مۇسۇلمانلار

نامازدا قىرائەتنى ئۈنلۈك ۋە مەخپىي ئوقۇش توغرىسىدا

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام بارلىق سۈننەت ۋە نەپلە نامازلار تامامەن ئىچىدە ئوقۇلىدۇ. يەنى سۈننەت ۋە نەپلە نامازلارنىڭ ئىچىدىكى ھەمدۇسانا (سۇبھانەكەللاھۇممە…)، قىرائەت (سۈرە فاتىھە ۋە كەينىدىن ئوقۇلىدىغان سۈرە)، تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر)، زىكىر-تەسبىھ (سۇبھانە رەببىيەلئەزىم ۋە سۇبھانە رەببىيەلئەئلا) تەشەھھۇد (ئەتتەھىياتۇ…)، دۇرۇت (ئاللاھۇممە سەللىئەلا… ئاللاھۇممە بارىكئەلا…) ۋە دۇئالار (رەببەنا…) نىڭ ھەممىسى ئىچىدە (ئاۋازسىز) ئوقۇلىدۇ.

نەپلە ناماز دېگەن، پەرز ناماز ۋە پەرز نامازنىڭ ئالدى – كەينىدىكى سۈننەت نامازلاردىن باشقا نامازلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:

بىر كىشى ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولمىغان بىر ۋاقىتتا (ئەتىگەن كۈن قىزىل بولغان، چۈش ۋاقتىدا كۈن تىكلەنگەن، كەچتە كۈن پېتىۋاتقان ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا) ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بىرقانچە رەكئەت (ئەڭ ئېزى ئىككى رەكئەت بولىدۇ) ناماز ئوقۇسا، بۇ نەپلە ناماز بولىدۇ. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، بۇنداق نامازلارمۇ ئىچىدە (ئاۋازسىز) ئوقۇلىدۇ.

پەرز نامازلارنىڭمۇ پېشىن بىلەن ئەسىر (نامازدىگەر) سۈننەت نامازغا ئوخشاشلا ئاۋازسىز ئوقۇلىدۇ. لېكىن بۇ نامازلارنىڭ تەكبىرلىرى (نامازغا باشلاش تەكبىرى ۋە نامازنىڭ ئىچىدە بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكىلىش ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان تەكبىرلەر)، رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە ئوقۇلىدىغان سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە ۋە ئاخىرىدا ئوڭ – سولغا بېرىلگەن سالام قاتارلىقلار ئۈنلۈك ئوقۇلىدۇ.

بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنىڭ قىرائەتلىرى ۋە شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ پەرزلىرىنىڭ ئاۋۋالقى ئەككى رەكئىتىنىڭ قىرائىتى (سۈرە فاتىھە ۋە ئارقىسىدىن ئوقۇلىدىغان سۈرە)، بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكىلىش ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر)، رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە ئوقۇلىدىغان سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە ۋە سالام (نامازنىڭ ئاخىردىكى ئولتۇرۇشتىن كېيىن ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ دەپ ئوڭ – سولغا سالام بېرىش) قاتارلىقلار ئۈنلۈك ئوقۇلىدۇ. بۇ ئۈچ ۋاخ نامازنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەرلىرى، مەسىلەن:

نامازشامنىڭ ئۈچىنچى رەكئىتىنىڭ قىرائىتى (سۈرە فاتىھە) ۋە نامازخۇپتەننىڭ ئاخىرقى ئىككى رەكئىتىنىڭ قىرائىتى (سۈرە فاتىھە) ئىچىدە ئوقۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بۇ نامازلاردىكى ھەمدۇسانا (نامازغا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ قۇلاق قېقىپ شۇرۇ قىلغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان سۇبھانەكەللاھۇممە…)، ئەئۇزۇ… بىسمىللاھ…، رۇكۇدا ئوقۇلىدىغان تەسبىھ (سۇبھانە رەببىيەلئەزىم)، رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە ئوقۇلىدىغان ھەمد (رەببەنا لەكەلھەمدۇ)، ئىككى سەجدىدە ئوقۇلىدىغان تەسبىھ (سۇبھانە رەببىيەلئەئلا)، تەشەھھۇد (ئەتتەھىيياتۇ…)، دۇرۇت (ئاللاھۇممە سەللىئەلا… ئاللاھۇممە بارىكئەلا…)، ۋە دۇئا (رەببەنا ئاتىنا…)، قاتارلىقلار ئىچىدە (ئاۋازسىز) ئوقۇلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر