مۇسۇلمانلار

مۇھەببەتلىشىشنىڭ چېكى بارمۇ؟

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ئىسلام شەرىئىتىدە قىز ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى چەكلەنگەن، ئۇنداقتا ياش مۇسۇلمان قىز ئوغۇللار قانداق ئۇسۇلدا تونۇشۇپ، ئوزئارا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىدۇ؟ رەسمىي نىكاھلانغۇچە بولغان جەريان قانداق بولىشى كېرەك؟ تەلىم بەرگەيسىز، ئاللاھ ئەجر ئاتا قىلسۇن.
ھۆرمەت بىلەن: يۇلغۇن
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
دىنىمىزدا بىر قىزنىڭ كۆڭلىدە بىر ئوغۇلنى ياكى بىر ئوغۇلنىڭ كۆڭلىدە بىر قىزنى ياخشى كۆرۇشى چەكلەنمەيدۇ. لېكىن بۇ كۆڭۈلدىكى ياخشى كۆرۈش ناتوغرا سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولماسلىقى كېرەك. يەنى مۇھەببەت ئەسلى ئورنى بولغان قەلبتىلا قېلىشى كېرەك.
ئەگەر بىر كىشىنىڭ قارشى جىنسقا بولغان مۇھەببىتى، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ئىرادىسى توغدۇرسا، بۇ كىشى ئەلچى ئارقىلىق ياكى ئىككى جىنس بىر جايدا يالغۇز تۇرۇپ قالماسلىق شەرتى بىلەن، شەرم – ھايا ئىچىدە بۇ ئىرادىسىنى قارشى تەرەپكە ئىپادىلىسە ۋە ئىككى تەرەپ بۇ نىكاھلىنىش توغرىسىدا پىكىر بىلدۈرۈشسە بولىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئىككىسى يا توي قىلىشىدۇ ياكى يېنىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر يېنىشىپ كەتكەن تەقدىردە ھەر ئىككىسىنىڭ كېيىنكى ھاياتى پاك – پاكىز داۋام قىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قول بىلەن نامەھرەمنىڭ بىر يېرىنى تۇتۇش، پۇت بىلەن نامەھرەم تەرەپكە مېڭىش، كۆز بىلەن نامەھرەمگە قاراش… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زىنادۇر»- بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ئاللاھ تەئالا بەنى ئىسرائىل (ئىسرا) سۈرىسىنىڭ 32- ئايىتىدە: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار! چۈنكى ئۇ، قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر» دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى،  يېنىدا مەھرىمى بولمىغان بىر نامەھرەم ئايال بىلەن بىر جايدا يالغۇز قالمىسۇن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، شەيتان ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈچىنچىسى بولىدۇ»– بۇ ھەدىس بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزىقاتارلىق ھەدىس كىتاپلىرىدا زىكرى قىلىنىدۇ.
بىر ئەرنىڭ بىر ناماھرەم ئايال بىلەن، بىر ئايالنىڭ بىر نامەھرەم ئەر بىلەن بىر جايدا يالغۇز قېلىشى زىناغا يېقىنلاشقانلىق، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدسىلەرنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنمىغانلىق بولىدۇ.
يۇقارقى ئايەتتىكى «زىناغا يېقىنلاشماڭلار!» دېگەن ئىپادە، ماي ئىسكىلاتلىرىغا چاپلانغان «ئوت بىلەن يېقىنلاشماڭلار!» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئوخشايدۇ. ماي ئىسكىلاتىغا ئوت بىلەن يېقىنلاشقان كىشىنىڭ ئىسكىلاتقا ئوت قويماسلىق قولىدىن كەلمىگەندەك، ئىككى پەرقلىق جىنس يالغۇز بىر جايدا تۇرسا، گۇناھ سادىر قىلماسلىق ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ياراتقان ئىنساننى ئۆزى ئۇبدان بىلىدىغان ياراتقۇچى ئاللاھ، ئىش يامان يەرگە بېرىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ۋە باشتىلا دىققەت قىلىشنى پەرز قىلغان.
ئاللاھ تەئالا بىر – بىرىگە نامەھرەم بولىدىغان ئەر – ئاياللارنى بىر- بىرىگە تىكىلپ قاراشتىنمۇ قەتئىي مەنئى قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:
«مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. بۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.
مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن – ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا-. ياغلىقلىرى بىلەن جەيب (بويۇن ۋە كۆكرەك) لىرىنى ياپسۇن. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىك قۇل-چۆرىلەردىن، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- نۇر سۈرىسى 30 – ۋە 31 – ئايەتلىرى.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئۇكىلىرىمغا ۋە سىڭىللىرىمغا نەسىھىتىم شۇكى:
مۆھتەرم قېرىنداشلىرىم! نەپىسنىڭ ھەۋەسلىرىنى ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى «مۇھەببەت» دەپ ئويلاپ، ھېسسىياتچانلىق بىلەن قارار قىلىپ، بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالماڭلار. ئەقىل بىلەن قارار بېرىڭلار.
 بىر يىگىتنىڭ نىكاھلىنىشى دېمەك، ئۇنىڭ بىر ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە يۈكلىشى، دېمەكتۇر. ھايات يولدىشىڭىزنى تاللىغاندا ھاياتىڭىز بويىچە سىزگە يولداشلىق قىلغۇدەك بىر قىز/ئايال تاللىشىڭىز كېرەك.
ئاتا-ئانا تەربىيىسى، مەكتەب تەربىيىسى، دىنى ئەدەپ-ئەخلاق، مىللىي ئۆرپ-ئادەت… لەرنى ئۇنتۇغان، ئەخلەت ساندۇقىدەك تېشى سىرلىق ئىچى سېسىق سەتەڭلەرنىڭ كۆرۈنۈشىگە ئالدانماسلىقىڭىز لازىم.
شۇنىڭدەك، بىر قىزنىڭ نىكاھلىنىشى دېمەك، ئۇنىڭ بىر ئائىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر پارچىسى بولۇشقا قەدەم بېسىشى دېمەكتۇر. بۇ ئىشنىڭ توغرا باشلىنىشى ئۈچۈن باشتا بەك دىققەت قىلىش كېرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن قىز-سىڭىللىرىمىز ھېسسىياتچانلىق قىلىپ دىن-دىيانەتتىن، ئىنسانىي ئەخلاقتىن يىراق «قۇرۇق يىگىت» لەرنىڭ «تاتلىق سۆز» لىرىگە ئالدىنىپ، ئۇلارنىڭ «قەغەز ئايرۇپىلان» لىرىغا ئولتۇرماسلىقى، ھاياتىنىڭ بۇ مۇھىم قەدىمىنى ئاتا ـ ئانىسى ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىڭ مەسلەھەتى بىلەن بېسىشلىرى كېرەك . يەنى ئۇلار ھېسسىياتچانلىق بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن قارار بېرىشىلىرى لازىم.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر