مۇسۇلمانلار

مەۋسۇملۇق مۇسۇلمان بولماڭ!

  بىسمىللارھىر رەھمانىر رەھىم

قېرىنداشلار! ھازىر بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىبادەت مەۋسۇمى ھېسابلىنىدىغان رامزان ئېيى ئاخىرلىشىپ، دىنى بايراملىرىمىزنىڭ بىرى بولغان روزا ھېيتمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەزى مۇھىم نۇقتىلارغا دىققىتىڭلارنى جەلپ قىلىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم.
ئاللاھ تەئالا رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان ئايەتتە يەنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 183- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى، بۇ سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغان. روزا تۇتۇپ تەقۋادار بولغايسىلەر!».
دېمەك، روزا تۇتۇشتىن مەقسەت، بىر ئاي بويىچە نەپسىمىزگە ۋە شەيتانغا قارشى كۈرەش قىلىپ ئۆزىمىزگە تەقۋادارلىق سۈپىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
بىر ئاي رامزان ئىچىدە روزا تۇتۇپ رامزان چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئەمەل ئىبادەتنى تاشلاش يەنى روزا تۇتۇپ تەقۋادار بولالماسلىق، تۇتقان روزىنىڭ پايدىسى بولمىغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.
بىر ئاي روزا تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ھېيت قىلىشىمىزمۇ، ياخشى ئىرادىنىڭ ھاۋايى – ھەۋەس ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكى ۋە شەيتاننىڭ يېڭىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈندۇر.
شۇڭا بۇ روزا ھېيت بىز مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى بايرىمىمىزدۇر يەنى ئىسلامنىڭ بەش ئەركانىنىڭ بىرى بولغان روزا ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق نەپسىمىزنى ۋە شەيتاننى يېڭىۋەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان بىر بايرىمىزدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «روزا تۇتقۇچىغا ئىككى خۇشاللىق بولىدۇ؛ بىرى ئېغىز ئاچقاندا، يەنە بىرى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولغاندا»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن ھەدىسىدىكى بىرىنچى خۇشاللىقمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ، يەنى روزا تۇتقۇچى بىر ئايلىق روزا ئىبادىتىنى تۈگىتىپ يوقارقى ئىككى دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن خوشال بولۇپ بايرام قىلىدۇ.
قېرىنداشلار!
بىر ئاي داۋامىدا بىز يەڭگەن ئىككى دۈشمەننى يەنى نەپسىمىز بىلەن شەيتاننى رامزان چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ يېڭىشكە داۋام قىلايلى. رامزان ئېيىدا ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتۈرگەن تەقۋالىقىمىز ئەينەن داۋام قىلسۇن. رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئېيى چىقىپ كەتكەن بىلەن رەھمەت ۋە مەغپىرەتنىڭ تۈگەپ قالغىنى يوق. ئاللاھنىڭ رەھمىتى چەكسىز، مەغپىرىتى كۆپتۇر. لىكىن شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى:
«ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر»- (ئەئراف7/56)،
«پەرۋەردىگارىدىن كۆرمەي تۇرۇپ قورققانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋاپقا ئېرىشىدۇ»- (مۈلك 67/12).
قېرىنداشلار!
بىز ئىنسانلار ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتىدىن ئايرىلىپ بىر لەھزىمۇ ياشىيالمايمىز. بۇنى پەرق ئېتىپ شۇ رەھمەتنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلغان ۋەشۇ مەغپىرەتنى ئىزدىگەنلەر مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ؛ ئەكسىچە بۇنى پەرق ئەتمەستىن ياشىغانلار يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ شۇكرانىسىنى ئادا قىلمىغان ۋە ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىنى ئىزدىمىگەنلەر غەيرىيمۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ.
ئەلھەمدۇ لىللاھ بىز بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىنساننىڭ بىرىنچىسىدۇرمىز، لېكىن دىققەت قىلمىساق ئىككىنچى خىلدىكى ئىنساننىڭ قاتارىدىن بولۇپ قېلىشىمىز ئېھتىمالدىن يېراق ئەمەس. چۈنكى بىزنىڭ «مۇسۇلمان» دېگەن ئىسمىمىز، ئاتا – ئانىمىز قويغان «پالانى ئاخۇن، پۇستانى خان» دېگەن ئىسمىمىزغا ئوخشىمايدۇ.
شۇڭا بىز ئاغزىمىزدىن چىققان ھەر سۆزنىڭ ۋە بىزدىن سادىر بولغان ھەر بىر ئىش – ھەرىكەتنىڭ ھېسابىنىڭ بىزدىن ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدىن چىقىرۋەتمەسلىكىمىز لازىم. «مۇسۇلمان» لىقنىڭ تەقەززاسى دەل بۇنىڭدىن ئىبارەت. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قىيامەت كۈنى ئىنسان قىلمىشىنى ئەسلەيدۇ. قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ. ھەددىدىن ئاشقان ۋە دۇنيا ھاياتىنى ئارتۇق كۆرگەنلەرنىڭ جايى چۇقۇم جەھەننەم بولىدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ ھېساب بېرىشتىن قورققان ۋە نەپسىنى ھاۋايى – ھەۋەستىن توسقانلارنىڭ جايى چۇقۇم جەننەت بولىدۇ»- (نازىئات 79/35-41).
ئاللاھ ھەممىمىزنى تەقۋالىقتىن ئايرىمىسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر