مۇسۇلمانلار

مەندىن قۇرت كېلىدۇ

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
مەن ھازىر 30 ياشقا كىرىپ قالدىم ئاللاھقا شۈكۈر 5 ۋاخ نامازنى ۋاختىدا ئوقۇيمەن. لېكىن مېنىڭ ئىچىمدە قۇرت يەنى مەددە بولۇپ نۇرغۇن دورىلارنى يەپ باققان بولساممۇ چۈشۈپ كەتمىدى. بەزىدە تاھارەت ئېىلىپ مەسچىدكە كىرىپ ئولتۇرسام كېلىپ قالىدۇ. چىقىپ قايتا تاھارەت ئېلىشقا بىئەپ بولۇپ قالىدۇ. ئالدىنىقى سەپلەردە بولۇپ قالسام چىقىپ تاھارەت ئېلىش ئەپسىز بولىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا مەددە كېلىپ قالسىمۇ تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟ جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ــــ خاككىر
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
تاھارەت ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرىنىڭ يۈز بىرىشى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى خالادا بولىدىغان ئىشلاردۇر، يەنە بىرى جۇنۇپ بولۇشتۇر.
خالادا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن (خالانىڭ سىرتىدا بولسىمۇ شۇنداق) مەسىلەن سىيىش، چىچىش ۋە ئوسۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن تاھارىتى سۇنۇپ كەتكەن كىشىلەر ناماز ئوقۇماقچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ. يەنى كىچىك تاھارەتسىزلىكتىن پاكلىنىش نىيىتى بىلەن يۈزىنى ۋە قوللىرىنى يۇيىدۇ، بېشىغا مەسىھ قىلىدۇ ۋە پۇتلىرىنى يۇيىدۇ. «تاھارەت ھەققىدە ساۋات» تا بۇ توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇمات بار.
جۇنۇپ بولۇش (ئەر-خوتۇن بىر يەردە بولۇش ياكى ئېھتىلام بولۇش) بىلەن تاھارىتى سۇنۇپ كەتكەن كىشىلەر ناماز ئوقۇماقچى بولسا، چوڭ تاھارەتسىزلىكتىن پاكلىنىش نىيىتى بىلەن چوڭ تاھارەت ئېلىپ يەنى غۇسۇل قىلىپ (پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي پاكىز يۇيۇپ) ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بۇلارغا دالالەت قىلىدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا …»
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، …»- مائىدە 5/6.
بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تاھارەت ئىنساندا نورمال يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. لېكىن بىر كىشىدە بۇ نورمالدا يۈز بېرىدىغان ئىشلار نورمالسىز يۈز بەرسە ئۇ كىشى ئۆزرىلىك ھېسابلىنىدۇ ۋە ھەر نامازغا بىر قېتىم تاھارەت ئالىدۇ. شۇ نامازنىڭ ۋاقتىنىڭ ئىچىدە ئۇ ئىش يۈز بەرسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتى بار ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن:
بىر ئايال ئادەتتە ھەيز كۆرىدىغان كۈندىن ئارتۇق قان كۆرسە بۇ ئارتۇق كۈندە كۆرگەن قېنى ھەيز ئەمەس، ئىستىھازە قېنى (خۇن كېسىلى قېنى) ھېسابلىنىدۇ. خۇن كېسىلى قېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈم مۇنداق:
خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئاياللار خۇن كېسىلى بولۇشتىن بۇرۇنقى ئايلىق ئادەت مەزگىلىدە ناماز ئوقۇمايدۇ، باشقا كۈنلەردە كۆرگەن قېنى خۇن كېسىلى ھېسابلىنىپ ئۇ ئايال يۇيۇنۇپ نامىزىنى ئوقۇۋېرىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پاتىمە بىنتى ئەبىي ھۇبەيش: يا رەسۇلۇللاھ! مەندىن دائىم قان كېلىدۇ، پەقەت پاك بولمايمەن، نامازنى ئوقۇمىساممۇ بولامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ياق، بۇ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، سىز ھەر ئايدا ھەيز كۆرىدىغان مۇددەتتە ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز» دېگەن. [بۇ ھەدىسنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان].
بۇنىڭغا ئاساسەن خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايال ھەر ئايدا ھەيز كۆرىدىغان كۈنلىرىنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، قاننىڭ كېلىشىگە پەرۋا قىلمايدۇ.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەل ياكى سۈيدۈك توتۇتالمايدىغان ۋە ياكى سىزدىكىگە ئوخشاش مەقئىتىدىن قۇرت كېلىدىغان كىشىلەر ئۆزرىلىك ھېسابلىنىدۇ. ھەر ناماز ئۈچۈن بىر تاھارەت ئالىدۇ.
قۇرت مەسىلىسى ئۈستىدە قايتا توختىلايلى:
ئەگەر ئۇ قۇرتقا نىجاسەت (پوق) يۇقمىغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن تاھارەت سۇنمايدۇ. نىجاسەت يۇقۇپ چىققان بولسا يەنى ئۇ قۇرت مەقئەتتىن ئاز بولسىمۇ بىر مىقدار نىجاسەت بىلەن بىللە چىققان بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ كىشى ئۆزرىلىك ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ھەر ناماز ئۈچۈن بىر تاھارەت ئالىدۇ. نامازنىڭ ۋاقتىنىڭ ئىچىدە ئۇ قۇرتنىڭ چىقىشى ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتىنى سۇندۇرمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر