مۇسۇلمانلار

نېسىۋىسىزلەر

نېسىۋىسىزلەر:
1- ئاخىرەتنىڭ ئەمىلى بىلەن دۇنيالىق كۆزلىگەنلەر
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«مَنْ كَانَ يُرِيدُ ثَوَابَ الدُّنْيَا فَعِنْدَ اللَّهِ ثَوَابُ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَكَانَ اللَّهُ سَمِيعًا بَصِيرًا»
تەرجىمىسى:
«كىم دۇنيانىڭ ساۋابىنى ئىرادە قىلسا، بىلسۇنكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»- نىسا 4/134.
تەپسىرى:
ئاخىرەتلىك بىر ئىشنى قىلىپ ئۇنىڭدىن دۇنيالىق مەنپەئەت كۆزلەيدىغان كىشى بىلسۇنكى، ھەر ئىككىلا دۇنيادىكى مەنپەئەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھدىن ئالدى بىلەن ئاخىرەت مەنپەئەتىنى تەلەپ قىلىش لازىم. شۇنداق بولغاندا ئاللاھ تائالا ھەر ئىككىسىنى بېرىدۇ. لېكىن ئاخىرەتنىڭ ئەمىلى بىلەن دۇنيا مەنپەئەتى تەلەپ قىلغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچ نەرسە يوق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«مَنْ كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الْآخِرَةِ نَزِدْ لَهُ فِي حَرْثِهِ وَمَنْ كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الدُّنْيَا نُؤْتِهِ مِنْهَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ نَصِيبٍ»
 «كىم ئاخىرەت ئېكىنىنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ ئېكىنىنى زىيادە قىلىمىز. كىم دۇنيا ئېكىنىنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋە يوق»- شۇرا 42/20.
« …فَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ (200) وَمِنْهُمْ مَنْ يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ (201) أُولَئِكَ لَهُمْ نَصِيبٌ مِمَّا كَسَبُوا وَاللَّهُ سَرِيعُ الْحِسَابِ (202)»
«… ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى: ‹رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادا بەرگىن› دەيدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋىسى بولمايدۇ. ئۇلاردىن يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى: ‹رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن› دەيدۇ. ئەنە شۇنداق دېگەنلەرگە ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى بەك تېزدۇر»- بەقەرە 2/200-202.
2- ئەھدىسىنى ۋە قەسىمىنى بۇزغانلار
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ الَّذِينَ يَشْتَرُونَ بِعَهْدِ اللَّهِ وَأَيْمَانِهِمْ ثَمَنًا قَلِيلًا أُولَئِكَ لَا خَلَاقَ لَهُمْ فِي الْآخِرَةِ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ اللَّهُ وَلَا يَنْظُرُ إِلَيْهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ»
«ئاز بىر مەنپەئەتنى دەپ ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى ۋە قەسەملىرىنى بۇزىدىغانلار بارغۇ! ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچبىر نېسىۋىسى بولمايدۇ، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئېغىر بىر ئازاب بار»- ئال ئىمران 3/77.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر