مۇسۇلمانلار

نىكاھ چۈشەمدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

سوئال:

 ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار تورىنىڭ ئۆلىمالىرى! ئېمىلداشلىق بىلەن نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللار كىملەردۇر؟ بۇ توغرىدا تەپسىلىي بىر مەلۇمات بەرسەڭلار ۋە تۆۋەندىكى سوئالىمغا جاۋاب بەرسەڭلار:

مېنىڭ تۇنجى قىزىمنى ئانام ئېمىتكەن. 2- سىڭلىمنىڭ تۇنجى قىزىنى مەن ئېمىتكەن. شۇ سىڭلىمنىڭ 3- قىزى بىلەن مېنىڭ 4- ئوغلۇم نىكاھلانسا بولامدۇ؟

مېنىڭ تۇنجى خەت يېزىشىم بولغانلىغى ئۇچۇن بەك تەستە يازدىم. ئېغىر كورمەي جاۋاپ بەرسىلە، ئەجىرلىرىنى ئاللاھ بەرسۇن ئامىن!

ھۆرمەت بىلەن: ئايجامالخان.

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

جاۋاب:

ئېمىلداشلىق بىلەن نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللار:

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە… سۈت ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلداش ھەمشىرىلىرىڭلارنى… ئېلىش ھارام قىلىندى»- نىسا سۈرىسى 23- ئايەت.

بۇ ئايەتكە ئاساسەن، سۈت ئېمىتكۈچى ئايال، ئېمىلداش ھەمشىرە ۋە سۈت ئېمىتكۈچى ئايال بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان تۆۋەندىكى ئاياللار، سۈت ئەمگۈچى ئوغۇل بالىغا ھارامدۇر، يەنى ئۇ ئاياللارنىڭ ھېچبىرى ئۇ بالا بىلەن نىكاھلىنالمايدۇ:

1- سۈت ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ ئانىسى. چۈنكى بۇ ئايال ئۇ بالىنىڭ چوڭ ئانىسى ھېسابلىنىدۇ.

2- سۈت ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئانىسى. چۈنكى بۇ ئايالمۇ ئۇ بالىنىڭ چوڭ ئانىسى ھېسابلىنىدۇ.

3- سۈت ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى. چۈنكى بۇلار ئۇ بالىنىڭ ھاممىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

4- سۈت ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى. چۈنكى بۇلارمۇ ئۇ بالىنىڭ ھاممىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

5- سۈت ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ۋە قىزلىرىنىڭ قىزلىرى. چۈنكى بۇلار ئۇ بالىنىڭ جىيەنلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بالا بۇلارنىڭ تاغىسى ھېسابلىنىدۇ.

6- ئېمىلداش ھەمشىرە، يەنى سۈت ئېمىتكۈچى ئانىنىڭ تۇغقان ۋە ئېمىتكەن بارلىق قىزلىرى. چۈنكى بۇلار ئۇ بالىنىڭ ھەمشىرىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى:    

1- سىزنىڭ تۇنجى قىزىڭىز ئانىڭىزنى ئېمىش بىلەن ئانىڭىزنىڭ بىر بالىسى ھېسابلىنىدۇ. يەنى سىز ۋە ئانىڭىزنىڭ باشقا بالىلىرى جەمى 5 بىر توغقان بولساڭلار، سىزنىڭ ئۇ تۇنجى قىزىڭىز بىلەن 6 بىر تۇغقان بولغان بولىسىلەر. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزىڭىز، ئۆزىگە ئىككى تۇغقان كېلىدىغان ھېچبىر نەۋرە بىلەن نىكاھلىنالمايدۇ. چۈنكى بۇ قىز ئانىڭىزنىڭ باشقا نەۋرىلىرى بىلەن قان جەھەتتە ئىككى تۇغقان بولغان بىلەن سۈت جەھەتتە ئۇ نەۋرىلەرنىڭ ھاممىسى ھېسابلىنىدۇ.

2- ئۇ سىڭلىڭىزنىڭ سىز ئېمىتكەن قىزىمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش سىزنىڭ بىر بالىڭىز ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا سىزنىڭ ھېچبىر ئوغلىڭىز بىلەن نىكاھلىنالمايدۇ. چۈنكى بۇ قىز ئۇلار بىلەن قان جەھەتتە ئىككى تۇغقان بولغان بىلەن سۈت جەھەتتە بىر تۇغقان ھېسابلىنىدۇ.

3- سىزنىڭ بالىلىرىڭىز، سىڭىلىڭىزنىڭ سىز ئېمىتكەن شۇ قىزىدىن باشقا قىزلىرى بىلەن نىكاھلانسا بولىدۇ. چۈنكى سىڭلىڭىزنىڭ بىر قىزىنىڭ سىزدن سۈت ئېمىشى، بۇ قىزنىڭ قېرىنداشلىرىنى سىزنىڭ بالىلىرىڭىز قىلىۋەتمەيدۇ. يەنى سىڭلىڭىزنىڭ سىز ئېمىتكەن ئۇ قىزىدىن باشقا بالىلىرى بىلەن سىزنىڭ بالىلىرىڭىز ئارىسىدىكى ئىككى تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى ئەينەن داۋاملىشىدۇ.

قېرىندىشىنىڭ ھەمشىرىسى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولىدۇ:

فىقىھ كىتابلىرىنىڭ ئېمىلداشلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمىدە «قېرىندىشىنىڭ ھەمشىرىسى بىلەن نىكاھلىنىش (يەنى ئۆزىنىڭ بىر تۇغقىنىنىڭ بىر تۇغقىنى بىلەن نىكاھلىنىش) ھالال بولىدۇ» دېيىلگەن بىر ئىپادە بار. يۇقىرىدىكى سوئالنىڭ جاۋابىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىنىمۇ بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا مەن ئۇ ئىپادىدىكى مەسلىنىمۇ بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۇيغۇن كۆردۈم. ئۇ مەسىلىنىڭ مۇنداق تۆت خىل شەكلى بار:

1- بىر كىشىنىڭ، ئۆزىنىڭ ئېمىلداش بىر تۇغقىنىنىڭ ئېمىلداش بىر تۇغقىنى بىلەن نىكاھلىنىشى ھالال بولىدۇ.

2- بىر كىشىنىڭ، ئۆزىنىڭ ئېمىلداش بىر تۇغقىنىنىڭ قانداش بىر تۇغقىنى بىلەن نىكاھلىنىشى ھالال بولىدۇ.

سىزنىڭ مەسىلىڭىز مۇشۇنىڭغا چۈشىدۇ. چۈنكى سىڭىلىڭىزنىڭ سىز ئېمىتكەن قىزى، سىزنىڭ 4- ئوغلىڭىزنىڭ ئېمىلداش بىر تۇغقىنىدۇر. سىڭلىڭىزنىڭ 3- قىزى بولسا ئۇ ئوغلىڭىزنىڭ ئېمىلداش بىر تۇغقىنىنىڭ قانداش بىر تۇغقىنىدۇر.

3- بىر كىشىنىڭ، ئۆزىنىڭ قانداش بىر تۇغقىنىنىڭ ئېمىلداش بىر تۇغقىنى بىلەن نىكاھلىنىشى ھالال بولىدۇ.

سىڭلىڭىزنىڭ 3- قىزى ئۈچۈن سىزنىڭ 4- ئوغلىڭىز مۇشۇنداقتۇر. يەنى سىز سىڭلىڭىزنىڭ 3- قىزىنى ئوغلىڭىزغا ئېلىپ بەرسىڭىز، ئۇ قىز ئۆزىنىڭ قانداش بىر تۇغقىنىنىڭ ئېمىلداش بىر تۇغقىنى بىلەن نىكاھلانغان بولىدۇ.

4- بىر كىشىنىڭ، ئۆزىنىڭ قانداش بىر تۇغقىنىنىڭ قانداش بىر تۇغقىنى بىلەن نىكاھلىنىشى ھالال بولىدۇ. مەسىلەن:

بىر بالىسى بار بىر ئەر، بىر بالىسى بار بىر ئايال بىلەن ئۆيلەنگەن بولسا ۋە ئۇلارنىڭ بالىسى بولسا، بۇ بالا ئىككى تەرەپنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆگەي بالىسى بىلەن بىر تۇغقان ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئىككى ئۆگەي بالا بىر-بىرى بىلەن نىكاھلانسا بولىدۇ. مانا بۇلار نىكاھلانغان تەقدىردە ھەر بىرى ئۆزىنىڭ قانداش بىر تۇغقىنىنىڭ قانداش بىر تۇغقىنى بىلەن نىكاھلانغان بولىدۇ.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر