مۇسۇلمانلار

نۇرچىلىق نېمىدۇر؟

بۇ كۈنلەردە تور دۇنياسىدا «رىسالەئى نۇر» دېگەن كىتاب مەنبە قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەنگەن تۈركچە فىلىملەر كۆپ ھەم بۇلار ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ھەر قايسى بەتلەرگە يوللىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. مەنمۇ بىر نەچچىسىنى كۆردۇم.
شۇنىڭدەك، رىسالەئى نۇر نامىلىق كىتابنىڭ بەزى بۆلۈملىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا تارقىتىلىۋاتىدۇ. ھەتتا نۇرچىلارنىڭ ئۇيغۇردىن چىققان بەزى ئابىي (نۇرچى يېتەكچىسى) لىرى ئەتىگەن-ئاخشاملىرى «سۆھبەت» ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇقۇغۇچىلىرىمىزغا دىن تەبلىغ قىلىش پەردىسى ئاستىدا رىسالەئى نۇر ئۆگۈتىۋاتىدۇ.
ياشاۋاتقان مۇھىتىدا «يامان ئادەم» بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دىن نامىدىن سۆزلەنگەن ھەر قانداق سۆزنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاشقا تىرىشىۋاتقان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق سۈپىتىنى ساقلاپ قېلىشقا غەيرەت كۆرستىۋاتقان ئۇ ئاقكۆڭۈل ئۇقۇغۇچىلىرىمىز بىلىپ-بىلمەي، مۇسۇلمانچىلىقنى ئۆگىنىۋاتىمىز دەپ «نۇرچىلىق» نى ئۆگىنىۋاتىدۇ.
بۇگۇن تور بىتىڭلاردىن «ۋەسىلە ۋە شېرىك» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمانىنىڭ كىتاب ھەققىدىكى تۇنۇشتۇرۇشىنى ئۇقۇدۇم. ئۇ كىتابتا نۇرچىلىق ھەققىدىمۇ مەلۇمات بىرىلمەكچى ئىكەن. ئىنشائاللاھ بۇ كىتابنىڭ داۋامى پات يېقىندا بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى. ئىلگىرى بۇ تور بەتتە نەشىر قىلىنغان «تەرىقەتچىلىككە نەزەر» دېگەن كىتاب دىيارىمىزدىكى پۈتكۈل تەرىقەتلەرنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىن نەقەدەر يىراق بىر يول ئىكەنلىكىنى، سوپى-ئىشانلارنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش نامى بىلەن بەزى «ئۇلۇغ زات» لارغا تىۋىنىۋاتقانلىقى بىزلەرگە چۈشەندۈرۈپ قويغىنىدەك بۇ كىتابمۇ «نۇرچىلىق» نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئوتتۇرغا قويغۇسى.
ئاخىردا سورماقچى بولغۇنۇم ھەقىقەت قۇرئان-ھەدىستە شۇنچە ئېنىق تۇرۇپ ئۇ ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانچىلىقنى قويۇپ نۇرچىلىق قىلىدىغاندۇ؟ نېمە ئۈچۈن قۇرئاننى تەبلىغ قىلماي «رىسالەئى نۇر» نى «بازارغا سالىدىغاندۇ؟» نېمە ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىشنىڭ ئورنىغا سەئىد نۇرسىغا مەدھىيىلەر ئوقۇيدىغاندۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئالدى بىلەن سىزگە نۇرچىلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرەي:
«نۇرچىلار» نىڭ بىر قىسمى «فەتھۇللاچىلار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى نۇرچىلارنىڭ بۇ قىسمى فەتھۇللا گۈلەن دېگەن كىشىنىڭ يېتەكچىلىكدە نۇرچىلىق قىلىۋاتىدۇ. فەتھۇللا گۈلەن ئەسلى تۈركىيەلىك بىر ئىشان بولۇپ بىرقانچە يىلدىن بېرى ئامېرىكىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ تۈركچە يازغان بىر قانچە كىتابى، «فەتھۇللاچىلار» دەپ ئاتىلىدىغان مۇرىدلىرى ۋە دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مەكتەپلىرى بار.
«نۇرچىلار» نىڭ نۇرچىلار دەپ ئاتىلىشى، ئۇلار سەئىد نۇرسى (1878 – 1960 لاردا تۈركىيەدە ياشىغان بىر ئىشان) يازغان رىسالەئى نۇر دېگەن كىتابنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر دەستۇرى ئىكەنلىكىنى ھەر پۇرسەتتە ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ھەر نۇرچى بىر كۈندە «روھىنى يۈكسەلتىش» ئۈچۈن ئۇ كىتابتىن ھېچبولمىغاندا 15 بەت ئوقۇيدۇ. نۇرچىلار ئۇ كىتابنى ئۆيلەرگە ئادەم يىغىپ ئوقۇپ بېرىشنى «سۆھبەت» دەپ ئاتايدۇ، ئۇ كىتابنى ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشنىڭ «ئىنسانلارغا قىلىنغان ئەڭ بۈيۈك خىزمەت» ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇ كىتابنى قۇرئاندىن ئۈستۈن تۇتىدىغان، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئوقۇيدىغان، رىسالەئى نۇر بار يەردە قۇرئانغا ھاجەت يۇق (نەئۇزۇ بىللاھ)، قۇرئاننى تاشلاپ رىسالەئى نۇرنى ئوقۇش كېرەك دەپ ئوچۇق سۆزلەيدىغان رىسالەئى نۇر مەستانىلىرىمۇ بار.
نۇرچىلار بارغان يەرلىرىدە ئىسلامنى تەشۋىق قىلىش شۇئارى ئاستىدا نۇرچىلىقنى تارقاتماقتا. سەئىد نۇرسى رىسالەئى نۇرنى ئۆزىنىڭ يازمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئاللاھ تەرىپىدىن يازدۇرۇلغانلىقىنى شۇ كىتابتا ئاشكارا ئىپادىلەيدۇ- شۇئالار، 7- شۇئا، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى 1- توم، 895- بەت.
«ھەقىقەت قۇرئان-ھەدىستە شۇنچە ئېنىق تۇرۇپ ئۇ ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانچىلىقنى قويۇپ نۇرچىلىق قىلىدىغاندۇ؟»
قېرىندىشىم!
1985- يىلى مەلۇم بىر يەكشەنبە كۈنى خوتەن شەھەردە ئايلىنىۋاتسام خەقلەر سېسىق ئۆستەڭنىڭ بويىدا بىر سېتىىقچىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋاپتۇ.  سېتىقچىنىڭ يېنىدىلا بىر ناۋاتچى تراكتورنىڭ كۇزۇپىدا رەڭگارەڭ ناۋات، كەمپۈت، قەنت-شېكەر، پەشمەك ۋە سەندەل پەۋادىسى… دېگەندەك ناھايىتى پاكىز ساقلانغان پايدىلىق تاتلىق-تۇرۇملەرنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ. ئەمما ناۋاتچىنىڭ ئالدىدا بىرمۇ خېرىدارى يوق.
شۇنىڭ بىلەن دىققىتىمنى تارتقان ئۇ ئادەملەرنىڭ نېمىگە بۇنچىۋالا ئولىشىۋالغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن يېقىنلىشىپ قارىسام كىيىم-كېچەكلىرىنى توپا بېسىپ كەتكەن بىر ئادەم يەرگە خېلى چوڭ بىر سولىياۋ سېلىپ ئۈستىگە 50، 60 كىيلو كەلگۈدەك سوقۇلغان لازىنى تۆكۈپ ساتقىلى تۇرۇپتۇ. بۇ ئادەم لازىنى سولياۋ خالتىغا قاچىلاپ خىېرىدارلارغا ئۈلگۈرتەلمەي قاپتۇ. خېرىدارلار بۇ ئادەمنى يىقىتىۋېتىپ لازىلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇدەك ئەلپازدا چۇرۇقلىشىۋاتىدۇ.
يېنىدىكى ناۋاتچىگە قارىسام ئۇ كىشىنىىڭ يېنىدا بىرمۇ خېرىدارى يوق. لېكىن ئۇ ئادەم ماللىرىنىڭ ساپ ۋە سۈپەتلىك ماللار ئىكەنلىكىگە قاراپ خۇددى: «مېنىڭ ماللىرىمنى خەقلەرنىڭ ئۇ قەدەر بېسىۋېلىپ ئالماسلىقى مېنىڭ مەينەتلىكىمدىن ياكى ماللىرىمنىڭ سۈپەتسىزلىكى ۋە پايدىسىزلىقىدىن ئەمەس، بەلكىدە ئۇ ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنىڭ پەسلىكى، فىترىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقى، ئەقلىنىڭ پايدا-زىياننى ئايرىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكى… قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولغان» دەۋاتقاندەك مەغرۇر ھالەتتە تۇرۇۋېتىپتۇ.
بىر مۈشۈك ئۆيدىكى سۈتنى ئىچىۋېتىپتىكەن. ئۆي ئىگىسى مۈشۈكتىن: «سۈتنى نېمىشقا ئىچتىڭ؟» دەپ سوراپتۇ. مۈشۈك: «سۈتنىڭ ئاغىزى ئوچۇقكەن، مەن نېمە قىلاي!» دەپ جاۋاب بېرىپتىكەن. سۈتنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق كۆرگەن مۈشۈك سۈتنى ئىچىپ قاچىنى بىكارلاپ قويغاندەك، قۇرئان نۇرى بىلەن تولدۇرۇلۇپ ئاغزى مەھكەم ئېتىلمىگەن قەلبكە خۇراپاتلار يەرلىشىدۇ. گۇناھ كىمدە؟ سۈتنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويغۇچىدىمۇ ياكى مۈشۈكتىمۇ؟ خۇراپاتتىمۇ ياكى خۇراپاتقا قەلبىنى ئاچقۇچىدىمۇ؟
«چىراغ ياندۇرۇلمىغان ئۆينى چاشقانلار بېسىۋالغاندەك» ئەقلىنى ئىشلەتمىگەن ۋە قەلبىنى قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن يورۇتمىغان ئادەملەرنىڭ ئەقىدىسى شېرىك، ئىبادىتى بىدئەت بولىدۇ. ئۇنداقلارنىڭ ئىشەنگىنى خۇراپات، بىلگىنى ھېكايە، يېتەكچىسى شەيتان بولىدۇ.
چىۋىننىڭ پوق يېيىشى پوقنىڭ تاتلىقلىقىدىن ئەمەس، چىۋىننىڭ چىۋىنلىكىدىن بولىدۇ.
بۈگۈن يەر يۈزىدە مۇسۇلمانلىق دەۋاسىنى قىلىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇرئان كەرىمنى تاشلاپ رىسالەئى نۇرغا ئېسىلىشى، پەيغەمبەرنى تاشلاپ سەئىد نۇرسىنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلىۋېلىشى ئۇلارنىڭ ئاللاھ تەئالانى تونۇيالمىغانلىقى، پەيغەمبەرگە توغرا ئىمان كەلتۈرەلمىگەنلىكى، ئاخىرەتتىكى ھېساب مەيدانىنى توغرا تەسەۋۋۇر قىلالمىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ تۈپەيلىدىن بولغان. لېكىن «توخۇنىڭ پوق يېگىنىنى كۆرۈپ مۇنداق يەيدىكەن دەپ پوق يېيىشكە بولمايدۇ». ئىمان كەلتۈرگەن تەۋەررۈكلىرىمىزگە بولغان ئىمانىمىزنى ئەشھەدۇ (كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك ئىشىنىمەن) دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىگەن بىزلەر قۇرئان كەرىمگە ئېسىلىشنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى داۋاملاشتۇرىۋىرىمىز. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك يالغۇز قالساقمۇ «بىر ئۇممەت» بولىمىز. ئۇلار رىسالەئى نۇرنى «بازارغا سالىدۇ»، بىز قۇرئان كەرىمنى تەبلىغ قىلىمىز. ئۇلار سەئىد نۇرسىنىڭ يولىدىن كېتىدۇ، بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كەينىدىن. ئارىمىزدىكى پەرق ئۇلار «نۇرچى»، بىز مۇسۇلمان.
رىسالەئى نۇرنىڭ بەزى قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشىغا كەلسەك،
ئاتا-ئانىسى دىيارىمىزدا ئوقۇتۇش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن چەتئەلدە ئوقۇپ دىنى ئىلىم ساھەسىدە ئوبدان يېتىشسۇن، قايتىپ كېلىپ دىيارىمىزدا ئىلىم-مەرىپەتنىڭ نۇرىنى يورۇتسۇن دەپ مىڭبىر مۇشەققەت بىلەن چەتئەلگە ئوقۇغىلى چىقارتقان ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ تولىسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە چىقىپ ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك مۇسۇلمانلىقىنى ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەھلى ئىلىملىك ۋەزىپىسىنى جارىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىلىمنى «خەتنە» قىلىۋېتىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويغان ھالدا پۇلنى ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتنى دەپ ئەنە شۇ رىسالەئى نۇر دېگەن كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ جان ساقلاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى دىنغا ئاسىيلىق، مىللەتكە ۋاپاسىزلىق ۋە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.
تۈركچىدىكى «ئۆگىنىش جاھىللىقنى يوقىتىدۇ، لېكىن ئېشەكلىك قېلىۋېرىدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنىڭ مەزمۇنىدىكىدەك، خېلى ئوبدان ئوقۇغانلارمۇ شۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈشىۋاتىدۇ. دېمەككى، «ھىدايەت باشقا، ئىلىم باشقا. ھەقنى بىلىش باشقا، ھەقنى قوبۇل قىلىش باشقا. ھەقنى كۆرۈش باشقا، ھەقتە تۇرۇش باشقا» دۇر.
بىزنىڭ ئۇلارغا دەيدىغان سۆزىمىز شۇكى،
«ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلاردىن بىر نەسىھەت، دىللاردىكى دەردلەرگە بىر داۋا، مۇئمىنلارغا بىر ھىدايەت ۋە بىر رەھمەت بولغان قۇرئان كەلدى»- (يۇنۇس 10/57).
«رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگىشىڭلار»- (زۇمەر 39/55).
ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، «سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ئىش قىلىڭلار، بىزمۇ ئۆز يولىمىز بويىچە ئىش قىلايلى. كۈتۈڭلار، بىزمۇ كۈتمەكتىمىز»- (ھۇد 11/121- 122).
چۈنكى «بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىزگە، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلارغا، بىز بولساق ئااللاھقا سەمىمىي كىشىلەردۇرمىز»- (بەقەرە 2/129).
«ھەر ئادەم ئۆز يولى بويىچە ئىش قىلىدۇ، رەببىڭلار كىمنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ»-(ئىسرا 17/84).
«ۋەسىلە ۋە شېرىك» دېگەن كىتابنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك،
تەرجىمە قىلغۇچى نۇر ئەھمەد قۇربان تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويغاندەك ئۇ كىتابتا ئاپتۇر ۋەسىلە قىلىش نامى بىلەن مەيدانغا كېلىۋاتقان شېرىك ئىشلارنىڭ شېرىك ئىكەنلىكىنى ئايەتلەرنى دەلىل قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاپتۇر تۈركىيەلىك بولغاچقا مەركىزى تۈركىيەدە بولغان نۇرچىلىقنى ئۇ شېرىك ئىشلارنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بولمىسا ئۇ كىتاب نۇرچىلىققا قارشى مەخسۇس يېزىلغان بىر كىتاب ئەمەس.
ئۇ كىتابنى بىر خىزمەت بولۇپ قالسۇن دەپ قېرىندىشىم نۇر ئەھمەد قۇربان بىرقانچە يىل ئىلگىرى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئىدى. بىز ئۇ كىتابنى مۇسۇلمانلار تورىدا زىيارەتچىلىرىمىز يۈز كۆرۈشتۈرۈش مەقسىتىدە نەشىر قىلىشنى ئۇيغۇن كۆرۈپ پارچە-پارچە ھالەتتە نەشىر قىلىۋاتىمىز. بۇ كىتاب ئىنشائاللاھ زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ قۇرئان-ھەدىسكە يۈزلىنىشىگە سەۋەب بولغۇسى!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر