مۇسۇلمانلار

مەدىنىگە ھىجرەت

ت- مەدىنىگە ھىجرەت
ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان مۇسۇلمانلارنى يولدا توسالمىغانلىقى ۋە بېرىپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ ئەكىلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق غەزەپلەنگەن مۇشرىكلار مەككىدە قالغان مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە باشلايدۇ، ئۇنى پۈتۈن يېقىن-يورۇقلىرى بىلەن بىر جىلغىغا 3 يىل قامايدۇ، بۇ ئەسنادا ئۇنىڭ تەسەللىيچىسى بولغان ئايالى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ھىمايىچىسى بولغان تاغىسى ئەبۇ تالىپ ۋاپات بولىدۇ، مۇشرىكلارنىڭ زۇلۇملىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا تۇغۇلغان شەھىرى مەككىنى تەرك ئەتمەيدۇ، شۇنداقلا ۋەزىپىسى بولغان تەبلىغنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى ئەنە شۇ ئېغىر كۈنلىرىدە ھەر پۇرسەتتە تەبلىغ قىلىدۇ، بولۇپمۇ ھەج مەۋسۇمىنى بەك چىڭ تۇتىدۇ. بىر ھەج مەۋسۇمىدە مەدىنىدىن[1] كەلگەن ھاجىلاردىن بىرقانچە كىشى مۇسۇلمان بولىدۇ، بۇلار پەيغەمبىرىمىزگە يۇرتىغا بارغاندىن كېيىن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش توغرىسىدا ئەھدە بېرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز بۇلارغا ياش ساھابە مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنى قوشۇپ مەدىنىگە ئەۋەتىدۇ. كېيىنكى يىلى يەنە مەدىنىدىن كەلگەن ھاجىلاردىن كۆپ كىشىلەر مۇسۇلمان بولۇپ يۇرتىغا قايتىدۇ.
ئەنە شۇلارنىڭ ۋە ئىسلامنىڭ تۇنجى ئەلچىسى بولغان مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەبلىغى بىلەن مەدىنە شەھىرى ئىسلامنىڭ نۇرى بىلەن يورۇشقا باشلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مانا مۇشۇ شارائىتتا ئاندىن مەككىدىكى مۇسۇلمانلارغا مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت بېرىدۇ[2].
ئاندىن ساھابىلەردىن قادىر بولالىغانلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئەھۋال مۇشرىكلارنى چۆچۈتۈۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەككە مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىلىپ كېڭەش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ يىغىندا ئەزالار ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشىشلاردىن كېيىن مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەرھال ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا قارار ماقۇللىنىدۇ.
بۇ ئەسنادا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام چۈشىدۇ، مەزكۇر قارارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت بەرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ[3].ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مۇنۇ تەييارلىقلارنى قىلىدۇ:
1- ئەڭ يېقىن دوستى ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشىنى ئېيتىدۇ، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ.
2- سەپەر ئۈستىدە يەتكۈدەك ئوزۇق تەييارلايدۇ.
3- مىنىش ۋە يۈك-تاقلىرىنى ئارتىش ئۈچۈن ياخشى ئىككى ئۇلاغ تەييارلايدۇ.
4- يول باشلاپ مېڭىشى ئۈچۈن ماھىر بىر يېتەكچى بىلەن پۈتۈشىدۇ[4].
پۈتۈن بۇ تەييارلىقلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كېچە بولۇشىنى ساقلايدۇ ۋە كېچە بولغاندا ئورنىدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، تۇتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىپ، ناھايىتى دىققەت بىلەن يولغا چىقىدۇ، شۇنداقلا كۆزلىگەن مەنزىل مەدىنە شەھىرىگە ساق-سالامەت يېتىپ بارىدۇ[5].

[1]– مەنىدە مەككىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، مەككە بىلەن ئارىسىدا 400 كىلومېتىردىن كۆپراق مۇساپە بولغان بىر شەھەردۇر. مەدىنىنىڭ كونا ئىسمى يەسرىبتۇر.

[2]– سەفىيۇررەھمان ئەلمۇبارەكفورى، رەھىقۇلمەختۇم 93-149- بەتلەر ۋە يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان سىيەر كىتابلىرىىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرى.

[3]– سەفىيۇررەھمان ئەلمۇبارەكفورى، رەھىقۇلمەختۇم 149- 155- بەتلەر ۋە مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرى.

[4]– ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:…پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە مۇسۇلمانلارغا: «سىلەر ھىجرەت قىلىپ كېتىدىغان يۇرتنىڭ ئىككى تاشلىق جاينىڭ ئارىسىدا خورمىلىق بولغان بىر شەھەر ئىكەنلىكى ماڭا چۈشۈمدە كۆرسىتىلدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلار ھىجرەت قىلدى، ئىلگىرى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ تولىسى مەدىنىگە قايتتى. ئەبۇ بەكىرمۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا تەييارلانغان ئىدى، لېكىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «سەن ئالدىرىما! ماڭىمۇ رۇخسەت بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. ئەبۇ بەكىر: دادام ساڭا پىدا بولسۇن، ئۇنداق بىر رۇخسەتنىڭ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلامسەن؟ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ: «شۇنداق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكىر رەسۇلۇللاھقا ھىجرەتتە ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن بۇ قېتىم ھىجرەت قىلىشتىن توختىدى ۋە يېنىدىكى كۈچلۈك ئىككى تۆگىسىنى تۆت ئاي سەمۇر ئاتلىق دەرەخنىڭ ياپرىقى بىلەن باقتى. بىر كۈنى بىز چۈش ۋاقتىدا ئەبۇ بەكىرنىڭ ئۆيىدە ئولتۇراتتۇق. ئۆيدىكىلەردىن بىرى ئەبۇ بەكىرگە: ئەنە رەسۇلۇللاھ، ئادەتتە كەلمەيدىغان بىر ۋاقىتتا بېشىنى ئورىۋالغان ھالدا كەپتۇ، دېدى. ئەبۇ بەكىر: ئاتا-ئانام پىدا بولسۇن، ۋەللاھى مۇھىم بىر ئىش بولمىسا بۇ ۋاقىتتا كەلمەيتتى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ كېلىپ رۇخسەت تەلەپ قىلدى، رۇخسەت بېرىلگەن ئىدى، ئۆيگە كىردى. ئاندىن ئەبۇ بەكىرگە: «يېنىڭدىكىلەرنى سىرتقا چىقىرىۋەتكىن» دېدى. ئەبۇ بەكىر: ئاتام ساڭا پىدا بولسۇن، يا رەسۇلەللاھ! بۇلار سېنىڭ ئەھلىڭدۇر، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ماڭا مەككىدىن چىقىپ كېتىشكە رۇخسەت بېرىلدى» دېدى. ئەبۇ بەكىر: يا رەسۇلەللاھ! ئاتام ساڭا پىدا بولسۇن، ھەمراھ بولامدىمەن؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ھەئە» دېدى. ئەبۇ بەكىر: ئاتام ساڭا پىدا بولسۇن، يا رەسۇلەللاھ! شۇ ئىككى تۆگەمدىن بىرىنى ئالغىن، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «پۇلغا ئالىمەن» دېدى. بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىرنىڭ سەپەر جابدۇقلىرىنى ناھايىتى تېز تەييارلىدۇق. ئىككىسى ئۈچۈن ئوزۇق تەييارلاپ تېرىدىن ئېتىلگەن بىر كىچىك تاغارغا قويدۇق. تاغارنىڭ ئاغزىنى باغلايدىغان چاغدا ئەبۇ بەكىرنىڭ قىزى ئەسما بىلىدىكى بەلبېغىدىن بىر پارچە يىرتىپ ئۇنىڭ بىلەن تاغارنىڭ ئاغزىنى باغلىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ «زاتۇننىتاقەين (ئىككى بەلباغلىق)» دەپ ئاتالدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىر سەۋر تېغىدىكى بىر غارغا يېتىپ باردى ۋە ئۇ يەردە ئۈچ كېچە يوشۇرۇندى. ھەر كېچىسى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەبۇ بەكىرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ قالاتتى. ئابدۇللاھ چېچەن ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك بىر ياش يىگىت ئىدى. ئۇ سەھەر ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىرنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ مەككىدە ياتقان ئادەمدەك بولۇپ سۈبھى ۋاقتىدا قۇرەيش بىلەن بىللە بولاتتى. رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىرنىڭ ھەققىدە قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ قىلىشقان ھىيلە-مىكىرلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىنى ئېسىدە ساقلاپ ئاخشىمى قاراڭغۇلۇق باسقاندا كېلىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن دادىسى ئەبۇ بەكىرگە خەۋەر قىلاتتى. ئەبۇ بەكىرنىڭ قۇلى ئامىر ئىبنى فۇھەيرە بۇ ئۈچ كېچە بويىچە ئۇ ئەتراپتا سۈتلۈك ساغلىق قويلارنى باقاتتى ۋە ئاخشامدىن بىر مۇددەت ئۆتكەندە قويلارنى رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىرنىڭ يېنىغا ئەكېلىپ، سېغىپ ئۇلارغا يېڭى سۈت ئىچۈرەتتى. رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىر مەككىدە چېغىدا ئابدۇ ئىبىن ئەدى قەبىلىسىدىن ماھىر بىر يېتەكچىنى (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرەيقىتنى) يول باشلاپ مېڭىشى ئۈچۈن ھەق بېرىپ ماقۇللىشىپ قويغان ئىدى. بۇ كىشى قۇرەيش كاپىرلىرىنىڭ دىنىدا ئىدى. لېكىن رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇ بەكىر ئۇ كىشىگە ئىشىنىپ تۆگلىرىنى تاپشۇغان ۋە ئۈچ كېچە كېيىن تۆگىلەرنى ئېلىپ سەۋر غارىغا كېلىشكە ۋەدىلەشكەن ئىدى. بۇ كىشى ۋەدىلەشكەن بويىچە تۆگىلەرنى ئېلىپ ئۈچىنچى كېچىنىڭ ئەتىگىنى سەۋر غارىغا ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇ بەكىر بىلەن بىرلىكتە ئامىر ئىبىن فۇھەيرەمۇ ماڭدى. ھېلىقى يېتەكچى بۇلارنى ساھىللار يولىدىن ئېلىپ ماڭدى.- بۇخارى، مەناقىب، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشىنىڭ بابى، 3905.

[5]– سەفىيۇررەھمان ئەلمۇبارەكفورى، رەھىقۇلمەختۇم 155- 167- بەتلەر؛ ئىبنى ئابدۇلبەرر، ئەددۇرەر فى ئىختىسارىلمەغازى ۋەسسىيەر 1/54. بۇ ھەقتىكى مەلۇمات پۈتكۈل سىيەر كىتابلىرىدىمۇ بايان قىلىنىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر