مۇسۇلمانلار

مۇناپىق كىم؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
 ماڭا مۇناپىقنىڭ سۇپەتلىرىنى تەپسىلىي ئيتىپ بەرگەن بولسىڭىز؟ ئەرەفات
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
مۇناپىقلىق
مۇناپىقلىق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى كاپىرلىقتىنمۇ يامان. بۇ مۇناپىقلىق، تىلىدا مۇسۇلمانلىق ئاشكارىلاپ، دىلىدا كاپىلىق ساقلاشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:
1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى كۆرسەتمىلىرىنى ئىنكار قىلىش.
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يامان كۆرۈش ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى كۆرسەتمىلىرىنى يامان كۆرۈش.
3- ئىسلامنىڭ مەغلۇبىيىتىگە سۆيۈنۈش ياكى غەلىبە قىلىشىنى يامان كۆرۈش.
بۇ مۇناپىقلىقنىڭ خەتىرى ناھايىتى چوڭدۇر. بۇ شەكىلدىكى مۇناپىقنىڭ ئازابى كاپىرنىڭ ئازابىدىنمۇ ياماندۇر. ئاللاھ تەئالا بۇلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
«شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ»- (نىسا 4/145).
بۇ خىل مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدا ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ھېچ ئىشەنمەي تۇرۇپ «بىز ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق» دەيدۇ.
ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ.
ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە بىر كېسەل بار. ئاللاھ ئۇلارغا يەنە بىر كېسەل ئارتتۇردى. ئۇلارغا، يالغانچىلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەلەملىك بىر ئازاب بار.
ئۇلارغا: «زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز پەقەتلا تۈزىتىدىغان كىشىلەرمىز» دەيدۇ.
دىققەت، ئۇلار بۇزغۇنچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر، لېكىن ئۇلار بۇنى تۇيمايدۇ.
ئۇلارغا: «شۇ ئىنسانلار قانداق ئىمان ئيتقان بولسا، سىلەرمۇ شۇنداق ئىمان ئيتىڭلار» دېيىلسە، «ئۇ ئەخمەقلەر قانداق ئىمان ئيتقان بولسا، بىزمۇ شۇنداق ئىمان ئيتامدۇق؟» دەيدۇ. دىققەت، ئۇلار ئەخمەقلەرنىڭ دەل ئۆزىدۇر؛ لېكىن ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ.
ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقاندا: «بىزمۇ ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. شەيتانلىرى بىلەن ئۆزئارا يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا، «خاتىرجەم بولۇڭلار بىز سىلەر بىلەن بىللە، بىز ئۇلارنى مەسخىرە قىلماقتىمىز» دەيدۇ.
ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ ۋە ھەددىدىن ئېشىشلىرىدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر مۇددەت تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
ئەنە شۇلار، زالالەتنى ھىدايەتكە سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار قىلغان تىجارىتىدىن ھېچبىر پايدا ئالالمىدى. چۈنكى ئۇلار پايدا يولىنى تۇتمىدى.
ئۇلارنىڭ ئەھۋالى شۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشكى: ئەتراپنى يورۇتۇش ئۈچۈن بىر ئوت ياقىدۇ، ئوت ئەتراپىنى يورۇتقاندا ئاللاھ ئۇلارنىڭ نۇرىنى ئېلىپ كېتىدۇ ۋە ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە تاشلىۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار، كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئۇلار گاستۇر، گاچىدۇر، كوردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتكە قايتمايدۇ.
ياكى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قاتتىق بۇلۇتلۇق، گۈلدۈرمامالىق ۋە چاقماقلىق بىر ئاسماندىن قۇيۇلغان يامغۇرغا مۇپتىلا بولغان، ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ چاقماقلارغا قارشى بارماقلىرى بىلەن قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ كافىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
چاقماق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى قۇيىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. ئۇلار چاقماق چېقىلسا ئۇنىڭ يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ، قاراڭغۇلۇق باستىمۇ تۇرغان يېرىدە تۇرۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىۋىتەتتى. چۈنكى ئاللاھ، ھەر نەرسىگە قادىردۇر»- (بەقەرە 2/8 ـ 20).
ئىككىنچى تۈرلۈك مۇناپىقلىق ئىنساننى كاپىر قىلىۋەتمەيدۇ، لېكىن گۇناھكار قىلىدۇ. بۇ مۇناپىقلىق چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇناپىلىقنىڭ ئالامىتىنى مۇنۇ ھەدىسلەر ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ، ئامانەت تۇتسا ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
«مۇنداق تۆت خىسلەت بار، كىمدە مۇشۇ تۆت خىسلەت بولىدىكەن، ئۇنى تەرك ئەتمىگۈچە ئۇنىڭدا مۇناپىقلىقتىن بىر خىسلەت بولغان بولىدۇ. بۇ تۆت خىسلەت: ‹يالغان سۆزلىمەك، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلماق، قىلغان توختامنى بۇزماق، جېدەللەشكەندە ئېغىزىنى بۇزماق»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر