مۇسۇلمانلار

مەزھەب ۋە تەرىقەتلەر

ب-مەزھەب ۋە تەرىقەتلەر
بۇ يەرگە كەلگۈچە چۈشەندۈرگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى، سۈننى مەزھىبىنىڭ كۆز قاراشلىرىدۇر. لېكىن، شىئە ۋە تەرىقەت پىرقىلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى بۇنداق ئەمەس. ئىراندا شىئە مەزھىبىنىڭ ئىمامىيە پىرقىسى كەڭ تارقالغان. تۆۋەندە ئىراندىكى شىئەلەر بىلەن تەرىقەتچىلەرنىڭ بىر قىسىم كۆز قاراشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:
ئا- ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى   
96- ئىرانغا ھاكىم بۇلۇۋاتقان مەزھەب، شىئە مەزھىبىدۇر. بۇ مەزھەب دۆلەت رەئىسى تاللاش خۇسۇسىدا كېلىپ چىققان تالاش-تارتىشتىن شەكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا ئىمام يەنى دۆلەت رەئىسى پەيغەمبەر (ئە.س)تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى ۋە پۈتۈن گۇناھلاردىن پاك بولۇشى كېرەك. شىئەلەر بۇ شەخسنىڭ ئەلى (ر.ئە) ئىكەنلىكىنى بىردەك قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇلاردا دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپىسى، سىياسىي ۋەزىپە بولماستىن بەلكى بىر دىنىي سالاھىيەتتۇر.
 ئۇلارنىڭ ئىمام يەنى دۆلەت رەئىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:
«ئىماملىق، پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن قەتئىي ھۆكۈم ياكى سابىق ئىمامنىڭ كېيىنكى ئىمامغا ئىماملىقنى ۋەسىيەت قىلىشى بىلەن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ خالىغان كىشىنى ئىماملىققا تاللاپ ياكى ئىماملىقتىن چۈشۈرۈش ھوقۇقى يوق»[1].
شىئەلەرنىڭ، ئىمامنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدىكى ئېتىقادى مۇنداق:
«ئىمامنىڭ، پەيغەمبەرگە ئوخشاش تۇغۇلغاندىن ئۆلگۈچە ئىچى، تېشى، ئاشكارا-يوشۇرۇن پۈتۈن يامانلىق ۋە مەينەتلىكلەردىن مەسۇم (پاك) ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئىمام، ئىمام بولۇشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئېسىل نەسەبلىك، پاك كىشى بولۇپ، ئۇ ھەرقانداق يامانلىق ۋە گۇناھلاردىن، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن، ئۇنتۇغاقلىق ۋە ھەر خىل پەسكەشلىكلەردىن پاكتۇر»[2].
97- ئىراندىكى شىئەلەرنىڭ، ئىمامنىڭ سۈپەتلىرى ۋە بىلىمى ھەققىدىكى ئېتىقادلىرى مۇنداق:
«ئىمامنىڭ مەردلىك، سېخىيلىق، پاكلىق، ئەمەلىيەتچانلىق، ئادىللىق، تەدبىرلىك، ھېكمەت، ئەخلاق-پەزىلەت ۋە مىجەز-خاراكتىر تەرەپلەردىن پەيغەمبەرگە ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىكەنلىكىگە  ئىشىنىمىز».
«ئىمامنىڭ ئىلاھىي ھۆكۈم ۋە مەرىپەتلەرگە ئىگە بولۇشى پەيغەمبەرنىڭ ياكى سابىق ئىمامنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەرقانداق مەسىلە ھەققىدە، ئاللاھ بەرگەن مۇقەددەس كۈچ ۋە ئىلھامى بىلەن لايىق رەۋىشتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ. ئۇ بىر نەرسىنى بىلمەكچى بولسا قەتئىي خاتالاشماي، شەك- شۈبھىسىز ھالدا ئۇ نەرسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بىلەلەيدۇ. ئۇ بۇ خۇسۇستا ئەقلى دەلىلگە ياكى بىرەر يېتەكچىگە مۇھتاج بولمايدۇ. ئۇنىڭ بىلىمى زۆرۆر بولغاندا تېخىمۇ چوڭقۇرلايدۇ ۋە تېخىمۇ ئاشىدۇ».
«ھېچبىر ئىمام مەكتەپ ياكى مەدرىسىگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىدىن دەرس ئالغان ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئۇلار سورالغان ھەرقانداق سوئالغا دەرھال ۋە ئەڭ توغرا جاۋابنى بېرەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن «بىلمەيمەن» دېگەن سۆز چىقمايدۇ. سوئاللارغا توغرا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئويلىنىدىغان ياكى جاۋابنى كېچىكتۈرۈدىغان ئىشلار ئۇلاردىن سادىر بولمايدۇ»[3].
98- شىئەلەرنىڭ ئىماملارغا ئىتائەت قىلىش توغرىسىدىكى ئېتىقادلىرى مۇنداق:
«ئۇلارنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانىدۇر. ئۇلارغا ئىتائەت قىلغانلىق، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىقتۇر. ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلغانلىق، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر. ئۇلارنى ياخشى كۆرگەنلىك، ئاللاھنى ياخشى كۆرگەنلىكتۇر. ئۇلارغا دۈشمەن بولغانلىق، ئاللاھقا دۈشمەن بولغانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا قارشى چىقىش دۇرۇس ئەمەستۇر».[4]
بۇ كۆز قاراشلار تېئوكراتىيە تۈزۈمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەھلى سۈننەتنىڭ بۇلارنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شىئەلەرنىڭ ئىماملىرى ئۈچۈن دېگەن سۆزلەرنى، ئەھلى سۈننەت پەيغەمبەر ئۈچۈنمۇ دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. چۈنكى، قۇرئاندا بايان قىلىنغاندەك، مۇھەممەد (ئە.س) خۇددى بىزدەك بىر ئىنساندۇر.ئۇنىڭ بىزدىن پەرقى «ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» بولغانلىقىدا خالاس. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئېيتقىنكى: مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنسانمەن. ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنىدۇ. كىم رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە ئىبادەتتە رەببىگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن»- كەھف18/110.
99- سۈننىلەر دۆلەت رەئىسىنىڭ ئورنىنى سىياسى ئورۇن دەپ بىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن سۈننىلەر دۆلەتلىرىنى ئىسلام نامى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئابباسىيە، سالجۇقىيە، ئوسمانىيە دېگەندەك ئىسىملار بىلەن قۇرغان. تۆت خەلىپىنىڭ دەۋرىدە دۆلەتكە بىر ئىسىممۇ قويۇلمىغان ئىدى. سۈننىلەر، دۆلەت رەئىسىنى ئادەتتىكى بىر ئىنسان دەپ بىلىدۇ. ئۇنىڭغا شىئەلەردەك ئادەتتىن تاشقىرى بىر شەخسىيەت بەرمەيدۇ. شۇنداقلا، ئۇمۇ باشقا ئىنسانلاردەك خاتالىشىدۇ ۋە خاتا قارارلار چىقىرىدۇ دەپ بىلىدۇ.
«بىر كۈنى خەلىپە ئۆمەر(رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنبەرگە چىقىپ مۇنداق دېدى: ئې ئىنسانلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ كۆز قاراشلىرى توغرا ئىدى. چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭغا توغرىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ كۆز قاراشلىرىمىز پەقەت گۇماندىن ئىبارەتتۇر».
«ئەبۇبەكرى سىددىق(رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىپ، ئۇنىڭ جاۋابىنى قۇرئان ۋە سۈننەتتىن تاپالماي، ئۆزىنىڭ ئىجتىھادى بىلەن جاۋاب بەرگەن بولسا مۇنداق دەيتتى: بۇ مىنىڭ كۆز قارىشىم، ئەگەر توغرا بولسا ئاللاھتىن، خاتا بولسا مەندىن، ئاللاھ مىنى مەغپىرەت قىلسۇن».
«بىر كۈنى ئۆمەر(رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بىر كىشىگە ئۇچراپ، ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بولدى، دېدى؟ ئۇ كىشى، ئەلى ۋە زەيد مۇشۇنداق بىر ھۆكۈم بەردى دېدى. ئۆمەر مەن بولغان بولسام مۇنداق ھۆكۈم بېرەتتىم دېدى. ئۇ كىشى، ھوقۇق سېنىڭ قولۇڭدا تۇرسا، سېنىڭ ھۆكۈم قىلىشىڭغا نىمە توسالغۇ بار. دېگەن ئىدى. ئۆمەر مۇنداق جاۋاب بەردى: سېنىڭ مەسىلەڭنى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ھۆكمىگە قاراتقان بولسام مەن بۇ دېگىنىڭنى قىلاتتىم. لېكىن، بۇ مەسىلىنى رايىم(كۆز قاراش)غا قويۇپ بەردىم. پىكىر بېرىش ھوقۇقى ھەممە ئىنسانلار ئارىسىدا ئورتاق بولىدۇ. مېنىڭ قارىشىم ئەلى ۋە زەيدنىڭ كۆز قارىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ[5]».
ب- تەرىقەتلەر
100- تەرىقەتلەر
 سوپىزىم تەرىقەتلىرى، ئۆزىگە خاس ئىبادەتگاھ ۋە كۆز قاراش، پىكىرلەرگە ئىگە گۇرۇھلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ  ھەر بىرىنىڭ بىر روھانى(مەنىۋى) يېتەكچىسى يەنى پىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا، پىر بەندە بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتە ۋە ئاللاھنىڭ ئىشىكلىرىدىن بىر ئىشىكتۇر[6]. تەرىقەتكە كىرىش قول بېرىش(بەيئەت قىلىش) مۇراسىمى ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدۇ ۋە بەيئەتتىن كېيىن پىر مۇرىدىنى ئاللاھ يولىدا تەسلىم (تاپشۇرۇپ) ئالغان بولىدۇ. قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۇقۇم بىر تەرىقەتكە كىرىش شەرت[7]. پىر پەيغەمبەرنىڭ ۋەكىلى[8] ۋە خاتالاشمايدىغان بىر پېرسۇناژدۇر[9]. ئۇ مۇرىدنىڭ مەنىۋى ئاتىسىدۇر[10].
101- بۇ كۆز قاراشلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىمگە زىتتۇر. ھەقىقى ئىنجىلنىڭ ھۆكمىدىن چىقىپ تەشكىللەنگەن چېركاۋ، تېئوكراتىيىنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسى بولغاندەك، بىزدىمۇ قۇرئاننىڭ ھۆكمىدىن چىقىپ تەشكىللەنگەن تەرىقەتلەر، تېئوكراتىيە چۈشەنچىسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە. ئەسىرلەردىن بېرى تەرىقەتلەر تەرىپىدىن پەيدا بولغان پىكىر ئېقىملىرى تەرىقەتتە بولمىغان كىشىلەرگىمۇ سىڭىپ كىرمەكتە. بۈگۈنگىچە ھېچقانداق بىر تەرىقەت چېركاۋدەك بىر تەشكىلات ھالىغا كېلەلمىدى، ھەم ھېچقانداق بىر دۆلەت تەرىقەتلەرنىڭ ئەمرى ئاستىغا كىرىپ باققىنى يوق. قولىمىزدا قۇرئان كەرىم مەۋجۇتلا بولىدىكەن بۇ ئىشلارنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. تەرىقەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك رەددىيە بېرىلىدىغان مەسىلىلەر بەك كۆپ. بۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەربىيلىنىشى بىلەن ئوتتۇرىدىن يوقىلىدۇ.         



 


[1]– مۇھەممەد رىزا مۇزەپپەر، ئەقائىدۇلئىمامىيە، شىئە ئەقىدىلىرى. (تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچى، ئابدۇلباقى گۈلپىنار) 1978-يىل ئىستانبۇل، 50-بەت.

[2]– شىئە ئەقىدىلىرى، 51-بەت.

[3]-شىئە ئەقىدىلىرى، 52-53- بەت.

[4]شىئە ئەقىدىلىرى، 54-بەت.

[5]– ئىبنى قەييۇم جەۋزى ، ئەئلامۇلمۇۋەققىين.، 1987-يىل بېيرۇت باسمىسى، بىرىنچى جىلد، 54-بەت.

[6]– كوتتۇ، تەسەۋۋۇپ ئەخلاقى، 1982-يىل ئىستانبۇل باسمىسى،2-جىلد، 185-بەت.

[7]– مەخمەت زاھىد كوتكۇ، تەسەۋۋوپ ئەخلاقى، 2- جىلد، 183- بەت.

[8]– ھەسەن كامىل يىلماز، ئىسلام تەسەۋۋۇپى، تەسەۋۋۇپلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۇئال-جاۋابلار، 1996-يىل، ئىستانبۇل، 494-بەت.

[9]– مۇرىد توغرا تاپقان تەغدىردىمۇ پىرىغا ئېتىراز بىلدۈرىشى ھارامدۇر.( كوتتۇ، تەسەۋۋۇپ ئەخلاقى، 2- جىلد، 5-بەت.

[10]كوتتۇ، تەسەۋۋۇپ ئەخلاقى، 2- جىلد، 247-بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر