مۇسۇلمانلار

مۇسۇلمان دېگەن نېمە؟

سوئال:
1ـ مۇسۇلمان دېگەن نېمە؟ مۇئمىن دېگەنچۇ؟
2ـ پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟ مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسىچۇ؟ ياسىن ئەھمەت
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
«1ـ مۇسۇلمان دېگەن نىمە؟ مۇئمىن دېگەنچۇ؟»
    جاۋاب:
بۇ سوئالىڭىزغا تۆۋەندىكى ھەدىس جاۋاب بېرىدۇ:
 ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتۇق، تۇيۇقسىز قېشىمىزغا كىيىملىرى ئاپئاق، چاچلىرى قاپقارا بىر كىشى چىقىپ كەلدى.
ئۇنىڭ تۇرقىدىن سەپەر قىلغانلىق ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى. ھېچ قايسىمىز ئۇنى تونۇمىدۇق. ئۇ ئىككى تىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى تىزىغا تەگكۈزۈپ، ئىككى ئالىقىنىنى ئىككى يوتىسىغا قويۇپ: «ئى مۇھەممەد! ماڭا ئىسلامنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن»، دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىسلام ‹بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دەپ› گۇۋاھلىق بېرىشىڭدۇر، پەرز نامازلارنى تولۇق ئادا قىلىشىڭدۇر، زاكات بېرىشىڭدۇر، رامزان روزىسىنى تۇتۇتۇشڭدۇر، قادىر بولالىساڭ ھەج قىلىشىڭدۇر»، دېدى.
ئۇ كىشى: «راست ئېيتتىڭ»، دېدى. بىز ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى سوراپ، سوئالىغا جاۋاب بېرىلسە، « راست ئېيتتىڭ»، دەپ تەستىقلىغىنىغا ئەجەبلەندۇق.
ئاندىن ئۇ كىشى يەنە: «ماڭا ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن»، دېدى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىمان ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەتكە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭدۇر»، دېدى. ئۇ كىشى: «راست ئېيتتىڭ»، دېدى………
ئاندىن كېيىن ئۇ كىشى بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى. مەن بىر ھازاغىچە تۇرۇپ قاپتىمەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئۇمەر! سوئال سورىغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟»، دېدى. مەن: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئوبدان بىلگۈچىدۇر»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ جىبرىئىل بولىدۇ. ئۇ سىلەرگە دىنىڭلارنىڭ ئاساسلىرىنى تەلىم بەرگىلى كەلگەن»، دېدى[1].
دېمەك، ئاللاھ تەئالاغا، پەرىشتىلەرگە، ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھ تەئالانىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە، قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشى مۇئمىن، بۇ ئىمانىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلغان كىشى مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنداق قىلمىغان كىشى مۇئمىن ۋە مۇسۇلمان بولمايدۇ.
«2ـ پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى نىمە؟»
بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى مۇنۇ ئايەتلەر بېرىدۇ:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
 «پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر»[2].
«بۇ پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر…»[3].
بۇ ئايەتلەر، پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ۋە بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ، ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمر- پەرمانلىرىنى ئىنسانلارغا چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلشتىن (يەتكۈزۈشتىن) ئىبارەت ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
«3- مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟»
مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى ئۆز پەيغەمبىرى قويۇپ كەتكەن قۇرئاننى، ئۇ پەيغەمبەرنى ئۈلگە ئالغان ھالدا[4] مەھكەم تۇتۇش، ئۇنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە باشقىلارغا يەتكۈزۈشتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. ئۇنى مەھكەم تۇتساڭلار، ئېزىپ كەتمەيسىلەر»[5].
«مېنىڭ تەرىپىمدىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار»[6]
———————————————————————————————————- 
[1]– مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
[2] نەھل 16/35.

[3]– مائىدە 5/92، 99؛ رەئد 13/40؛ نەھل 16/82؛ نۇر 24/54؛ ئەنكەبۇت 29/18؛ شۇرا 42/48؛ تەغابۇن 64/12.

[4]– ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەر ئۈچۈن ياخشى ئۆلگىدۇر»- ئەھزاب 33/21.

[5]– مۇسلىم ھەج، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى؛ ئەبۇ داۋۇد مەناسىك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى (ئۇيغۇرچە)، ۋىدالىشىش نۇتقى.

[6]– بۇخارى، ئەنبىيا 50؛ تىرمىزىي، ئىلىم 13؛ دارىمىي، مۇقەددىمە 46؛ مۇسنەد ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 3/159، 202، 214.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر