مۇسۇلمانلار

ناماز ئوقۇمايدىغان ئادەمگە ئىش بەرسەم بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! ئۇلارغا ناماز ئوقۇش توغرۇلۇق تەۋسىيەدە بولاپسىز. ئەمدى ئۇلار ناماز ئوقۇمىسا گۇناھى ئۆزلىرىگە بولىدۇ. سىز ئۇلارغا، ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن ھەق بېرىسىز، شۇنداققۇ!

ئۇلاردىن نامازلىرىنىڭ ھېسابىنى ئاللاھ ئالىدۇ؛ سىز، تاپشۇرغان ئىشىڭىزنىڭ ھېسابىنى ئالىسىز. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتۇر، سىز ئىش بەرگەن خوجايىن. بۇنى ئۇنتۇماسلىقىڭىز كېرەك. ئاللاھ ئىنسانلارغا كاپىر بولۇش ئەركىنلىكى بەرگەن. سىز ئۇلارنىڭ بۇ ئەركىنلىكىنى ئېلىۋېلالمايسىز.

پۇل، مال ياكى خىزمەت سېتىۋېلىنىدىغان ۋاسىتىدۇر. سىز پۇلىڭىزغا بىر مالنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، سىزگە ئۇ مالنى ساتماقچى بولغان كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمىغاندەك، سىز بىر كىشىدىن بىر خىزمەت (ئىش) سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، سىزگە ئۇ خىزمەتنى ساتىدىغان يەنى سىزگە، سىز بۇيرۇغان ئىشنى قىلىپ بېرىپ، سىزدىن خىزمىتىنىڭ بەدىلىنى ئالىدىغان كىشىنىڭمۇ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت ئەمەس.

بۇنىڭدا شەرت قىلىنىدىغىنى ئېلىپ ـ سېتىلىدىغان نەرسىنىڭ شەرىئەتتە مال ھېسابلىنىدىغان نەرسە بولۇشى (مەسىلەن: ھاراق، قان، چوشقا، بۇت قاتارلىق نەرسىلەر دىنىمىزدا مال ھېسابلانمايدۇ)، قىلىنىدىغان ئىشنىڭ (ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق… قا ئوخشاش) خاتا ئىش بولماسلىقى كېرەك.

سىز بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇلارغا ناماز ئوقۇش توغرۇلۇق تەبلىغ قىلالايسىز، لېكىن خوجايىنلىق سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇلارنى ناماز ئوقۇتۇشقا زورلىيالمايسىز. سىزنىڭ بۇنداق بىر ھوقۇقىڭىز يوق.

ئەگەر سىز ئۇلارنى ئاشخانىڭىزدا ئىشلەش ئۈچۈن ئەمەس، سىزگە بەشۋاخ ناماز ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىشقا ئالغان بولسىڭىز ئۇنداق ھوقۇقىڭىز بولغان بولاتتى.

شۇنى ئۇنتۇماڭكى: ئىسلام دىنىدا بىر كىشىنىڭ ياخشى ئىشىنىڭ ساۋابى يەنە بىر كىشىگە بولۇپ قالمىغاندەك، بىر كىشىنىڭ يامان ئىشىنىڭ گۇناھىمۇ يەنە بىر كىشىگە يۈكلىنىپ قالمايدۇ.

بۇ توغرىدا ئەنئام سۈرىسىنىڭ 164 ـ ئايىتى، ئىسرا سۈرىسىنىڭ 15 ـ ئايىتى، فاتىر سۈرىسىنىڭ 18 ـ ئايىتى، زۇمەر سۈرىسىنىڭ 7 ئايىتى، نەجم سۈرىسىنىڭ 38 ـ ۋە 39 ـ ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەرنى (تەرجىمىسىنى) ئوقۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر