مۇسۇلمانلار

نېسى پەرقى جازانىمۇ؟

سوئال:
 سودىدا نەق ئالسىڭىز 500 كوي نىسى ئالسىڭىز 600 كوي دەپ سېتىشقا بولامدۇ؟ چۈشەنچە بەرسىلە، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
جاۋاب:
سېتىشقا بولىدۇ. چۈنكى جازانە دېگەن باشقىلارغا ئۆسۈملۈك قەرز بېرىپ ئۇ قەرزنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇپ ئېلىشتا ۋە ئوخشاش تۈردىكى نەرسىلەرنى (ئالتۇن، كۈمۈش، بۇغداي، ئارپا، خورما، تۇز) پەرقلىق ھالدا تېگىشىشتە مەيدانغا كېلىدۇ. لېكىن ئىككى كىشى بىر مىقدار پۇل بىلەن بىر مالنى ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ تېگىشىشكەن بولسا بۇنىڭ ئىسمى جازانە مۇئامىلىسى ئەمەس، ئېلىم-سېتىم مۇئامىلىسى ھېسابلىنىدۇ.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئېلىم-سېتىمدا مالنىڭ باھاسىنى مال ئىگىسى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، پۇل ئىگىسى تەكلىپىنى سۇنىدۇ، ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ بىر باھادا كېلىشىدۇ. بىر مالنىڭ ئىگىسى مېلىغا 500 يۈز كوي باھا قويسىمۇ، 600 يۈز كوي باھا قويسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىخىتىيارى. لېكىن ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ كېلىشكەن باھا ئاساس بولىدۇ. سېتىۋالغۇچى 500 كويلۇق باھانى قوبۇل قىلسىمۇ بۇ پۇل شۇ مالنىڭ بەدىلى ھېسابلىنىدۇ. 600 كوينى قوبۇل قىلسىمۇ بۇ پۇل يەنە شۇ مالنىڭ باھاسى ھېسابلىنىدۇ.
 دېمەك، جازانىدە پۇل بىلەن پۇل ياكى ئوخشاش نەرسە بىلەن ئوخشاش نەرسە ئالماشتۇرۇلىدۇ. تىجارەتتە پۇل بىلەن مال ياكى پەرقلىق نەرسىلەر ئالماشتۇرۇلىدۇ. جازانىدە بەرگەندىكى نەرسىگە قوشۇلغان ئارتۇق نەرسە ئۆسۈم، تىجارەتتە ئالغاندىكى باھاغا قوشۇلغان ئارتۇق نەرسە پايدا ھېسابلىنىدۇ.
بىر كۆينەكچى دۇكاندار دۇكىنىدا ئەتىگەن 20 كويدىن ساتقان كۆينەكلەرنى چۈشتىن كېيىن 17، 18 كويدىن، كەچقۇرۇنى 15، 16 كويلاردىن ساتىدۇ. بۇ پەرقلىق پۇللارنىڭ ھەممىسى شۇ كۆينەكلەرنىڭ بەدىلى ھېسابلىنىدۇ. ئەتىگەن 20 كويدىن سېتىلغان كۆينەكنى كەچتە 15 كويغا ئالغان كىشى دۇكانچىنىڭ 5 كوي ھەققىنى يەپ كەتكەن بولمىغاندەك، كەچتە 15 كويدىن سېتىلغان كۆينەكنى ئەتىگەندە 20 كويغا ئالغۇچىمۇ دۇكانچىغا 5 كوي ئۆسۈم بەرگەن بولمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر