مۇسۇلمانلار

مەسچىتتە دۇنيا سۆزى قىلىشقا بولامدۇ؟

سوئال:
مەسجىد ئىچىگە بۇرۇن كىرىپ ناماز كۈتۈپ ئولتۇرغاندا دۇنيا پاراڭلىرىنى قىلىششقا بولامدۇ؟ قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن مىسال كۆرسۈتۈپ چۈشەندۈرۈپ بەرسىڭىز؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
1- «ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ياد ئەتكىلى قويمىغان ۋە ئۇلارنى خاراب قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئۇ مەسجىدلەرگە قورقۇپ كىرىشى لازىم ئىدى. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە بولسا چوڭ بىر ئازاب بار»- بەقەرە 2/114.
بۇ ئايەتتە مەسچىتلەرنىڭ «ئاللاھنىڭ ئسمىنى ياد ئېتىش» ئۈچۈن سېلىنىدىغانلىقى، مەسچىتلەرگە ئاللاھدىن قورقۇپ كىرىشنىڭ لازىملىقى، ئاللاھنىڭ ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشىگە توسالغۇ بولۇشنىڭ «مەسچىتلەرنى خاراپ قىلغانلىق» بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
«مەسجىد ئىچىدىگە بۇرۇن كىرىپ ناماز كۈتۈپ ئولتۇرغاندا دۇنيا پاراڭلىرىنى قىلىشىش» ھەم ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ «ئاللاھنىڭ ئسمىنى ياد ئېتىش» ىگە توسالغۇ بولغانلىق بولىدۇ.
2- «مۇشرىكلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ كافىرلىقىغا ئۆزلىرى شاھىتلىق قىلغان ھالدا ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىش سالاھىيىتى يوقتۇر. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى. ئۇلار جەھەننەم ئوتىدا مەڭگۈ قالغۇچى كىشىلەردۇر.
ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى، ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن، نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇغان، زاكاتنى بەرگەن ۋە ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋاتلاشتۇرىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ توغرا يول تاپقۇچىلاردىن بولۇشى ئۈمىد قىلىنىدۇ»- تەۋبە 9/17-18.
بۇ ئىككى ئايەتتە ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىنى كاپىر ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئاۋات قىلالمايدىغانلىقى يەنى ئۇلارنىڭ ئۇ مەسچىتلەردە ئەمەل-ئىبادەت قىلمايدىغانلىقى، بۇ ئىشنى پەقەت «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن، نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇغان، زاكاتنى بەرگەن ۋە ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمىغان كىشىلەرلا» قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
بۇ، «مەسجىددە دۇنيا پاراڭلىرىنى قىلىشىش» نىڭ مۇئمىنلارنىڭ ئىشى ئەمەسلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
3- «مەسجىدلەر ئاللاھقا خاستۇر، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە دۇئا قىلماڭلار»- جىن 72/18.
بۇ ئايەت، مەسچىتتە پەقەت ئاللاھنىڭ ئىسمىلا زىكىر قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، شۇنداقلا «مەسجىددە دۇنيا پاراڭلىرىنى قىلىشىش» تىن مەنئى قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر:
1- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:
«كىمكى بىراۋنىڭ، يىتكەن نەرسىسىنى مەسجىدتە سۈرۈشتۈرگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىسا: ‹ئاللاھ يىتكەن نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن›، دېسۇن، چۈنكى مەسجىد مۇنداق ئىشلار ئۈچۈن سېلىنغان ئەمەس»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
2- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«بىرەر كىشىنىڭ مەسجىدتە ئېلىم – بېرىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ سوداڭنى پايدىلىق قىلمىسۇن، دەڭلار ۋە بىرەر كىشىنىڭ يىتكەن نەرسىنى مەسجىدكە كېلىپ ئىزدەش بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ ئۇ نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن، دەڭلار»- تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
3- بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى يىتكەن تۆگىنىڭ دېرىكىنى ئېلىپ، قىزىل تۆگە تېپىۋالغانلار بارمۇ؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ:
«تاپالمىغايسەن، ھەقىقەتەن مەسجىدلەر ناماز، زىكىر، ئىلىم ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن سېلىنغان»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
4- ئەمر ئىبن شۇئەيىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدتە ئالدى-ساتتى قىلىشتىن، يىتكەن نەرسىنى ئىزدەشتىن ۋە شېئىر ئوقۇشتىن مەنئى قىلغان.— ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
5- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مەن سىلەرنى ئاللاھ تائالا خاتالىقىڭلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدىغان، دەرىجەڭلارنى كۆتۈرىدىغان بىر ئىشقا دالالەت قىلمايمۇ؟»، دېگەندە، كىشىلەر: «شۇنداق قىلغىن، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
«ئېغىر تۇيۇلغان ئەھۋالدىمۇ تاھارەتنى كامىل ئېلىش، مەسجىدكە كۆپ بېرىش ۋە بىر نامازدىن كېيىن يەنە بىر نامازغا مۇنتەئزىر بولۇش (كۈتۈپ تۇرۇش)، مانا بۇلار ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلغانغا ئوخشاشتۇر»، دېدى.- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن چىقىدىغان ھۆكۈملەر:
1) مەسجىدتە سودا-سېتىق قىلىشتىن، يوقاپ كەتكەن نەرسىنى ئېلان قىلىشتىن، شېئىر ئوقۇشتىن ۋە شۇنىڭدەك دۇنيا ئىشلىرى توغرۇلۇق پاراڭ سېلىشتىن مەنئى قىلىنغان.
2) مەسجىدتە دۇنيا پاراڭلىرىنى قىلىش مەسجىدتىكى ناماز ئوقۇۋاتقان ياكى «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىۋاتقان ۋە ياكى ئىلىم ئۆگىنىدىغانلارغا تەسىر يەتكۈزمىگەن تەقدىردىمۇ مەسجىدتە پاراڭ سېلىش مەكرۇھ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر تەسىر يەتكۈزسە مەسجىدتە پاراڭ سېلىش ھارام بولىدۇ.
3) مەسجىدلەر دۇنيا سودىسى ئەمەس، ئاخىرەت سودىسى قىلىنىدىغان بازار، شۇڭا مەسجىدلەرنى ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتسىز ئىشلاردىن خالىي قىلىش كېرەك.
4) مەسجىدتە يۇقىرى ئاۋازدا زىكىر تەسبىھ ئېيتىش ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەس، ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچىلارنى نامىزىدىن ئازدۇرۇۋېتىدىغان دەرىجىدە يۇقىرى ئاۋاز چىقارسا چەكلىنىدۇ.
5) ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرى بولغان مەسجىدلەر پەقەت ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، بۇنىڭغا رىئايە قىلىشىمىز كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر