مۇسۇلمانلار

مۇسۇلماننىڭ ھەقلىرى

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

مۇسۇلماننىڭ زىممىسىدە مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ قانداق ھەقلىرى بار؟ ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلمىغانلارنى قانداق قىلىمىز؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام:

قېرىندىىشىم! سىز ئىككى مەسىلە توغرۇلۇق سوئال سوراپسىز. جاۋابلار ئارىلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن سوئاللىرىڭىزنى ئايرىم-ئايرىم نەقىل قىلىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىمەن.

«مۇسۇلماننىڭ زىممىسىدە مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ قانداق ھەقلىرى بار؟»

جاۋاب:

مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەقلىرى تۆۋەندىكىچە:

1- مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئى مۇئمىنلار! رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- (ھەج 22/77).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«مۇسۇلمانلار ئۆزئارا قېرىنداشتۇر، بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە بىر-بىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۈۋەتسە، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«كىمكى بىر مۇئمىندىن دۇنيا ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاسانلىق بېرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ. كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار-يۆلەك بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولىدۇ»- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

2- يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلاش، مىســكىن، دىــلى سۇنۇق كىشىـــلەرگە ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارغا شەپقەت قىلىش، ئۇلار بىلەن كەمتەر مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۇلارنى قانــات ئاســتىــغا ئېـــلىــش.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«…مۇئمىنلارغا كەمتەر بولغىن»- (ھىجىر 15/88).

«رەببىنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتە-ئاخشام ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغانلار بىلەن بىرگە بولۇشقا ئۆزۈڭنى زورلىغىن. بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتنىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى دەپ، كۆزلىرىڭ ئۇلاردىن باشقىسىغا چۈشمىسۇن. بىز قەلبىنى زىكرىمىزدىن غاپىل قىلغان، ھاۋايى-ھەۋەسىگە ئەگەشكەن ۋە ئىشىدا ھەددىدىن ئاشقان كىشىگە ئىتائەت قىلمىغىن»- كەھف 18/28).

«يىتىمنى خارلىما، سائىلغا قوپاللىق قىلما»- (زۇھا 93/9-10).

«دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ يېتىمنى دۈشكەللەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىبمۇ قىلمايدىغان ئادەمدۇر»- (مائۇن 107/1-3).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«مەن يېتىمنى باققۇچى ئادەم بىلەن جەننەتتە يېقىن تۇرىمەن»- (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

«ئاللاھ سىلەرگە، ئاراڭلاردىكى ئاجىز كىشىلەرنىڭ بەرىكاتىدىن مەدەت قىلىپ تۇرىدۇ ۋە رىزقىڭلارنى بېرىپ تۇرىدۇ» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

3- قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن-يىراق قوشنىلارغا، ياندىكى ھەمراھقا (سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل-چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار. ئاللاھ مۇتەكەببىر، ماختانچاقنى ھەرگىزمۇ ياقتۇرمايدۇ»- (نىسا 4/36).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«جىبرىئىل ماڭا قوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىۋەرگەچكە، مەن قوشنىلارنى بىر-بىرىگە مىراسخور قىلامدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«قوشنىلىرىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ئۆزىنى ساقلىمىغان ئادەم كامىل مۇئمىن ھېسابلانمايدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«ئى مۇسۇلمان ئاياللار! قوشنىلىرىڭلارغا قوينىڭ تۇۋىقى چاغلىق نەرسە بولسىمۇ ئاز كۆرمەي سۇنۇڭلار»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، قولۇم -قوشنىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزمىسۇن. كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن. كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلىپ تۇرسۇن»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھەمراھىغا ياخشى بولغان كىشى ئەڭ ياخشى ھەمراھ ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە قوشنىسىغا ياخشى بولغان كىشى ئەڭ ياخشى كىشى ھېسابلىنىدۇ»- (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

4- سالام قىلىش ۋە سالامنى ئىلىك ئېلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئى مۇئمىنلار! ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن باشقا ئۆيلەرگە، ئۆزلىرىڭلارنى تونۇشتۇرۇپ ئىجازەت ئالماستىن ۋە ئۆي ئەھلىگە سالام بەرمەستىن كىرمەڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەقلىڭلەرنى ئىشلەتكەيسىلەر»- (نۇر 24/27).

«…ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئاللاھدىن بەرىكەت، سالامەتلىك ۋە ياخشىلىق تىلەپ ئۆزۈڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) سالام بېرىڭلار…»- (نۇر 24/61).

«سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن سالام بېرىڭلار ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار…»- (نىسا 4/86).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«كىشىلەرگە تائام بېرىشىڭ، تونۇغان ۋە تونۇمىغان كىشىلەرگە سالام بېرىشىڭ ئىسلامدىكى ياخشى خىسلەتلەردۇر»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«ئى ئىنسانلار! سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار، كىشىلەرگە ئاش-نان بېرىڭلار، سىيلە-رەھىم قىلىڭلار، كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا سىلەر ئورنۈڭلاردىن تۇرۇپ تەھەججۇد ناماز ئوقۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، جەننەتكە ئامان-ئېسەن كىرەلەيسىلەر»- (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

مۇسۇلماننىڭ زىممىسىدە مۇسۇلمان قېرىدىشنىڭ يەنە تۆۋەندىكى ھەقلىرىمۇ بار:

مۇسۇلمان قېرىندىشى كېسەل بولۇپ قالسا يوقلىشى، ئۆلۈپ قالسا نامىزىغا قاتنىشىشى ۋە جىنازىسىنى ئۇزىتىپ قەبرىستانلىققا بېرىشى، چاقىرغان يېرىگە بېرىشى، چۈشكۈرۈپ «ئەلھەمدۇ لىللاھ (ئاللاھقا شۈكۈر، ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن)» دېسە، «يەرھەمۇكەللاھ (ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن)» دېيىشى قاتارلىقلار. مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

«ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلمىغانلارنى قانداق قىلىمىز؟»

قېرىندىشىم! مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەقلىرى ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت. لېكىن بىر كىشى ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلمىسا، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئاللاھ ئالىدۇ. بىزنىڭ كىشىلەرگە قولىمىزدىن كېلىشىچە توغرىنى يەتكۈزۈشتىن باشقا ۋەزىپىمىز يوق. كىشىلەر بىزدىن توغرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ توغرىغا ئەمەل قىلامدۇ، قىلمامدۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. بىز تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئۆزىمىز توغرا يولدا مەھكەم تۇرۇمىز:

«ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»- (مائىدە 5/105). 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر