مۇسۇلمانلار
مەخپى نىكاھ دۇرۇسمۇ؟ 1

مەخپى نىكاھ دۇرۇسمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

مەن توي قىلغىلى 1يىل بولدى. مەن يولدىشىمنىڭ بىز توي قىلىشتىن بۇرۇنلا بىر قىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. بۇ قىزنىڭ ئاتا ـ ئانىسى يوق ئىكەن. ھەم بۇ قىز كىسەلچان ئىكەن. بۇ قىزنى ئىككىنچى خۇتۇنلۇققا ئالىدىكەن. مەن بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشىم كېرەك؟ ماڭا يول كۆرسەتكەن بولساڭلار.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
يولدىشىڭىز ئەگەر ئۇ قىزنى سىزنى قانداق ئالغان بولسا، شۇنداق ئالالىسا يەنى ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ توي خېتى (جاڭزا) ئېلىپ، ناغرا ـ دۇمباق چېلىپ، ئەل ـ يۇرتقا ئېلان قىلىپ توي قىلالىسا، يولدىشىڭىزغا قارشى چىقماڭ، ھەتتا ياردەملىشىڭ.
يولدىشىڭىز ئەگەر ئۇ قىزنى ئىككى كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە بىر چالا موللىنىڭ «فاتىھە ئوقۇپ قويۇشى» بىلەن «مەخپىي» ئالىدىغان ئىش بولسا، بۇنىڭغا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قارشى تۇرۇڭ، ھەتتا ئېرىڭىزنى بۇ ئىشتىن ياندۇرۇش ئۈچۈن باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىڭ.
مۇشۇنداق قىلسىڭىز ئېرىڭىزنىڭ ۋە ئۇ قىزنىڭ ھارامدىن ساقلىنىشىغا ياردەملەشكەن بولىسىز. ھەممىدىن مۇھىمى ھەم يېتىم، ھەم كېسەلچان بىر ئاجىزە قىزنى ھاياتىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن ساقلاپ قالغان بولىسىز.
يولدىشىڭىز «مەن نىكاھ ئوقۇتۇۋاتقاندىكىن ئۇ قىزمۇ ئايالىم بولىدۇغۇ» دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا جەمئىيەتتىكى بەزى «دىنپۇرۇش» لار ياردەملەشمەكچى بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
يولدىشىڭىزنىڭ بىلىشى لازىمكى، ئۇنىڭ ئۇ قىزغا «فاتىھە ئوقۇتۇشى» چوشقا گۆشىنى  يېيىشنىڭ ئالدىدا «بىسمىللاھ…» دەۋەتكەن بىلەن ئوخشاش بىر ئىشتۇر.
چۈنكى نىكاھ، بىر ئەرنىڭ بىر ئايالنى نىكاھىغا ئالغانلىقىنى ۋە بىر ئايالنىڭ بىر ئەرنىڭ نىكاھىغا ئۆتكەنلىكىنى ئەل ـ يۇرتقا ئېلان قىلىش ۋە ساغلام بىر ئائىلە قۇرۇش ئەھدىسىدىن ئىبارەتتۇر.
ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن بولمىغان ياكى ئەل ـ يۇرتقا ئېلان قىلىنمىغان نىكاھ ئەسلا نىكاھ ھېسابلانمايدۇ. يولدىشىڭىز «چالا موللا» نىڭ سۆزىگە ئەمەس، ئاللاھ تەئالانىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىگە قاراپ ئىش قىلسۇن. ئاللاھدىن قورقسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر