مۇسۇلمانلار

مەن بىر كادىر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن مۇسۇلمانلار توربېتىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەندىن بىرى نۇرغۇن ئىسلامىي بىلملەرگە ئىگە بولدۇم ۋە بۇلۇۋاتمەن. بەزى كىشلىرمىزنىڭ خاتا كۆزقاراشتا بولغانلقنىمۇ كۆردۇق. لېكىن مەن ئۆزۈمگە ۋاكالىتەن شۇنداق دىيەلەيمەن. مۇسۇلمانلار توربېتىدەك پەتىۋالارغا ئىلمىي، توغرا، تەپسلىي، دەلىل ئىسپاتلىق جاۋاپ بېرىپ كىلۋاتقان توربەتلىرىمىز ناھايىتى ئاز. مەقسەت ئاللاھ سىزگە مەدەت بەرسۇن. ئىسلام ئۈچۈن قىرىنداشلىرىڭىز ئۈچۈن  تېخىمۇ تىرشىڭ.
ئاخرىدا بىر سۇئالىم بار:
مەن مەلۇم بىر ئىدارىدە خىزمەت قىلمەن. بەزى ۋاقىتلاردا مەجبۇرىي ھالدا ئىدارە ئورۇنلاشتۇرغان سورۇنلارغا بېرىپ قېلشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمەن. ئۇلار ھاراق ئىچىدۇ، بەزىدە بىزنىڭ قولىمىزدىكى چاي ياكى مىللىيچە ئىچملىكلىرىمىزگە سوقۇشتۇرۇپ ئىچشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنداق سورۇنلاردا مەجبۇرىي ئولتۇرۇپ قېلىش گۇناھ بولامدۇ؟
ھۆرمەت بىلەن: ئەركەم
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم!
كاپىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە-ئورگىنىدا ئىشلەشنىڭ ئۆزى گۇناھ ئەمەس، مۇھىم بولغىنى سىز خىزمىتىڭىزدىن پايدىلىنىپ گۇناھ ئۆتكۈزمىسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ قۇرئان كەرىمدە مىسالى بار:
1- يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىردا كاپىر بىر پادىشاھنىڭ دەسلەپتە خەزىنە مىنىستىرى، كېيىن باش مىنىستىرى (زۇڭلىسى) بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقى يۇسۇف سۈرىسىدە ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بۇ قىسسىنىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنىشى بىزگە ھېكايە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قېلىپ بىر كاپىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئىشلەشكە توغرا كېلىپ قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن ھېچ ئىككىلەنمەي ئىشلىسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.
2- قۇرئان كەرىمدە «مۇئمىن سۈرىسى» دەپ بىر سۈرە بار. بۇ سۈرىدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدىكى فىرئەۋننىڭ خانىدانىدا بىر مەخپىي مۇئمىننىڭ بارلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ قىسسىسى مۇنداق:
«وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَى بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُّبِينٍ {23} إِلَى فِرْعَوْنَ وَهَامَانَ وَقَارُونَ فَقَالُوا سَاحِرٌ كَذَّابٌ {24} فَلَمَّا جَاءهُم بِالْحَقِّ مِنْ عِندِنَا قَالُوا اقْتُلُوا أَبْنَاء الَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ وَاسْتَحْيُوا نِسَاءهُمْ وَمَا كَيْدُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ {25} وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِي أَقْتُلْ مُوسَى وَلْيَدْعُ رَبَّهُ إِنِّي أَخَافُ أَن يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَن يُظْهِرَ فِي الْأَرْضِ الْفَسَادَ {26}وَقَالَ مُوسَى إِنِّي عُذْتُ بِرَبِّي وَرَبِّكُم مِّن كُلِّ مُتَكَبِّرٍ لَّا يُؤْمِنُ بِيَوْمِ الْحِسَابِ {27} وَقَالَ رَجُلٌ مُّؤْمِنٌ مِّنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَكْتُمُ إِيمَانَهُ أَتَقْتُلُونَ رَجُلاً أَن يَقُولَ رَبِّيَ اللَّهُ وَقَدْ جَاءكُم بِالْبَيِّنَاتِ مِن رَّبِّكُمْ وَإِن يَكُ كَاذِباً فَعَلَيْهِ كَذِبُهُ وَإِن يَكُ صَادِقاً يُصِبْكُم بَعْضُ الَّذِي يَعِدُكُمْ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ {28} يَا قَوْمِ لَكُمُ الْمُلْكُ الْيَوْمَ ظَاهِرِينَ فِي الْأَرْضِ فَمَن يَنصُرُنَا مِن بَأْسِ اللَّهِ إِنْ جَاءنَا قَالَ فِرْعَوْنُ مَا أُرِيكُمْ إِلَّا مَا أَرَى وَمَا أَهْدِيكُمْ إِلَّا سَبِيلَ الرَّشَادِ {29} وَقَالَ الَّذِي آمَنَ يَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُم مِّثْلَ يَوْمِ الْأَحْزَابِ {30} مِثْلَ دَأْبِ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَالَّذِينَ مِن بَعْدِهِمْ وَمَا اللَّهُ يُرِيدُ ظُلْماً لِّلْعِبَادِ {31} وَيَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ يَوْمَ التَّنَادِ {32} يَوْمَ تُوَلُّونَ مُدْبِرِينَ مَا لَكُم مِّنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ وَمَن يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ {33} وَلَقَدْ جَاءكُمْ يُوسُفُ مِن قَبْلُ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا زِلْتُمْ فِي شَكٍّ مِّمَّا جَاءكُم بِهِ حَتَّى إِذَا هَلَكَ قُلْتُمْ لَن يَبْعَثَ اللَّهُ مِن بَعْدِهِ رَسُولاً كَذَلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ مُّرْتَابٌ {34} الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَانٍ أَتَاهُمْ كَبُرَ مَقْتاً عِندَ اللَّهِ وَعِندَ الَّذِينَ آمَنُوا كَذَلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَى كُلِّ قَلْبِ مُتَكَبِّرٍ جَبَّارٍ {35} وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَا هَامَانُ ابْنِ لِي صَرْحاً لَّعَلِّي أَبْلُغُ الْأَسْبَابَ {36} أَسْبَابَ السَّمَاوَاتِ فَأَطَّلِعَ إِلَى إِلَهِ مُوسَى وَإِنِّي لَأَظُنُّهُ كَاذِباً وَكَذَلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوءُ عَمَلِهِ وَصُدَّ عَنِ السَّبِيلِ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِي تَبَابٍ {37} وَقَالَ الَّذِي آمَنَ يَا قَوْمِ اتَّبِعُونِ أَهْدِكُمْ سَبِيلَ الرَّشَادِ {38} يَا قَوْمِ إِنَّمَا هَذِهِ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا مَتَاعٌ وَإِنَّ الْآخِرَةَ هِيَ دَارُ الْقَرَارِ {39} مَنْ عَمِلَ سَيِّئَةً فَلَا يُجْزَى إِلَّا مِثْلَهَا وَمَنْ عَمِلَ صَالِحاً مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُوْلَئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ يُرْزَقُونَ فِيهَا بِغَيْرِ حِسَابٍ {40} وَيَا قَوْمِ مَا لِي أَدْعُوكُمْ إِلَى النَّجَاةِ وَتَدْعُونَنِي إِلَى النَّارِ {41} تَدْعُونَنِي لِأَكْفُرَ بِاللَّهِ وَأُشْرِكَ بِهِ مَا لَيْسَ لِي بِهِ عِلْمٌ وَأَنَا أَدْعُوكُمْ إِلَى الْعَزِيزِ الْغَفَّارِ {42} لَا جَرَمَ أَنَّمَا تَدْعُونَنِي إِلَيْهِ لَيْسَ لَهُ دَعْوَةٌ فِي الدُّنْيَا وَلَا فِي الْآخِرَةِ وَأَنَّ مَرَدَّنَا إِلَى اللَّهِ وَأَنَّ الْمُسْرِفِينَ هُمْ أَصْحَابُ النَّارِ {43} فَسَتَذْكُرُونَ مَا أَقُولُ لَكُمْ وَأُفَوِّضُ أَمْرِي إِلَى اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ {44} فَوَقَاهُ اللَّهُ سَيِّئَاتِ مَا مَكَرُوا وَحَاقَ بِآلِ فِرْعَوْنَ سُوءُ الْعَذَابِ {45}»
«شۈبھىسىزكى، بىز مۇسانى ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق،
فىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا. ئۇلار: «بۇ سېھىرگەردۇر، يالغانچىدۇر» دېيىشكەن ئىدى.
مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «مۇسا بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى چوڭۇيۇپ خىزمىتىمىزنى قىلىشى ئۈچۈن تىرىك قالدۇرۇڭلار» دېدى. لېكىن كاپىرلارنىڭ ھىيلىسى بەربات بولدى.
فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مەن مۇسانى ئۆلتۈرەي، مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ، دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن».
مۇسا مۇنداق دېدى: «مەن، ھېساب كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەر مۇتەكەببىردىن، مېنىڭمۇ رەببىم سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا سېغىندىم».
فىرئەۋن خانىدانىدىن بولۇپ شۇ ۋاقىتقىچە ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «سىلەر بىر ئادەمنى ‹رەببىم ئاللاھتۇر› دېدى، دەپ ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى ئۇ سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى! ئەگەر ئۇ يالغان سۆزلىگەن بولسا، يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە. ناۋادا ئۇ توغرا سۆزلىگەن بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى بېشىڭلارغا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە يالغانچى كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ.
ئى قەۋمىم! سىلەر بۈگۈن بۇ مەملىكەتتە ھۆكۈمرانسىلەر، غالىبسىلەر. لېكىن ئەتە-ئۆگۈن بېشىمىزغا ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، بىزنى ئۇنىڭدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟». فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن قانداق كۆرسەم سىلەرگە شۇنداق كۆرسىتىمەن. مەن سىلەرنى پەقەت توغرا يولغىلا باشلايمەن».
مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن بېشىڭلارغا، پەيغەمبەرلىرىگە قارشى بىرلەشكەن گۇرۇھلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بالا كۈنىگە ئوخشاش بىر كۈننىڭ كېلىشىدىن قورقىمەن:
نۇھ قەۋمىنىڭ، ئاد، سەمۇد ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش. ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى ئىرادە قىلمايدۇ.
ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن پەرياد كۈنىدىن قورقىمەن،
سىلەر ئارقاڭلارنى قىلىپ قاچىدىغان كۈندىن. ئۇ كۈنى سىلەرنى ئاللاھدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى يوقتۇر.
سىلەرگە ئىلگىرى يۇسۇف ئوچۇق دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. سىلەر ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىللەردىن داۋاملىق شۈبھىلەندىڭلار. ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا: ‹ئاللاھ يۇسۇفتىن كېيىن پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ› دېدىڭلار. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە شۈبھىلەنگۈچى كىشىلەرنى مانا مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ.
ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھېچبىر دەلىل بولماستىن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تالاش-تاشتىش قىلىشىدىغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئاللاھنىڭ ۋە مۇئمىنلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ. ئاللاھ تەكەببۇرلۇق ۋە زومىگەرلىك قىلغۇچى كىشىنىڭ قەلبىنىڭ ھەممىسىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ».
فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى ھامان! مەن ئۈچۈن بىر ساراي سالغىن، يوللارنى تاپاي،
ئاسمانلارنىڭ يوللىرىنى. ئاندىن چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراب باقاي. مەن مۇسانى يالغانچى دەپ ئويلايمەن». فىرئەۋنگە ئۆزىنىڭ يامان ئەمىلى ئەنە شۇنداق  چىرايلىق كۆرسىتىلدى ۋە ئۇ توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. ئۇنىڭ ھىيلىسى بەربات بولدى.
مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ماڭا ئەگىشىڭلار، سىلەرنى توغرا يولغا باشلاي.
ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا ھاياتى، ۋاقىتلىق بىر پايدىلىنىشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاخىرەت بولسا، ئەبەدىي قارارگاھتۇر.
كىم بىر يامانلىق قىلسا، پەقەت شۇ يامانلىقنىڭ ئوخشىشى بىلەنلا جازالاندۇرۇلىدۇ. ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن كىم مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئىش قىلسا، مانا بۇنداقلار جەننەتكە كىرىدۇ ۋە جەننەتتە ھېسابسىز رىزىققا ئېرىشىدۇ.
ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنى قۇتۇلۇشقا چاقىرىۋاتمەن، سىلەر مېنى دوزاخقا چاقىرىۋاتىسىلەر:
سىلەر مېنى ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا ۋە مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشقا چاقىرىۋاتىسىلەر. مەن سىلەرنى غالىب ۋە ناھىيىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھقا چاقىرىۋاتىمەن.
شۈبھىسىزكى، سىلەر مېنى چاقىرىۋاتقان نەرسە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چاقىرىلىشقا لايىق ئەمەستۇر. بىزنىڭ بارىدىغان يېرىمىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر. ھەددىدىن ئاشقۇچىلار دوزاخ ئەھلىدۇر.
سىلەر سۆزلىرىمنى پات يېقىندا ئەسلەيسىلەر. مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
ئاللاھ ئۇ مۇئمىن ئادەمنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. فىرئەۋن خانىدانىنى بولسا يامان ئازاب قورشىۋالدى»- (مۇئمىن 40/23-45).
مانا بۇ مۇئمىن ئادەمنىڭ قىسسىسىدىن شۇنى بىلىمىزكى: ئىماننى يوشۇرۇپ فىرئەۋندەك بىر زالىم پادىشاھنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەشكىمۇ بولىدۇ.
ئىماننى يوشۇرۇش ئۈچۈن بەزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلالمايدىغان، بەزى قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ سالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. بۇ تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىنمۇ بىلىنىدۇ:
«وَهُوَ الَّذِي كَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ عَنْهُم بِبَطْنِ مَكَّةَ مِن بَعْدِ أَنْ أَظْفَرَكُمْ عَلَيْهِمْ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيراً {24} هُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوكُمْ عَنِ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَالْهَدْيَ مَعْكُوفاً أَن يَبْلُغَ مَحِلَّهُ وَلَوْلَا رِجَالٌ مُّؤْمِنُونَ وَنِسَاء مُّؤْمِنَاتٌ لَّمْ تَعْلَمُوهُمْ أَن تَطَؤُوهُمْ فَتُصِيبَكُم مِّنْهُم مَّعَرَّةٌ بِغَيْرِ عِلْمٍ لِيُدْخِلَ اللَّهُ فِي رَحْمَتِهِ مَن يَشَاءُ لَوْ تَزَيَّلُوا لَعَذَّبْنَا الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَاباً أَلِيماً {25}»
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن، سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن توستى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ئۇلار كاپىر بولغان، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن، تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقلارنى ئۆز جايىغا يېتىپ بېرىشتىن توسقانلاردۇر. ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى. بۇ ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە ئېرىشتۈرۈشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى ئېغىر ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق»- فەتىھ 48/24-25.
بۇ ئايەتنىڭ «ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى» دېگەن قىسمى شۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇكى:
پەيغەمبىرىمىز مەككىنى فەتىھ قىلغىلى كەلگەن چاغدا، مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا مۇشرىكلاردەك ياشاۋاتقان مەخپىي مۇسۇلمانلار بار ئىدى، پەيغەمبىرىمىز بولمىسۇن، باشقا مۇسۇلمانلار بولمىسۇن ھېچبىرى ئۇلارنى تونۇمايتتى. دېمەك، مۇشرىك ۋە كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا باشقا مۇسۇلمانلار تونۇمايدىغان ھالەتتە ياشاشقا بولىدۇ.
قېرىندىشىم!
ئاللاھدىنلا قورقۇش باشقا، كاپىرلاردىن ئېھتىيات قىلىش باشقىدۇر. دىنىمىزدا كاپىرلارغا دوستلۇق ئىزھار قىلىشقىمۇ رۇخسەت بېرىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«لاَّ يَتَّخِذِ الْمُؤْمِنُونَ الْكَافِرِينَ أَوْلِيَاء مِن دُوْنِ الْمُؤْمِنِينَ وَمَن يَفْعَلْ ذَلِكَ فَلَيْسَ مِنَ اللّهِ فِي شَيْءٍ إِلاَّ أَن تَتَّقُواْ مِنْهُمْ تُقَاةً وَيُحَذِّرُكُمُ اللّهُ نَفْسَهُ وَإِلَى اللّهِ الْمَصِيرُ {28}»
«مۇئمىنلار مۇئمىنلارنى قويۇپ كاپىرلارنى دوست تۇتمىسۇن. كىم شۇنداق قىلسا ئاللاھنىڭ دوستلىقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. لېكىن كاپىرلاردىن قورقۇپ دوستلۇق ئىزھار قىلىشىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر »- ئال ئىمران 3/28.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئىش ئورنىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىڭىزنى مەلۇم قىلماي ئىشلەۋىرىڭ. يۇقىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى سىزگە بۇ رۇخسەتنى بېرىدۇ. سىزنىڭ قەلبىڭىزنى بىر ئاللاھ بىلسە بولىدۇ.
جۈمە مەسىلىسىگە كەلسەك، جۈمە شەرتلىك ناماز بولۇپ، سىزنىڭ جۈمەگە بېرىشقا شەرتىڭىز توشمايدۇ. شۇڭا سىز پېشىن ئوقۇپ ئىشىڭىزنى داۋام قىلىۋېرىڭ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدا مەدىنىنىڭ مەركىزىدىن يىراقراق يەردە ئولتۇرىدىغان ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئارقىسىدا جۈمە ئوقۇش ئۈچۈن نۆۋەتلىشىپ بارىدىغانلىقى، جۈمەگە بېرىش نۆۋىتى كەلمىگەن ساھابىلەرنىڭ پېشىن ئوقۇيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇنى تەرجىمىھال كىتابلاردىن كۆرەلەيسىز.
سىزنىڭ ئامالسىزلىقتىن ئۇنداق سورۇنلاردا ئولتۇرۇپ قېلىشىڭىز، سىزنىڭ قولىڭىزدىكى سۇ قاچىسىغا ئۇلارنىڭ ھاراق رومكىسىنى سوقۇشتۇرۇشى كىچىك گۇناھ ھېسابلىنىدۇ، ھاراق ئىچىش چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تەئالا چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغانلارنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
«إِن تَجْتَنِبُواْ كَبَآئِرَ مَا تُنْهَوْنَ عَنْهُ نُكَفِّرْ عَنكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَنُدْخِلْكُم مُّدْخَلاً كَرِيماً {31}»
«ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كېچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (جەننەتكە) كىرگۈزىمىز»- نىسا سۈرىسى 31- ئايەتنىڭ تەرجىمىسى.
«الَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَائِرَ الْإِثْمِ وَالْفَوَاحِشَ إِلَّا اللَّمَمَ…»
«ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن ساقلىنىدۇ. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا…»- نەجم سۈرىسى 32- ئايەتنىڭ تەرجىمىسى.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر