلمان ئەۋلادىغا ھېچقانداق پايدا كەلمىدى.  شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىشىش ناھايىتى خەتەرلىك بىر ئىشتۇر.
كىشىنى بەك ئېچىندۇرىدىغىنى ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىدا جايىز بولغاننى تەرك ئېتىپ ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىدا ئەۋزەل بولغاننى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلارنىڭ دىنى ئۆلىمالار ئەمەس، بەلكىدە «قورسىقىدا ئېلىپنىڭ سۇنۇقى يوق» بەزى بىلەرمەنلەر بولۇشىدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر