مۇسۇلمانلار

مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىمى

جاۋاب:

مۇسۇلمان دېگەن شەرەپلىك ئىسىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئۈچۈن ئىسلام دىنىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش كېرەك. ئىنسانلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي بەختىنى ياكى ئەبەدىي بەخىتسىزلىكىنى بۇ دۇنيادىكى سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بەلگىلەيدۇ. ھەر ئىنساننىڭ بولۇپمۇ ھەر مۇسۇلماننىڭ بۇنى ئۇنۇتماسلىكى لازىم.

سىز گېپىنى قىلغان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇھىتتا كۈچىنىڭ يېتىشىچە دىنىمىزنىڭ ئەمىرلىرىنى ئادا قىلىشقا ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىشقا تىرىشىشى لازىم. لېكىن ئاللاھ تەئالا ئەمرى بىلەن باشقىلارنىڭ ئەمرىدىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كېلىپ قالغاندا، چۇقۇم ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمرىنى تاللاشلىرى كېرەك.

مۇسۇلمان ئاياللارغا خاس كىيىم دەيدىغان بىر كىيىم شەكلى يوق. دىنىمىز ئايال كىشىنى ئىككى قولى ۋە يۈزىدىن باشقا پۈتۈن ئەزالىرىنى يېپىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەۋرەتنى ياپىدىغان كىيىم نىپىزلىكىدىن ياكى تارلىقىدىن بەدەننى مەلۇم قىلماسلىقى كېرەك.

ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقى ياخشى ئىشتۇر. كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ دىنىمىزغا ئۇيغۇن بولمىغانلىقى بولسا، تۈزىتىشكە تېگىشلىك بىر خاتالىقتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر