مۇسۇلمانلار

مۇناپىقلىق

 
 
مۇناپىقلىق (ئىككى يۈزلىمىچىلىك)
 
 
مۇناپىق، ئاۋۋال ئىمان كەلتۈرۈپ، ئاندىن ئاللاھنى ئىنكار قىلغان لېكىن ئۆزىنى ئېتىقادلىق ھېسابلىغان ياكى شۇنداق كۆرسەتكەن كىشىدۇر. 
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 
إِذَا جَاءَكَ الْمُنَافِقُونَ قَالُوا نَشْهَدُ إِنَّكَ لَرَسُولُ اللَّهِ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّكَ لَرَسُولُهُ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَكَاذِبُونَ. اتَّخَذُوا أَيْمَانَهُمْ جُنَّةً فَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ. ذٰلِكَ بِأَنَّهُمْ آَمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا فَطُبِعَ عَلَى قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَفْقَهُونَ.
«ئى مۇھەممەد! مۇناپىقلار يېنىڭغا كەلگەن چاغلىرىدا ساڭا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» دەيدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىنى قالقان قىلىپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئىمان ئېيتتى، ئاندىن كافىر بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە مۆھۈر بېسىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار چۈشەنمەيدۇ»-مۇنافىقۇن، 63/1-3.
 ئىنسانلار ئىچىدە ھېچ ئىمان ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئۆزىنى مۇئمىندەك كۆرسىتىدىغانلارمۇ بار. ئاللاھ تائالا بىزگە بۇنى خەۋەر قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: 
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ آَمَنَّا بِاللَّهِ وَبِالْيَوْمِ الْآَخِرِ وَمَا هُمْ بِمُؤْمِنِينَ. يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَالَّذِينَ آَمَنُوا وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ.
«ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار ھېچ ئىشەنمەي تۇرۇپ: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق» دەيدۇ. ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلارنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ»-بەقەرە، 2/8-9. 
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 7- ئايىتىدە ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارنىڭ ھەقىقەتلەرنى ئىنكار قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنلىكى ۋە بۇ سەۋەبتىن كۆزلىرىگە ھەقىقەتنى كۆرەلمەيدىغان پەردىلەر پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش پەردە مۇناپىقلاردىمۇ پەيدا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 
مَثَلُهُمْ كَمَثَلِ الَّذِي اسْتَوْقَدَ نَارًا فَلَمَّا أَضَاءَتْ مَا حَوْلَهُ ذَهَبَ اللَّهُ بِنُورِهِمْ وَتَرَكَهُمْ فِي ظُلُمَاتٍ لَا يُبْصِرُونَ. صُمٌّ بُكْمٌ عُمْيٌ فَهُمْ لَا يَرْجِعُونَ
«ئۇلارنىڭ ئەھۋالى، ئەتراپنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئوت ياققان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئەمما ئوت ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا ئاللاھ ئۇلارنىڭ نۇرىنى ئېلىپ كەتتى ۋە ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە كۆرەلمەيدىغان بىر ھالەتتە قويۇپ قويدى. ئۇلار گاس، گاچا ۋە  كوردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قايتمايدۇ»-بەقەرە،2/17-18.
بۇ ئايەت ئۇلارنىڭ دەسلەپتە ئىلاھى چاقىرىققا ئەگىشىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ چاقىرىق ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندا بىئارام بولۇپ، ئىنكار قىلىدۇ ۋە يەنە قاراڭغۇ-زۇلمەتكە چۆكىدۇ-دە. ئۆزلىرىنى گاس، گاچا ۋە كور ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار توغرا ھەقىقەتلەرنى ئاڭلاشنى، كۆرۈشىنى، سۆزلەشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھەم ئۇلاردا بۇ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش نىيتىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتنى كۆرەلمەيدۇ. 
-پروفېسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر 
-قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزۈتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر