مۇسۇلمانلار

مەن قىلسام گۇناھ ئۇنىڭغىمۇ

سوئال:
بىر كىشىنىڭ گۇناھى باشقا بىر كىشىگە بولامدۇ؟ جەمئىيىتىمىزدە «قىلە، گۇناھى ماڭا بولسۇن» دەيدىغان گەپلەر كۆپ. ئەمەلىيەتتە شۇنداق بولامدۇ؟
جاۋاب:
ئۇنداق گەپنى قىلىش ئاللاھنى كۆزگە ئىلمىگەنلىك، دوزاخنى مەنسىتمىگەنلىك، ئىسلامغا ھاقارەت قىلغانلىق بولىدۇ. چۈنكى ئۇ گەپ «گۇناھ قىلسا ئاللاھ غەزەپ قىلارمىش، قىلسا قانداق قىلاتتى؟ دوزاخقا تاشلارمىش تاشلىسا دوزاخ مېنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ، ئىسلامنىڭ ھالال-ھارام دېگەن ھۆكۈملىرى بىكار گەپ. ھەر قانچە گۇناھ بولسا ماڭا بولسۇن، مەن ئۇ گۇناھلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىمەن…….» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
قۇرئان كەرىمدە كۆپ ئايەتلەر باركى، ھېچكىمنىڭ گۇناھى ھېچكىمگە بولمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇ ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىلىرى مۇنداق:
«كىم توغرا يولغا كەلسە پايدىسى پەقەت ئۆزىگىلا بولىدۇ، كىم ئېزىپ كەتسە زىيىنى پەقەت ئۆزىگىلا بولىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بىز ئەلچى ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىمايمىز»- ئىسرا 17/15.
«ھېچبىرگۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئەگەر گۇناھى ئېغىر بولغان بىر كىشى گۇناھ يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن باشقىسىنى ياردەمگە چاقىرسا، ئۇنىڭ يۈكىدىن ھېچبىر نەرسە ئۇ باشقىسى تەرىپىدىن ئۈستىگە ئېلىنمايدۇ، ئۇ باشقىسى ئۇنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ. سەن رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقىدىغان ۋە نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلارنىلا ئاگاھلاندۇرىسەن. كىم ئۆزىنى پاك تۇتسا، ئۆزى ئۈچۈن پاك تۇتىدۇ. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر»- فاتىر 35/ 18.
«ئەگەر كاپىر بولساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى: ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارغا موھتاج ئەمەستۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئاخىرىدا ھەممىڭلار رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئۇ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇ دىللەردىكىنى بىلگۈچىدۇر»- زۇمەر 39/7.
«… ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئىنسانغا ئۆز قىلمىشىدىن باشقا بىر نەرسە يوقتۇر. ئۇنىڭ قىلمىشى يېقىندا كۆرۈلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى تولۇق جازا بېرىلىدۇ. ئاخىرقى يىغىلىش ئورنى رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر»- نەجم 53/38-42.
«بىز قىيامەت كۈنى توغرا تارتىدىغان تارازىلارنى ئورنىتىمىز. ھېچكىم ھېچبىر زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ. قىلىنغان ئىش بىر دانە قىچا چاغلىق بولسىمۇ، ئۇنى كەلتۈرۈپ تارتىمىز. بىز تولۇق ھېساب ئالغۇچىمىز»- ئەنبىيا 21/47.
«لۇقمان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ﺋﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﭽﯩﻘﯩﻢ! ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﻗﯩﭽﺎﭼﺎﻏﻠﯩﻖﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮﺗﺎﺷﻨﯩﯔﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘﺋﺎﻟﻼﮬ ﺋﯘﻧﻰكەلتۈرۈپ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ئاللاھ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﻪﭖﻛﯚﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﺗﻮﻟﯘﻕﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ»- لۇقمان 31/16.
«زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، زېمىن ئۆزىنىڭ يۈكلىرىنى چىقارغان، ۋە ئىنسان: ‹زېمىنغا نېمە بولدى؟› دېگەن چاغدا، ئەنە شۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى سۆزلەيدۇ. چۈنكى رەببىڭ ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلىدۇ. ئەنە شۇ كۈندە ئىنسانلار ئەمەللىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن خىلمۇخىل گۇرۇھلار ھالىتىدە چىقىدۇ. كىم زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلغان بولسا ئۇنى كۆرىدۇ. كىم زەررىچىلىك يامان ئىش قىلغان بولسا ئۇنى كۆرىدۇ»- زىلزال سۈرىسىنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى.
شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىسى «قىلە، گۇناھى بولسا ماڭا بولسۇن» دېسە، شۇنداق بولار دەپ گۇناھ قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى بۇ گەپ «ماۋۇ xxxنى يېگىنە، مېنىڭ كۆڭلۈم ئايلانسۇن، مېنىڭ قورسىقىمغا كىرسۇن، ساڭا ھېچنېمە بولمايدۇ» دېگەن گەپ بىلەن ئوخشاشتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر