مۇسۇلمانلار

مۇھەببەتلەشسە بولامدۇ؟

جاۋاب:

مەيلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچى بولۇڭ، مەيلى باشلانغۇچتا، «نىكاھلاپ ئالماقچى بولغان قىز ياكى چوكان بىلەن يالغۇز بىر يەردە بولۇپ قالماسلىق شەرتى بىلەن نىكاھلىنىش ھەققىدە پاراڭلىشىش»تىن باشقا ھېچقانداق مۇھەببەتلىشىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭغا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دىققەت قىلىشى كېرەك.

بىر قىز كۆڭلىدە بىر ئوغۇلنى ياكى بىر ئوغۇل كۆڭلىدە بىر قىزنى ياخشى كۆرۇشى مۇمكىن. بۇ چەكلەنمەيدۇ. لېكىن بۇ كۆڭۈلدىكى ياخشى كۆرۈش ناتوغرا سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولماسلىقى كېرەك. يەنى مۇھەببەت ئەسلى ئورنى بولغان قەلبتىلا قېلىشى كېرەك.

ئەگەر بىر كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى قارشى جىنسكە بولغان مۇھەببىتى، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ئىرادىسى توغدۇرسا، بۇ ئىنسان ئەلچى ئارقىلىق ياكى ئىككى جىنس بىر جايدا يالغۇز تۇرۇپ قالماسلىق شەرتى بىلەن، شەرم – ھايا ئىچىدە بۇ ئىرادىسىنى قارشى تەرەپكە ئىپادىلىسە ۋە ئىككى تەرەپ بۇ نىكاھلىنىش توغرىسىدا پىكىر بىلدۈرۈشسە بولىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئىككىسى يا توي قىلىشىدۇ ياكى يېنىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر يېنىشىپ كەتكەن تەقدىردە ھەر ئىككىسىنىڭ كېيىنكى ھاياتى پاك – پاكىز داۋام قىلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر