مۇسۇلمانلار
مۇسۇلماننىڭ ئائىلىسى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى 1

مۇسۇلماننىڭ ئائىلىسى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى

مۇسۇلماننىڭ ئائىلىسى ۋە باشقا ئىنسانلار ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى

مۇسۇلمانلار بىر بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشنى ئۆزلىرىگە مەجبۇرىيەت دەپ بىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە يېقىن تۇققانلىرىغا ھەقنى تەۋسىيە قىلىشتىن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ھېچ چېكىنمەسلىكى كېرەك. ئەمما بۇ ئىشنى توغرا ئۇسلۇب ۋە سەۋرچانلىق بىلەن قىلىشى كېرەك.

ئاللاھ تائالا بۇ ئىشنىڭ ئىنسان ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

وَٱلۡعَصۡرِ  إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَفِي خُسۡرٍ  إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَتَوَاصَوۡاْ بِٱلۡحَقِّ وَتَوَاصَوۡاْ بِٱلصَّبۡرِ

«ئەسىر بىلەن قەسەمكى، ئىنسان ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەر زىيان ئىچىدە ئەمەس»-(103-سۈرە ئەسر، 2~3- ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇسۇلماننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە دىنى ئەھكاملارنى ئۆگىتىش ۋە قىلدۇرۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلغان مۇنۇ سۆزى بىلەن بىلدۈرىدۇ:

وَأۡمُرۡ أَهۡلَكَ بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱصۡطَبِرۡ عَلَيۡهَاۖ

« ئائىلەڭنى نامازنى ئۆتەشكە ئەمىر قىلغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنىڭغا سەۋر قىلغىن…»-(20-سۈرە تاھا، 132- ئايەت).

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىنى ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرگە بۇيرۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ:

وَكَانَ يَأۡمُرُ أَهۡلَهُۥ بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱلزَّكَوٰةِ وَكَانَ عِندَ رَبِّهِۦ مَرۡضِيّٗا 

«ئۇ ئائىلىسىنى نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇيتتى. ئۇ رەببىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن بىرى ئىدى» – (19-سۈرە مەريەم، 55- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايىتدە يەنە مۇئمىنلەرگە مۇنداق ئەمىر قىلىدۇ:

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ قُوٓاْ أَنفُسَكُمۡ وَأَهۡلِيكُمۡ نَارٗا وَقُودُهَا ٱلنَّاسُ وَٱلۡحِجَارَةُ عَلَيۡهَا مَلَٰٓئِكَةٌ غِلَاظٞ شِدَادٞ لَّا يَعۡصُونَ ٱللَّهَ مَآ أَمَرَهُمۡ وَيَفۡعَلُونَ مَا يُؤۡمَرُونَ 

«ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلار ۋە تاشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشىدا قوپال ۋە قاتتىق قول پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەمرلەرنى ئىجرا قىلىدۇ» – (66-سۈرە تەھرىم، 6- ئايەت).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر