مۇسۇلمانلار
مۇھىتنى بۇلغاشنىڭ جازاسى 1

مۇھىتنى بۇلغاشنىڭ جازاسى

4.      مۇھىتنى بۇلغاشنىڭ جازاسى

ئىنسانلار يۇقىرىدىكى چەكلىمىگە پەرۋا قىلماي بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زېمىندا سۇ ۋە ھاۋا بۇلغاندى، ئىقلىم ئۆزگەردى، تەبىئەت ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى يوقاتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىلمۇخىل يۇقۇملۇق ۋابالار، ئىسمى ھېچ تۇيۇلمىغان يېڭىدىن – يېڭى كېسەللىكلەر، يەر تەۋرەش، سەل ۋە تسۇنامى ئاپەتلىرى، زىرائەتلەرنىڭ پىتلاپ، مېۋىلەرنىڭ قۇرتلاپ كېتىشى… قاتارلىق بۇزۇلۇشلار مەيدانغا كەلدى. بۇ ئىنسانلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ جازاسىنى تېتىتىش ئۈچۈن بېرىلگەن ئىلاھىي جازانىڭ بىر قىسمىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ظَهَرَ ٱلۡفَسَادُ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ بِمَا كَسَبَتۡ أَيۡدِي ٱلنَّاسِ لِيُذِيقَهُم بَعۡضَ ٱلَّذِي عَمِلُواْ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ  ٤١﴾

«ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇلۇش مەيدانغا كەلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدى»[1].

﴿وَمَا ظَلَمۡنَٰهُمۡ وَلَٰكِن ظَلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡۖ فَمَآ أَغۡنَتۡ عَنۡهُمۡ ءَالِهَتُهُمُ ٱلَّتِي يَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٖ لَّمَّا جَآءَ أَمۡرُ رَبِّكَۖ وَمَا زَادُوهُمۡ غَيۡرَ تَتۡبِيبٖ ١٠١ وَكَذَٰلِكَ أَخۡذُ رَبِّكَ إِذَآ أَخَذَ ٱلۡقُرَىٰ وَهِيَ ظَٰلِمَةٌۚ إِنَّ أَخۡذَهُۥٓ أَلِيمٞ شَدِيدٌ  ١٠٢﴾

«ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. رەببىڭنىڭ ئەمرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان ئىلاھلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى، زىيانلىرىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا ھېچ نەرسىگە يارىمىدى. رەببىڭ ئاھالىسى زالىم كەنتلەرنى جازالىغاندا، ئەنە شۇنداق جازالايدۇ. ئۇنىڭ جازالىشى بەك ئەلەملىك، بەك قاتتىق بولىدۇ»[2].

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِآيَٰتِنَا وَٱسۡتَكۡبَرُواْ عَنۡهَا لَا تُفَتَّحُ لَهُمۡ أَبۡوَٰبُ ٱلسَّمَآءِ وَلَا يَدۡخُلُونَ ٱلۡجَنَّةَ حَتَّىٰ يَلِجَ ٱلۡجَمَلُ فِي سَمِّ ٱلۡخِيَاطِۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُجۡرِمِينَ ٤٠ لَهُم مِّن جَهَنَّمَ مِهَادٞ وَمِن فَوۡقِهِمۡ غَوَاشٖۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلظَّٰلِمِينَ  ٤١﴾

«ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇلاردىن باش تارتقان كىشىلەرگە ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ھەرگىزمۇ ئېچىلمايدۇ، ئۇلار تۆگە يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتمىگۈچە جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. بىز گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق جازالايمىز. ئۇلارغا جەھەننەمدىن تۆشەك، ئۈستىلىرىگە يوتقانلار بار. بىز زالىملارنى مانا مۇشۇنداق جازالايمىز»[3].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 364 – 366.

[1] 30 – سۈرە رۇم 41 – ئايەت.

[2] 11 – سۈرە ھۇد، 101 – ۋە 102 – ئايەتلەر.

[3] 7 – سۈرە ئەئراف، 40 – ۋە 41 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر