مۇسۇلمانلار

مېيىت چىققان ئۆيدە يېيىش

سوئال:
مىيىت قويۇلغان ئۆيدە يەپ-ئىچىشكە بولامدۇ؟ بۇ يەردىكىلەر بولمايدۇ دەيدۇ. بۇنىڭ دىنىمىزدا بىر ئاساسى بارمۇ؟ مۇسۇلمانلار ۋاپات بولغانلارنىڭ خاتىرە كۈنلىرىدە (مەسىلەن: ئۈچى، يەتتى، يىگىرمىسى، يىلى دېگەندەك كۈنلەردە) نەزىر قىلىپ، قۇرئان ئوقۇسا بولامدۇ؟ بۇنىڭ دىنىمىزدا بىر ئاساسى بارمۇ؟
جاۋاب:
ئەسلىدە مېيىت چىققان ئائىلىنىڭ قولۇم-قوشنا ۋە يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە تاماق تەييارلاپ ئەكىلىپ ئۇلارغا يېگۈزىشى ياخشى ئىشتۇر. چۈنكى مېيىت چىققان ئۆي ئەھلىنىڭ بېشىغا مۇسىبەت كېلىپ ئىچ پۇشۇقى ۋە ئۆز مەشغۇلىيىتى بىلەن بولۇپ كېتىپ قورسىقى ئاچ قېلىشى، شۇنداقلا بۇنى ھېس قىلماي ئاجىزلاپ كېتىشى ھەتتا كېسەل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن دىنىمىز مۇسۇلمانلارنى ئاشۇنداق كۈنلەردە بىر-بىرىنى يالغۇز قويماسلىققا تەشۋىق قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق مۇنداق:
ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: جەئفەرنىڭ ۋاپات تاپقانلىق خەۋرى رەسۇلۇللاھقا يەتكەندە ئۇ: «جەئفەرنىڭ ئائىلە-تاۋابئاتلىرىغا تاماق تەييارلاڭلار، چۈنكى ئۇلارغا ئۇلارنى ئۆز ئىشىدىن مەشغۇل قىلىدىغان ھادىسە كېلىپ قالدى» دېگەن. ئىبنى ماجە، جەنائىز 59؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 60؛ مۇسنەد ئەھمەد 2/205.
مېيىت چىققان ئۆيدە مېيىتنىڭ ئائىلىسىدىن ھېسابلانمايدىغان كىشىلەرنىڭ تاماق يېيىشى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدىن خالىي بولمايدۇ:
1- مېيىت چىققان ئۆيدە ئولتۇرۇۋېلىپ ئۆي ئەھلىنى تاماق تەييارلاشقا ۋە داستىخان سېلىشقا زورلاش. بۇ ئۇلارنىڭ مۇسىبىتىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدۇ.
2- تەقسىم قىلىنمىغان مىراستىن ئەتكەن تاماقلارنى يېيىش. ئەگەر ۋارىسلارنىڭ ئىچىدە يېتىم بولسا، بۇ تاماقتىن ۋارىسلاردىن باشقىلارنىڭ يېيىشى ھارامدۇر. چۈنكى ئۇ تاماقنىڭ ئىچىدە يېتىمنىڭ ھەققى بار.
3- مېيىت ئەھلىگە قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ تەييارلاپ ئەكەلگەن تاماقلىرىنى يېيىشىپ بېرىش. بۇمۇ بىر ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ، ھەتتا مېيىت ئەھلىنىڭ ھەققىنى يېگەنلىك بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىمىزدا مېيىت چىققان ئۆيدىن بىر نەرسە يەپ-ئىچىش ياخشى ئىش ھېسابلانمايدۇ.
نەزىر مەسىلىسىگە كەلسەك
نەزىر، ئاللاھ ئەمر قىلمىغان بىر ياخشى ئىشنى قىلىمەن، دەپ ئۆز ئۈستىگە ئېلىش دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىشنى ياكى بىر قانچە كۈن نەپلە روزا تۇتۇشنى ياكى بىر قانچە رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇشنى ۋە ياكى بىر مىقدار پۇلنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىش… قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى بىرەر نەزىردۇر. بۇنداق نەزىرلەرنى ئورۇنلاشنىڭ، جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن  بىرى ئىكەنلىكى ئىنسان سۈرىسىنىڭ 7 – ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنىدىكى «نەزىر» مانا مۇشۇنداق نەزىرلەردۇر.
ئەمما مېيىت چىققان ئۆيلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىرلەرنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئاساسى يوق. كۈن توختىتىپ «بۇ كۈندە ياغ پۇرىتىلمىسا مېيتنىڭ روھى خاپا بولۇپ قالىدۇ» دېگەن ئېتىقادلار ئىنايىن خەتەرلىكتۇر، ھەتتا شېرىككە يېقىندۇر.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا مېيىتنىڭ ئارقىسىدىن «بامدىتى»، «ئۈچى»، «يەتتىسى»، «يىگىرمىسى»، «قىرىقى» ۋە «يىلى» دەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىرلەر بار. بۇلار نەزىر دەپ ئاتالغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن نەزىرلەردىن ھېساپلانمايدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم. مەن ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدا ئەھلى تەۋھىد بىر ئالىمنىڭ: «يەتتە، قىرىقى، يىگىرمە دېمىدۈك، ماتەم ئۆيىدە نەزرە يېمىدۈك» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مانا بۇ سۆز، ئۇ ئالىمغا «ئەھلى تەۋھىد» دېيىلىشنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
سوئالىڭىزدا سىز زىكىر قىلغان نەزىرلەر ۋە ئادەم چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتىدىغان ئىشلارغا كەلسەك، بۇ ئىشلارنى قىلىش ئاللاھقا توغرا ئىمان كەلتۈرمىگەنلىك، پەيغەمبەرنى توغرا تونىمىغانلىق ۋە ئىسلام دىنىنىڭ روھىدىن غاپىل قالغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر! چۈنكى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ھەر كىشىنى ئۆزىنى ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان. «ئىسلام» نىڭ مەنىسى ئۆزى ئاللاھقا تەسلىم بولۇشتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى»
«ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم 53/39.
باشقىسى قىلغان ئىبادەت شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ.
ئال ئىمران 57، نىسا 152 ۋە 173، فاتىر 30 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئۇجۇرەھۇم»، بەقەرە 62، 274، 277، ئال ئىمران 199، نەھل 97، ھەدىد 19 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئەجرەھۇم» ئەمەلنى كىم قىلسا، ئەجىر (ساۋاب) نى شۇنىڭ ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
 قۇرئان ئوقۇپ بەرگۈچى قۇرئان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئالدىن باھاسىنى دېيىشىپ، ئاندىن ئىش پۈتكەندە ئۇلارنىڭ دېيىشكەن پۇلنى بېرىشلىرى ۋە ئېلىشلىرى قەتئىي ھارام. چۈنكى بۇنىڭدا ئېلىش ـ سېتىش شەكىللىنىدۇ. قۇرئان ئوقۇشنى ئېلىش ۋە سېتىش قەتئىي ھارامدۇر. بۇنىڭغا ھەر مۇسۇلمان ئىشىنىدۇ ۋە ئىشىنىشى كېرەك!
ئەگەر ئالدىن دېيىشمەي بىرقانچە كىشىنى چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتۇپ، ئاندىن ئوقۇتقۇچى تەرەپ ئوقۇغۇچى تەرەپنىڭ ياكى تەرەپلەرنىڭ ئالدىدا مىقدارىنى ئۆزى بەلگىلەپ بىر مىقداردىن پۇل قويسا، بۇ پۇلنى ئوقۇغۇچى تەرەپلەر قوبۇل قىلسا، بۇ ئىشتا تۆۋەندىكى خاتالىقلار مەيدانغا كېلىدۇ:
1 ـ دىنىمىز ئۆزىنىڭ ھەر مەنسۇبىنى، ئۆزىنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن «ئىبادەتكە نىمكار سېلىش»، «نىمكار» سالغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەل ـ ئىبادەت قىلىش ۋەزىپىسىنى بىدئەت يوللار بىلەن «ھەل قىلىش» قا ئۇرۇنغانلىقى بولسا، «نىمكار» لارنىڭ پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈنلا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى جان ساقلاش ئۈچۈن قىلغانلىقى بولىدۇ.
2 ـ بۇ ئىش جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ نەزىر ـ چىراغ بولمىسا گۆش يېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئىسقات ئالمىسا پۇل تاپالمايدىغانلىقىنى ئويلايدىغان «تەييارتاپ» لار گۇرۇھىنى پەيدا قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ تەييارتاپلار جەمئىيەتتە «ئىسسىتقۇ ـ سوۋۇتقۇ قىلىش»، «رەدنامە ئوقۇش»، «قەسىدە ئوقۇش»، «خەتمە ئوقۇش»، «مەۋلۇت ئوقۇش»… قاتارلىق دىنىمىزغا تامامەن زىت بولغان ئىشلار بىلەن «كەسىپ» قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ باشقا ساھەلەردە بولغاندەك دىنى ساھەلەردىمۇ ئىلىمدىن يىراق ئىكەنلىكىنى قوشساق، ئۇ تەييارتاپلار گۇرۇھىنىڭ بازىرىنىڭ نەقەدەر قىزىيدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۇنچە قىيىن بولمىسا كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر