مۇسۇلمانلار

نامازنىڭ ئەركانلىرى

ب- نامازنىڭ ئەركانلىرى

نامازنىڭ ئەركانلىرى نامازنىڭ ئىچىدە ئادا قىلىنىشى كېرەك بولغان پەرزلەر بولۇپ، بۇلار يەتتىدۇر:

1- ئىفتىتاھ تەكبىرى

ئىفتىتاھ تەكبىرى نامازنىڭ شەرتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن نامازنى باشلىماق ئۈچۈن ئىككى قولنى كۆتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە كەلتۈرۈلگەن تەكبىردۇر. بۇ تەكبىر باشلاش تەكبىرى دېگەن مەنىدە «تەكبىرى ئىفتىتاھ» دېيىلگەندەك، نامازنىڭ سىرتىدا قىلىنىشى ھالال بولغان ئىشلارنى ھارام قىلىش تەكبىرى دېگەن مەنىدە «تەكبىر تەھرىمە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ[1].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ ئاچقۇچى تاھارەتتۇر، بېشى تەكبىردۇر، ئاخىرى سالامدۇر» دېگەن[2].

بەزى ئالىملار ئەئلا سۈرىسىنىڭ: «رەببىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ناماز ئوقۇغان» دېگەن مەنىدىكى (15-) ئايىتىنى ئىفتىتاھ تەكبىرىگە دەلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«رەببىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ناماز ئوقۇماق»، نامازنىڭ بېشىدا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ناماز ئوقۇماق دېمەكتۇر. چۈنكى ئۇ ئايەتكە ئاساسەن ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلماستىن نامازنى باشلىغىلى بولمايدۇ. ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ نامازنىڭ بېشىدا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېيىشى ئۇنىڭ «رەببىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ناماز ئوقۇشىدۇر»[3].

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ نامازنىڭ بېشىدا ئۇ تەكبىرنى قانداق ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام نامازغا تۇرغان چېغىدا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرەتتى، ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەيتتى»[4].

ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان باشقا بىر ھەدىستە[5] مۇنداق دېيىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنىڭ بېشىدا ئىككى قولىنى، بارماقلىرى قۇلاقلىرىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان شەكىلدە مۈرىسىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ تەكبىر ئېيتقان[6].

بۇنىڭغا ئاساسەن، ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى قوللىرىنى يۇقىرىدىكى بەلگىلەنگەن شەكىللەردە كۆتۈرۈپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازنى باشلايدۇ ۋە قوللىرىنى باغلاپ تۇرىدۇ.

نامازدا ئوڭ قول سول قولنىڭ ئۈستىدە قويۇلۇپ باغلىنىشى، سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ[7]، لېكىن قوللارنىڭ قەيەردە قويۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا پەرقلىق كۆزقاراشلار بار. فىقىھ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى قوللارنى كىندىكنىڭ ئاستىدا قويۇلىدۇ دېسە، بەزىلىرى كىندىكنىڭ ئۈستىدە قويۇلىدۇ دەيدۇ، بەزىلىرى بولسا كۆكسنىڭ ئۈستىدە قويۇلىدۇ دەيدۇ.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ھەقتە ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن كەلگەن خەۋەرلەرنى تەھلىل قىلىشىپ بۇ نەتىجىگە بارىدۇ. يەنى نامازدا ئۆرە تۇرغاندا قوللارنىڭ قەيەردە قويۇلىدىغانلىقى مەسىلىسى فىقىھ ئالىملىرىنىڭ ئىجتىھادلىرى بىلەن بەلگىلەنگەن. مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرنىڭ تولىسى قوللارنى يا كىندىكنىڭ ئاستىدا ياكى ئۈستىدە قۇيۇشنىڭ لازىملىقى توغرىسىدىدۇر. شۇڭا ئىمامى تىرمىزى قەبىسە ئىبنى ھۇلبنىڭ: «رەسۇلۇللاھ بىزگە ئىمام بولاتتى ۋە سول قولىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتاتتى» دېگەن رىۋايىتىنى نەقىل قىلغاندىن كېيىن، «ساھابە كىرام ۋە ئىلىم ئەھلىدىن بەزىلىرى قوللارنى كىندىكنىڭ ئاستىدا قويۇشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتاتتى، بەزىلىرى كىندىكنىڭ ئۈستىدە قويۇشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتاتتى. بۇ كۆرسىتىدۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جائىزدۇر» دەيدۇ.

تىرمىزى بۇ سۆزلەرنى ئېيتىدۇ، لېكىن قوللارنى كۆكسنىڭ ئۈستىدە قويۇشنىڭ لازىملىقىغا دائىر ھېچقانداق رىۋايەت زىكىر قىلمايدۇ[8].

2- قىيام          

لۇغەتتە رۇسلانماق، تۇرماق، ئۆرە تۇرماق، دېگەن مەنىلەردە كەلگەن «قىيام» دېگەن سۆزنىڭ ئىستىلاھ مەنىسى، نامازدا ئىفتىتاھ تەكبىرىنى ۋە قۇرئاندىن ئوقۇلۇشى كېرەك بولغان ئەڭ ئاز مىقدارنى ئوقۇش مۇددىتىدە ئۆرە تۇرۇش دېگەن بولىدۇ[9]. بۇ ئىش يەنى «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازنى باشلىغاندىن كېيىن ئۆرە تۇرماق پەرزدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَاهِيمَ مَكَانَ الْبَيْتِ أَنْ لَا تُشْرِكْ بِي شَيْئًا وَطَهِّرْ بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْقَائِمِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ»

«بىز ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلما، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ-سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇت»- ھەج 22/26.

«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ارْكَعُوا وَاسْجُدُوا وَاعْبُدُوا رَبَّكُمْ وَافْعَلُوا الْخَيْرَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»

«ئى مۇئمىنلار! رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- ھەج 22/77.

بۇ ئىككى ئايەتتىن، بىر رەكەت نامازنى ناماز قىلغان ئاساسلىق ئىشلارنىڭ قىيام (ئۆرە تۇرماق)، رۇكۇ ۋە سەجدە ئىكەنلىكى چىقىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىس مۇنداق: ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەندە بوۋاسىر كېسىلى بار ئىدى، رەسۇلۇللاھتىن نامازنى قانداق ئوقۇيدىغانلىقىمنى سورىدىم. ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇ، بۇنىڭغا كۈچۈڭ يەتمىسە ئولتۇرۇپ ئوقۇ، بۇنىڭغىمۇ كۈچۈڭ يەتمىسە يېتىپ ئوقۇ»[10].

يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە ۋە ھەدىسكە ئاساسەن، ئۆزرىسى يوق كىشىلەرنىڭ نامازنى ئۆرە تۇرۇپ باشلىشى ۋە قىرائىتىنى ئۆرە تۇرۇپ قىلىشى كېرەك. ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ  نامازغا قۇلاق قاققاندىن كېيىن قىرائەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل قىلىنغان دۇئالاردىن بىرىنى ئوقۇش سۈننەتتۇر. ئۇ دۇئالارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرى مۇنداق:

1- «وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضَ حَنِيفًا مُسْلِمًا وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ إِنَّ صَلاَتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَاىَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ لاَ شَرِيكَ لَهُ وَبِذَلِكَ أُمِرْتُ وَأَنَا أَوَّلُ الْمُسْلِمِينَ»

«مەن يۈزۈمنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، ھەقىقەتكە بۇرالدىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم، ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. مەن بۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلىدۇرمەن»[11].

2- «سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ وَتَبَارَكَ اسْمُكَ وَتَعَالَى جَدُّكَ وَلاَ إِلَهَ غَيْرُكَ»

«ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ ئەيبىڭ ۋە ھېچ كەمچىلىكىڭ يوقتۇر، مەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن. سەن ھەر ئىشىڭنى ياخشى ۋە مۇكەممەل قىلىسەن. ئىسمىڭ مۇبارەكتۇر، شەنىڭ ئۇلۇغدۇر، سەن ناھايىتى كاتتا زاتسەن. سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر»[12].

3- «اللَّهُمَّ بَاعِدْ بَيْنِي وَبَيْنَ خَطَايَاىَ كَمَا بَاعَدْتَ بَيْنَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ اللَّهُمَّ أَنْقِنِي مِنْ خَطَايَاىَ كَالثَّوْبِ الأَبْيَضِ مِنَ الدَّنَسِ اللَّهُمَّ اغْسِلْنِي بِالثَّلْجِ وَالْمَاءِ وَالْبَرَدِ»

«ئى ئاللاھ! مەن بىلەن خاتالىقلىرىمنىڭ ئارىسىنى مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىنى يىراقلاشتۇرغاندەك يىراقلاشتۇرغىن. ئى ئاللاھ! مېنى خاتالىقلىرىمدىن ئاق كىيىمنى كىردىن پاكلىغاندەك پاكلىغىن. ئى ئاللاھ! مېنى قار، سۇ ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن»[13].

3- قىرائەت

لۇغەتتە ئوقۇماق، مەنىسىدە كېلىدىغان «قىرائەت» ئومۇمەن «قۇرئان ئوقۇماق» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئىستىلاھى جەھەتتىن قىرائەت نامازنىڭ بىر ئەركانى بولۇپ، مەنىسى  قىيامدا قۇرئاندىن مەلۇم مىقدار ئوقۇماق دېگەن بولىدۇ[14].

ئاللاھ تەئالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ:

«إِنَّنِي أَنَا اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدْنِي وَأَقِمِ الصَّلَاةَ لِذِكْرِي»

«شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھدۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنداقتا سەن ماڭا ئىبادەت قىل ۋە مېنىڭ زىكرىم ئۈچۈن نامازنى كامىل ئۆتە!»- تاھا 20/14.

ئاللاھ تەئالا بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئەمىرنى بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

«اتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ وَأَقِمِ الصَّلَاةَ إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ وَلَذِكْرُ اللَّهِ أَكْبَرُ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَصْنَعُونَ»

«ئى مۇھەممەد! سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى تىلاۋەت قىل، نامازنى كامىل ئۆتە. شۈبھىسىزكى، ناماز قەبىھ سۆز-ھەرىكەتلەردىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنىڭ زىكرى ئەڭ بۈيۈكتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىدۇ»- ئەنكەبۇت 29/45.

بۇ ئىككى ئايەتتە ئۆتكەن «زىكىر» كەلىمىسى مۇھىمدۇر. چۈنكى بۇ كەلىمە ھەم ئاللاھنى ياد ئەتمەك، ھەم قۇرئان مەنىسىدە كېلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

«إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ»

« شۈبھىسىزكى، قۇرئاننى بىز نازىل قىلدۇق، ئۇنى ئەلۋەتتە بىز قوغدايمىز»- ھىجر 15/9.

«فَاذْكُرُونِي أَذْكُرْكُمْ وَاشْكُرُوا لِي وَلَا تَكْفُرُونِ»

«مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ماڭا تۇزكورلۇق قىلماڭلار»- بەقەرە 2/152.

بۇ ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى، «ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن ناماز ئۆتىمەك»، ئاللاھنى ياد ئەتمەك ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇماق ئۈچۈن ناماز ئۆتىمەك دېگەن بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن نامازدا قۇرئان ئوقۇش ناھايىتى مۇھىمدۇر، يەنى پەرزدۇر. چۈنكى نامازدا قۇرئان ئوقۇماق ھەم ئاللاھنى ياد ئەتكەنلىك، ھەم ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇغانلىق بولىدۇ. خوش، قۇرئاندىن نامازدا ئوقۇغۇدەك مىقداردا ئايەت بىلمىگەنلەر قانداق قىلىدۇ؟ ئەمدى بۇ توغرىدا توختىلايلى:

3. 1- قۇرئان ئوقۇشنى بىلمىگەنلەرنىڭ ئەھۋالى

يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك نامازنىڭ بولمىسا بولمايدىغان ئەركانى ئاللاھقا زىكىر ئېيتىشتۇر. ئەگەر بۇ زىكىر ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك زىكرى بولغان قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش ئارقىلىق مۇمكىن بولسا، نامازنىڭ قىيامىدا قۇرئان (بىر سۈرە ياكى بىرقانچە ئايەت) ئوقۇش لازىمدۇر.

ئەگەر بۇ مۇمكىن بولمىسا نامازنىڭ ئۇ ئەركانىنى باشقا شەكىلدە زىكىر ئېيتىپ ئادا قىلىش لازىم. تۆۋەندىكى ھەدىس بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن قۇرئاندىن (كاللامغا) بىر نەرسە ئالالمايمەن. ماڭا قۇرئاندىن نامازدا يەتكۈدەك بىر نەرسە ئۆگىتىپ قويسىلا دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە مۇنداق دېدى: سەن نامىزىڭدا «سُبْحَانَ اللَّهِ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ وَلاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَاللَّهُ أَكْبَرُ وَلاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ العَلِيِّ الْعَظِيْمِ» دېگەن زىكىرلەرنى ئوقۇغىن، دېدى[15].

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم: يا رەسۇلەللاھ! بۇ، ئاللاھ ئۈچۈندۇر. مەن نامىزىمدا ئۆزۈم ئۈچۈن نېمە ئوقۇيمەن؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «اللَّهُمَّ ارْحَمْنِي وَارْزُقْنِي وَعَافِنِي وَاهْدِنِي» دېگەن دۇئالارنى ئوقۇغىن، دېدى[16].

ئۇ كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ (يۇمۇلغان) قولى بىلەن «مانا مۇشۇنداق» دېگەن مەنادا ئىشارەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئادەمنىڭ قولى ياخشىلىق بىلەن تولدى» دېدى[17].

بۇ ھەقتە رىفائە ئىبنى رافىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بىر رىۋايەتمۇ بار:

بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە مەسچىتتە ئولتۇراتتۇق، بىر بەدەۋى كىشى كېلىپ، ناماز ئوقۇپ بولۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ سالام بەردى. رەسۇلۇللاھ سالامىنى ئىلىك ئېلىپ مۇنداق دېدى: «قايتقىن! نامازنى باشقىدىن ئوقۇغىن، سەن ناماز ئوقۇمىدىڭ»، دېدى. ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ نامازنى قايتا ئوقۇپ كېلىپ، رەسۇلۇللاھقا سالام بەردى. بۇ ئىش مۇشۇ يوسۇندا ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى. پەيغەمبىرىمىز بۇ كىشىگە ھەر قېتىمدا «قايتقىن! نامازنى باشقىدىن ئوقۇغىن، سەن ناماز ئوقۇمىدىڭ»، دېدى. بۇ ئەھۋال ئىنسانلارنى قورقۇتتى ۋە ئۇلارغا ئېغىر كەلدى. ئاخىرقى قېتىمدا ئۇ كىشى: «يارەسۇلەللاھ! ماڭا كۆرسىتىپ قويسىلا ۋە ئۆگىتىپ قويسىلا، چۈنكى مەن ئىنسانمەن، توغرا قىلىشىممۇ مۇمكىن، خاتا قىلىشىممۇ مۇمكىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «شۇنداق، ناماز ئوقۇماقچى بولغان چېغىڭدا ئاللاھ ئەمىر قىلغان بويىچە تاھارەت ئالغىن، ئاندىن شاھادەت كەلتۈرگىن، تەكبىر كەلتۈرگىن، ئەگەر قۇرئاندىن بىر نەرسە بىلسەڭ ئوقۇغىن، بىلمىسەڭ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەللاھ، دېگىن. ئاندىن رۇكۇ قىلغىن، رۇكۇدا ئارام ئالغىن. ئاندىن رۇسلانغىن ۋە تۈپتۈز تۇرغىن. ئاندىن سەجدىگە بارغىن ۋە سەجدىدە تۈز بولغىن. ئاندىن تۈپتۈز ئولتۇرغىن، ئولتۇرۇشتا ئارام ئالغىن. ئاندىن ئورنۇڭدىن تۇرغىن ۋە پۈتۈن رەكەتلەرنى بۇ شەكىلدە ئوقۇغىن، مۇشۇنداق قىلساڭ نامىزىڭ تولۇق بولغان بولىدۇ. بۇلاردىن ھەرقانداق بىرىنى كەم قىلساڭ نامىزىڭ كەم بولىدۇ»[18].

  يۇقىرىدىكى ئايەت-ھەدىسلەردىن مۇنداق ھۆكۈم چىقىدۇ:

 نامازدا بولمىسا بولمايدىغان ئىش ئاللاھقا زىكىر ئېيتماقتۇر. ئەگەر بۇ زىكىرنى ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك زىكرى بولغان قۇرئان كەرىم ئوقۇش ئارقىلىق ئادا قىلغىلى بولسا، قىيامدا قۇرئان ئوقۇش كېرەك. ئەگەر بۇ مۇمكىن بولمىسا ھەدىسلەردە ئۆگىتىلگەن زىكىر ۋە تەسبىھلەرنى ئوقۇپ ئوقۇشقا بولىدۇ.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن نامازدا ئاللاھقا زىكىر ئېيتماق ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا زۆرۈردۇر. لېكىن نامازنىڭ باشقا شەرتلىرى ۋە ئەركانلىرى بەزى شارائىت ئاستىدا ئۆزگىرىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالىدۇ. مەسىلەن: سۇ بىلەن تاھارەت ئالالمىغان كىشى، تەيەممۇم قىلىدۇ. قىيام، رۇكۇ ۋە سەجدىنى قىلالمايدىغانلار ئولتۇرۇپ، ئىشارەت (ئىما) بىلەن رۇكۇ-سەجدە قىلىدۇ، لېكىن زىكىرنى ھېچقانداق ئەھۋال ئاستىدا تەرك قىلمايدۇ. 

 پەيغەمبىرىمىز ئۆگەتكەن زىكىر، تەسبىھ ۋە دۇئالار بەك مۇھىمدۇر. دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئۇلار مەزمۇن جەھەتتە فاتىھە سۈرىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. فاتىھەنىڭ يېرىمى ئاللاھقا ھەمدۇسانا، يېرىمى دۇئا بولغاندەك، يۇقىرىدىكى بىرىنچى ھەدىستىمۇ قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان كىشىگە ئالدى بىلەن ئاللاھقا ھەمدۇسانا، ئاندىن ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى تەۋسىيە قىلىنغان. مۇھىم نۇقتا شۇدۇر:

پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كېلىپ قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە قانداق ناماز ئوقۇشنى سورىغان كىشى ئەرەب بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا يۇقىرىدىكى ئەرەبچە زىكىر، تەسبىھ ۋە دۇئالارنى ئۆگەتكەن. ئۇ زىكىر، تەسبىھ ۋە دۇئالار ئايەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن لەۋزىدىن بەكراق ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىلەر مۇھىمدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاندىن نامازدا ئوقۇغۇدەك ئايەت/سۈرە بىلمەيدىغان، ئەرەبچىنىمۇ ئۇقمايدىغان كىشىلەر قۇرئاندىن نامازدا ئوقۇغۇدەك ئايەت/سۈرە ئۆگىنىپ بولغۇچە ئۆز تىلىدا زىكىر ۋە دۇئا قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. مەسىلەن:

نامازنىڭ ھەر باسقۇچىدا خۇددى يۇقىرىدىكى ھەدىسلەردە ئۆگىتىلگەن شەكىلدە «ئاللاھنى ھەر تۈرلۈك نۇقسانلىقتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن، ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا مېنىڭ قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، مېنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھقا يۆنىلىشتىن باشقا ھېچقانداق چارەم يوق» دېگەندەك زىكىرلەر ۋە «ئى ئاللاھ! ماڭا مەرھەمەت قىلسىلا، ماڭا رىزىق ئاتا قىلسىلا، ماڭا سالامەتلىك ئاتا قىلسىلا، ماڭا ھىدايەت ئاتا قىلسىلا» دېگەندەك دۇئالارنى قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.

3. 2- فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇماق 

  فاتىھە سۈرىسىنى بىلىدىغانلارنىڭ بۇ سۈرىنى، ئوقۇغان ھەر نامىزىنىڭ ھەر رەكىتىدە ئوقۇشى كېرەك[19]. بۇنى ئىپادىلەيدىغان ھەدىسلەردىن بىرى مۇنداق: «ئۇممۇلقۇرئاننى يەنى فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇماستىن ناماز ئۆتىگەن كىشىنىڭ نامىزى كەمدۇر، كەمدۇر، تولۇق ئەمەستۇر»[20].

يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، ناماز ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن ئۆتىلىدۇ. زىكىر دېگەن سۆز ھەم ئاللاھنى ياد ئەتمەك، ھەم ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان مەنىسىدە كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نامازدا ئاللاھنى ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاننى ئوقۇپ ياد ئېتىش كېرەك بولىدۇ. فاتىھە سۈرىسىنىڭ باشقا سۈرىلەرگە قارىغاندا ئايرىم بىر ئالاھىدىلىكى بار. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«وَلَقَدْ آتَيْنَاكَ سَبْعًا مِنَ الْمَثَانِي وَالْقُرْآنَ الْعَظِيمَ»

«شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا مەسانىدىن يەتتىنى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق[21]»- ھىجر 15/87.

بۇ ئايەتتىكى «مەسانىدىن يەتتە ۋە ئۇلۇغ قۇرئان» نىڭ فاتىھە سۈرىسى ئىكەنلىكىنى پەيغەمبىرىمىز مۇنۇ سۆزى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان: «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىلئالەمىن ماڭا بېرىلگەن سەبئۇلمەسانى[22] ۋە ئۇلۇغ قۇرئاندۇر»[23].

ئەنە شۇ سەۋەبتىن نامازنىڭ ھەر رەكىتىدە فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇماق ئىنتايىن مۇھىمدۇر، چۈنكى بۇ ئاللاھنى ئاللاھنىڭ «ئۇلۇغ قۇرئان[24]» نىنى ئوقۇپ ياد ئەتكەنلىك بولىدۇ.

فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغان كىشىنىڭ «ئامىن» دېيىشى سۈننەتتۇر. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر مۇنداق:

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمام ئامىن دېگەندە سىلەرمۇ ئامىن دەڭلار»[25].

بۇخارىدا ئۆتكەن باشقا بىر رىۋايەت مۇنداق: «نامازدا فاتىھەنى ئوقۇغان كىشى (ئىمام) ئامىن دېگەندە سىلەر ئامىن دەڭلار…»[26].

ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ «غەيرىلمەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلەدداللىين» ئايىتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ سوزغان ھالدا «ئامىين!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم[27].

3. 3- سۈرە زەم (سۈرە قوشماق)

پەرز نامازنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىدە، نەپلە نامازلارنىڭ ھەر رەكىتىدە فاتىھەنى ئوقۇپ بولغان كىشى يادقا بىلىدىغان سۈرىلەردىن بىر سۈرە ياكى يادقا بىلىدىغان ئايەتلىرىدىن بىرقانچە ئايەت ئوقۇيدۇ. بۇ ئۇنىڭ سۈرە زەم قىلغانلىقىدۇر.

پەيغەمبىرىمىزنىڭ پېشىن بىلەن نامازدىگەرنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىنىڭ ھەر بىرىدە فاتىھە بىلەن بىر سۈرە ئوقۇيدىغانلىقى، ئاخىرقى ئىككى رەكىتىدە پەقەت فاتىھەنىلا ئوقۇيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[28].

دېمەككى، ئىككى رەكەتلىكتىن ئارتۇق پەرز نامازلارنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىدىلا سۈرە زەم قىلىنىدۇ.

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، سۈرە زەم قىلىشتا خەلق ئارىسىدا «ناماز سۈرىلىرى» دەپ بىلىنىدىغان سۈرىلەر (سۈرە فىل ۋە سۈرە ناس ئارىسى) دىن بىر سۈرە ئوقۇشنىڭ شەرت ئەمەس. ئەكسىچە ناماز ئوقۇغۇچى خالىسا بۇ سۈرىلەردىن خالىسا قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا سۈرە ۋە ئايەتلىرىدىن ئۆزى بىلگەن ۋە ئوقۇشنى خالىغانلىرىنى ئوقۇسا بولىدۇ. يەنى نامازدا پەقەتلا ناماز سۈرىلىرى دەپ بىلىنگەن سۈرىلەرنىلا ئەمەس، قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر ئايىتىنى ۋە ھەر سۈرىسىنى ئوقۇشقا بولىدۇ.

3. 4- قىرائەتنىڭ ئۈنلۈك ياكى مەخپىي بولۇشى

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«وَإِذَا قُرِئَ الْقُرْآَنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَأَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ. وَاذْكُرْ رَبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآَصَالِ وَلَا تَكُنْ مِنَ الْغَافِلِينَ»

«قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا رەببىڭلارنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن ئۇنى دىققەت بىلەن جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار. رەببىڭنى يېلىنغان ۋە قورققان ھالدا، ئىچىڭدە، پەس ئاۋاز بىلەن پېشىن ۋە نامازدىگەر ۋاقىتلىرىدا[29] زىكىر قىل، غاپىللاردىن بولما»- ئەئراف 7/204-205.

ئىككىنچى ئايەتتىكى پېشىن ۋە نامازدىگەر قەرىنىسى (يىپ ئۇچى) ئەينى ئايەتتىكى «زىكىر» ۋە بىرىنچى ئايەتتىكى «قۇرئان ئوقۇش» نىڭ نامازدا بولىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ كۈندۈز نامازلىرىنىڭ (پېشىن ۋە نامازدىگەرنىڭ) قىرائىتىنىڭ مەخپىي، كېچە نامازلىرىنىڭ (يەنى شام، خۇپتەن ۋە بامدات نامازلىرىنىڭ) قىرائىتىنىڭ ئۈنلۈك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەتبىقاتلىرىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.

بۇ ئايەتلەر جامائەت بولۇپ ئوقۇلغان نامازنىڭ قىرائىتىنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

3. 5- ئىمامنىڭ ئارقىسىدا قىرائەت:

يۇقىرىدىكى «وَإِذَا قُرِئَ الْقُرْآَنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَأَنْصِتُوا (قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا دىققەت بىلەن جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار)» (ئەئراف 7/204)، دېگەن ئايەت قىرائەت ئۈنلۈك ئوقۇلغان نامازدا جامائەتنىڭ جىم تۇرۇپ ئاڭلىشىنىڭ لازىملىقىغا، «وَاذْكُرْ رَبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآَصَالِ (رەببىڭنى يېلىنغان ۋە قورققان ھالدا، ئىچىڭدە، پەس ئاۋاز بىلەن پېشىن ۋە نامازدىگەر ۋاقىتلىرىدا زىكىر قىلغىن)» (ئەئراف 7/205) دېگەن ئايەت بولسا قىرائەت مەخپىي ئوقۇلغان نامازدا جامائەتنىڭمۇ ئىچىدە مەخپىي قىرائەت قىلىشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى بىرىنچى ئايەتنىڭ «إِذَا قُرِئَ الْقُرْآَنُ (قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا)» دېگەن ئىپادىسى قۇرئان ئوقۇغۇچىنىڭ بىر كىشى (ئىمام) ئىكەنلىكىنى، «فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَأَنْصِتُوا (دىققەت بىلەن جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار)» دېگەن ئىپادە بولسا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىك (جامائەت) ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى ئايەتنىڭ «وَاذْكُرْ رَبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآَصَالِ (رەببىڭنى يېلىنغان ۋە قورققان ھالدا، ئىچىڭدە، پەس ئاۋاز بىلەن پېشىن ۋە نامازدىگەر ۋاقىتلىرىدا زىكىر قىلغىن)» دېگەن ئىپادىسىدە زىكىر قىلغۇچى كىشىنىڭ بىرلىك شەكلىدە (مۇفرەد) كېلىشى، قىرائىتى مەخپىي ئوقۇلىدىغان نامازدا ئىمام بولسۇن جامائەت بولسۇن ھەر كىشىنىڭ قىرائەت قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «بىز ئىمامنىڭ ئارقىسىدا پېشىن ۋە نامازدىگەرنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىدە فاتىھە بىلەن بىر سۈرىنى، ئاخىرقى ئىككى رەكىتىدە پەقەت فاتىھەنىلا ئوقۇيتتۇق»[30] دېگەن سۆزىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.

مۇپەسسىرلەردىن ئىبنى كەسىر «وَإِذَا قُرِئَ الْقُرْآَنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَأَنْصِتُوا (قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا دىققەت بىلەن جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار)» دېگەن ئايەتنىڭ ئىمام ئۈنلۈك ئوقۇغان پەرز نامازلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، «ئىمام ئەگىشىلىش ئۈچۈن ئىمام بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام تەكبىر كەلتۈرسە سىلەرمۇ تەكبىر كەلتۈرۈڭلار، قىرائەت قىلسا سىلەر جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار»[31] دېگەن ھەدىسنىڭ بۇنىڭغا دالالەت قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ[32].

ئىمامى تەبەرى ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە ئەبۇ ھۇرەيرە، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، مۇجاھىد، سەئىد ئىبنى جۇبەير ۋە داھھاك قاتارلىق ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ بۇ ئايەتنىڭ پەرز نامازلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ[33].

ھەنەفىيە مەزھىپىدە «كىم ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان بولسا ئىمامنىڭ قىرائىتى ئۇنىڭ قىرائىتىدۇر»[34] دېگەن ھەدىسنى دەلىل قىلىپ پەرز نامازلارنىڭ ھېچبىر رەكىتىدە جامائەتنىڭ قىرائەت قىلماسلىقى كېرەك دەپ قارىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ھەدىس ئىمامنىڭ قىرائىتىنى جامائەت ئاڭلىغان ئاۋۋالقى ئىككى رەكەت ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولۇپ، قىرائىتى ئاڭلانمايدىغان ئاخىرقى ئىككى رەكىتى بىلەن پېشىن ۋە نامازدىگەرنىڭ ھەممە رەكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

شافىئىيە مەزھىپىدە بولسا «ھەر كىم ئۇممۇل قۇرئان (فاتىھە) ئوقۇماستىن ناماز ئوقۇسا، ئۇ ناماز كەمدۇر، كەمدۇر، كەمدۇر، تولۇق ئەمەستۇر»[35] دېگەن ھەدىسكە ئاساسلىنىپ ئىمام ئۈنلۈك ئوقۇغان نامازلاردىمۇ جامائەتنىڭ فاتىھەنى ئوقۇشىنىڭ لازىم دەپ قارىلىدۇ. لېكىن ئىمام قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلغان نامازلاردا جامائەتنىڭ جىم تۇرۇپ ئوقۇلغان قۇرئاننى ئاڭلىشى ئەئراف سۈرىسىنىڭ 204- ئايىتىنىڭ ئوچۇق ئەمرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى يالغۇز ناماز ئوقۇغانلارنىڭ ۋە ئىمامنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلىيالمىغان جامائەتنىڭ ھېچبولمىغاندا فاتىھەنى ئوقۇشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ دەپ چۈشەنسەك توغرا بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن جامائەت بولۇپ ئوقۇلغان بامداتتا، نامازشام بىلەن خۇپتەننىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىدە، جۈمە ۋە ئىككى ھېيت نامىزى قاتارلىق نامازلاردا ئىمام قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلغانلىقى ئۈچۈن جامائەتنىڭ جىم تۇرۇپ ئاڭلىشى، ئىمام قىرائەتنى مەخپىي قىلغان باشقا نامازلاردا (پېشىن ۋە نامازدىگەرنىڭ پۈتۈن رەكەتلىرىدە، نامازشامنىڭ ئۈچىنچى رەكىتىدە ۋە خۇپتەننىڭ ئاخىرقى ئىككى رەكىتىدە) جامائەتنىڭمۇ ئىچىدە قىرائەت قىلىشى لازىم.




[1] – سەففەت كۆسە، «تەكبىر» تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 2011، 40- جىلد، 342- بەت.

[2] – ئەبۇ داۋۇد، سالات 73-74، تاھارەت 31؛ تىرمىزى، تاھارەت 3، مەۋاقىت 62؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 3؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 1/123.

[3] – فەخرىددىن رازى، تەپسىرى كەبىر؛ قۇرتۇبى، ئەلجامىئۇ لىئەھكامىلقۇرئان.

[4] – بۇخارى، ئەزان 83، 84، 85، 86؛ مۇسلىم، سالات 22 (390)؛ مۇۋاتتا، سالات 16؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 117؛ تىرمىزى، سالات 190؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 1، 2، 3؛ ئبنى ماجە، ئىقامەت 15.

[5] – مۇسلىم، سالات 54 (401)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 117؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 15؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 107، 139، 187.

[6] – ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ نوپۇزلۇق ئالىملىرىدىن ئىمامى تاھاۋى ئىفتىتاھ تەكبىرىدە قوللارنىڭ قەيەرگىچە كۆتۈرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەر ئىككى كۆزقاراشنى دەلىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «پەيغەمبىرىمىز قوللىرى كىيىمنىڭ ئىچىدە چاغدا ناماز ئوقۇسا مۈرىلىرىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرىدىغانلىقى، لېكىن قوللىرى كىيىم ئىچىدە بولمىغان ۋاقىتلاردا ناماز ئوقۇسا قۇلاقلىرىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرىدىغانلىقى» دىن ئىبارەت كۆزقاراشنى تاللىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنى ئىمامى تاھاۋى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىفتىتاھ تەكبىرىدە قوللىرىنى مۈرىلىرىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرگەنلىكىنى» زىكىر قىلغان ھەدىسىنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاۋا سوغۇق ۋاقىتلاردىكى پېئىلىنى بايان قىلغانلىقىنى، ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «پەيغەمبىرىنىڭ ئىفتىتاھ تەكبىرىدە قوللىرىنى قۇلاقلىرىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرگەنلىكىنى» زىكىر قىلغان ھەدىسنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ قوللىرى ئەركىن-ئازادە بولغان (يەنى سوغۇق بولمىغان) ۋاقىتلاردىكى پېئىلىنى بايان قىلغانلىقىنى چۈشىنىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىدا بىر زىتلىق يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ ئەبۇ ھەنىفە، ئىمامى مۇھەممەد ۋە ئەبۇ يۇسۇف رەھىمەھۇمۇللاھنىڭ كۆزقارىشىدۇر.- تاھاۋى، شەرھۇ مەئانىل ئاسار، 1- جىلد، 195- ۋە 197- بەتلەر. بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىزاھات ئۈچۈن قاراڭ: ئەلائۇددىن ئەبۇ بەكىر ئىبنى مەسئۇد ئەلكاسانىي، بەدائىئۇسسەنائىئ فى تەرتىبىششەرائىئ، دارۇلھەدىس، قاھىرە 2005، 2- جىلد، 28- بەت.

ئىمامى شافىئىي (ر.ھ) ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ۋائىل ئىبنى ھۇجر (ر. ز) لەرنىڭ يۇقىرىدىكى پەرقلىق ئىككى رىۋايىتى بىلەن ۋائىل ئىبنى ھۇجر (ر.ز) نىڭ: «كېيىن ساھابىلەرنىڭ قوللىرىنى كۆكسىلىرىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم» دېگەن شەكىلدىكى باشقا بىرى رىۋايىتىنى بىرلىكتە تەھلىل قىلىدۇ ۋە ھەممىسىگە ئەمەل قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىبنى ئۆمەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئالىقانلىرىنى مۈرىلىرىگە قەدەر كۆتۈرگەنلىكىنى، ۋائىل ئىبنى ھۇجر بارماقلىرىنىڭ ئۇچلىرىنى قۇلاقلىرىنىڭ ئۇدۇلىغا قەدەر كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتماقچى بولغان. ۋائىلنىڭ: كېيىن ساھابىلەرنىڭ قوللىرىنى كۆكسىلىرىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم دېگەن سۆزىگە كەلسەك، ۋائىل ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغاندا مەۋسۇم قىش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلەرنىڭ ئۈستىدە ئېغىر ۋە قېلىن كىيىملەر بار ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار قوللىرىنى مۈرىلىرىگە قەدەر ئەمەس، كۆكسىلىرىنىڭ ئۇدۇلىغا قەدەر كۆتۈرگەن ئىدى»- ئەبۇلھۇسەين يەھيا ئىبنى ئەبىلخەير ئىبنى سالىم ئەلئىمرانى ئەليەمەنى، ئەلبەيان فى مەزھەبى ئىمام شافىئى، ئىتىنا: قاسىم مۇھەممەد نۇرى، دارۇل مىنھاج، بېيرۇت، 2000، 2- جىلد، 173- بەت.   

[7] – بۇ ھەدىسلەر ھەدىس كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىدە ئۆتىدۇ.

[8] – قاراڭ: تىرمىزى، سالات 187. قىيامدا (يەنى نامازدا ئۆرە تۇرغاندا) قوللارنى كۆكسنىڭ ئۈستىدە قويۇشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتقانلار مۇنۇ رىۋايەتكە ئاساسلىنىدۇ: «رەسۇلۇللاھ نامازدا ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىدە قوياتتى، ئاندىن ئۇ قوللارنى كۆكسىنىڭ ئۈستىدە باغلايتتى» (ئەبۇ داۋۇد، سالات 118-119). لېكىن ئەبۇ داۋۇدنىڭ ھەدىسلىرىنى شەرھلىگەن خەلىل ئەھمەد ئەسسەھارەنفورى (ۋاپاتى: 1346 ھىجرىيە) بۇ ھەدىس توغرىسىدا ئەتراپلىق بىر تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە بۇ رىۋايەتتىكى «ئاندىن ئۇ قوللارنى كۆكسىنىڭ ئۈستىدە باغلايتتى» دېگەن ئىپادىنىڭ ھەدىسنىڭ ئەسلى تېكىستىدە بولمىغانلىقىنى، كېيىن ھەدىسقا قوشۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ھەر پۇرسەتتە مۇنداق دەيدۇ: «نامازدا قوللارنىڭ قەيەردە قويۇلۇشى توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك كۆزقاراش بار: قوللارنى كىندىكنىڭ ئاستىدا باغلىماق، قوللارنى كىندىكنىڭ ئۈستىدە، لېكىن كۆكسنىڭ ئاستىدا باغلىماق ۋە قوللارنى ھېچ باغلىماسلىق… ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك قوللارنى باغلىماق پەقەت ئىككى شەكىلدە بولىدۇ: بىرى كىندىكنىڭ ئاستىدا باغلىماق، يەنە بىرى كىندىكنىڭ ئۈستىدە باغلىماق. بۇنىڭغا ئاساسەن، قوللارنى كۆكسنىڭ ئۈستىدە باغلىماق مۇسۇلمانلارنىڭ يولىدىن چىققانلىق ۋە ئۇلارنىڭ پىكىر بىرلىكىگە مۇخالىپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. (خەلىل ئەھمەد ئەسسەھارەنفورى، بەزلۇلمەجھۇد فى ھەللى ئەبى داۋۇد، تەھقىق: مۇھەممەد زەكەرىييا ئىبنى يەھيا ئەلكاندەھلىۋى، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، 4- جىلد، 482-485- بەتلەر. ئەبۇ داۋۇدنى شەرھلىگۈچىلەردىن سۇبكىي (ۋاپاتى 1352 ھىجرىيە) بۇ ھەدىسنىڭ مۇرسەل بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. (مەھمۇد مۇھەممەد خەتتاب ئەسسۇبكىي، ئەلمەنھەلۇل ئەزبىل مەۋرۇد شەرھۇ سۇنەنى ئەبى داۋۇد، ئەلمەكتۇبەتۇل ئىسلامىييە، رىياد، 5- جىلد، 166- بەت.

مۇرسەل ھەدىس: سەنەدىدىن بىر ساھابە چۈشۈپ قالغان ھەدىس، تابىئىنلاردىن بىرى سەنەدىدە ساھابىنى زىكىر قىلماستىن بىۋاسىتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ رىۋايەت قىلغان ھەدىس، دېمەكتۇر. مۇرسەل ھەدىسلەر زەئىپ ھەدىسلەر دائىرىسىگە كىرىدۇ. مۇرسەلنىڭ زەئىپ ھېسابلىنىشىنىڭ سەۋەبى سەنەدىنىڭ مۇتتەسىل (ئۇلىنىپ كەلگەن) بولماسلىقىدۇر. مۇرسەل دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا راۋىسىنىڭ ئۇ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغان ساھابىنى زىكىر قىلماستىن بىۋاسىتە رەسۇلۇللاھتىن نەقىل قىلىشىدۇر. مۇرسەل ھەدىس دەلىل بولالمايدۇ. بۇ كۆزقاراش ئۈستىدە ھەدىس ھافىز ۋە مۇنەققىدلىرى بىردەك ئىتتىپاق قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇنى ئەسەرلىرىدە تىلغا ئالىدۇ. مۇسلىم، ئۆزىنىڭ «سەھىھ» ىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ۋە ھەدىسچىلەرنىڭ قەتئىي قانائىتى شۇدۇركى، مۇرسەل ھەدىس دەلىل بولالمايدۇ» (سۈبھى ئەسسالىھ، ھەدىس ئىلىملىرى ۋە ھەدىس ئىستىلاھلىرى، تەرجىمە، م. ياشار قاندېمىر، 4- باسمىسى، ئەنقەرە 1986، 137-139- بەتلەر).    

[9] – ئەبۇ بەكىر سىفىل، «قىيام» تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئەنقەرە 2002، 25- جىلد، 514- بەت.

[10] – بۇخارى، تەقسىرۇسسالات 19.

[11] – مۇسلىم، سالاتۇلمۇسافىرىن 201؛ ئەبۇ داۋۇد. سالات 118، 119؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 17.

[12] – تىرمىزى، سالات 179؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 119-120؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 1؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 18.

[13] – بۇخارى، ئەزان 89؛ مۇسلىم، مەساجىد 147 (598)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 120-121؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 1؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 15.

[14] – ئەبۇ بەكىر سىفىل، «قىرائەت» تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئەنقەرە 2002، 25- جىلد، 433- بەت.

[15] – مەنىسى: «ئاللاھنى ھەر تۈرلۈك نۇقسانلىقتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن، ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا مېنىڭ قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، مېنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھقا يۆنىلىشتىن باشقا ھېچقانداق چارەم يوق».

[16] مەنىسى: «ئى ئاللاھ! ماڭا مەرھەمەت قىلسىلا، ماڭا رىزىق ئاتا قىلسىلا، ماڭا سالامەتلىك ئاتا قىلسىلا، ماڭا ھىدايەت ئاتا قىلسىلا».

[17] – ئەبۇ داۋۇد، سالات 134 135؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 32.

[18] – تىرمىزى، سالات 226.

[19] – فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇماق ھەنەفىيە مەزھىپىدە نامازنىڭ ئەركانى يەنى نامازنىڭ بولمىسا بولمايدىغان ئاساسى ئەمەس، ۋاجىبىدۇر. باشقا ئۈچ مەزھەپتە نامازنىڭ قىرائىتىنىڭ ئەڭ ئاز مىقدارى ھەر رەكەتتە فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشتۇر. بۇ مەزھەپلەرگە نىسبەتەن فاتىھە ئوقۇش نامازنىڭ بىر ئەركانىدۇر. 

[20] – مۇسلىم، سالات 38 (395).

[21] – «مەسانى» دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە قۇرئان كەرىمگە بېرىلگەن بىر سۈپەت بولۇپ، مەنىسى «ئىككىدىن-ئىككىدىن» دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا زۇمەر سۈرىسىنىڭ 23- ئايىتىدە «ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن-ئىككىدىن بولغان بىر كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى…» دەيدۇ. ئۇ ئايەتتە «ئىككىدىن-ئىككىدىن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «مەسانى» دېگەن كەلىمىدۇر. قۇرئان كەرىمگە مەسانى دېيىلىشى ھۆكۈم، قىسسە ۋە نەسىھەتلەرنىڭ تەكرارلانغانلىقى ۋە ھەر ئايىتىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر ئوخشىشى بىلەن «ئىككىدىن-ئىككىدىن» بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ ئايەتتىكى «مەسانىدىن يەتتە» دىن مەقسەت فاتىھە سۈرىسىدۇر. بۇ يەردىكى «من (دىن)» بەيانىي (ئېنىقلاش) ئۈچۈندۇر. يەنى «مەسانىدىن يەتتە» نىڭ تېخىمۇ ئوچۇق ئىپادىسى «مەسانىدىن ئىبارەت بولغان يەتتە ئايەتلىك سۈرە» دۇر. بۇنىڭ مەنىسى، مەسانى دەپ ئاتىلىدىغان قۇرئاننىڭ تامامى بۇ يەتتە ئايەتتنىڭ ئىچىدە مەۋجۇت، دېمەكتۇر. «ۋە ئۇلۇغ قۇرئان» ئەتفى تەپسىر بولۇپ «مەسانىدىن يەتتە» نىڭ يەنى فاتىھە سۈرىسىنىڭ «ئۇلۇغ قۇرئان» نىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى فاتىھە سۈرىسى ھەم «مەسانى» دەپ ئاتىلىدىغان ھەم «ئۇلۇغ قۇرئان» دەپ ئاتىلىدىغان قۇرئان كەرىمنىڭ تامامىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك، فاتىھە سۈرىسى قۇرئان كەرىمنىڭ خۇلاسىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنۇ ھەدىسىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ: «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىلئالەمىن (يەنى سۈرە فاتىھە) ماڭا بېرىلگەن سەبئۇلمەسانى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاندۇر»- بۇخارى، تەپسىر 1؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 26؛ تىرمىزى، فاتىھەنىڭ پەزىلىتى بابى 2875- نومۇرلۇق ھەدىس. «سەبئۇلمەسانى» نىڭ مەنىسى، «ئايەتلىرى ئىككىدىن-ئىككىدىن قىلىپ نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئايەت» دېگەن بولىدۇ.

[22] – «سەبئۇلمەسانى» نىڭ مەنىسى، «ئايەتلىرى ئىككىدىن-ئىككىدىن قىلىپ نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئايەت» دېگەن بولىدۇ.

[23] – بۇخارى، تەپسىر 1؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 26؛ تىرمىزى، فاتىھەنىڭ پەزىلىتى بابى 2875- نومۇرلۇق ھەدىس.

[24] – قۇرئان ئەسلىدە مەسدەر (تومۇر سۆز) بولۇپ مەنىسى «ئوقۇماق» دېگەن بولىدۇ. لېكىن دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ۋە ئوقۇلىدىغان كىتاب بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمى مەپئۇل (ھەرىكەت ئوبيېكتى نامى) مەنىسىدە كېلىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىسى «قۇرئان» دېيىلگەندەك، بىر قىسمى، ھەتتا بىر ئايىتىگىمۇ «قۇرئان» دېيىلىدۇ. (قۇرئان كەرىم ۋە ئاچىقلامالى مەئالى، خەيرۇددىن قارامان ۋە ھەيئىتى، تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2005، 7- بەت.

[25] – بۇخارى، ئەزان 112؛ مۇسلىم، سالات 72 (410)؛ مۇۋەتتا، سالات 44؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 172؛ تىرمىزى، سالات 185؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 34-35؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 14.

[26] – بۇخارى، دەئەۋات 63.

[27] – تىرمىزى، سالات 184؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 167-168. نۇرغۇن ئۆلىمالار بۇ ئاخىرقى ھەدىسنى دەلىل قىلىپ، فاتىھەنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئىمام بولسۇن، جامائەت بولسۇن ھەر كىشىنىڭ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن «ئامىين!» دېيىشى لازىم دەپ قارايدۇ. ئىمامى ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ بولسا بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئامىين» نى ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى «ئامىين» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىل» دېمەكتۇر، يەنى بۇ سۆز بىر دۇئادۇر. «رەببىڭلارغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار» (ئەئراف 7/55) دېگەن مەنىدىكى ئايەتكە ئاساسەن دۇئادا ئاۋازنىڭ كۆتۈرۈلمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدى سەپلەردىكىلەرگە ئاڭلاتقۇدەك بىر شەكىلدە «ئامىين» دېيىشى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئىدى. بۇ سەۋەبتىن فاتىھەنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىماممۇ جامائەتمۇ پەقەت ئۆزلىرى ئاڭلىغۇەدك بىر ئاۋاز بىلەن «ئامىن» دېيىشى لازىم.- قاراڭ: ئەھمەد نەئىم، سەھىھ بۇخارى مۇختەسەرى تەجرىدى سەرىھ تەرجىمىسى، تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقانلىقى نەشرىياتى، 6- باسمىسى، ئەنقەرە، 1980، 2- جىلد، 779- بەت، 435- ھەدىسنىڭ شەرھى.   

[28] – بۇخارى، ئەزان 107؛ مۇسلىم، سالات 155 (451).

[29] – ئايەتتىكى ئەلغۇدۇۋ ۋەلئاسال بِالْغُدُوِّ وَالْآَصَالِ») دېگەن كەلىمىلەرنىڭ مەنىسى پېشىن ۋە نامازدىگەرنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا بۇ كەلىمىلەرنى باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَظِلَالُهُمْ بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ» (ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر خالىسۇن-خالىمىسۇن ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ غۇدۇۋ ۋە ئاسال ۋاقىتلىرىدا ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ)- (رەئد 13/15). ئايەتتە زىكىر قىلىنغان ئىككى ۋاقىتتا سايىلارنىڭ سەجدە قىلىشى، بۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ئاسماندا كۈن بار بولغان ۋاقىتلاردىن بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى كۈن بولمىسا ئەشيالارنىڭ سايىلىرىمۇ بولمايدۇ. كۈندۈزى ئۆتىلىدىغان ناماز پېشىن ۋە نامازدىگەردۇر. بىز شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەتنى (ئەئراف سۈرىسىنىڭ 205- ئايىتىگە) بۇ شەكىلدە تەرجىمە قىلدۇق. بۇ ۋاقىتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرمۇ بار: «فِي بُيُوتٍ أَذِنَ اللَّهُ أَنْ تُرْفَعَ وَيُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ يُسَبِّحُ لَهُ فِيهَا بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ. رِجَالٌ لَا تُلْهِيهِمْ تِجَارَةٌ وَلَا بَيْعٌ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَإِقَامِ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءِ الزَّكَاةِ يَخَافُونَ يَوْمًا تَتَقَلَّبُ فِيهِ الْقُلُوبُ وَالْأَبْصَارُ (ئۇ تەكچە، ئاللاھ ئۇلۇغلىنىشىغا ۋە ئىچىدە ئۆز ئىسمىنىڭ زىكىر قىلىنىشىغا ئىجازەت بەرگەن ئۆيلەردىدۇر. ئۇ ئۆيلەردە بىر قىسىم كىشىلەر غۇدۇ ۋە ئاسال ۋاقىتلىرىدا ئاللاھغا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا- سېتىققا بېرىلىپ ئاللاھنىڭ زىكرىدىن، نامازنى كامىل ئۆتەشتىن، زاكاتنى بېرىشتىن غەپلەتتە قالمايدۇ. ئۇلار قەلبلەر ۋە كۆزلەر دەھشەت بىلەن سىلكىنىدىغان كۈندىن قورقىدۇ)» (نۇر 24/36-37). بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئەلغۇدۇۋ ۋەلئاسال («بِالْغُدُوِّ وَالْآَصَالِ») دېگەن كەلىمىلەر بازارلار ئېچىلىپ، ئېلىم-سېتىم قىزىشقان ۋاقىتلارنى كۆرسىتىدۇ. جۈمە نامىزىنىڭ پەرزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئايەتتىمۇ جۈمە ۋاقتىنىڭ ئېلىم-سېتىم قىزىشقان ۋاقىت يەنى پېشىن ۋاقتى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى بازارلار ئېچىلغاندىن كېيىن ئېلىم-سېتىم قىزىيدىغان ۋاقىتلارنىڭ باشلانغۇچى ئومۇمەن پېشىن ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ. جۈمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق: «يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِنْ يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ (ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئوقۇلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۈگۈرۈڭلار. ئېلىم-سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار)» (جۇمۇئە 62-9). ئەلغۇدۇۋ («الْغُدُوِّ») بىلەن ئەينى يىلتىزىدىن كەلگەن غەدا «غَدَاءَ» دېگەن كەلىمىمۇ بۇنىڭ باشقا بىر دەلىلىدۇر. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق: «فَلَمَّا جَاوَزَا قَالَ لِفَتَاهُ آتِنَا غَدَاءَنَا لَقَدْ لَقِينَا مِنْ سَفَرِنَا هَذَا نَصَبًا (ئۇلار ئۇ يەردىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇسا ياش خادىمىگە: چۈشلۈك تامىقىمىزنى (غَدَاءَنَا) ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە بەك چارچاپ كەتتۇق دېدى)» (كەھف 18/62). بۇ ئايەتكە قارايدىغان بولساق، غەدا «غَدَاء» دېگەن سۆزنىڭ ئەتىگەن تۇرۇپ چارچاپ كەتكەنگە قەدەر يول ماڭغاندىن كېيىن يېيىلىدىغان تاماققا دېيىلگەنلىكىنى كۆرىمىز. بىر كىشىنىڭ كېچىسى ئارام ئالغاندىن كېيىن ئەتىگەن تۇرۇپ چارچاپ كەتكۈچە مېڭىشى تەخمىنەن پېشىن ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ. ئەلغۇدۇۋ («الْغُدُوِّ») نىڭ پېشىن ۋاقتى ئىكەنلىكىنى باشقا بىر دەلىلى ئاسال «الْآَصَال» كەلىمىىسدۇر. چۈنكى ئاسال «الْآَصَال» نىڭ مۇفرەدى بىرلىك شەكلى بولغان ئەسىل «أَصِيل» قۇرئان كەرىمدە بۇكرەتەن «بُكْرَة» كەلىمىسىنىڭ زىددى بولۇپ كېلىدۇ. (قاراڭ: فۇرقان 25/5؛ ئەھزاب 33/42؛ فەتىھ 48/9؛ ئىنسان 76/25). بۇكرەتەن «بُكْرَة» كەلىمىسى كۈن چىقىپ نۇر چاچقاندىن تارتىپ چۈشكىچە بولغان ئارلىقتىكى ۋاقىتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەسىل «أَصِيل» كۈننىڭ نۇرلىرى ئاجىزلىشىشقا باشلىغاندىن تارتىپ كۈننىڭ پېتىشىغىچە بولغان ئارلىقتىكى ۋاقىت بولىدۇ. بۇ نامازدىگەرنىڭ ۋاقتىدۇر. غۇدۇۋ («الْغُدُوِّ») ۋاقتى  ئەسىل «أَصِيل» ۋاقتىدىن ئىلگىرى بولغانلىقىغا ۋە ئەسىلنىڭ نامازدىگەرنىڭ ۋاقتى مەنىسىدە كەلگەنلىكىگە قارىغاندا ئايەتلەردىكى غۇدۇۋ («الْغُدُوِّ») پېشىن ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.  

[30] – ئىبنى ماجە، ئىقامەت 11.

[31] – بۇخارى، سالات 18؛ ئەزان 51، 82؛ مۇسلىم، سالات 77، 82، 86، 89؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 68؛ تىرمىزى، سالات 150؛ بەسەئى، تەتبىق 22؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 13.

[32] – ئەبۇلفىدا ئىمامۇددىن ئىسمائىل ئىبنى ئۆمەر ئىبنى كەسىر، تەفسىرۇل قۇرئانىل ئەزىم، تەھقىق: سەييىد مۇھەممەد سەييىد، دارۇل ھەدىس، قاھىرە، 2005، 3- جىلد، 587- بەت.

[33] – ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى جەرىر ئەتتەبەرى، جامىئۇل بەيان فى تەئۋىلىل قۇرئان، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، 1992، 6- جىلد، 161-163- بەتلەر.  

[34] – ئىبنى ماجە، ئىقامەت 13؛ مۇۋەتتا، سالات 43.

[35] – مۇسلىم. سالات 38 (395).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر