مۇسۇلمانلار

نامازدا سەللە كېيشنىڭ ئارتۇقچىلىقى بارمۇ؟

جاۋاب:

نامازدە سەللە كىيىشنىڭ ھېچقانداق دەلىلى يوق.

ئاللاھ تەئالا ئەئراف سۈرىسىنىڭ 31 ـ ئايىتىدە ناماز ۋاقتىدا ۋە ناماز ئوقۇيدىغان يەردە چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشكە بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ناماز ئوقۇغان چېغىڭلاردا كىيىملەر بىلەن ئەۋرەتلىرىڭلار يېپىلىپ چىرايلىق ھالىتىڭلاردا بولۇڭلار دېگەن بولىدۇ.

پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلىرى، ئەرلەرنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ ئەۋرەت يەرلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇ يەرلەرنى يېپىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت ـ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىگە قارايدىغان بولساق دىنىمىز، ئەر مۇسۇلمانلارنى بولمىسۇن ياكى ئايال مۇسۇلمانلارنى بولمىسۇن مەلۇم بىر قىياپەت بىلەن يۈرۈشكە ياكى مەلۇم بىر خىل پاسوندا كىيىنىشكە بۇيرۇمايدۇ. شۇڭا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىيىنىشلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنى ھەر خىل قىياپەتلەردە كۆرىمىز، لېكىن ھېچبىرىنىڭ ئەۋرەت يەرلىرى ئېچىىلپ قالغىنى يوق. دېمەك، دىنىمىز ئىسلام ئىنسانلارنى ئەۋرەت يەرلىرىنى يېپىشقا بۇيرۇغان، لېكىن يېپىش شەكلىنى ئىنسانلارنىڭ ئەقىللىرىگە قويغان. ئەرلەرنىڭ ئەۋرىتى كىندىكلىرى بىلەن تىزلىرىنىڭ ئارىسىدۇر، بۇ يەرلىرنى يېپىپ ئوقۇغان ناماز ئادا بولىدۇ. لېكىن ئۇلار نورمال شارائىتتا ناماز ئوقۇغاندا بويۇنلىرى بىلەن تىزلىرىنىڭ ئارىسىنى يېپىشلىرى لازىم. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ.

ئەر مۇسۇلمانلار نامازنىڭ سىرتىدىمۇ بويۇنلىرىرىنىڭ ئاستى تەرىپىنى يۆگەيدىغان شەكىلدە كىيىنىدۇ. بۇنىڭ دىنىمىزنىڭ تەلىماتلىرىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. سەللە مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ھىندىستانلىق سىخلارنىڭ (ئۇلار ئىسلامغا ئېتىقاد قىلمايدۇ) ۋە ئافغانىستاننىڭ يەرلىك خەلقىنىڭ ئادىتىدۇر. بۇ ئادەت بىز ئۇيغۇرلارغا ئۇلاردىن سىڭىپ كىرگەن ياكى كىرگۈزۈلگەن.

سەللە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە موللىلىقنىڭ ياكى مويسىپىتلىكنىڭ چوڭ ئالامىتى ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن ياكى كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەققىدە بىر قىسىم ھەدىسلەر ئويدۇرۇلغان. بۇ «ھەدىسلەر» نى بەزى خۇراپىي كىتابلاردا ئۇچرىتىش مۇمكىن. خەلقىمىز دىنى ئىلىمدىن يىراقلاشقانسېرى ئۇنداق خۇراپاتلار «بازار» تېپىپ كەلگەن. نەتىجىدە ئىش ھازىرقى سەۋىيەگە يەنى سەللىسى يوق ئالىم ھەر قانچە بىلىملىك بولسىمۇ خەلق ئىچىدە موللا ھېسابلانمايدىغان ھالەتكە يەتكەن. ھەتتا ئۇلار بەزىدە «ئەپەندى»، «كالتا قۇيرۇق»… دەپ ھاقارەتلەنگەن. ئاياللارنىڭ ئەۋرىتىگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ۋە قوللىرىدىن باشقا پۈتۈن ئەزاسى ئەۋرەت.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يۈز ۋە قوللىرىدىن باشقا پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى كەڭ ۋە قېلىن كىيىملەرنى كىيىش ئارقىلىق يېپىشى پەرز. تار ياكى نىپىز كىيىملەر بىلەن ئەۋرەت يېپىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنداق كىيىملەر، ئاستىدا نېمە بولسا ئۇنى مەلۇم قىلىدۇ ياكى كۆرسىتىدۇ، نەتىجىدە ئۇ يەر يېپىلمىغان بولىدۇ. دىنىمىزدا ئاياللارنىڭ قىياپىتى توغرۇلۇقمۇ بىر كۆرسەتمە يوق. يەنى دىنىمىز ئايال مۇسۇلمانلارنى، يۈز ۋە قوللىرىدىن باشقا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى يېپىشقا بۇيرۇيدۇ. يېپىش شەكلىنى يەنى كىيىمنىڭ پاسونىنى ئۆزلىرىنىڭ تاللىشىغا قويىدۇ.

ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئايال مۇسۇلمانلارغا «ئىسلامىي قىياپەت دېگەن مۇنداق بولىدۇ، مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىمىنىڭ مودىسى بۇ شەكىلدە بولۇشى لازىم» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە «دىققەت قىلىنىدىغان» بىر خىل ھاياتقا زورلاش، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگەدىنغا بولغان ساداقەلىرىدىن پايدىلىنىپ زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ. بۇنى قىلغانلار ئەگەر بىلىپ قىلغان بولسا، خۇدالىق دەۋاسى ياكى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىشقان بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاللاھ بۇيرۇمىغان، پەيغەمبەر كۆرسەتمىگەن بىر ئىشنى دىن نامىدىن «ئەمر» قىلىشلىرى، مېنىڭمۇ بۇ دىندا ئەمر ۋە چەكلىمە قويۇش ھوقۇقۇم بار دېگەنلىك بولىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھغا ياكى پەيغەمبەرگە ئۆزىنى تەڭ قىلغانلىق بولىدۇ. ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى يۆگىىشى ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەمەس. بەلكىدە ئۇ، بەزى ئالىملارنىڭ بەزى ھەدىسلەردىن ئىجتىھاد بىلەن چىقارغان ھۆكۈملىرىنىڭ بىرىدۇر.

مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئالىم شەيخ ئەلبانىي مۇناسۋەتلىك ھەدىسلەر ئۈستىدە ناھايىتى ئەتراپلىق ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقاتىدا، ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى يۆگىشىنىڭ مۇستەھەب دەرىجىسىدە بىر ئىش يەنى بۇ، مۇمكىن بولغان ۋە ھاياتىغا ھېچقانداق يامان تەسىر كۆرسەتمەيدىغان شارائىتتا ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلسا، ياخشى بولىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

خۇلاسە

يىغىپ ئېيتقاندا دىنىمىزدا سەللىنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق؛ يەنى سەللە كىيىش پەرزمۇ ئەمەس، ۋاجىپمۇ ئەمەس، سۈننەتمۇ ئەمەس، ھەتتا مۇستەھەبمۇ ئەمەس. ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن بارلىق مۇسۇلمانلار، جەمئىيىتىمىزدە كۈنسېرى ئاۋۇپ كېتىۋاتقان «مۇجاھىدچاق ۋە موللىچالار» نىڭ يېڭىدىن پەيدا قىلىشقان «دىن»ىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھنىڭ دىنىغا قايتىشلىرى لازىم. ئەگەر ئۇلارنىڭ يەتكۈزگىنى راستىنلا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بولسا قوبۇل قىلىشلىرى، ئۇنداق بولمىسا رەت قىلىشلىرى كېرەك. مانا بۇ، ئىسلام يەنى ئاللاھقىلا تەسلىم بولغانلىق بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىنى كۆپ ئوقۇشلىرى، چۈشىنىلىرى مۇلاھىزە قىلىشلىرى ۋە ئۆزلىرىنى ئۇنىڭغا توغرىلاشلىرى لازىم.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر