مۇسۇلمانلار

مەكىتنىڭ قوچقىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەبۇلفاتىھ!
سوئال:
ھازىر يۇرتىمىزدا مەكىت قويىنڭ سورتلۇق قوچقارلىرى نەچچە مىڭ بولۇۋاتىدۇ. بەزىلەر ھەۋەس ئۈچۇن سېتىۋالىدىكەن، يەنە بەزىلەر نەسىللەندۈرىمىز، دەپ سېتىۋالىدىكەن. ئەمىلىيەتتە ئۇ قوچقارلاردىن 50 كىلو ئەتراپىدا گۆش چىقىدۇ. ئاشۇنداق قىممەت باھادا قوچقار سېتىۋىلىش ياكى سېتىش توغرىمۇ؟
ھۆرمەت بىلەن: ئىسمائىل
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
توغرا! چۈنكى ئۇ بىر تىجارەتتۇر. ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 275- ئايىتىدە «تىجارەتنى ھالال» قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 29- ئايىتىدە «تىجارەتنىڭ ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشىدىغان سودا-سېتىق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئېلىم-سېتىم بىلەن  مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەردە «ساتماقچى بولغان مېلىڭىزنى مانچە پۇلغا سېتىڭ» ياكى «سېتىۋالماقچى بولغان مېلىڭىزنى مانچە پۇلغا سېتىۋېلىڭ»، دەپ بىر يوليورۇق يوق.
يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە، ئىككى تەرەپ (سېتىۋالغۇچى بىلەن ساتقۇچى) ئالداشتىن ۋە ئالدىنىشتىن ساقلانغان ھالدا ئۆزئارا رازىلىشىپ ئېلىم-سېتىم قىلىشسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىسمى تىجارەتتۇر!
بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ سورتلۇق قوينىڭ ئىگىسى قويىغا «بۇ قوچقار قانچە پۇل؟» دەپ سورىغۇچىلارغا ئۆزى خالىغان بىر باھانى دەيدۇ، سېتىۋالغۇچى ئۆزى خالىغان تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئاخىرى ئىككى تەرەپ بىر باھادا كېلىشىپ سودىنى پۈتتۈرىدۇ. بۇ، ئۇلارغا دىنىمىز بەرگەن ئەركىنلىكتۇر.
ئۇ قوينىڭ «قوي» دېيىلمەي «سورتلۇق قوي» دېيىلىشىمۇ، ئۇنىڭ نورمال قويلاردىن پەرقلىق بىر قوي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەرقلىق مالنىڭ باھاسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر