مۇسۇلمانلار

مۇسۇلمانچە تېتىتقۇلار ۋە خېمىرتۇرۇچلار قانداق نەرسە؟

جاۋاب:

دىنىمىزدا مۇسۇلماننىڭ يېمەكئىچمىكى ھالال ۋە پاكىز بولۇشى لازىم دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ شەرتكە ئۇيغۇن بولغان يېمەكئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. بەزى نەرسىلەر توغرىسىدا كشىلەرنىڭ ئېغىزىدىكى سۆزچۆچەكلەرگە ئاساسلىنىپ ھارام دەپ ھۆكۈم چىقىرىش توغرا ئەمەس. ئۇ نەرسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان يېرىگە بېرىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، شۇنداقلا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھاراملىقىغا ياكى ھالاللىقىغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ھاراملىقنىڭ ۋە ھالاللىقنىڭ ئۆلچىمى ئاللاھنىڭ دىنى بولۇشى كېرەك.

ئەگەر ئۇ نەرسىلەرنى ھارام دېگۈچىلەر مۇشۇنداق بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھارام دەپ ھۆكۈم چىقارغان بولسا، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ يالغان ئېيتمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلار ئۇ ھۆكۈم بويىچە ئىش قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا بۇ خىل «مىش-مىش گەپ» لەر بىلەن بىر نەرسىنىڭ ھاراملىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر