مۇسۇلمانلار

مۇشرىكلارنىڭ ئادەتلىرى

مۇشرىكلارنىڭ بەزى ئادەتلىرى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَجَعَلُوا لِلَّهِ مِمَّا ذَرَأَ مِنَ الْحَرْثِ وَالْأَنْعَامِ نَصِيبًا فَقَالُوا هَذَا لِلَّهِ بِزَعْمِهِمْ وَهَذَا لِشُرَكَائِنَا فَمَا كَانَ لِشُرَكَائِهِمْ فَلَا يَصِلُ إِلَى اللَّهِ وَمَا كَانَ لِلَّهِ فَهُوَ يَصِلُ إِلَى شُرَكَائِهِمْ سَاءَ مَا يَحْكُمُونَ (136) وَكَذَلِكَ زَيَّنَ لِكَثِيرٍ مِنَ الْمُشْرِكِينَ قَتْلَ أَوْلَادِهِمْ شُرَكَاؤُهُمْ لِيُرْدُوهُمْ وَلِيَلْبِسُوا عَلَيْهِمْ دِينَهُمْ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا فَعَلُوهُ فَذَرْهُمْ وَمَا يَفْتَرُونَ (137) وَقَالُوا هَذِهِ أَنْعَامٌ وَحَرْثٌ حِجْرٌ لَا يَطْعَمُهَا إِلَّا مَنْ نَشَاءُ بِزَعْمِهِمْ وَأَنْعَامٌ حُرِّمَتْ ظُهُورُهَا وَأَنْعَامٌ لَا يَذْكُرُونَ اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهَا افْتِرَاءً عَلَيْهِ سَيَجْزِيهِمْ بِمَا كَانُوا يَفْتَرُونَ (138) وَقَالُوا مَا فِي بُطُونِ هَذِهِ الْأَنْعَامِ خَالِصَةٌ لِذُكُورِنَا وَمُحَرَّمٌ عَلَى أَزْوَاجِنَا وَإِنْ يَكُنْ مَيْتَةً فَهُمْ فِيهِ شُرَكَاءُ سَيَجْزِيهِمْ وَصْفَهُمْ إِنَّهُ حَكِيمٌ عَلِيمٌ (139)»
«مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر نېسىۋە ئايرىپ، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ باتىل چۈشەنچىسى بويىچە: «بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر. بۇ شېرىكلىرىمىز ئۈچۈندۇر[1]» دېدى. ئۇلارنىڭ باتىل چۈشەنچىسى بويىچە شېرىكلىرىنىڭ نېسىۋىسى ئاللاھنىڭكىگە قوشۇلمايتتى. ئاللاھنىڭ نېسىۋىسى شېرىكلىرىنىڭكىگە قوشۇلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان![2].
شۇنىڭدەك، مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى مۇشرىكلارنىڭ تولىسىغا ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئۇلار بۇنى مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارغا ئۆز دىنلىرىنى مۈجمەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قىلدى[3]. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار بۇنى قىلالمايتتى. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئويدۇرغان بوھتانلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باتىل چۈشەنچىسى بويىچە: «بۇ چەكلەنگەن ئەنئام ۋە ئېكىنلەردۇر، ئۇلارنى بىز خالىغان كىشىلەرلا يېيەلەيدۇ. شۇ مىنىش ھارام قىلىنغان ئەنئامدۇر. شۇ بوغۇزلىغاندا بىسمىللاھ دېيىشكە بولمايدىغان ئەنئامدۇر[4]» دېدى. ئۇلار بۇنى ئاللاھقا بوھتان چاپلاپ قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن يېقىندا جازالايدۇ.
ئۇلار: «بۇ ئەنئامنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرى ئەرلىرىمىزگە خاستۇر، ئاياللىرىمىزغا ھارام قىلىنغۇچىدۇر. ئەگەر ئۇ ئۆلۈك تۇغۇلسا، ئەر-ئايال ھەممەيلەن ئۇنىڭدا ئورتاقتۇر» دېدى. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارغا بۇ سۈپەتلىشىنىڭ جازاسىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر.


[1]– مۇشرىكلار كەبىنى تاۋاپ قىلىۋېتىپ مۇنداق دەيتتى:
 «لَبَّيْكَ لاَ شَرِيْكَ لَكَ إِلاَّ شَرِيْكٌ ھُوَ لَكَ تمَلِكُهُ وَ مَا مَلَكَ»
 «خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، پەقەتلا بىر شېرىكىڭ بار، ئۇ ۋە ئۇ ئىگە بولغان ھەممە نەرسە سېنىڭ ئىلكىڭدە ئى ئاللاھ!».
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار «لەببەيك لا شەرىيكە لەك- خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق» دېگەن ۋاقىتلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئىسىت سىلەرگە! بۇ يەردە توختىتىڭلار، بۇ يەردە توختىتىڭلار» دەيتتى.- مۇسلىم، ھەج 22، ھەدىس نومۇرى 1185. دېمەككى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ بۇتىنى ئاللاھنىڭ شېرىكى دەپ ئېتىقاد قىلاتتى ۋە ئېكىنلىرى بىلەن تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر نېسىۋە، بۇتى ئۈچۈن بىر نېسىۋە ئايرىيتتى. ئايەتتە پۈتۈن مۇشرىكلارنىڭ بۇ باتىل قىلمىشى ئەيىبلىنىدۇ.

[2]– ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مۇشرىكلار ئېكىنلىرىدىن ۋە ھايۋانلىرىدىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر ھەسسە، بۇتلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە ئايرىيتتى. ئۇلار بۇتلىرى ئۈچۈن ئايرىغىنىنى بۇتقا چىقىم قىلاتتى. ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىغىنى بىلەن ئۆسمۈر بالىلارنى ۋە يوقسۇللارنى تەمىنلەيتتى ۋە ئۆزلىرى بۇنىڭدىن يېمەيتتى. ئەگەر ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىغىنىدىن بۇتلار ئۈچۈن ئايرىغىنىغا بىر نەرسە چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى شۇنداقلا تاشلىۋېتەتتى ۋە: «ئاللاھ بۇنىڭدىن بىھاجەت» دەيتتى. ئەگەر بۇتلار ئۈچۈن ئايرىغىنىدىن ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىغىنىغا بىر نەرسە چۈشۈپ كەتسە ئۇنى ئېلىپ بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسىگە قايتۇرۇۋېتەتتى ۋە: «بۇ پېقىر» دەيتتى. (فەخرۇررازى، تەپسىرۇلكەبىر، ج 5 ، پ 158)

[3]– مۇشرىكلارنىڭ چوقۇنغان شېرىكلىرى، ئىنسان ۋە جىنلاردىن بولغان شەيتانلىرى نۇرغۇن مۇشرىكلارغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى پەردازلاپ چىرايلىق كۆرسەتتى. كىرىملىرىنى قوللىرىدىن ئېلىپ قىيىنچىلىقلارغا تىقىپ قويدى. ئەقىللىرىنى، پىكىرلىرىنى ۋە ھېسسىياتلىرىنى ئاساسسىز سۆز- چۆچەكلەر بىلەن بۇزدى. تۇرمۇش غېمى ۋە بىر قىسىم ساختا بېسىملەر بىلەن بويىغا يەتكەن بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى، بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىشنى، قىزلىرىنى تىرىك كۆمۈۋېتىشنى، تۇغۇلمىغان بالىلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىشنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز نەسىللىرىنى ئۆزلىرى قۇرۇتۇۋېتىشنى بىر ئىقتىسادىي ئىش، بىر ئەقىل ئىشى، بىر نومۇس ئىشى ۋە بىر دىن ئىشى قىلىپ كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ ئىچىگە سىڭدۈردى. بۇ ئىشنى ئىككى غايە بىلەن قىلدى. بىرى مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش، يەنە بىرى ئۇلارنىڭ دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ يوقىتىش. (بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغان دىن، ئىبراھىم ۋە ئىسمائىلدىن كەلگەن دىندۇر)- ELMALILI M. HAMDİ YAZİR, HAK DÎNİ KUR'AN DİLİ, 3/460.

[4]– ئەنئام دېگەن سۆز بۇ سۈرىنىڭ 142-، 143- ۋە 144- ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەج سۈرىسىنىڭ 28-، 34- ۋە 36- ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانمۇ مۇشۇ ئەنئام تۈرى ھايۋانلاردىن بولۇشى شەرت. ئۇيغۇرچىدىكى چارۋا دېگەن سۆز ئات، كالا، قوي قاتارلىق ھايۋانلارنى ئىپادىلەيدۇ. «چارپاي»نىڭ مەنىسى تۆت پۇتلۇق، «ھايۋان» نىڭ مەنىسى جانلىق دېگەن بولىدۇ. دېمەككى، «چارۋا»نىڭ ئىچىدە ئات بار، تۆگە يوق، «چارپاي» نىڭ ئىچىدە بارلىق تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار بار، «ھايۋان»نىڭ ئىچىدە پۈتكۈل جانلىقلار بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ «ئەنئام» دېگەن سۆزنى «چارۋا، چارپاي، ھايۋان» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەرجىمە قىلىش مەزكۇر كەلىمىنىڭ مەنىسىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. شۇڭا بىز بۇ كەلىمىنى بەزى يەردە «تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە» دەپ تەرجىمە قىلدۇق، بەزى يەردە ئۆز پېتى قويدۇق. ئۆز پېتى قويۇلغان يەرنىڭ بەزىسىدە مۇشۇ تۆت تۈرلۈك ئۆي ھايۋىنى مەقسەت قىلىنىدۇ، بەزى يەردە پەقەت تۆگە مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر