مۇسۇلمانلار

مەن بىر ھامىلىدار ئايال

سوئال:
مەن 5 ئايلىق ھامىلىدار بىر ئايالمەن. بەش ۋاخ نامىزىمنى ئۆز ۋاقتىدا كامىل ئوقۇشقا غەيرەت قىلىۋاتىمەن. ئەمما بارغانسېرى بۇ ئىبادەت مەن ئۈچۈن قىيىنلىشىشقا باشلىدى. ئولتۇرۇپ ئوقۇيمەن، لېكىن ۋىجدانىم كۆتۈرمەيۋاتىدۇ. بۇ توغرىدا بىر ئاسانلىق بارمۇ؟
جاۋاب:
ئىسلام دىنىدا ھېچكىم تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشنى قىلىشقا تەكلىپ قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«لاَ يُكَلِّفُ اللّهُ نَفْساً إِلاَّ وُسْعَهَا»
«ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»- بەقەرە 2/ 286.
«فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُم»
«ئاللاھقا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە تەقۋادارلىق قىلىڭلار»- تەغابۇن 64/16.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مەن سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام، ئۇ ئىشنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار»[1].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەن كېسەل ئادەممەن، نامازنى قانداق ئوقۇيمەن؟ دېگەن مەزمۇندا سوئال سورىغان بىر ساھابىسىگە: «نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇغىن، بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ ئولتۇرۇپ ئوقۇغىن، بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ يېتىپ ئوقۇغىن» دەپ جاۋاب بەرگەن[2].
شۇنىڭ ئۈچۈن نامازلىرىڭىزنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇشتا قىينىلىپ قالسىڭىز ئولتۇرۇپ ئوقۇسىڭىز، بۇنىڭدىمۇ قىينىلىپ قالسىڭىز يېتىپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى سىز تاقىتىڭىزنىڭ يەتكىنىدىن جاۋابكار بولىسىز.

[1]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[2]– بۇخارى، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجەلەر رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر