مۇسۇلمانلار

ناماز مۇنداق ئوقۇلىدۇ

پەرز بولسۇن نەپلە بولسۇن پۈتكۈل نامازلارنىڭ ئوقۇلۇشى ئوخشاشتۇر. نامازلار پەقەت نىيەتتىلا ئايرىلىدۇ. شۇڭا بىر رەكئەت نامازنىڭ ئوقۇلۇشىنى بىلىۋالغان كىشى ھەممە نامازلارنى توغرا ئوقۇلايدۇ. زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ناماز ئوقۇشنى ئوبدان بىلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىلىۋېلىشى ئۈچۈن بىر رەكئەت نامازنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى، ئىچىدە ئوقۇلىدىغان سۈرە، دۇئا، زىكىر، تەسبىھ قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات تەييارلاپ دىققىتىڭلارغا سۇندۇق:
بىر رەكئەت نامازنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھمانىر رەھىم
1- نامازنىڭ تېشىدىكى شەرتلىرىنى تولۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆرە تۇرۇپ قىبلىگە يۈز كەلتۈرىمىز، ئاندىن قايسى نامازنى ئوقۇيدىغانلىقىمىزنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ تۇرۇپ ئاللاھۇ ئەكبەر «اللّهُ أَكْبَرُ» دەپ نامازغا شۇرۇئ قىلىمىز (يەنى نامازنى باشلايمىز). ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەن چېغىمىزدا قوللىرىمىزنى قۇلاقلىرىمىزنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرىلىدۇ.
2- ئاندىن «سۇبھانەكەللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە ۋەتەبارەكەسمۇكە ۋەتەئالا جەددۇكە ۋەلا ئىلاھە غەيرۇكە (سُبْحَانَكَ اللهُمَّ وَبِحَمْدِكَ، تَبَارَكَ اسْمُكَ، وَتَعَالَى جَدُّكَ، وَلَا إِلَهَ غَيْرُكَ)» ئوقۇلىدۇ.
تەرجىمىسى:
«ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ ئەيبىڭ ۋە ھېچ كەمچىلىكىڭ يوقتۇر، مەن سېنى پاك دەپ بىلىمەن. سەن ھەر ئىشىڭنى ياخشى ۋە مۇكەممەل قىلىسەن. ئىسمىڭ مۇبارەكتۇر، شەنىڭ ئۇلۇغدۇر، سەن ناھايىتى كاتتا زاتسەن. سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر».
3- ئاندىن ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىم «أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ» ئوقۇلىدۇ.
تەرجىمىسى:
تاش ئېتىلغۇچى شەيتاندىن ئاللاھقا سېغىنىمەن.
4- ئاندىن بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم «بِسْمِ اللهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ» ئوقۇلىدۇ.
تەرجىمسى:
ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
5- ئاندىن فاتىھە سۈرىسى ئوقۇلىدۇ. فاتىھە سۈرىسى:
ئەلھەمدۇلىللەھى رەببىلئالەمىين. ئەررەھمانىر رەھىم. مالىكى يەۋمىد دىين. ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋەئىيياكە نەستەئىين. ئىھدىنەس سىراتەل مۇستەقىيم. سىراتەل لەزىينە ئەنئەمتە ئەلەيھىم، غەيرىلمەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلەدداللىين.
«الْحَمْدُ للّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ . الرَّحْمـنِ الرَّحِيمِ . مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ . إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ . اهدِنَــــا الصِّرَاطَ المُستَقِيمَ . صِرَاطَ الَّذِينَ أَنعَمتَ عَلَيهِمْ غَيرِ المَغضُوبِ عَلَيهِمْ وَلاَ الضَّالِّينَ»
مەنىسىنىڭ تەرجىمىسى:
«ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر، چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر، جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر. ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن: سەن ئىنئام قىلغان، غەزىپىڭگە يولۇقمىغان ۋە ئېزىپ كەتمىگەنلەرنىڭ يولىغا!»
6- ئاندىن يەنى فاتىھە سۈرىسى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئامىين «آمين» – (ئى ئاللاھ! ئىجابەت قىل). دېيىلىدۇ.
7- ئاندىن سۈرە زەم قىلىنىدۇ. يەنى فاتىھەدىن كېيىن بىر سۈرە ياكى بىرقانچە ئايەت ئوقۇلىدۇ.
8- ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر «اللّهُ أَكْبَرُ»(ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر) دەپ رۇكۇغا بېرىلىدۇ. رۇكۇ مۇنداق: ئىگىلىپ ئىككى ئالقان بىلەن ئىككى تىز تۇتۇلىدۇ. بىلەكلەر تۈز تۇتۇلىدۇ. باش بىلەن بەل ئوخشاش سەۋىيەدە بولىدۇ.
9- ئاندىن رۇكۇدا تۇرۇپ سۇبھانە رەببىيەلئەزىيم «سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيمِ» ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ. مەنىسى: مەن ئۇلۇغ رەببىمگە بويۇن ئېگىمەن .
10- ئاندىن سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ «سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَهُ» دەپ رۇكۇدىن باش كۆتۈرىلىدۇ. مەنىسى: ئاللاھ ئۆزىگە ھەمد ئېيتقان كىشىنىڭ ھەمدىسىنى ئاڭلىدى.
11- ئاندىن يەنى رۇكۇدىن باش كۆتۈرۈپ تۈز ھالەتتە تۇرۇپ رەببەنا لەكەلھەمد «رَبَّنَا لَكَ الْحَمْدُ» دېيىلىدۇ. مەنىسى: رەببىمىز! ساڭا ھەمدۇسانالار بولسۇن!
12- ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر «اللّهُ أَكْبَرُ»- دەپ سەجدىگە بېرىلىدۇ.
سەجدىدە تىزلەر يەرگە قويۇلىدۇ. ئىككى پۇتمۇ يەرگە قويۇلۇپ پۇتلارنىڭ ئۇچلىرى ئالدى تەرەپكە ئېگىلىدۇ. ئىككى ئالقان يەرگە قويۇلىدۇ. پىشانە ۋە بۇرۇن ئىككى ئالقاننىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدۇ. بىلەكلەر بېقىنغا تېگىپ قالسا بولمايدۇ. قورساق بىلەن ئىككى يوتا ئارىسىدا ئوچۇقلۇق بولۇشى لازىم.
13- سەجدىدە سۇبھانە رەببىيەلئەئلا «سُبْحَانَ رَبِّيَ الْأَعْلَى» ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ. مەنىسى: مەن ئەڭ ئۈستۈن رەببىمگە بويۇن ئېگىمەن.
14- ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر «اللّهُ أَكْبَرُ»- دەپ سەجدىدىن باش كۆتۈرۈلىدۇ ۋە باش تىك، ۋۇجۇد تۈز ھالەتتە ئولتۇرۇلىدۇ.
15- ئاندىن ئاللاھۇممەغفىرلى ۋەرھەمنى ۋە ئافىنى ۋەھدىنى ۋەرزۇقنى دېگەن دۇئا ئوقۇلىدۇ.
«اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي، وَارْحَمْنِي، وَعَافِنِي، وَاهْدِنِي، وَارْزُقْنِي»
ئى ئاللاھ! مېنى ئەپۇ قىل، ماڭا رەھىم قىل، مېنى ھەر تۈرلۈك يامانلىقتىن ساقلا، مېنى ھىدايەت قىل، ماڭا رىزىق ئاتا قىل!
بۇ دۇئا ئىككى سەجدە ئارىسىدا بىر قېتىم ئوقۇلىدۇ.
16- ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر «اللّهُ أَكْبَرُ»دەپ ئىككىنچى سەجدىگە بېرىلىدۇ. ئىككىنچى سەجدىدىمۇ سۇبھانە رەببىيەلئەئلا «سُبْحَانَ رَبِّيَ الْأَعْلَى» ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ.
17- ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر «اللّهُ أَكْبَرُ» دەپ ئىككىنچى سەجدىدىن باش كۆتۈرۈلۈپ ئۆرە تۇرۇلىدۇ.
18- ئاندىن ئىككىنچى سەجدىدىن تۇرۇپ تىك ھالەتكە كېلىپ بولغاندىن كېيىن بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم «بِسْمِ اللهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ» ئوقۇلۇپ ئىككىنچى رەكئەت باشلىنىدۇ. نامازنىڭ ئىككىنچى رەكئىتى بىرىنچى رەكئتىدەكلا ئوقۇلىدۇ.
19- ئىككىنچى رەكئەتنىڭ ئىككىنچى سەجدىسىدىن كېيىن ئىككى قولنىڭ بارماق ئۇچلىرى ئىككى تىزنىڭ ئۈستىگە ئۇدۇل كېلىدىغان شەكىلدە ئىككى قول ئىككى تىزنىڭ ئۈستىدە قويۇپ ئولتۇرۇلىدۇ. ئاندىن ئەتتەھىيياتۇ… ئوقۇلىدۇ:
ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى ۋەسسالەۋاتۇ ۋەتتاييىباتۇ، ئەسسەلامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، ئەسسەلامۇ ئەلەينا ۋە ئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىن، ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھ.
«التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ، وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللَّهِ الصَّالِحِينَ، أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ»
تەرجىمىسى:
«سۆز، بەدەن ۋە مال بىلەن قىلىندىغان ئىبادەتلەر پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىدۇ. سالام ساڭا بولسۇن ئى پەيغەمبەر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرىمۇ ساڭا بولسۇن. سالام بىزلەرگىمۇ ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگىمۇ بولسۇن. مەن شاھىتلىق قىلىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. يەنە شاھىتلىق قىلىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر».
ئەگەر ناماز ئىككى رەكئەتلىك بىر ناماز بولسا ئەتتەھىيياتۇ… دىن كېيىن تۆۋەندىكى دۇرۇت ۋە دۇئا ئوقۇلۇپ سالام بېرىلىدۇ:
 20- ئەللاھۇممە سەللىئەلا مۇھەممەدىن، ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن، كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىمە، ئىننەكە ھەمىدۇم مەجىد.
«اللَّهُمَّ صَلِّ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا صَلَّيْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ، وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ، إِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ».
تەرجىمىسى:
«ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە–تاۋابىئاتىغا رەھمەت ياغدۇرغىن. خۇددى ئىبراھىمغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە–تاۋابىئاتىغا رەھمەت ياغدۇرغىنىڭدەك. سەن مەدھىيىگە لايىقسەن ۋە ئۇلۇغسەن!».
21- ئەللاھۇممە بارىكئەلا مۇھەممەدىن، ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن، كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىمە، ئىننەكە ھەمىدۇم مەجىد.
«اللَّهُمَّ بَارِكْ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا بَارَكْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ، وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ إِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ».
تەرجىمىسى:
«ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە–تاۋابىئاتىغا بەرىكەت ياغدۇرغىن. خۇددى ئىبراھىمغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە–تاۋابىئاتىغا بەرىكەت ياغدۇرغىنىڭدەك. سەن مەدھىيىگە لايىقسەن ۋە ئۇلۇغسەن!».
22- رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن، ۋە فىلئاخىرەتى ھەسەنەتەن، ۋە قىنا ئەزابەننار.
«رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّار».
تەرجىمىسى:
«رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىل، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىل، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلا».
ئەگەر ناماز ئىككى رەكئەتلىك ناماز بولسا، «ئەتتەھىيياتۇ…» دىن كېيىن بۇ 20-، 21- ۋە 22- نومۇرلۇق دۇئالارنى ئوقۇپ، ئاۋۋال ئوڭ تەرەپكە ئاندىن كېيىن سول تەرەپكە سالام بېرىپ نامازدىن چىقىلىدۇ.
ئەگەر ناماز ئىككى رەكئەتلىكتىن ئارتۇق ناماز بولسا «ئەتتەھىيياتۇ…دىن كېيىنلا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئۆرە تۇرۇپ كېيىنكى رەكئەتلەر ئوقۇلىدۇ. ھەر رەكئەت يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئوقۇلىدۇ.
23- ۋىتىردا ئوقۇلىدىغان دۇئايى قۇنۇت. بۇ ئىككى تۈرلۈكتۇر:
1- ئەللاھۇممە ئىننا نەستەئىنۇكە، ۋە نەستەغفىرۇكە، ۋە نۇئمىنۇ بىكە، ۋە نۇسنى ئەلەيكەلخەيرە، ۋە لا نەكفۇرۇكە، ۋە نەخلەئۇ ۋە نەترۇكۇ مەن يەفجۇرۇكە (يەفجۇرۇك).
ئەللاھۇممە ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە لەكە نۇسەللى ۋە نەسجۇدۇ، ۋە ئىلەيكە نەسئا ۋە نەھفىدۇ، نەرجۇ رەھمەتەكە، ۋە نەخشا ئەزابەكە، ئىننە ئەزابەكە بىلكۇففارى مۇلھىق.
«اللَّهُمَّ إِنَّا نَسْتَعِينُكَ وَنَسْتَغْفِرُكَ، وَنُؤْمِنُ بِكَ وَنُثْنِي عَلَيْكَ الْخَيْرَ، وَلَا نَكْفُرُكَ وَنَخْلَعُ وَنَتْرُكُ مَنْ يَفْجُرُكَ.
اللَّهُمَّ إِيَّاكَ نَعْبُدُ، وَلَكَ نُصَلِّي، وَنَسْجُدُ، وَإِلَيْكَ نَسْعَى وَنَحْفِدُ، وَنَرْجُو رَحْمَتَكَ، وَنَخْشَى عَذَابَكَ، إِنَّ عَذَابَكَ بِالْكُفَّارِ مُلْحِقٌ»
تەرجىمىسى:
«ئى ئاللاھ! بىز سەندىن ياردەم تىلەيمىز، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمىز، ساڭا ئىمان كەلتۈرىمىز، سېنى پۈتكۈل ياخشىلىقلار بىلەن ماختايمىز، ساڭا تۇزكورلۇق قىلمايمىز، ساڭا ئاسىيلىق قىلغانلار بىلەن ئادا-جۇدا بولىمىز ۋە ئۇلارنى تاشلىۋىتىمىز.
ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەن ئۈچۈنلا ناماز ئوقۇيمىز، ساڭىلا سەجدە قىلىمىز، سەن تەرەپكىلا يۈگۈرىمىز ۋە ئالدىرايمىز، رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمىز، ئازابىڭدىن قورقىمىز، چۈنكى سېنىڭ ئازابىڭ كاپىرلارغا يېپىشىۋالغۇچىدۇر».
2- ئەللاھۇممەھدىنى فىيمەن ھەدەيتە، ۋەئافىنى فيمەن ئافەيتە، ۋەتەۋەللەنى فىيمەن تەۋەللەيتە، ۋەبارىك لي فىيما ئەئتەيتە، ۋەقىنى شەررە ماقەدەيتە، ئىننەكە تەقدىي ۋەلا يۇقدا ئەلەيكە، ۋەئىننەھۇ لايەزىللۇ مەن ۋالەيتە، ۋەلا يەئىززۇ مەن ئادەيتە، تەبارەكتە رەببەنا ۋەتەئالەيتە.
«اللَّهُمَّ اهْدِنِي فِيمَنْ هَدَيْتَ، وَعَافِنِي فِيمَنْ عَافَيْتَ، وَتَوَلَّنِي فِيمَنْ تَوَلَّيْتَ، وَبَارِكْ لِي فِيمَا أَعْطَيْتَ، وَقِنِي شَرَّ مَا قَضَيْتَ، إِنَّكَ تَقْضِي وَلَا يُقْضَى عَلَيْكَ، وَإِنَّهُ لَا يَذِلُّ مَنْ وَالَيْتَ، وَلَا يَعِزُّ مَنْ عَادَيْتَ، تَبَارَكْتَ رَبَّنَا وَتَعَالَيْتَ».
تەرجىمىسى:
«ئى ئاللاھ! سەن ھىدايەت قىلغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدا مېنىمۇ ھىدايەت قىلغىن، سەن سالامەتلىك بەرگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدا ماڭىمۇ سالامەتلىك بەرگىن، سەن دوست تۇتقان كىشىلەرنىڭ قاتارىدا مېنىمۇ دوست تۇتقىن، سەن ماڭا بەرگەن نەرسىلەرنى مەن ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلىپ بەرگىن، مېنى ھۆكۈملىرىڭنىڭ يامىنىدىن ساقلىغىن، سەن ھۆكۈم قىلىسەن، ساڭا ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، سەن دوست تۇتقان كىشى خار بولمايدۇ، سەن دۈشمەن تۇتقان كىشى ئەزىز بولمايدۇ، ئى رەببىمىز! سەن ئۇلۇغسەن ۋە ئۈستۈنسەن».
ۋىتىر نامىزىدا بۇ ئىككى دۇئانىڭ قايسى ئوقۇلسا بولىدۇ، ئىككىلىسى ئوقۇلسىمۇ بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر