مۇسۇلمانلار

نامىزىمنى قانداق ئوقۇيمەن؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم
سوئال:
مەن بەش ۋاخ نامازنى تەرەك ئەتمەي ئوقۇپ كېلىۋاتاتىم، مۇشۇ يېقىندىن بېرى تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە بىر كارخانىدا ئىشلەپ قالدىم، ئىش ۋاقتىم 8 سائەت بولوپ، ئىسمىنا ئالمىشىپ ئىشلەيتۇق، شۇنداق بولغاندا، بىر كۇندە 1 ۋاق نامازنى ئوتۇيەلمىدىم، چۇنكى مەن ئىشلىگەن ئورۇننىڭ موھىتى بەك پاسكىنا (توپا ـ چاڭ) ئونىڭ ئۇستىگە تەيەمۇم قىلاي دېسەم ئىشتا كەيگەن كىيمىم بەك مەينەت، دائىم يوتكەش ياكى يۇيۇش مومكىن ئەمەس، شۇڭا مېنىڭ سۇرايدىغىنىم نامازنىڭ ۋاقتى كېلىپ قالسا مەن نامازنى قانداق قىلىپ ئوقۇسام بولىدۇ؟ يەنى پاسكىنا كېيىم بىلەن توپا ـ چاڭ بەدەن بىلەن تەيەموم قىلىپ ئوقۇۋەرسەم بولامدۇ؟ ماڭا ياردەم قىلساڭلار،،،،، ھۆرمەت بىلەن: تەۋپىق
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
ھەر نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش كېرەك. چۈنكى  ئاللاھ تەئالا ھەر ناماز ئۈچۈن مۇئەييەن بىر ۋاقىت بەلگىلىگەن. ئويلاپ باقىدىغان بولسىڭىز، ھاياتىڭىزنىڭ ئىچىدە ئوقۇشىڭىزغا تېگىشلىك ھەربىر ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقتى بىر قېتىم كېلىدۇ. ھەر نامازنى، ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇشىڭىز كېرەك. بىر نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتسە، ئۇنى كەينىگە قايتۇرۇش مۇمكىن بولمىغاندەك، ئۇ ۋاقىتنىڭ نامىزىنىمۇ قايتۇرۇپ ئورنىغا ئەكىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«نامازنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان، ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھقا زىكىر ئېيتىڭلار. خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۇبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»- (نىسا سۈرىسى 103ـ ئايەت).
بۇ ئايەت نامازنى كېچىكتۈرۈشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىغا، ھەر بىر ۋاخ نامازنىڭ بەلگىلەنگەن بىر ۋاقتىنىڭ بارلىقىغا، ھەر نامازنى بەلگىلەنگەن شۇ ۋاقتىنىڭ ئىچىدە ئوقۇشنىڭ قەتئىي پەرز ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۇخلاپ قېلىشتىن ياكى ئۇنتۇپ قېلىشتىن باشقا بىر سەۋەب بىلەن نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇمىغانلارنىڭ تەۋبە قىلىشتىن باشقا چارىسى يوقتۇر.
بۇ ئايەت يەنە خاتىرجەم چاغدا ئوقۇلىدىغان ناماز بىلەن قورقۇنچ ئىچىدە چاغدا ئوقۇلىدىغان نامازنىڭ ئوخشاشمايدىغانلىقىغا ئالاھىدە ئىشارەت قىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا ناماز توغرىسىدا نۇرغۇن ئاسانلىقلارنى يولغا قويۇپ بەرگەن. مەسىلەن:
ئاللاھ تەئالا، نامىزىنى بىر يەردە تۇرۇپ ئوقۇيالمايدىغانلارغا مېڭىۋېتىپ ئوقۇش رۇخسىتى بەرگەن، (بەقەرە 239 – ئايەت بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ).
جەڭ مەيدانىدا دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقانلارغا قانداق ناماز بولسا بولسۇن نامازنى بىر رەكئەتكە چۈشۈرۈپ بەرگەن، (نىسا سۈرىسىنىڭ 102- ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ).
تاھارەت ئالالمايدىغانلارغا تەيەممۇم دەپ بىر خىل ئاسان يولنى ئىچىپ بەرگن، نىسا سۈرىسىنىڭ 43- ئايىتى بىلەن مائىدە سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ).
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى، ھەر نامازنى، شۇ ناماز ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئوقۇمىسا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بىر كىشى ئۇخلاپ قېلىپ ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ ۋاقتى چىكىتىپ قالغان نامازنى ئويغانغان ھامان ياكى ئېسىگە كەلگەن ھامان ئوقۇسا ئۇ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغان بولىدۇ. يەنى ئۇ ناماز ئادا بولىدۇ. چۈنكى «ئاللاھ ھىچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»- (بەقەرە سۈرىسى 286 ـ ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
ئۇخلاپ قېلىش ياكى ئۇنتۇپ قېلىشدىن باشقا ھېچبىر سەۋەب نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇماسلىققا باھانە بولالمايدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن سىز نامازلىرىڭىزنى تاھارەت ئېلىپ، مۇمكىن بولمىسا تەيەممۇم قىلىپ «پاسكىنا كېيىم بىلەن توپا ـ چاڭ بەدەن بىلەن تەيەموم قىلىپ» ئوقۇۋەرسىڭىز بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر