مۇسۇلمانلار

مېيىتنىڭ كۆكسىدە جاۋابنامە قويۇشقا بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسلام

1 ـ سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى: مېيتنىڭ كۆكرىكىگە «جاۋابنامە» ياكى «شاھادەتنامە» دېگەندەك نەرسىلەرنى قويۇپ قويۇش بىدئەتتۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنداق بىدئەت ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشلىرى كېرەك.

مەن بىر زامانلارادا مۇشۇنداق قىلغانلارنىڭ بىرقانچىسىدىن: «مېيتنىڭ كۆكسىگە نېمىشقا بۇنداق نەرسىنى قويۇپ قويىسىلەر؟» دەپ سورىغان ئىدىم. ئۇلار ماڭا مۇنداق جاۋاب بېرىشكەن ئىدى:

«مېيت يەرلىكىدە قويۇلۇپ قەبرىنىڭ ئاغزى ئېتىلگەندىن كېيىن ئىككى پەرىشتە كىرىپ، مېيتنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن بىرقانچە سوئال سورايدۇ. ئەگەر مېيت سوئاللارغا توغرا جاۋاب بەرسە ياخشى مۇئامىلە كۆرىدۇ، ناۋادا مېيت سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرەلمىسە، ھېلىقى ئىككى پەرىشتە ئۇنى تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرىدۇ. بىز بۇ جاۋابنامەنى (شاھادەتنامەنى) مېيتنىڭ كۆكسىدە قويۇپ قويساق، مېيتتىن سوئال سوراش ئۈچۈن كىرگەن ئىككى پەرىشتە مېيتنى ئورنىدىن تۇرغۇزمايلا كۆكسىدىكى جاۋابنامەنى ئوقۇپ چىقىپ كېتىدۇ»

مانا بۇ مېيتنىڭ كۆكسىدە ئەنە شۇنداق جاۋابنامە قويىدىغانلارنىڭ بىرقانچىسىنىڭ ماڭا بەرگەن جاۋابىدۇر. بۇ جاۋاب بىرقانچە كىشىنىڭ جاۋابى بولسىمۇ، مېيتنىڭ كۆكسىگە جاۋابنامە (شاھادەتنامە) قويىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇنداق چۈشەنچىدە دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق چۈشەنچە بولمىسا، مېيتنىڭ كۆكسىگە نېمىشقا شاھادەتنامە ( جاۋابنامە) قويىدۇ؟

مېيتنىڭ كۆكسىدە شاھادەتنامە (جاۋابنامە) قويۇشنى، قويغانلارنىڭ بۇ چۈشەنچىسى بىلەن بىرلىكتە تەھلىل قىلساق، بۇ ئىشقا «بىدئەت» دېگەن ھۆكۈم ئاددىي بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى بۇ، پەرىشتىلەرنى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقتۇر. پەرىشتىلەرنى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىق ئەمەلىيەتتە ئاللاھ تەئالانى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقتۇر.

2 ـ سوئالىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى مەن چۈشەنمىدىم. چۈنكى مەن جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان بىر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېۋە يەپ، شۆپۇكىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان ئىشنى كۆرمىدىم. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ مېۋە شۆپۈكلىرىنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتىدىغانلىقىنى بىلىمەن. كۆيدۈرۈۋېتىدىغان ئادەت يېڭى چىققان بولۇشى مۇمكىن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر