مۇسۇلمانلار

مەسچىتنىڭ قىبلىسى يانتۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سوئال:
دىيارىمىزدا 2000 ـ يىلدىن بۇرۇن سېلىنغان مەسچىتلەرنىڭ قىبلىسىنى بەلگىلەشتە كۆپىنچە ھاللاردا ئىلغار ئەسۋاپلار بولماسلىغى تۇپەيلىدىن كومپاس كۆرسەتكەن غەرىپ تەرەپنى قىبلە دەپ بەلگىلەپ سېلىنغان بۇلۇپ، بۇنى ھازىرقى كومپۇيۇتېر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كۆرگەندە مەسچىتنىڭ قىبلىسى مەسجىدى ھەرەمدىن 17 گىرادوس ئېغىپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاللاھ ئىگىمىزنىڭ «ئى! مۇسۇلمانلار قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۇزۈڭلارنى مەسچىدى ھەرام تەرەپكە قىلىڭلار» دېگەن مۇبارەك سۆزىگە ئاساسەن ناماز ئوقىغاندا ئۆز ئالدىمغا قىبلىنى توغۇرلاپ يېنىچە ناماز ئۆتەپ كەلدىم.
كېيىنچە بۇ ئەھۋال باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمىدى بولغاي بەزى ئىنكاسلار بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەسچىدىمىزنىڭ ئىمام-خاتىپىمۇ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ ئختىلاپ ۋە پىتنە بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن ئەتراپلىق چۇشەنچىمۇ بەرگەن بولدى، ھەممىمىز ئۇنى بەك ھۆرمەتلەيمىز ۋە قەدىرلەيمىز. بىراق قىبلىغا يۈز كەلتۇرمەي ئوقۇلغان نامازنىڭ قوبۇل بولماي قېلىشىدىن تېخى ئەنسىرەيمەن.
مەن ئەمدى ئومۇملىقنى ساقلاپ مەسچىتنىڭ ئەسلى قىبلىسى بويىچە ناماز ئۆتىشىم توغرىمۇ ياكى قىبلىنى توغرىلاپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇشۇم كېرەكمۇ؟
ھۆرمەتلىك ئەھلى ئىلمى!!! مەن بۇ سوئالنى بىرقانچە كۈن بۇرۇنمۇ بىر سورىغان ئىدىم، جاۋاب بەرمىدىڭىز! قايتا سورىدىم، جاۋاب بەرسىڭىز. ئەگەر ياخشى بولمىغان جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىغى بولسا جاۋابنى توردا چىقارماي بىۋاستە ئېلخەت ساندۇقىمغا يوللىغان بولسىڭىزمۇ بولىدۇ!
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
بۇرادەر!!! مەن بۇرۇن بۇ سوئالنى سورىغىنىڭىزدا سىز يوللىغان «ئى! مۇسۇلمانلار قەيەردە بولساڭلار يۇزۈڭلارنى مەسچىدى ھەرام تەرەپكە قىلىڭلار» دېگەن مەنادىكى ئايەت بويىچە بۇ ئىشقا ئۇ قەدەر ئىنچىكىلىك قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق دېگەن مەزمۇندا بىر جاۋاب يېزىپ ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا يوللىغان ئىدىم. لېكىن سىز بۇ سوئالنى قايتا سوراپسىز. سىز يا مېنىڭ سۆزلىرىمنى چۈشىنەلمەپسىز ياكى چۈشىنىشنى خالىماپسىز.
ئاللاھ تەئالا سىز تەرجىمىسىنى يوللىغان ئايەتتە «ئى! مۇسۇلمانلار قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۇزۈڭلارنى مەسچىدى ھەرامغا قىلىڭلار» دېمەستىن «ئى! مۇسۇلمانلار قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۇزۈڭلارنى مەسچىدى ھەرام تەرەپكە قىلىڭلار» دېگەن.
بۇ يەردىكى «تەرەپكە» نىڭ مەنىسى، «قىبلە ناماز ئوقۇغان چېغىڭلاردا ئارقىڭلاردا ياكى ئوڭ تەرىپىڭلاردا ۋە ياكى سول تەرىپىڭلاردا بولۇپ قالمىسۇن. قىبلە ئالدى تەرىپىڭلاردىلا بولسا شەرت ئادا بولىدۇ» دېگەن بولىدۇ.
ئەگەر ئاللاھ تەئالا «مەسجىدى ھەرام تەرەپكە» دېمەي، «مەسجىدى ھەرامغا» دېگەن بولسا ئىدى، بۈگۈن دۇنيادا ھېچكىم نامىزىدا «قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش» شەرتىگە رىئايە قىلالمىغان بولاتتى. مېھرىبان ئاللاھ ئۇنداق دېمەي «مەسجىدى ھەرام تەرەپكە» دەپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئاسانلا رىئايە قىلالايدىغان بىر شەرتنى بەلگىلىدى. ئاللاھقا مىڭ قەتلە شۈكرى!
شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئۇنداق قىلىپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر قىبلىنى يانتۇ كۆرسەتكەن ئۇ «بىر نېمە» قانچىلىق ئىشەنچىلىك؟ سىزنىڭ ئۇ «ئىلغار تېخنىكا» دېگىنىڭىزدىنمۇ ئىلغار بىر تېخنىكا چىقىپ پەرقلىق بىر يانتۇلۇق كۆرسەتسىچۇ؟
مۇسۇلمان ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەمەس، قۇرئاننىڭ ھىدايىتىگە قارىتا ئىش قىلىشى كېرەك.
قۇرئاندا، ناماز ئوقۇغاندا كەئبىنىڭ ئۆز ئەينىسىگە ئەمەس، كەئبىنىڭ تەرىپىگە قاراشنىڭ كۇپايە قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئەگەر ئۇنداق بولمىسا كەئبىنىڭ ئۆز ئەينىسىگە يۈز كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى كىم ئورۇندىيالايتتى؟ مېھرىبان رەببىمىز ئۇنداق بىر ۋەزىپە يۈكلىمىگەن. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئۇ قەدەر سانتىملاپ «كونا مەھەللىگە يېڭى ئادەت» كەلتۈرۈشنىڭ كىمگە نېمە پايدىسى بار؟

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر