مۇسۇلمانلار
ناماز ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى 1

ناماز ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى

بەش ۋاقىت ناماز

بەش ۋاخ ناماز دىنىمىز «ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكىدۇر»[1]، «كىشىنىڭ مۇشرىك، كاپىر، مۇناپىق دەپ سۈپەتلىنىشىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇدۇر»[2]، «نۇردۇر»[3]، كىشىنىڭ كۆڭلىنى يورۇتىدۇ. «مەنىۋى ئۆستەڭدۇر»[4]، كىشىنى گۇناھ كىرلىرىدىن پاكلايدۇ. مەنىۋى نەسىھەتچىدۇر، «ھاياسىزلىقتىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ»[5].

بەش ۋاخ نامازنى ئۆتەش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلغانلىق[6]، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەنلىك[7]، ئۇنىڭ بىر ۋەسىيىتىنى ئىجرا قىلغانلىق[8]، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ، ئۆزىنىڭ تۆۋەن ۋە ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقتۇر[9].

ئىبادەت ئىتائەتتىن ھاسىل بولىدۇ[10]. ئىتائەت بۇيرۇلغاننى قىلىش، توسۇلغاندىن يېنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەنە شۇ ئىبادەتنى قىلغان كىشى ئاللاھقا تەسلىم بولغان بەندە (ئاللاھنىڭ قۇلى) ھېسابلىنىدۇ. تارىخ بويىچە ئەقىدىسىگە شېرىك، ئىبادىتىگە بىدئەت ئارىلاشتۇرۇپ ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى ۋە ئازابىغا دۇچار بولغانلار، پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلغان مانا بۇ ئىنچىكىلىككە دىققەت قىلمىغان، شۇنداقلا نەپسى بىلەن شەيتانغا ئەگەشكەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەت قىلغانلىقىنى ئويلاپ قالغان كىشىلەردۇر[11].

شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئۇممەتلىرىگە پەرز قىلىنغان[12] بەش ۋاخ نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۇ بەش ۋاخ نامازنىڭ شەرت ۋە شەكىللىرىنى، ئەركان ۋە زىكىرلىرىنى، دۇئا ۋە تەسبىھلىرىنى توغرا رەۋىشتە ئۆگىنىش بىلەن بولىدۇ. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلىدۇ:

1§. بەش ۋاخ ناماز ئۆتەشنىڭ ھۆكمى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… إِنَّ ٱلصَّلَوٰةَ كَانَتۡ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ كِتَٰبٗا مَّوۡقُوتٗا  ١٠٣﴾

«شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»[13].

بۇ ئايەت مۇئمىنلارغا مۇئەييەن ۋاقىتلاردا ناماز ئۆتەشنىڭ پەرز قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

﴿وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ طَرَفَيِ ٱلنَّهَارِ وَزُلَفٗا مِّنَ ٱلَّيۡلِۚ إِنَّ ٱلۡحَسَنَٰتِ يُذۡهِبۡنَ ٱلسَّيِّآتِۚ ذَٰلِكَ ذِكۡرَىٰ لِلذَّٰكِرِينَ  ١١٤﴾

«نامازنى كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ياخشىلىقلار يامانلىقلارنى يوقىتىدۇ. بۇ ئېسىدە تۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئەسلىتىشتۇر‏»[14].

بۇ ئايەت بولسا، يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئۆتكەن ۋاقىتلارنىڭ بىر كېچە – كۈندۈزنىڭ بۆلۈملىرىدىن بەش بۆلۈم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىزاھى مۇنداق:

ئايەتنىڭ «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى تەرەفەيىنناھار ﴿طَرَفَيِ النَّهَارِ﴾ بولۇپ، بۇ ئىزافەتلىك بىرىكمىدۇر. بۇ بىرىكمىدە مۇزاف (ئېنىقلانغۇچى) تەرەفەي ﴿طَرَفَي﴾ دۇر. تەرەفەي، تەرەف ﴿طَرَف﴾ كەلىمىسىنىڭ ئىككىلىك شەكلىدۇر. تەرەپ كەلىمىسى ئەرەبچىدە بىر تەرەپ، بىر توپ، بىر تۈركۈم، چېگرا، يان دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ[15]. بۇ كەلىمە قۇرئان كەرىمدە مۇزاف (ئېنىقلانغۇچى) بولۇپ كەلگەندە مۇزافۇن ئىلەيھ (ئېنىقلىغۇچى)نىڭ بىر پارچىسى بولىدۇ[16]. بۇنىڭغا ئاساسەن ئايەتتە ئۆتكەن «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپى» كۈندۈزگە تەۋە بولغان ۋاقىتلاردىن ئىككى بۆلۈمنى كۆرسىتىدۇ.

﴿أَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ لِدُلُوكِ ٱلشَّمۡسِ إِلَىٰ غَسَقِ ٱلَّيۡلِ وَقُرۡءَانَ ٱلۡفَجۡرِۖ إِنَّ قُرۡءَانَ ٱلۡفَجۡرِ كَانَ مَشۡهُودٗا  ٧٨﴾

«ئى مۇھەممەد! نامازلارنى كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن. سەھەرنىڭ قۇرئانىنىمۇ ئۆتىگىن، چۈنكى سەھەرنىڭ قۇرئانى كۆرۈلگۈچىدۇر»[17].‏

بۇ ئايەتتىكى ﴿لِدُلُوكِ الشَّمْسِ – كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ﴾ ئىپادىسى بۇ «ئىككى تەرەپ»نىڭ، كۈندۈزنىڭ چۈشتىن كېيىن كۈن پاتقۇچىلىق بولغان ئارلىقتىكى بۆلۈمىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئايەتنىڭ «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى زۇلەفەن مىنەللەيل ﴿زُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ﴾ دۇر. زۇلەف ﴿زُلَف﴾ زۇلفە ﴿زُلْفَة﴾نىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك كۆپلۈك ئەرەبچىدە ئەڭ ئاز ئۈچنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلىمىنىڭ لۇغەت مەنىسى يېقىنلىق دېگەن مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا زۇلەفەن مىنەللەيل ﴿زُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ﴾نىڭ مەنىسى «كېچىدىن بولۇپ كۈندۈزگە يېقىن بولغان ئۈچ ۋاقىت» دېگەن بولىدۇ.

ئايەتنىڭ ﴿إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ – كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك﴾، ﴿وَقُرْآنَ الْفَجْر – سەھەرنىڭ قۇرئانىنىمۇ﴾ دېگەن ئىپادىلىرى بۇ ئۈچ ۋاقىتنىڭ ئىككىسىنىڭ ئاخشامدا، بىرىنىڭ سەھەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئايەتتىكى ﴿أَقِمِ الصَّلاَةَ – نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن﴾ دېگەن بۇيرۇق، كۈندۈزگە تەۋە ئىككى ۋاقىتتا ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ئۈچ بۆلۈمىدە يەنى بەش ۋاقىتتا نامازنى ئۈزلۈكسىز ئادا قىلىش بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ.

دېمەك، بۇ ئايەتتىكى «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» ئوقۇلۇشى پەرز بولغان ئىككى ۋاقىت ناماز بامدات بىلەن نامازشام ئەمەس، پېشىن بىلەن نامازدىگەردۇر. چۈنكى بامدات ۋە نامازشامنىڭ ۋاقىتلىرى كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردۇر. بۇ ۋاقىتلارغا كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرى دېيىلمەيدۇ. «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا» ئوقۇلۇشى پەرز بولغان ئۈچ ناماز بولسا، نامازشام، خۇپتەن ۋە بامدات نامازلىرىدۇر. چۈنكى بۇ ئۈچ ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرى كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردۇر، ھەمدە كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلاردۇر.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 47 – 51.

[1]  ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 36: 387.

[2] مۇسلىم، «ئىمان»، 134؛ تىرمىزى، «ئىمان»، 9؛ نەسەئى، «سالات»، 8؛ ئىبنى ماجە،  «ئىقامەتۇسسالات ۋەسسۈننەتى فىيھا»، 77.

[3]  مۇسلىم، «تاھارەت»، 1.

[4]  ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى يېنىدىكى ساھابىلىرىگە: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! بىرىڭلارنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇ كۈنىگە بەش قېتىم شۇ ئۆستەڭگە سۇغا چۈشۈپ يۇيۇنۇپ تۇرسا، ئۇنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟» دېگەن ئىدى، ئۇلار: «ياق، ئۇنىڭ كىرلىرىدىن ھېچ نەرسە قالمايدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «مانا بۇ بەش ۋاخ نامازنىڭ مىسالىدۇر. ئاللاھ بەش ۋاخ ناماز بىلەن خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ» دېدى (بۇخارى، «مەۋاقىيت»، 6؛ مۇسلىم، «مەساجىد»، 283؛ تىرمىزى، «ئەمسال»، 5؛ نەسەئى، «سالات»، 7).

[5]  قاراڭ: 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 45 – ئايەت.

[6] ئاللاھ تائالا 4 – سۈرە نىسانىڭ 103 – ئايىتىدە نامازنىڭ ۋاقىتلىرى بەلگىلەنگەن پەرز ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 238 – ئايىتى، 11 – سۈرە ھۇدنىڭ  114 – ئايىتى ۋە 17 – سۈرە ئىسرانىڭ 78 – ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردە ئۇ پەرزنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

[7] رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بەش ۋاخ نامازنى ئۆتىگەن ۋە باشقىلارنى ئۆتەشكە بۇيرۇغان.

[8] رەسۇلۇللاھنىڭ ۋىدا خۇتبىسىدىكى ۋەسىيەتلىرىدىن بىرى «ناماز، ناماز!» ئىدى.

[9] باشنى سەجدىگە قويۇپ «سۇبھانە رەببىيەلئەئلا – ھەممىدىن ئۈستۈن رەببىم پاكتۇر» دېيىش مەن تۆۋەن، مەن ئاجىز، مەن موھتاج دېگەن بولىدۇ.

[10]  «دىننى ئاللاھقا خالىس قىلىش» مەزمۇنىدىكى ئايەتلەر بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ.

[11] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 30 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 104 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف،  36 ~ 37 – ئايەتلەر.

[12] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئرافنىڭ 31 – ئايىتىدە ئاللاھ تائالا ئادەم بالىلىرىنى ھەر سەجدە قىلىدىغان چېغىدا چىرايلىق كىيىنىشكە بۇيرۇغان. بۇ نامازنىڭ يەر يۈزىگە ئادەمزات پەيدا بولغاندىن تارتىپ پەرز قىلىنغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا ئىككى كۈن ئىماملىق قىلىپ، بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئەمەلىيەتتە تەتبىقلاپ كۆرسەتكەن ۋە ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن:  «ئى مۇھەممەد! مانا بۇ سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىدۇر. سېنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىڭ مۇشۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىتتۇر» (بۇخارى، «مەۋاقىت»، 2؛ مۇسلىم، «مەساجىد»، 166، 167؛ تىرمىزى،  «سالات»، 1؛ ئەبۇ داۋۇد، «سالات»، 2). بۇ دالالەت قىلىدۇكى، پۈتۈن پەيغەمبەر ۋە بارلىق ئۇممەتلەر بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇغان.

[13] 4 – سۈرە نىسا، 103 – ئايەت.

[14] 11 – سۈرە ھۇد، 114 – ئايەت.

[15] قاراڭ. ئەھمەد ئىبنى فارىس ئىبن زەكەرىييا، «طرف»، مەقايىسۇ مۇئجەمۇللۇغە، تەھقىقلىغۇچى: ئابدۇسسالام مۇھەممەد ھارۇن (بېيرۇت: دارۇل فىكرى، 1399/1979)، 3: 447؛ ئەبۇ قاسىم ھۈسەيىن ئىبن مۇھەممەد راغىب ئىسفەھانى، «طرف»، مۇفرەداتۇ ئەلفازىل قۇرئان، تەھقىقلىغۇچى: سەفۋان ئەدنان داۋۇدى (بېيرۇت: دارۇل قەلەم، 1412/1992)، 517.

[16]  مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 127 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 41 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 130 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 44 – ئايەت.

[17] 17 – سۈرە ئىسرا، 78 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر