مۇسۇلمانلار

مۇقەددىمە ئاخىر ئوقۇشقا بولامدۇ؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ
سوئال:
1- مەن ئادەتتە نامازنى يالغۇز ئوقۇغان ۋاقتىمدا (ئائىلىدە) سۇرە ئىخلاسنى كۆپ ئوقۇيمەن. قەلبىم مايىل، بەزىدە بىر رەكئەت ئىچىدە بىر نەچچە قىتىم ئوقۇۋىتىپ قالىمەن. مۇشۇ خىل ناماز ئوقۇش سۇننەتكە مۇۋاپىقمىدۇ؟ دەپ ئۆيلىنىپ قالدىم.
2- مەن ئادەتتە ناماز ۋاقىتدا سۇرىلەرنىڭ تەرتىۋى بويىچە ئوقۇشقا دىققەت قىلىپ كەتمەيمەن، لېكىن بەزىلەر مۇشۇنداق ئەھۋال سادىر قىلسا «سەھۋە سەجدىسى» قىلىدىكەن، بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز؟
3- ھاجەتخانىلەرنىڭ تەرەت سۇندۇرۇش ئورنى بىلەن ئىستىنجا قىلىش ئورنىنىڭ ئايرىم بولشى شەرىئەت كۆرسەتمىسىمۇ؟ (يۇرتىمىزدىكى بەزى ئائىللەردە مۇشۇنداق لايىھەلىندۇ، ھەتتا بەزىلەر ئستىجا ئورنى بولمىسا، تەرەت ئورنىنىڭ سىرتىغا ئىستىجا قىلىدۇ.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
1- ۋە 2- سوئاللىرىڭىزنىڭ جاۋابى:
نامازدا فاتىھەدىن كېيىنكى قىرائەتنى (قۇرئان ئوقۇشنى) قۇرئان كەرىمنىڭ تەرتىبىگە رىئايە قىلىپ ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ئايەتلەرنىڭ ۋە سۈرىلەرنىڭ ئارىسىدا مۇناسىۋەتلەر بار. قۇرئان كەرىمنىڭ تەرتىبىگە رىئايە قىلىنمىغاندا ئۇ مۇناسىۋەتلەر بۇزۇلىدۇ.
نامازدا فاتىھەدىن كېيىن قۇرئاننىڭ قانداقلا بىر يېرىدىن ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. بۇ، ئىشنىڭ جايىز تەرىپىدۇر. يەنى فاتىھەدىن كېيىن قۇرئان كەرىمنىڭ تەرىتىبىگە رىئايە قىلىنماي سۈرە ئوقۇسىمۇ نامازغا دەخىلىسى بولمايدۇ.
ئىمام بۇخارى ئۆزنىڭ مەشھۇر ھەدىس كىتابىنىڭ كىتابۇلئەزان بۆلۈمىدىكى 106- بابتا يەنى «بىر رەكئەتتە ئىككى سۈرىنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈش، ئاخىرقى سۈرىلەرنى ئوقۇش، كېيىن كەلگەن سۈرىنى  ئىلگىرى ئوقۇش ۋە بىر سۈرىنىڭ ئاۋۋىلىنى ئوقۇش بابى» دا ئابدۇللاھ ئىبنى سائىبدىن مۇنداق زىكىر قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىدا مۇئمىنۇن سۈرىسىنى ئوقۇدى. ئۇ، ئوقۇپ تا مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ياكى ئىيسانىڭ قىسسىسىگە كەلگەندە يۆتەل تۇتتى ۋە رۇكۇغا كەتتى»[1].
ئۇمەر بىرىنچى رەكئەتتە سۈرە بەقەرەدىن 120 ئايەت، ئىككىنچى رەكئەتتە مەسانىيدىن[2] بىر سۈرە ئوقۇدى.
ئەھنەف بىرىنچى رەكئەتتە كەھف سۈرىسىنى، ئىككىنچى رەكئەتتە يۇنۇس سۈرىسىنى ياكى يۇسۇف سۈرىسىنى ئوقۇدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇمەر بىلەن بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇپ بامدات نامىزى ئوقۇغانلىقىنى زىكىر قىلدى.
ئىبنى مەسئۇد بىرىنچى رەكئەتتە ئەنفال سۈرىسىدىن 40 ئايەت، ئىككىنچى رەكئەتتە مۇفەسسەلدىن[3] بىر سۈرە ئوقۇدى.
قەتادە ھەر ئىككى رەكئەتتە بىر سۈرىنى ئوقۇغان ياكى ھەر ئىككى رەكئەتتە بىر سۈرىنى تەكرارلىغان كىشى توغرىسىدا: «ھەممىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر» دېگەن.
ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر (سابىتتىن، سابىت ئەنەسدىن رىۋايەت قىلىپ) مۇنداق دەيدۇ:
ئەنسارلاردىن بىر كىشى قۇبا مەسچىتىدە ئۇلارغا (ئەنسارلارغا) ئىماملىق قىلاتتى. ئۇ كىشى نامازدا قايسى سۈرىنى ئوقۇماقچى بولسا، ئالدى بىلەن «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد» نى ئوقۇۋېتىپ ئاندىن ئۇ سۈرىنى ئوقۇيتتى ۋە بۇنى ھەر رەكئەتتە قىلاتتى.
بۇ ھەقتە جامائەتلىرى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: سەن بۇ سۈرە بىلەن باشلايسەن، ئاندىن بۇ يەتمىگەندەك باشقا بىر سۈرە ئوقۇيسەن. يا بۇنى ئوقۇيسەن، ياكى بۇنى تەرك ئېتىپ باشقىسىنى ئوقۇيسەن. بۇ كىشى ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: مەن بۇ سۈرىسىنى تەرك ئەتمەيمەن. خالىسىڭلار سىلەرگە بۇ شەكىلدە ئىماملىق قىلىمەن، خالىمىساڭلار سىلەرنى تەرك ئېتىمەن.
جامائەت بۇ كىشىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى دەپ بىلەتتى. ئۆزلىرىگە باشقا بىر كىشىنىڭ ئىماملىق قىلىشىنى ياقتۇرمايتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە:
«ئى پالانى! نېمىشقا جامائەتنىڭ بۇيرۇغان ئىشنى قىلمىدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن ھەر رەكئەتتە بۇ سۈرىسىنى ئوقۇدۇڭ؟» دېدى.
ئۇ كىشى: «مەن ئۇ سۈرىنى ياخشى كۆرىمەن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سېنىڭ ئۇ سۈرىنى ياخىش كۆرۈشۈڭ، سېنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» دېدى.
ئىمام بۇخارىنىڭ بۇ بابتا ئوتتۇرىغا قويغان رىۋايەتلىرى، نامازدا فاتىھەدىن كېيىن قۇرئان كەرىمنىڭ قانداق يېرىدىن ئوقۇسا، جايىز بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى رىۋايەت بولسا، فاتىھە بىلەن سۈرىنىڭ ئارىسىدا ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇشنىڭ جايىزلىقىغىمۇ دالالەت قىلىدۇ.
3- سوئالنىڭ جاۋابى:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، …»[4].
بۇ ئايەتتە قانداق قىلسا تاھارەت ئالغان بولىدىغانلىق ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىستىنجا قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك،
پاكىزلىققا بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان دىنمىز، تەرەت سۇندۇرغاندىن كېيىن بەدەنگە ۋە كىيىم كېچەككە نىجاسەت يۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تاھارەت يوللىرىنى ئۇبدان تازىلاشقا بۇيرۇيدۇ.
بۇ تازىلىقنى سۇ، تاش، چالما، توپا ۋە تازىلىق قەغىزى قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ بىرى بىلەن قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى چاغدا سۇ بىلەن، بەزى چاغدا تاش بىلەن ئىستىنجا قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
دېمەك، ئىستىنجادا نېمىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى تەرەت يوللىرىنىڭ پاكىزلىنىشىدۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىستىنجا قىلىش خالادا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. خالاغا بارغان چېغىڭىزدا يەنى تەرەت سۇندۇرغان چېغىڭىزدا ئالدى- ئارقا تەرەت يوللىڭىزنى تاش، چالما، توپا، تازىلىق قەغىزى ۋە سۇ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ بىرى بىلەن پاكىزلىشىڭىز كېرەك. بۇ، خالادا قىلىشقا تېگشلىك ئىشلاردىندۇر. لېكىن نامازغا تاھارەت ئالغاندا قايتا ئىستىنجا قىلىشنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئورنى يوق.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى: ئوسۇرۇش بىلەن تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ، لېكىن ئوسۇرۇش بىلەن تاھارىتى سۇنغانلار تاھارەت ئالماقچى بولسا، ئىستىنجا قىلىشىغا ھاجەت يوق. چۈنكى قۇرۇق يەل بىلەن ئۇنىڭ مەقئىتىگە بىرەر نىجاسەت يۇقۇپ قالمايدۇ.
ئىستىنجا دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىمۇ مەقئەتنى تازىلاش دېگەن بولىدۇ. بۇ تازىلاش يۇقاردا دېگىنىمدەك تاش، چالما، توپا، تازىلىق قەغىزى ۋە سۇ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ بىرى بىلەن بولىدۇ.

[1]– دېمەككى بامدات نامىزىنىڭ قىرائىتى ئۈنلۈك قىلىنىدۇ.
[2]– مەسانىي ھەققىدە پەرقلىق كۆزقاراشلار بار: بەزىلەر: مەسانىي، ئايەتلىرى 100 گە يەتمەيدىغان سۈرىلەر، دەيدۇ؛ بەزىلەر: مەسانىي، ئايەتلىرى 100 گە يېتىدىغان سۈرىلەر، دەيدۇ؛ بەزىلەر: مەسانىي، ئۇزۇن يەتتە سۈرەدىن باشقا مۇفەسسەلگىچە بولغان سۈرىلەر، دەيدۇ.
[3]– مۇفەسسەل قۇرئان كەرىمنىڭ قاف سۈرىسىدىن باشلاپ تا ئاخىرغىچە بولغان قىسمىدۇر.
[4]مائىدە 5/6.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر