مۇسۇلمانلار

ناماز ئوقۇمىساممۇ بولامدۇ؟

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم
سوئال:
مەن بىر ئوقۇغۇچى. ناماز ئوقۇيدىغانغا شارائىت يوق. شۇڭا نامازنى ئوقۇمىساممۇ بولامدۇ؟ بۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز. ـ يۇسۇپ
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب
 ئىختىيارىڭىز. چۈنكى ھەر كىشىنىڭ دوزاخقا كىرىش ئەركىنلىكى بار. بۇ ئەركىنلىكنى سىزگە ئاللاھ تەئالا بەرگەن. سىز بۇ ئەركىنلىكىڭىز بىلەن دوزاخ يولىغا ماڭسىز بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَقُلِ الْحَقُّ مِن رَّبِّكُمْ فَمَن شَاء فَلْيُؤْمِن وَمَن شَاء فَلْيَكْفُرْ إِنَّا أَعْتَدْنَا لِلظَّالِمِينَ نَاراً أَحَاطَ بِهِمْ سُرَادِقُهَا وَإِن يَسْتَغِيثُوا يُغَاثُوا بِمَاء كَالْمُهْلِ يَشْوِي الْوُجُوهَ بِئْسَ الشَّرَابُ وَسَاءتْ مُرْتَفَقاً»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹بۇ ھەق رەببىڭلارنىڭ تەرىپىدىندۇر. خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كىشى كاپىر بولسۇن›.شۈبھىسىزكى، بىز زالىملارغا شۇنداق بىر ئوت تەييارلىدۇقكى، ئۇ ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ھاسىل بولغان تاملىرى ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ. ئۇلار تەشنالىقتىن نالە- پەرياد قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشايدىغان، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىر سۇيۇقلۇق بېرىلىدۇ. بۇ نېمىدېگەن يامان ئىچىملىك! ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!»كەھف 18/29.
 ئەسلىدە ئاللاھ تەئالا نامازنى ھېچ ئىشقا توسالغۇ بولمايدىغان قىلىپ پەرز قىلغان، شۇنداقلا نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن ناھىيىتى كۆپ ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن. مەسىلەن:
تاھارەت ئېلىشقا قادىر بولالمىغانلارغا تەيەممۇم قىلىشنى، قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇشقا قادىر بولالمىغانلارغا ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇشنى، روكۇ ۋە سەجدىنى ئادەتتىكىدەك قىلىپ ناماز ئوقۇيالمايدىغانلارغا ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇشنى، بىر يەردە مۇقىم تۇرۇپ ناماز ئوقۇيالمايدىغانلارغا مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ (قاتناش ۋاستىلىرى) ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ناماز ئوقۇشنى، ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيالمايدىغانلارغا ئولتۇرۇپ، بۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە يېتىپ ئوقۇشنى يولغا قويۇپ بەرگەن. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
«فَإِذَا قَضَيْتُمُ الصَّلاَةَ فَاذْكُرُواْ اللّهَ قِيَاماً وَقُعُوداً وَعَلَى جُنُوبِكُمْ فَإِذَا اطْمَأْنَنتُمْ فَأَقِيمُواْ الصَّلاَةَ إِنَّ الصَّلاَةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَاباً مَّوْقُوتاً»
«نامازنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋەياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھقا زىكىر ئېتىڭلار. خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۇبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»نىسا 4/103.
«لاَ يُكَلِّفُ اللّهُ نَفْساً إِلاَّ وُسْعَهَا»
«ئاللاھ ھىچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»بەقەرە 2/286.
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلاةِ فاغْسِلُواْ وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُواْ بِرُؤُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَينِ وَإِن كُنتُمْ جُنُباً فَاطَّهَّرُواْ وَإِن كُنتُم مَّرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاء أَحَدٌ مَّنكُم مِّنَ الْغَائِطِ أَوْ لاَمَسْتُمُ النِّسَاء فَلَمْ تَجِدُواْ مَاء فَتَيَمَّمُواْ صَعِيداً طَيِّباً فَامْسَحُواْ بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُم مِّنْهُ مَا يُرِيدُ اللّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُم مِّنْ حَرَجٍ وَلَـكِن يُرِيدُ لِيُطَهَّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەرئۈستىدە بولساڭلار، ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار، ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر تۆشەكتە بولۇشساڭلار، ئاندىن تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ئۈچۈن سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار؛ پاك تۇپراق بىلەن يۈزۈڭلارغا ۋە قولۇڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ سىلەرنى پاك قىلىشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى خالايدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر!»- مائىدە 5/6.
«فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ»
«ئاللاھغا تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە تەقۋادارلىق قىلىڭلار»تەغابۇن 64/16.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، سىزنىڭ«ناماز ئوقۇيدىغانغا شارائىت يوق»دېگەن سۆزىڭىز ئاللاھ سىزنىڭ ناماز ئوقۇشىڭىزغا يارىتىپ بەرگەن شۇنچە كەڭ شارائىتنى كۆرمەسكە سالغانلىق بولسا، «نامازنى ئوقۇمىساممۇ بولامدۇ؟»دېگەن سۆزىڭىز«مەن دوزاخ يولىغا ماڭسام بولامدۇ؟»دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ. يۇقىرىدا دېگىنىمدەك ئاللاھ تەئالا سىزگە بۇ ئەركىنلىكنى بەرگەن. شۇڭا سىز بۇ ئەركىنلىكىڭىز بويىچە دوزاخ يولىغا ماڭسىڭىز بولىۋېرىدۇ. يەر يۈزىدە بۇ يولنى تاللىغان نۇرغۇن «يولداش»لىرىڭىز بار. يالغۇز قالمايسىز.
مەن سىزگە شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى:
ئىنسانلار بۇ دۇنياغا ئىلاھىي ئىمتىھان ئۈچۈن يارىتىلغان. ئىمتىھاننىڭ زامانىنى، ماكانىنى ۋە كىمنىڭ قاچان، قەيەردە، كىملەر بىلەن بىرلىكتە بۇ ئىمتىھانغا كىرىدىغانلىقىنى ئىمتىھاننى ئالغۇچى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئىمتىھانغا كىرگۈچىنىڭ ھەر قانداق شارائىتتا ئىمتىھاندىن ئۆتۈشتىن باشقا غايىسى بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئىمتىھان زامانىنىڭ ياكى ئىمتىھان ماكانىنىڭ ۋە ياكى ئىمتىھانداشنىڭ ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ«كۆڭلىدىكىدەك»بولماسلىقى ئۇنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىكىنىڭ باھانىسى بولالمايدۇ.
مۇقەددەس دىنىمىزنىڭ ئىمان ئاساسلىرى، ئىسلام ئەركانلىرى، ئەدەپ-ئەخلاق پىرىنسىپلىرى، مۇئامىلە ئەھكاملىرى ھەر زامانغا، ھەر ماكانغا شۇنداقلا قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ ئىمتىھاندا ھەر ئىنسانغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىمتىھاننىڭ بىرلا زات تەرىپىدىن ئېلىنغانلىقىغا، ئېلىنىۋاتقانلىقىغا ۋە ئېلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە پۈتكۈل پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلغان دىننىڭ ئىسلام دېيىلىشىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ.
مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر مۇھىتتا ياشاشنىڭ شەرت قىلىنماسلىقىمۇ ئىلاھىي ئىمتىھانغا يەر يۈزىنىڭ ھەر قانداق يېرىدە تۇرۇپ قاتنىشىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مِن رَّبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ كُلٌّ آمَنَ بِاللّهِ وَمَلآئِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لاَ نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّن رُّسُلِهِ وَقَالُواْ سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ {285} لاَ يُكَلِّفُ اللّهُ نَفْساً إِلاَّ وُسْعَهَا لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ»
«ئاللاھنىڭ بۇ پەيغەمبىرى، رەببى تەرىپىدىن ئۆزىگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئىشەندى. مۇئمىنلارمۇ قۇرئانغا ئىشەندى. ھەممىسى ئاللاھغا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەندى ۋە: ‹بىز ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئارىسىدا بىر پەرق كۆرمەيمىز› دېدى. ئۇلار يەنە: ‹ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق. رەببىمىز! بىزنى كەچۈرگىن، ئاخىرى سېنىڭ دەرگاھىڭغا قايتىمىز› دەيدۇ.
ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. ھەركىم قىلغان ياخشىلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ، قىلغان يامانلىقىنىڭ زىيىنىنى تارتىدۇ»بەقەرە 2/285-286.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر