مۇسۇلمانلار

مەن بىر ئاشپەز ئىدىم

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
مېنىڭ كەسپىم ئاشپەز ئىدى. ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن مەن سىرتقا چېقىپ ئىشلەۋاتاتتىم. نېفىت ئېلىش ئورنىدا ئىشلەيمەن. بۇ يەردە خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ …… قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشچىلىرى ئىشلەيدۇ. لېكىن مېنىڭ بەزى دوستلىرىم مېنى توغرا يولدىن ئادىشىپ كەتتىڭ، بىزگە نېفىت كولاش پەرز ئەمەس، ئىلىم ئۆگىنىش پەرز، سەن دىندىن چىقىپ كېتىپسەن، دەپ چەتكە قېقىشىۋاتىدۇ.
مەن ئۇلارغا ئىشلەپ دادامنىڭ قەرزىنى تۆلەيمەن دېسەم، ئۇلار سېنىڭ داداڭ ناماز ئۇقمايدۇ، سەن داداڭغا ياردەم قىلساڭ بولمايدۇ دەيدۇ. ئۇلارغا بەزى قىيىنچىلىقىمنى دېسەم ئۇلار گېپىمگە قۇلاق سالمىدى. مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان ئىبادەتلىرىمنى تەرك ئەتكىنىم يوق. مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىم دادامنى داۋالاتقاندا باشقىلاردىن ئالغان قەرزنى قايتۇرۇش ئىدى. سوئال: مەن مۇشۇ يەردە ئشلەۋەرسەم ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك بولامدىم؟ جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
كەسپىڭىز ناھايىتى ياخشى كەسىپ ئىكەن. چۈنكى ئاشپەزلىك دوختۇرلۇققا ئوخشاش بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق بىر ئىشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز بۇ ئىشتا ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپ ئۆز ئەمگىكىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى قامداۋېتىپسىز ۋە ئاتا-ئانىڭىزغىمۇ ياردەم قىلىشقا تىرىشۋېتىپسىز. ئاللاھ رازى بولسۇن. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىكى «ياخشى پەرزەنت» مانا سىزدەك بولىدۇ.
ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ناماز ئوقۇماسلىق مەسىلىسىگە كەلسەك، قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىس شەرىپلەردە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشىنىڭ پەرزلىكى، ئۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا باغلىق قىلىنمىغان. بالىلارنىڭ ياخشىلىق قىلىشىنىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ئەمەس، ئاتا-ئانا بولغانلىقى كۇپايە قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَقَضَى رَبُّكَ أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَاناً إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِندَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلاَهُمَا فَلاَ تَقُل لَّهُمَا أُفٍّ وَلاَ تَنْهَرْهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوْلاً كَرِيماً {23} وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُل رَّبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيراً {24}»- سورة الإسراء.
«رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: ‹ئۇفف!› دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل. (ئۇفف! دېگەن سۆز بەزگەنلىكنى ۋە زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ) ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن قول-قانات بولغىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا-ئانام مېنى كىچىكلىكىمدە قانداق تەربىيەلىگەن بولسا، سەن ئۇلارغا شۇنداق رەھىم قىلغىن!»- ئىسرا 17/23- 24.
«وَوَصَّيْنَا الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْناً عَلَى وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِي عَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ{14} وَإِن جَاهَدَاكَ عَلى أَن تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفاً وَاتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَيَّ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ {15}»- سورة لقمان.
«بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق- ئانىسى ئۇنى ئۈستى-ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇ ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ-: «ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىل. ئاخىرى كېلىپ ماڭا ھېساب بېرىسەن.
ئەگەر ئۇلار سېنى سەن بىلمەيدىغان بىر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا ئۇلارغا ئىتائەت قىلما، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆت. ماڭا داۋاملىق يۆنەلگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەش. ھەممىڭلار مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن»– لۇقمان 31/14.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتلەردە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە گۇناھ بولىدىغان ئىشلاردا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتىن توسىدۇ، لېكىن دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشىمىزگە بۇيرۇيدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا-ئانىمىز بىزنى گۇناھ قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمايمىز، دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇلارغا قولىمىزدىن كەلگىنىچە ياخشىلىق قىلىمىز. ئۇلارنىڭ گۇناھ قىلىشىغا ئەسلا رازى بولمايمىز. لېكىن ئۇلار ئۈچۈن قولىمىزدىن چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشتىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىشتىن باشقا بىر ئىش كەلمەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئاتا-ئانىڭىزغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشنى تەرك ئەتمەڭ، ناماز ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى مۇۋاپىق پەيتتە، ئىلمىي يوسۇندا، تاتلىق بىر تىل بىلەن چۈشەندۈرۈڭ، ھەر پۇرسەتتە ئۆزىڭىزنىڭ تەقۋادار بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭىزنى، ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇماسلىقلىرىغا ئەسلا رازى ئەمەسلىكىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا ناماز ئوقۇمىسا سىز ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىۋېرىڭ، دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى بولۇڭ. سىز توغرا يولدا بولسىڭىز ئۇلارنىڭ توغرا يولدا بولمىغانلىقى سىزگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ لاَ يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ إِلَى اللّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعاً فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ {105}»- سورة المائدة
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»مائىدە 5/105.
شۇنى ئۇنتۇماسلىق لازىمكى: ھەر كىشىنىڭ دوزاخقا كىرىش ئەركىنلىكى بار. بۇ ئەركىنلىكنى ئۇلارغا ئاللاھ بەرگەنلىك ئۈچۈن ھېچكىم ھېچكىمنى ھىدايەتكە زورلىيالمايدۇ.
نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە لۇت ئەلەيھىسسالامدەك پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاياللىرى بۇ ئەركىنلىكى بىلەن دوزاخ يولىنى تاللىغان. فىرئەۋندەك بىر كاپىرنىڭ ئايالى جەننەت يولىنى تاللىغان. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلاً لِّلَّذِينَ كَفَرُوا اِمْرَأَةَ نُوحٍ وَاِمْرَأَةَ لُوطٍ كَانَتَا تَحْتَ عَبْدَيْنِ مِنْ عِبَادِنَا صَالِحَيْنِ فَخَانَتَاهُمَا فَلَمْ يُغْنِيَا عَنْهُمَا مِنَ اللَّهِ شَيْئاً وَقِيلَ ادْخُلَا النَّارَ مَعَ الدَّاخِلِينَ {10} وَضَرَبَ اللَّهُ مَثَلاً لِّلَّذِينَ آمَنُوا اِمْرَأَةَ فِرْعَوْنَ إِذْ قَالَتْ رَبِّ ابْنِ لِي عِندَكَ بَيْتاً فِي الْجَنَّةِ وَنَجِّنِي مِن فِرْعَوْنَ وَعَمَلِهِ وَنَجِّنِي مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ {11}»- سورة التحريم
«ئاللاھ كاپىرلارغا نۇھ ۋە لۇتنىڭ ئاياللىرىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئىككى ئايال بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىنىڭ نىكاھىدا ئىدى، ئۇ ئىككى ئايال ئۇ ئىككى ياخشى بەندىگە خىيانەت قىلدى، ئۇ ئىككى ياخشى بەندە ئاللاھدىن كەلگەن ھېچ نەرسىنى ئۇ ئىككى ئايالدىن دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككى ئايالغا: ‹كىرگۈچىلەر بىلەن دوزاخقا كىرىڭلار!› دېيىلدى.
ئاللاھ مۇئمىنلارغا فىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئايال ئۆز ۋاقتىدا: ‹رەببىم! دەرگاھىڭدا، جەننەتتە مەن ئۈچۈن بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى فىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ ئەمىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن› دېگەن ئىدى»- تەھرىم 66/10-11.
«ئىلىم ئوقۇش پەرز» دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇ بىر كىشى ئۈچۈن خىمىيە، فىزىكا، ماتېماتىكا ، تارىخ، جۇغراپىيە…ياكى ھەدىس، تەپسىر، فىقىھ، نەھىۋ، سەرپ، پاساھەت، بالاغەت… قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىش پەرز دېگەن بولمايدۇ. بەلكىدە «ئىلىم ئوقۇش پەرز» دېگەن گەپنىڭ ئەسلى مەنىسى، ھالال-ھارامنى پەرق ئەتكۈدەك، پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىشنىڭ يولىنى بىلگۈدەك سەۋىيەدە دىنىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئەر-ئايال پۈتكۈل مۇسۇلمانغا پەرز دېگەن بولىدۇ. بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشنىڭ، روزا تۇتۇشنىڭ، زاكات بېرىشنىڭ ۋە ھەج قىلىشنىڭ پەرزلىكىنى، چوشقا گۆشى، ھاراق، قىمار… قاتارلىقلارنىڭ ھاراملىقىنى بىلمەيدىغان مۇسۇلمان يوق. سىزمۇ بۇ مۇسۇلماننىڭ بىرى. دېمەككى ھەر مۇسۇلمان ئاتا-ئانىسىدىن ۋە مەھەللىدىكى ئەھلى-ئىلىملەردىن بۇلارنى ئۆگىنىپ «ئىلىم ئوقۇش پەرز» دېگەن يەردىكى پەرزنى ئادا قىلىدۇ. ۋە ئادا قىلىۋاتىدۇ.
«ئىلىم ئوقۇش پەرز» دېگەن سۆزنى قىلىپ سىزنى ئىش تاشلاشقا تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۆزلىرى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟! ئۇلار ئۆزلىرى ھەر ساھەدە ئوقۇپ ئالىم بولۇپتۇمۇ؟ ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇلار دىننى بىلمىگەننىڭ سىرتىدا بىلىپ بىلمەي مۇناپىقلىق يولىغا كىرىپ سىزنىڭ ئىش ئورنىڭىزدەك مۇھىم بىر ئورۇننى دىن نامىدىن گەپ قىلىپ باشقىلارغا بىكارلاپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ .
بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدىشى قانچىلىك مۇھىم بولسا، شۇنداق بىر ئورۇندا تۇرۇشىمۇ شۇنچىلىك مۇھىمدۇر. دىنىمىز ئۆز مۇنسۇبلىرىنى ياشاۋاتقان يېرىدە ئۆزىنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلىرىنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىشقا، ھاراملاردىن يىراق تۇرۇشقا، ئاتا-ئانىسىغا ۋە ئائىلىسىگە ۋاپادار بولۇشقا، يامانلىق قىلماسلىققا، ياخشىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. سىزنىڭ شۇنداق بىر يەردە ئىشلەپ تۇمۇشىڭىزنى قامدىغاندىن سىرت ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىڭىز قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئىشتۇر. ئاللاھ ياردەمچىڭىز بولسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر