مۇسۇلمانلار

مەن قانداق قىلسام بولىدۇ

سوئال:
1- مەن چوڭ دادام چوڭ ئانامنىڭ بېقىۋالغان بالىسى، مەن كىچىكىمدىن مۇشۇ ئۆيدە چوڭ بولغان. 2006-يىلى چوڭ دادام، چوڭ ئاناملار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مۇشۇ ئۆيدە ياشىدىم. شۇ ۋاقىتتا ئائىلىدە ئىككى يۈرۈش ئۆي بار ئىدى. چوڭ دادام، چوڭ ئاناملار ئولتۇرغان ئۆينىڭ ياغىچىنى ئۇرۇق تۇغقانلار ئىككى بالىسىغا (ئانام ۋە ھامماملارغا) بۆلۇپ بەرگەن. مەن ياغاچنىڭ ھاممامغا تەگكەن قىسىمىغا پۇل تۆلىگەن، ئانام ماڭا بېرىۋەتكەن بولغان. يەنە بىر يۈرۈش ئۆينى مېنى ئولتۇرىدۇ دەپ تەقسىم قىلىشمىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن ئەسلىدىكى كونا ئۆينى چېقىۋېتىپ، يەنە بىر يۈرۈش ئىمارەت سېلىپ ۋە ھېلىقى تەقسىم قىلىنماي مېنى ئولتۇرىدۇ دېگەن ئۆينى قايتا رېمونت قىلىپ ۋە بېزەپ ئولتۇرۇۋالىمەن.  12مو يەر بار بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمگە ئالتە مو ئېلىپ قېلىپ ئانام ۋە ھاممامغا ئۈچ مودىن بەرگەن. ئاچام ھازىر ئۇ يەرنى تېرىۋاتىدۇ. ئانام يەرنىمۇ ماڭا بېرىۋەتكەن بولغان.
2- ئۆزۈمنى مىراسخور قاتارىدا ھېسابلىمىغاندا، ھازىر چوڭ ئانام چوڭ دادامنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئۆز بولغان پەرزەنتىدىن ئىككى قىز (ئانام ۋە ھاممام) بار. ئۇنىڭدىن باشقا چوڭ دادامغا ئۆگەي بالىدىن تۆتى بار. ئۇلارمۇ ئۆز دادىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا: سىلەرگە تېگىشلىك مىراسنى ئەينى ۋاقىتتا ئاناڭلارغا بېرىۋەتكەن دېگىنى بويىچە مىراس ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇنداق قىلىشى توغرىمۇ؟ ئەگەر توغرا بولسا قانداق تەقسىم قىلىمىز؟
3- مەن چوڭ دادام چوڭ ئانام ئۆلۈپ كەتكەن يەتتە يىلدىن بېرى ئۆزۈمگە تەقسىم قىلىۋالغان ئالتە مو ۋە ئانام ئۆزىگە بېرىلگەن ۋە ماڭا بېرىۋەتكەن ئۈچ مو، جەمئىي توققۇز مو يەرنى تېرىپ پايدىلىنىپ كەلدىم. زېمىنغا گەرچە قۇرۇلۇش قىلغان بولساممۇ ئولتۇرۇپ كەلدىم. بۇنىڭ ھېسابىنى قانداق چىقىرىمىز ۋە چىققان ھېسابنى قانداق تەقسىم قىلىمىز؟ تەقسىم قىلغاندا، چوڭ دادام چوڭ ئانامغا ئۆز بولغان ئىككى قىزغا (ئانام ۋە ھاممام) غا تەقسىم قىلامدۇق ياكى ئۆگەي بالىلارنىمۇ قېتىپ تەقسىم قىلامدۇق؟ ئەگەر تەقسىم قىلىشقا توغرا كەلسە قانداق تەقسىم قىلىمىز؟
جاۋاب:
ئالدى بىلەن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى:
ئىسلام دىنىمىزنىڭ مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىدە بېقىۋالغان بالا مىراستىن ھەسسە ئالالمايدۇ. چۈنكى بېقىۋېلىش بېقىۋېلىنغان بىلەن بېقىۋالغان ئارىسىدا ئاتا-بالىلىق ۋە ئانا-بالىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بېقىۋالغان بالا قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىدە ھەقىقىي بالا ھېسابلانمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«مَا جَعَلَ اللَّهُ لِرَجُلٍ مِنْ قَلْبَيْنِ فِي جَوْفِهِ وَمَا جَعَلَ أَزْوَاجَكُمُ اللَّائِي تُظَاهِرُونَ مِنْهُنَّ أُمَّهَاتِكُمْ وَمَا جَعَلَ أَدْعِيَاءَكُمْ أَبْنَاءَكُمْ ذَلِكُمْ قَوْلُكُمْ بِأَفْوَاهِكُمْ وَاللَّهُ يَقُولُ الْحَقَّ وَهُوَ يَهْدِي السَّبِيلَ. ادْعُوهُمْ لِآبَائِهِمْ هُوَ أَقْسَطُ عِنْدَ اللَّهِ فَإِنْ لَمْ تَعْلَمُوا آبَاءَهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ وَمَوَالِيكُمْ وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا»
«ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب ياراتمىدى. شۇنىڭدەك سىلەر: ‹سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاشسەن› دېگەن ئاياللىرىڭلارنى سىلەرنىڭ ئاناڭلار قىلمىدى ۋە بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز بالىلىرىڭلار قىلمىدى، ئۇ سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىكى سۆزۈڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ. بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاڭلار. بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلاردۇر ۋە دوستلىرىڭلار. ئۇلارنى سەۋەنلىكتىن ئۆز ئاتىلىرىدىن باشقا بىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ سالساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن بۇنى قەستەن قىلساڭلار گۇناھكار بولىسىلەر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- ئەھزاب 33/4-5.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن سىزگە سىزنى بېقىۋالغان دادىڭىزنىڭ ياكى بېقىۋالغان ئانىڭىزنىڭ ۋە ياكى بۇلارنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىلىرىنىڭ مىراسىدىن ھېچ نەرسە تەگمەيدۇ.
مىراس تەقسىماتىغا كەلسەك، سىزگە سىزنى بېقىۋالغان چوڭ دادىڭىزنىڭ ۋە چوڭ ئانىڭىزنىڭ مىراسىدىن ھېچ نەرسە تەگمەيدۇ.
ئۆينىڭ مەسىلىگە كەلسەك،
سىز ئۆز ۋاقتىدا ھاممىڭىزنىڭ ھەسسىسى ئۈچۈن ھاممىڭىزغا پۇل تۆلىگەنلىكىڭىز ۋە ئانىڭىز ئۆز ھەسسىسىنى سىزگە بېرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئىككىسىنىڭ ئۆيدە بىر ھەققى قالماپتۇ. لېكىن سىز چوڭ ئانىڭىزنىڭ چوڭ دادىڭىزغا ئۆگەي بالىلىرىغا ئۆينىڭ چوڭ ئانىڭىزغا تەۋە قىسمىدىكى ھەسسىلىرىنى نىسا سۈرىسىنىڭ 11- ۋە 12- ئايەتلىرىدە كۆرسىتىلگەن بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىشىڭىز لازىم.
12 مو يەرنىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك،
ئانىڭىزنىڭ ئۆز ۋاقتىدا سىزگە بېرىۋەتكەن 3 مو يېرى سىزنىڭ بولىدۇ. 3 موسىنى ھاممىڭىزغا بېرىپتىكەنسىز. ئەمدى سىز ئۆزىڭىزگە ئېلىپ قالغان 6 مو يەرنىمۇ ۋارىسلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىڭىز كېرەك. ھازىرغىچە تېرىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇلار بىلەن رازىلاشقانلىقىڭىز ياخشى. بۇ يەرنىڭمۇ چوڭ ئانىڭىزغا تەۋە قىسمىدىن چوڭ ئانىڭىزنىڭ چوڭ دادىڭىزغا ئۆگەي بالىلىرىغىمۇ تېگىدۇ. بۇ تەقسىماتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە تور بېتىمىزدىكى مىراس تۇغرۇلۇق بېرىلگەن پەتىۋالاردا تەپسىلىي مەلۇمات بار. سۈرە نىسانىڭ 11- ۋە 12- ئايىتىنىڭ تەرجىمىسىنى دىققەت بىلەن ئوقۇسىڭىزمۇ چۈشىنەلەيسىز.
سوئال:
4- مەن ئەسلى ئاتا-ئانامدىن جەمئىي بەش بالا. ئەگەر ئانام چوڭ دادام چوڭ ئانامدىن تەگكەن مىراسنى ماڭا بېرىۋەتسە بۇلامدۇ؟ مۇنداق بولغاندا مەن مەندىن باشقا تۆت ئۇكىلىرىمنىڭ ھەققىنى يەۋالغان، ئانام ھەممىمىزگە تەڭ كۆزدە قارىمىغان بولامدۇ، ياقمۇ؟
جاۋاب:
ياق، ئۇنداق بولمايدۇ. چۈنكى ھەر كىشىنىڭ ھايات چېغىدا ئۆز مال-مۈلكىدە خالىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىش ھەققى ۋە ھوقۇقى بولىدۇ. سىزنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىڭىز ئۆز مۈلكى بولغان بىر نەرسىسىنى سىزگە ياكى باشقا بىرىگە بېرىۋەتسە بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سىزگە بېرىۋەتكىنى سىزنىڭ بولىدۇ.
سوئال:
5- ئەگەر مىراسخورلارنىڭ ھەممىسى (مەيلى ئانام ھاممام بولسۇن ياكى ئۆگەي بالىلار بولسۇن) سەن يەتتە يىلدىن بېرى مۇشۇ زېمىننى تۇتۇپ، كۆكەرتىپ كەلدىڭ، سىنىڭ يەتتە يىللىق يەر تېرىغان ۋە زېمىندا ئولتۇرغانلىقىڭىز ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلمايمىز، بىز رازى دېسە، مەن يەر ۋە ئۆينىڭ يەتتە يىللىق ئىجارە ھەققىنى ھېسابلىمىساممۇ بۇلامدۇ؟
جاۋاب:
ئەلۋەتتە بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ تەقدىردە يۇقىرىدا دېگىنىمدەك ئۆز ئىلكىدىكى مال-مۈلۈكتە خالىغىنىچە تەسەررۇپ قىلغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇندداق دېگىنى كۈچكە ئىگىدۇر. يەنى ئۇلارنىڭ «ھەق تەلەپ قىلمايمىز، بىز رازى» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئۇ ھەق سىزنىڭ ھېسابلىنىدۇ.
سوئال:
6- يەنە بەزىلەردىن مەسلىھەت سورىسام ماڭا مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە سەن بېقىۋالغان بالا بولساڭمۇ، ئەمما چوڭ ئاناڭ، چوڭ داداڭنىڭ سىنى تەربىيەلەش، ئۆيلەپ قۇيۇش، ئايرىم ئۆي تۇتۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئۇلار سىنى تەربىيەلىدى، ئوقۇتتى، ئۆيلەپ قويدى. ئەمما ئايرىم بۆلەك قىلمىغان. شۇڭا مىراسخورلار ئاۋۋال چوڭ ئاناڭ، چوڭ داداڭنىڭ ئورنىدا سىنى قانچىلىك بەرسە، شۇنچىلىك بېرىپ بۆلەك قىلىۋېتىپ، ئاشقىنى ئۆز ئارا تەقسىم قىلىشسا توغرا بولىدۇ» دەيدۇ. مۇشۇنداق دېيىش توغرىمۇ؟
جاۋاب:
توغرا ئەمەس. چۈنكى ھەقىقەتنى «بەزىلەرنىڭ مەسلىھەتى» ئەمەس، قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكۈملىرى بەلگىلەيدۇ. چوڭ دادىڭىز ۋە چوڭ ئانىڭىزنىڭ سىزنى باققىنى بىر ياخشىلىقتۇر، لېكىن بۇ ياخشىلىق ئۇلارغا ھېچقانداق مەجبۇرىيەت يۈكلىمەيدۇ.
سوئال:
7- مەنمۇ دادامنىڭ ئىسمى سۈپىتىدە چوڭ دادامنىڭ ئىسمىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇنداقتا چوقۇم ئۆز دادامنىڭ ئىسمىنى چوڭ دادامنىڭ ئىسمىغا ئالماشتۇرۇشۇم كېرەك، شۇنداقمۇ؟ بۇنىڭدا كىملىك، ئىدارەمدىكى بارلىق ئارخىپلار، بارلىق بانكا كارتىسى ھەممىنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدىكەن. ئىدارىدىكى مەخسۇس ئارخىپلارنى ئۆزگەرتەلمەسلىكىممۇ مۇمكىن. ياكى ئارخىپلاردا چوڭ دادامنىڭ نامى بىلەن تۇرۇۋەرسە، ئاتاشقا كەلگەندە دادامنىڭ نامى بىلەن ئاتاشقا ئەتراپىمدىكىلەرنى كۆندۇرسەم بۇلامدۇ؟
جاۋاب:
ئەلۋەتتە، لېكىن رەسمىيەتلەردىكىنى ئۆزگەرتەلمىسىڭىز گۇناھكار بولمايسىز. ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە ئەھۋالنى دەپ ئۇلارنى كۆندۈرسىڭىز كۇپايە قىلىدۇ. چۈنكى دىنىمىز ئىسلامدا ھېچكىم تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«لاَ يُكَلِّفُ اللّهُ نَفْساً إِلاَّ وُسْعَهَا»
«ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»- بەقەرە 2/ 286.
«فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُم»
«ئاللاھقا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە تەقۋادارلىق قىلىڭلار»- تەغابۇن 64/16.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مەن سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام، ئۇ ئىشنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر