مۇسۇلمانلار

مۇسا بىلەن ياخشى بەندە

(ئى ئاللاھ! مېنى قوغلاندى شەيتاندىن ساقلىسلا)

60- ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆزىنىڭ ياش ئادەمىگە: «مەن ئىككى دېڭىزنىڭ بىرلەشكەن يېرىگە يېتىپ بارمىغىچە ياكى بۇ يولدا ئۇزۇن بىر زامان ئۆتكۈزمىگىچە ھېچ توختىماستىن ماڭىمەن» دېگەن ئىدى.

61- شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مېڭىپ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىسى بىرلەشكەن جايغا يېتىپ بارغاندا بېلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشتى. بېلىق بولسا، دېڭىزغا چۈشۈپ ماڭغان يولىنى تۆشۈك ھالەتتە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى.

62- ئۇلار ئۇ يەردىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇسا ياش ئادەمىگە: «تامىقىمىزنى چىقارغىنا، بۇ سەپىرىمىزدە بەك چارچاپ كەتتۇق» دېدى.

63- ياش ئادەم: «ئاپلا، بىز ئۇ قۇرام تاشنىڭ يېنىدا ئارام ئالغان چېغىمىزدا بېلىقنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن- دە. ئۇنىڭ ۋەقەسىنى دېيىشنى ماڭا چوقۇم شەيتان ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ. ئۇ، دېڭىزدىكى يولىنى ئەجەبلىنەرلىك بىر شەكىلدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى» دېدى.

64- مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز ئەنە شۇ ئىدى!» دېدى- دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزلىرى بويىچە كەينىگە يېنىپ ئۇ قۇرام تاشنىڭ يېنىغا كەلدى.

65- ئۇلار ئۇ يەردە، بىز ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت ۋە ئىلىم ئاتا قىلغان بىر بەندىمىزنى ئۇچراتتى.

66- مۇسا ئۇنىڭغا: «ساڭا ئەگەشسەم، ئۆگەنگەن ئىلىملىرىڭدىن ئۆگىتىپ مېنى يېتىشتۈرەمسەن؟» دېدى.

67- ئۇ بەندىمىز مۇساغا مۇنداق دېدى: «سەن ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن.

68- سەن ئىلمىڭ يەتمىگەن ئىشلارغا قانداقمۇ سەۋر قىلىسەن؟».

69- مۇسا: «ئىنشائاللاھ، مېنى سەۋرچان كۆرىسەن، سېنىڭ ھېچبىر ئىشىڭغا قارشى چىقمايمەن» دېدى.

70- ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «ئۇنداقتا ماڭا ئەگشسەڭ، مەن ساڭا ئېيتىپ بەرمىگىچە ھېچبىر نەرسە توغرىسىدا مەندىن سوئال سورىما!» دېدى.

71- شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى يولغا چۈشۈپ، ئاخىرى بىر كېمىگە چىقىشتى. ئۇ بەندىمىز بۇ كېمىنى تېشىۋەتتى. مۇسا ئۇنىڭغا: «بۇ كېمىنى، ئىچىدىكى يولۇچىلارنى غەرق قىلىش ئۈچۈن تېشىۋەتتىڭمۇ؟ سەن ئاجايىپ بىر ئىش قىلدىڭ!» دېدى.

72- ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «مەن ساڭا، قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.

73- مۇسا: «ئۇنتۇپ قېلىپ دەپ سالغان بۇ سۆزۈم ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمە. بىلىمىڭدىن ئۆگىنىۋېلىش ئىشىمنى قىيىنلاشتۇرما!» دېدى.

74- شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە يولغا چۈشۈپ، بىر مۇددەتتىن كېيىن بىر ئوغۇل بالىنى ئۇچرىتىشتى. ئۇ بەندىمىز ئۇ بالىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. مۇسا: «سەن بىر بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈرەمسەن؟ سەن ھەقىقەتەن يامان بىر ئىش قىلدىڭ» دېدى.

75- ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «مەن ساڭا، قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.

76- مۇسا: «ئەگەر سەندىن بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر نەرسە سورىسام، مېنى يېنىڭدا ئېلىپ ماڭما. بۇ مېنىڭ ساڭا ئېيتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۆزرەم!» دېدى.

77- شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە يولغا چۈشتى ۋە بىر مۇددەت ماڭغاندىن كېيىن بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلاردىن تاماق سوراشتى. لېكىن كەنت ئاھالىسى ئۇلارنىڭ مېھمان بولۇش تەلىپىنى رەت قىلدى. بۇ ئەسنادا ئىككىسى ئۇ كەنتتە ئۆرۈلۈپ كەتكىلى قوپقان بىر تام ئۇچراتتى. ئۇ بەندە دەرھال ئۇ تامنى تۈزۈپ قويدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «بۇنىڭغا بىر ھەق ئالساڭ ئالالايتتىڭ» دېدى.

78- ئۇ بەندىمىز مۇنداق دېدى: «مانا بۇ، ئارىمىزنىڭ ئايرىلىشىدۇر. مەن ھازىر ساڭا، سەن سەۋر قىلالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئېيتىپ بېرىمەن:

79- ئۇ كېمە بارغۇ! ئۇ، دېڭىزدە ئىشلەيدىغان بىرقانچە مىسكىننىڭ ئىدى. ئۇنى ئەيىبلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشنى خالىدىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ بارىدىغان يېرىدە ھەر ساغلام كېمىنى بۇلىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى.

80- ئۇ ئوغۇل بالىغا كەلسەك، ئاتا – ئانىسى مۇئمىن كىشىلەر ئىدى. ئۇ بالىنىڭ، كەلگۈسىدە ئۇلارنى ئازغۇنلۇققا ۋە نان كورلۇققا زورلىشىدىن قورقتۇق- دە،

81- رەببىنىڭ ئۇلارغا، ئۇنىڭدىن ياخشى ۋە كۆيۈملۈك بىر بالا ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق.

82- ئۇ تام بولسا، شەھەردە ياشايدىغان ئىككى يېتىم ئوغۇلنىڭ بولۇپ، ئاستىدا ئۇلارنىڭ بىر خەزىنىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ دادىسى ياخشى ئادەم ئىدى. رەببىڭ، ئۇلارنىڭ بالاغەتكە يېتىپ خەزىنىلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن چىقىرىشىنى ئىرادە قىلدى. بۇ، رەببىڭدىن بىر رەھمەت ئىدى. مەن بۇلارنى ئۆزۈم چاغلاپ قىلمىدىم. ئەنە شۇلار، سەن سەۋر قىلالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتى».

كەھف سۈرىسى 60 – ئايەتتىن 82 – ئايەتكىچە (تەرجىمىسى)

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر