مۇسۇلمانلار

مۇجتەھىدلەرنىڭ دەۋرى بەشىنچى قىسىم

ھەنەفىي مەزھىپى:
ھەنەفىيلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈم توغرىسىدىكى سىستېمىسىنى يۇقىرىدىكى ئالتە تۈرلۈك مال بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرىدۇ، ئۇلاردىن ئىللەتلەر (سەۋەبلەر) چىقىرىدۇ ۋە قىياسلار قىلىدۇ. بۇ مەزھەپتە ئۆسۈم مۇنداق ئىزاھلىنىدۇ:
«ئۆسۈم مۇبادەلە ئەقدىلىرىدە ئىككى تەرەپنىڭ بىرىگە بېرىلىشى شەرت قىلىنغان بەدەلسىز ئارتۇقلۇقتتۇر»[1].
بۇ ئىزاھنىڭ ئىككى ئاساس نۇقتىسى بار: بىرى مۇبادەلە ئەقدى، يەنە بىرى بەدەلسىز ئارتۇقلۇق.
مۇبادەلە بىر نەرسىنى بىر نەرسە بىلەن تېگىشىش، دېگەن بولىدۇ. پۇل بېرىپ نان ئېلىش، بۇغداي بېرىپ ئۇن ئېلىش، ئالتۇن بېرىپ ئالتۇن ئېلىش بىرەر مۇبادەلەدۇر.
ئەقد لۇغەتتە باغلىماق، چىگمەك، تۈگۈن تۈگمەك، دېگەن بولىدۇ. ئىستىلاھدا ئىككى ياكى بىرقانچە تەرەپ مەلۇم بىر ئىش توغرىسىدا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ تۈزۈشكەن كېلىشىم، دېگەن بولىدۇ.
مۇبادەلە ئەقدى بىر نەرسىنى بىر نەرسە بىلەن تېگىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەنەفىيلەر ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى ئېلىم-سېتىم بۆلۈمىنىڭ كىچىك بىر ماۋزۇسى سۈپىتىدە تەتقىق قىلىدۇ ۋە فىقىھنىڭ كىتابۇلبۇيۇئ (ئېلىم-سېتىم كىتابى) دا بابۇررىبا (ئۆسۈم بابى) دېگەن سەرلەۋھە بىلەن قەلەمگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆسۈمنى ئىزاھلاشتا مۇبادەلە دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشى قەرزدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن كىرىمنىمۇ ئۆسۈم دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈندۇر.
ئىزاھنىڭ ئىككىنچى نۇقتىسى بەدەلسىز ئارتۇقلۇقتۇر. بۇ تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. تۇخۇم، لىمون، ئالما، ئامۇت قاتارلىقلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. لېكىن ئارپىنى ئارپىغا، ئالتۇننى ئالتۇنغا، پۇلنى پۇلغا تەڭپۇڭلاشتۈرغىلى بولىدۇ. بەدەلسىز ئارتۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدىغان نەرسىدۇر. بىر ئاي كېيىن 101 ئالتۇن ئېلىش شەرتى بىلەن 100 ئالتۇن بېرىلسە 1 ئالتۇن بەدەلسىز ئارتۇقلۇق بولىدۇ، مانا بۇ ئۆسۈمدۇر.
   1- ھەنەفىي مەزھىپىدە ئۆسۈم ئىللەتلىرى
ئۆسۈم مۇئامىلىلىرىنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش، بۇغداي، ئارپا، خورما ۋە تۇز قاتارلىق ماللارنىڭ بەزى ئېلىم-سېتىم شەكىللىرى بىلەن چەكلىنىشى مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەنەفىيلەر ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن ئىككى ئىللەت يەنى ئۆسۈمگە سەۋەب بولالايدىغان ئىككى ئاساس نۇقتا بېكىتىپ چىقىپ ئاندىن دائىرىنى قىياس يولى بىلەن كېڭەيتىدۇ. ئۇ ئىككى ئىللەتنىڭ بىرى جىنس، يەنە بىرى قەدىر (مىقدار)دۇر.
جىنس تېگىشتۈرۈلگەن ئىككى مالنىڭ ئەينى جىنستىن بولۇشى، مىقدار ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ ئەينى بولۇشى، دېمەكتۇر. ھەدىسلەردە ئۆلچەم بىرلىكى سۈپىتىدە ۋەزىن (جىڭ/تارازا) ۋە كەيل (كەمچەن) زىكىر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ھەنەفىيلەر ئۇلارنى مىقدار، دەپ چۈشىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە ئەينى جىنستىن بولۇپ جىڭ/تارازا ياكى كەمچەن بىلەن سېتىلىدىغان ئىككى مالنى تېگىشكەندە مىقدارلىرىنىڭ تەڭ، تېگىشىشنىڭ نەق بولۇشى كېرەك. بولمىسا بۇ تېگىشىش ئۆسۈم مۇئامىلىسى ھېسابلىنىدۇ.
ھەنەفىيلەر جىنس ئىللىتىنى بېكىتىشتە ھەدىسلەردىكى «ئالتۇنغا ئالتۇن… بۇغدايغا بۇغداي…» دېگەن شەكىلدە ئەينى جىنسىدىن بولغان ئىككى مالنى تېگىشىشنىڭ زىكىر قىلىنىشىغا ئاساسلىنىدۇ. قەدىر (مىقدار) ئىللىتىنى بولسا ھەدىسلەردىكى «ئوخشىشى ئوخشىشىغا…» دېگەن ئىپادىدىن چىقىرىدۇ. قەدرنىڭ (مىقدارنىڭ) ۋەزىن ۋە كەيل بولغانلىقىنى ھەدىسلەردىكى «ۋەزىنگە ۋەزىن- ۋەزنەن بىۋەزنىن»[2] ۋە «كەمچەنگە كەمچەن-كەيلەن بىكەيلىن» دېگەن ئىپادىلەردىن چىقىرىدۇ. ئۇلار بۇنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:
«قەدىر كەمچەنلەپ ئۆلچىنىدىغان ماللاردا كەمچەن، تارتىپ ئۆلچىنىدىغان ماللاردا تارازىدۇر[3]. ھەدىسلەردە زىكىر قىلىنغان «بۇغدايغا بۇغداي»نىڭ مەنىسى «بۇغدايغا بۇغداي سېتىش…» دېگەن بولىدۇ. بىر دانە بۇغدايمۇ بۇغداي، لېكىن ئۇنى ھېچكىم ساتمايدۇ، ساتقان تەقدىردىمۇ ئالغىلى ئادەم چىقمايدۇ، چۈنكى بىر دانە بۇغداي بىر ئىشقا يارىمايدۇ. ئۇنداقتا ھەدىسلەردىن ئىشقا يارايدىغان مىقداردا بىر بۇغداي ئېلىم-سېتىمىنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىنى چۈشىنىش لازىم، بۇنىڭ ساتقىلى بولىدىغان ھالەتتە بولغانلىقىنى بولسا كەمچەن بىلەن بىلگىلى بولىدۇ. بۇ ماللارنىڭ كەمچەن بىلەن ئۆلچەش ئالاھىدىلىكى ھەدىسلەر بىلەن ئەنە شۇنداق بەلگىلەنگەن بولىدۇ.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ: «ئالتۇنغا ئالتۇن» دېگەن سۆزىمۇ شۇنداق. ئالتۇن زەررىچىسىمۇ ئالتۇن دەپ ئاتىلىدۇ، لېكىن ئۇنى ھېچكىم ساتمايدۇ، تارتقىلى بولىدىغان ئالتۇن سېتىلىدۇ، ئۇنداقتا ئالتۇننىڭ تارتىلىش ئالاھىدىلىكى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن چىققان بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئۇ ھەدىستە گوياكى مۇنداق دېگەن: «تارتىلغان ئالتۇنغا تارتىلغان ئالتۇن، كەنچەنلەنگەن بۇغدايغا كەمچەنلەنگەن بۇغداي…»[4].
تېگىشتۈرۈلگەن ئىككى مالدىن بىرىنىڭ يەنە بىرىدىن ئارتۇق بولغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ جىنس ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئەينى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: 15 دانە تۇخۇم ئارتۇقمۇ، 10 دانە لىمونمۇ؟ دەپ بىر سوئال سورالمايدۇ، لېكىن ئەينى جىنس ۋە ئالاھىدىلىكتىكى تۇخۇملاردىن 15 تۇخۇم 14 تۇخۇمدىن ئارتۇق، ئارتۇقلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بىلەن بېكىتىلىدۇ. ھەنەفىيلەرنىڭ كۆزقارىشىچە ئۆسۈمدە ئۆلچەم بىرلىكى سان ئەمەس، ھەدىسلەردە ئۆتكەن تارازا ۋە كەمچەندۇر. ئۇلارنىڭچە ھەدىسلەر مۇنۇ ئەمىرنى بېرىدۇ:
«ئەينى جىنستىن بولغان ئىككى مالنى تېگىشكەندە كەمچەن بىلەن كەمچەنلەپ سېتىلىدىغان ماللاردا كەمچەن بىلەن، تارازا بىلەن تارتىپ سېتىلىدىغان ماللاردا تارازا بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاڭلار»[5].
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) كەمچەن بىلەن ئۆلچىگەندىكى ئارتۇقلۇقنىڭ ھاراملىقىنى ئۇچۇق بايان قىلغان پۈتۈن ماللار ـ گەرچە ئىنسانلار كەمچەن بىلەن ئۆلچەپ ئېلىپ-سېتىشنى تەرك ئەتكەن بولسىمۇ ـ كەمچەن بىلەن ئۆلچەپ ئېلىپ ـ سېتىلىدىغان (كەيلي) ماللار ھېسابلىنىدۇ. بۇغداي، ئارپا، خورما ۋە تۇز قاتارلىقلار بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) تارتقاندىكى ئارتۇقلۇقنىڭ ھاراملىقىنى ئۇچۇق بايان قىلغان ھەر قانداق نەرسە ـ گەرچە ئىنسانلار بۇ نەرسىلەرنى تارتىپ ئېلىپ ـ سېتىشنى تەرك ئەتكەن بولسىمۇـ تارتىپ ئېلىپ ـ سېتىلىدىغان (وەزني) ماللار ھېسابلىنىدۇ. ئالتۇن ۋە كۈمۈش بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ. باشقا ماللارغا ئۆرپ-ئادەتگە قاراپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ[6].
بۇ ئۇ ماللارنى ئۆسۈملۈك مۇئامىلىگە كىرىدىغان شەكىلدە تېگىشكەندە شۇنداق بولىدۇ. مەسىلەن: كۈنىمىزدە، خورما ئېلىپ ـ سېتىشتا كىلو ئۆلچەم بىرلىكى قىلىنىدۇ. لېكىن ھەنەفىيلەرنىڭ كۆزقارىشىچە، 100 كىلو خورما بېرىپ 100 كىلو خورما ئالغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇنداق بىر ئىش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە خورمىلارنىڭ ئوخشاش ئېغىرلىقتا ئەمەس، ئوخشاش كەمچەندە بولغانلىقىنى بېكىتىش كېرەك. چۈنكى رەسۇلۇللاھ (ئە.س) خورمىنى خورمىغا تېگىشكەندە تەڭپۇڭلۇقنى كەمچەن بىلەن بېكىتىشكە بۇيرۇغان.
ئىككى ئالتۇن بىلەزۈكنى بىر-بىرى بىلەن تېگىشمەكچى بولغاندا بۇ بىلەزۈكلەرنى تارتىپ ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاش ئېغىرلىقتا بولغانلىقىنى بېكىتىش كېرەك. چۈنكى رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئالتۇنغا ئالتۇن ئالغاندا تەڭپۇڭلۇقنىڭ تارتىش بىلەن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ماللار ئۆز جىنسلىرى بىلەن تېگىشتۈرۈلمىگەندە بۇ خىل ئۆلچەم بىرلىكلىرىگە رىئايە قىلىش شەرت ئەمەس. مەسىلەن: بۈگۈن قەغەز پۇل بېرىپ كەمچەنلەپ ئېلىپ ـ سېتىلىدىغان (كەيلي) بۇغداي ۋە تارتىپ ئېلىپ-سېتىلىدىغان (وەزني) ئالتۇن ئېلىشقا بولىدۇ.
قەدىر (مىقدار) ۋە جىنستە ئورتاق بولغان ماللارنى ئۆز ئارا نەقمۇنەق تېگىشكەندە تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كەتسە ئارتۇقلۇق ئۆسۈمى (رىبەلفەزل) شەكىللىنىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «ئالتۇننى ئالتۇنغا ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا ساتماڭلار، بىرىنى بىرىدىن ئارتۇق قىلماڭلار. كۈمۈشنى كۈمۈشكە ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا ساتماڭلار، بىرىنى بىرىدىن ئارتۇق قىلماڭلار. بۇلاردىن نەقنى نېسىگە ساتماڭلار»[7].
قەدىر ۋە جىنستا ئورتاق بولغان ماللارنى نېسى تېگىشىشكە بولمايدۇ. بولمىسا نېسى ئۆسۈمى (رىبەننەسىئە) مەيدانغا كېلىدۇ. كۈمۈشنى كۈمۈشكە، ئالتۇننى ئالتۇنغا تېگىشكەندە قەدىردە ۋە جىنستا ماللار تېگىشتۈرۈلگەن بولىدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەر بىرى تارتىش (ۋەزىن) بىلەن ئېلىم-بېرىم قىلىنىدۇ، بۇ سەۋەبتىن تېگىشتۈرۈشنىڭ نەق، مىقدارلىرىنىڭ تەڭ بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئۆسۈم مەيدانغا كېلىدۇ.
پەقەت قەدىردىلا ياكى جىنىستىلا ئورتاق بولغان ماللار نەق تېگىشتۈرۈلگەندە مىقدارلار پەرقلىق بولسا جايىز بولىدۇ. مەسىلەن: بىر كىلو بۇغداي بىلەن ئىككى كىلو ئارپىنى نەق ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ماللارنىڭ جىنسىلىرى پەرقلىق، لېكىن ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئەينى (كەمچەن). بۇنىڭ نېسىسى ئۆسۈملۈك مۇئامىلە ھېسابلىنىدۇ. ئۇبادە ئىبىن سامىت (ر.ز) رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئالتە تۈرلۈك مال زىكىر قىلىنغاندىن كېيىن مۇنۇ ئىپادە قەيت قىلىنىدۇ: «بۇ جىنسلار پەرقلىق بولسا، نەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغانچە ساتساڭلار بولىدۇ»[8].
ئۇبادە ئىبىن سامىت (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ:
«رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بىزنى، ئالتۇننى كۈمۈشكە، كۈمۈشنى ئالتۇنغا، بۇغداينى ئارپىغا، ئارپىنى بۇغدايغا نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىمىزچە سېتىشقا بۇيرىدى»[9].
ھەنەفىيلەرنىڭ كۆزقارىشىچە تېگىشتۈرۈلگەن بۇ ماللارنىڭ سۈپىتى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. چۈنكى سۈپەت ئۆرپ ـ ئادەتتە پەرق ھېسابلانمايدۇ. ئەگەر ئېلىم-سېتمدا سۈپەتكىمۇ قارىلىدىغان بولسا، تىجارەت يولى تاقىلىپ قالىدۇ[10]. ئېلىم-سېتىمىنىڭ بەزى شەكىللىرىدە ئۆسۈم مەيدانغا كېلىدىغان بىر مالنىڭ ياخشىسىنى بېرىپ ناچىرىنى ئېلىش «ئوخشىشى ئوخشىشىغا» بولۇش دېگەن پرىنسىپقا ئۇيغۇن بولمىسا جايىز بولمايدۇ. مەسىلەن: ياخشى گۈرۈچ بېرىپ سۇنۇق گۈرۈچ ئالماقچى بولغان كىشى پەقەت ئۆزى بەرگەن مىقداردىكىنىلا ئالالايدۇ، خالاس.
بىر لىتىر نورمال بېنزىنغا پەقەت نەق بولۇش شەرتى بىلەن بىر لىتىر ئالاھىدە بېنزىن ئېلىشقا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ماللار ھەم كەمچەن بىلەن مۇئامىلە كۆرىدۇ ھەمدە ئەينى جىنستىن ھېسابلىنىدۇ.
بىر لىتىر بېنزىننى ئىككى لىتىر سۈتكە ياكى ئىككى لىتىر زەيتۇن يېغىغا نەقمۇنەق بولۇشى شەرتى بىلەن تېگىشىشكە بولىدۇ. ئەگەر نەقمۇنەق بولمىسا ئۆسۈم مەيدانغا كېلىدۇ، چۈنكى بېنزىن، سۈت ۋە زەيتۇن يېغى پەرقلىق جىنستىكى ماللاردۇر، لېكىن ھەممىسى كەمچەن بىلەن مۇئامىلە كۆرىدۇ.
بۇغداي بېرىپ، بۇغداي ئۇنى ياكى بۇغداي تالقىنى[11] ئېلىشقا بولمايدۇ. بۇ ئىككىسى بۇغداينىڭ پارچىلانغان شەكلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى جىنس بىرلىكى بىر تەرەپتىن داۋام قىلماقتا. ئۇلاردىكى ئۆلچەم (قەدىر) كەمچەندۇر، لېكىن بۇغداي بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسدىكى تەڭپۇڭلۇقنى كەمچەن بىلەن ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇن بىلەن تالقان كەمچەنلەنگەندە ئۇلارنىڭ ئارىلىرىدا بوشلۇق قالمايدۇ. ئەمما بۇغداي كەمچەنلەنگەندە بولسا، بۇغداي دانچىلىرى ئوتتۇرىسىدا بوشلۇق قالىدۇ. پەقەت ئۇننى ئۇنغا كەمچەنلەپ سېتىشقا بولىدۇ[12].
زەيتۇنغا زەيتۇن يېغى، كۈنجۈتقا كۈنجۈت يېغى ئېلىشقا توغرا كەلسە، زەيتۇن يېغىنىڭ ۋە كۈنجۈت يېغىنىڭ زەيتۇن ۋە كۈنجۈتتىن چىقىدىغان ياغدىن كۆپراق بولۇشى لازىم. شۇنداق بولغاندا ياغدىكى ئارتۇقلۇق ئىككىسىنىڭ پوستىنىڭ بەدىلى بولغان بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا بۇ ئېلىم-بېرىم جايىز بولمايدۇ[13].
كەمچەن ۋە تارازىدىن باشقا ئۆلچەم بىرلىكلىرىنىڭ ئۆسۈم مەسىلىسىدە ھېچقانداق تەسىرى يوق. مەسىلەن: 10 دانە يەرلىك تۇخۇمنى 20 دانە فېرما تۇخۇمى بىلەن تېگىشىشكە بولىدۇ، لېكىن بۇلار ئەينى جىنستىن بولغانلىقى ئۈچۈن تېگىشىشنىڭ نەقمۇنەق بولۇشى لازىم. بىر فەلسنى[14] نەق ئىككى فەلسكە تېگىشىشكە بولىدۇ. بۇلار ئەينى جىنستىن، لېكىن سان بىلەن مۇئامىلە كۆرىدۇ. سان ئۆسۈمنىڭ ئىللىتى (سەۋەبى) ئەمەس.
ئۆسۈمنىڭ ئىللەتلىرىدىن (سەۋەبلىرىدىن) بىرىدە ئورتاق بولمىغان ئىككى مالنى ھەر تۈرلۈك شەكىلدە تېگىشىشكە بولىدۇ.
ئالتۇن ۋە كۈمۈش تارتىپ سېتىلىدۇ. ھەنەفىيلەرنىڭ پرىنسىپى بويىچە ئۇلارنى تارتىپ سېتىلىدىغان باشقا ماللار بىلەن نېسى تېگىشىشكە بولمايدۇ، لېكىن ھەنەفىيلەر ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى تارتىپ سېتىلىدىغان باشقا ماللار بىلەن ھەر خىل شەكىلدە تېگىشىشنى قوبۇل قىلىدۇ. مەسىلەن: 10 گىرام ئالتۇنغا 500 كىلو تۆمۈرنى نېسى ئېلىشقا بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى تارتىپ سېتىلىدۇ، لېكىن بۇلارنى تارتىدىغان ئەسۋابلار ئوخشاش ئالاھىدىلىكتە ئەمەس. ئالتۇن نازۇك ۋە سەزگۈر بىر مىزان بىلەن تارتىلىدۇ. تۆمۈر بولسا، كىلو بىلەن تارتىلىدۇ[15]. بۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرىدىكى ئۆلچەم بىرلىكىنى يوق ھېسابلايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ يۆنىلىشى قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ ئېغىر چەكلىمىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئۆسۈمنى چۈشىنىكسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان. بىز بۇ مەسىلە توغرىسىدا تۆۋەندە قايتا توختىلىمىز، ئىنشائاللاھ.
2- ھەنەفىي مەزھىپىدە ئۆسۈم تۈرلىرى
ھەنەفىيلەر ئۆسۈم ئېنىقلىمىسىغا قەرز ۋە قەرەل ئاتالغۇلىرىنى قويمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئۆسۈم پرىنسىپىنى چۈشىنىش تەس. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە ئۆسۈمگە سەۋەب بولغان ئارتۇقلۇق يا مىقداردا ياكى مۇددەتتە بولىدۇ. ئۇلار مىقدار ئارتۇقلۇقى يولى بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئۆسۈمنى رىبەلفەزل، مۇددەت ئارتۇقلۇقى بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئۆسۈمنى رىبەننەسىئە، دەپ ئاتايدۇ.
ئا- رىبەلفەزل (مىقدار ئۆسۈمى)
ھەنەفىيلەرنىڭ كۆزقارىشىچە 100 گىرام ئالتۇن بېرىپ، 101 گىرام ئالتۇن ئېلىش، مەيلى نەق بولسۇن، مەيلى نېسى بولسۇن، ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغانلىق بولىدۇ، چۈنكى ئېلىنغان 101 گىرام ئالتۇننىڭ 100 گىرامى بېرىلگەن 100 گىرامنىڭ بەدىلى، 1 گىرام ئالتۇن بولسا بەدەلسىز قالىدۇ. 100 كەمچەن بۇغداي بېرىپ، 101 كەمچەن بۇغداي ئېلىشمۇ شۇنداق ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغانلىق بولىدۇ، بۇنىڭ قەرز شەكلىدە بولۇشى بىلەن سېتىش شەكلىدە بولۇشى نەتىجىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، بۇ مىقدار ئارتۇقلۇقى سەۋەبى بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئۆسۈم، يەنى رىبەلفەزل، دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ كۆزقاراش تۆۋەندىكى ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىدۇ:
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى (ر.ز)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«ئالتۇنغا ئالتۇننى، كۈمۈشكە كۈمۈشنى، ئارپىغا ئارپىنى، بۇغدايغا بۇغداينى، تۇزغا تۇزنى ۋە خورمىغا خورمىنى تەڭمۇتەڭ، نەقمۇنەق سېتىشقا بولىدۇ. كىم ئارتتۇرسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا، جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ. بۇ ئىشتا ئالغۇچىمۇ بەرگۈچىمۇ ئوخشاشتۇر»[16].
فەدالە ئىبىن ئۇبەيد (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ:
«خەيبەردە مارجان ۋە ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بىر بۇلاپكا رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا كەلتۈرۈلدى، بۇ بۇلاپكا سېتىشقا چىقىرىلغان غەنىمەتلەردىن ئىدى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئۇ بۇلاپكىدىكى ئالتۇننى چىقىرىشقا بۇيرۇدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئالتۇنغا ئالتۇن ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ ۋەزنى ۋەزنىگە بولۇشى كېرەك»[17]. چۈنكى بۇلاپكا بېرىلىپ دىنار[18] ئېلىناتتى.
فەدالە ئىبىن ئۇبەيد (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: «خەيبەر كۈنى 12 دىنارغا مارجان ۋە ئالتۇن ئارىلاش بىر بۇلاپكىنى سېتىۋالدىم. ئالتۇن بىلەن مارجاننى ئايرىپ، ئۇنىڭدا 12 دىناردىن ئارتۇق ئالتۇن بارلىقىنى بايقىدىم. بۇ ئەھۋالنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا مەلۇم قىلغان ئىدىم، «ئۇ بۇلاپكا ئايرىلماستىن سېتىلمايدۇ» دېدى[19]. چۈنكى ئالتۇنلار ئايرىلىپ سېتىلسا ئىدى، 12 دىناردىن ئارتۇق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقاتتى ۋە تېخىمۇ ئارتۇق باھا تەلەپ قىلىناتتى.
ئە- رىبەننەسىئە
10 گىرام ئالتۇننى كېيىن ئېلىنىدىغان 9، 10  ياكى 11 گىرام ئالتۇنغا تېگىشىش ئۆسۈم مۇئامىلىسى بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى ياكى بۇغداي، ئارپا، خورما ۋە تۇزنى بىر-بىرى بىلەن نېسى تېگىشىشمۇ ئۆسۈم مۇئامىلىسى بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئۆسۈم مۇددەت ئارتۇقلۇقى سەۋەبى بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئۆسۈم، يەنى رىبەننەسىئە، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكى ھەدىسلەردۇر:
«ئالتۇنغا ئالتۇننى، كۈمۈشكە كۈمۈشنى، بۇغدايغا بۇغداينى، ئارپىغا ئارپنى، خورمىغا خورمىنى ۋە تۇزغا تۇزنى ئوخشىشى ئوخشىشىغا، تەڭمۇتەڭ ۋە قولدىن قولغا (نەقمۇنەق) بولغاندىلا سېتىشقا بولىدۇ. تۈرلەر پەرقلىق بولسا نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىڭلارچە ساتساڭلار بولىدۇ»[20].
«كۈمۈشكە ئالتۇننى نەقمۇنەق سېتىشتا كۈمۈشنىڭ مىقدارى ئارتۇق بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن نېسى سېتىشقا بولمايدۇ. ئارپىغا بۇغداينى سېتىشتا ئارپىنىڭ مىقدارى ئارتۇق بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. لېكىن نېسى سېتىشقا بولمايدۇ»[21].
ھەنەفىيلەرنىڭ كۆزقارىشىچە ئۆسۈمسىز ئۆتنە، دەپ بىر نەرسە بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۆتنە ئەينى جىنستىن بولغان ئىككى مالنى قەرەللىك تېگىشمەكتۇر. ھالبۇكى، ئۆسۈمسىز ئۆتنە بېرىش ئۆسۈم مۇئامىلىسى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ قۇرئان ۋە سۈننەتتە تەشۋىق قىلىنغان بىر ياخشى ئىشتۇر. بۇ سەۋەبتىن ھەنەفىيلەر ئۆز پرىنسىپىغا خىلاپ كېلىدىغان ئۆسۈمسىز ئۆتنە بېرىشنى ھالال، دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن خاتا يوللارغا كىرگەن. ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇلاھىزە تۆۋەندە زىكىر قىلىنىدۇ.
3- ھەنەفىيلەرنىڭ كۆزقارىشىنىڭ تەنقىدى
ھەنەفىيلەرنىڭ يۇقىرىدىكى كۆزقاراشلىرى ھەم قۇرئانغا زىت كېلىدۇ ھەمدە ئۆزئارا زىتلىشىدۇ. قۇرئان ئېلىم-سېتىم بىلەن ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى بىر-بىرىدىن ئايرىغان تۇرۇقلۇق، ئۇلار ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى ئېلىم-سېتىمنىڭ كىچىك بىر ماۋزۇسى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلار مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى دىققەتكە ئالمىغان، بۇنىڭدىن چىققان بوشلۇقنى ئۆزلىرى تولدۇرۇپ ئۆسۈم ئىللەتلىرى بەلگىلىگەن ۋە يېڭى ئۆسۈم تۈرلىرى ئىجاد قىلغان. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنىڭ ئىچىدىكى زىتلىق ھەققىدە توختىلىمىز.
 ھەنەفىيلەرنىڭ ئۆسۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆزقاراشلىرى تۆت تەرەپتىن خاتا:
ئا- ئۇلارنىڭچە ئەينى جىنستىن بولغان ئىككى مالنى بىر-بىرى بىلەن تېگىشكەندە قاراپ بېقىش لازىم: ئەگەر ئۇلار كەمچەن بىلەن كەمچەنلەپ ياكى تارازا بىلەن تارتىپ سېتىلىدىغان ماللار بولسا ئۇلارنىڭ مىقدارلىرىنىڭ تەڭ، تېگىشىشنىڭ نەق بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئۆسۈم مەيدانغا كېلىدۇ. ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەلىللەرنىڭ بىرى مۇنۇ ھەدىستۇر:
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) خورمىغا مەسئۇل قىلغان كىشى بىر سا[22] ياخشى خورما ئېلىپ كەلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھنىڭ خورمىسى باشقا تۈرلۈك خورما ئىدى، رەسۇلۇللاھ خىزمەتچىدىن: «بۇ ساڭا نەدىن كەلدى؟» دەپ سورىدى، خىزمەتچى: «ئىككى سا خورما بېرىپ، بۇ بىر سا خورمىنى ئالدىم، چۈنكى ئۇنىڭ بازاردىكى باھاسى ئۇنداق، بۇنىڭ باھاسى بۇنداق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: «ئىسىت ساڭا، جازانىخورلۇق قىلىپسەن، بۇنداق قىلماقچى بولساڭ خورماڭنى باشقا بىر مالغا سات، ئاندىن مېلىڭغا خالىغان خورمىنى ئال»[23]
بۇنىڭغا زىت كېلىدىغان رىۋايەتمۇ بار. زەيد ئىبىن سابىت (ر.ز)نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ھۆل خورمىنى قۇرۇق خورما بىلەن تېگىشىشنى چەكلىگەندىن كېيىن ئائىلىسىگە يېگۈزۈش ئۈچۈن دەرەخنىڭ ئۈستىدىكى ھۆل خورمىنى يەردىكى ھۆل ياكى قۇرۇق خورمىغا تېگىشىشكە رۇخسەت قىلغان[24]. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) نە تېگىشىشنىڭ نەق بولۇشىنى، نە مىقدارلارنىڭ تەڭ بولۇشىنى شەرت قىلمىغان.
ئەرىييە ۋە ئەرايا دېيىلىدىغان بۇ ئېلىم-سېتىمنىڭ ھەنەفىيلەرنىڭ ۋە باشقا ئۈچ مەزھەپنىڭ كۆزقارىشىچە ئۆسۈم مۇئامىلىسى بولۇشى لازىم. رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ رۇخسەت قىلغانلىقىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئۆسۈم مۇئامىلىسى توغرىسىدىكى پرىنسىپىىدا خاتالىق بار. ئۇلارنىڭ بۇنى بايقىشى كېرەك ئىدى.
ئۇلار مەسىلىنى ئېلىم-سېتىم دائىرىدە ئەمەس، ئۆسۈملۈك قەرز دائىرىسىدە تەھلىل قىلسا ئىدى، خەيبەر خورمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىنىڭ ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاستىدا ئۆسۈملۈك قەرزنى مەنئى قىلغانلىقىنى كۆرگەن بولاتتى. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا بۇ خۇسۇسلار زىكىر قىلىنغان.
ئائىلىسىگە يېگۈزۈش ئۈچۈن دەرەخنىڭ ئۈستىدىكى ھۆل خورمىنى يەردىكى ھۆل ياكى قۇرۇق خورما بىلەن تېگىشكەن كىشىنىڭ بۇ ئىشنى ئۆسۈملۈك قەرزگە ۋاسىتە قىلىشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئۇ كىشىگە رۇخسەت بەرگەن. بۇ خىل باھالاشلاردا پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ سۆزىنى دىققەتكە ئېلىش كېرەك:    
 «بىر دىنارنى ئىككى دىنارغا، بىر دىرھەمنى ئىككى دىرھەمگە، بىر سانى ئىككى ساغا ساتماڭلار، ئۆسۈمگە كىرىپ قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن»[25].
رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ «ئۆسۈمگە كىرىپ قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېگەن سۆزى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك سۆزدۇر، چۈنكى ئالتۇن بېرىپ ئالتۇن بىلەزۈك ئالماق ھەقىقىي بىر ئېلىم-سېتىمدۇر، لېكىن بۇنداق بىر سودىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرزگە ۋاسىتە قىلىنىشى مۇمكىن. خورما بېرىپ خورما ئېلىشمۇ ئەنە شۇنداق ھەقىقىي بىر ئېلىم-سېتىمدۇر. بۇ يەردە ئەرىييە سودىسىدا بولغاندەك، جازانىخورلۇققا ۋاسىتە قىلىنىش ئېھتىمالى بولمىسا ھۆكۈم ئۆزگىرىدۇ.
ئە- ھەنەفىيلەرنىڭ كۆزقارىشىچە مەيلى تارتىش بىلەن مۇئامىلە كۆرسۇن، مەيلى كەمچەنلەش بىلەن مۇئامىلە كۆرسۇن ئەينى جىنستىن بولغان ئىككى مالنى پەقەت نەق بولغاندىلا تېگىشكىلى بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن 100 لىرا قەرز بېرىپ بىر ئاي كېيىن 100 لىرا ئېلىش ياكى قوشنىدىن 10 دانە تۇخۇم ئېلىپ كېيىن 10 دانە تۇخۇم بېرىش ئەينى جىنستىن بولغان ئىككى مالنى نېسى تېگىشكەنلىك بولغانلىقى ئۈچۈن جازانىخورلۇق بولىدۇ. بۇ تەقدىردە ئۆسۈمسىز ئۆتنە، دەپ بىر نەرسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مەنپەئەت كۈتمەستىن قەرز بېرىشكە تەشۋىق قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«ھەر ئۆتنە سەدىقىدۇر»[26].
«كىم قىيىنچىلىقتا قالغان بىر كىشىنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرۈۋەتسە ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ».[27]
ھەنەفىيلەر ئۆزلىرى كىرگەن بۇ تۇيۇق يولدىن چىقىش ئۈچۈن ئۆتنىدە مۇددەتنى بىكار قىلغان. ئۆتنە بەرگەندە مۇددەت قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر نەرسە بولغانلىقتىن ئۇلار تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر يولغا كىرگەن ۋە مۇنداق دېگەن:
  «ئۆتنىگە مۇددەت بەلگىلەنسە ئۆتنە كۈچكە ئىگە، مۇددەت كۈچكە ئىگە ئەمەس، چۈنكى ئۆتنە باشلانغۇچتا ئارىيەت ۋە دوستلۇقتۇر، بۇ سەۋەبتىن ئۆتنىدە بەلگىلەنگەن مۇددەتكە رىئايە قىلىش زۆرۈر بولمايدۇ. ئۆتنە تۆلەش ۋاقتىدا بولسا خۇددى 10 ئالتۇن بېرىپ نەق 10 ئالتۇن ئالغاندەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بولمىسا بۇ ئالتۇننى ئالتۇنغا نېسى ساتقاندەك ئىش بولىدۇ، شۇنداقلا جازانىخورلۇق ھېسابلىنىدۇ»[28].
ئارىيەت بىر كىشىگە بەدەلسىز پايدىلىنىۋېلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن بىر مالدۇر. مەسىلەن: ئولتۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن ئۆي، مىنىۋېلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن ئۇلاغ، تېرىپ ھوسۇل ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن ئېتىزلىق، ئوقۇۋېلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن كىتاب ئارىيەتتۇر. ئارىيەتنى ئىگىسى خالىغان چېغىدا قايتۇرۇپ ئالالايدۇ. ئارىيەت بىر تەرەپتىن ئۆتنىگە ئوخشايدۇ، لېكىن ئوتتۇرىدىكى پەرق سەۋەبىدىن ئۆتنىنى ئارىيەت دېگىلى بولمايدۇ[29]. چۈنكى ئۆتنە ئېلىنغان مال ئىستېمال قىلىنىدۇ: پۇل بولسا خەجلىنىدۇ، بۇغداي بولسا يېيىلىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئوخشاش باشقا بىر مال بېرىلىپ قەرز ئادا قىلىنىدۇ. ئەمما ئارىيەتكە ئېلىنغان مال ئىستېمال قىلىنمايدۇ، ئوقۇش ئۈچۈن ئېلىنغان كىتاب كېيىن قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. تۆۋەندىكى سۆز ھەنەفىيلەرگە ئائىتتۇر:
«دىرھەمدىن ۋە دىناردىن، كەمچەن، تارازا ۋە سان بىلەن سېتىلىدىغان بىر مالدىن پايدىلىنىش پەقەت ئۇ مالنى ئىستېمال قىلىش بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بۇ ماللارنى ئارىيەتكە بەرگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۆتنە بەرگىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۆتنە ئىستېمال قىلىنىپ ئاندىن ئوخشىشى قايتۇرۇپ بېرىلگەن نەرسىدۇر»[30].
ھەنەفىيلەرنىڭ ئىستېمال قىلىنىدىغان ماللارنى ئارىيەتكە بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى زىكىر قىلغاندىن كېيىن ئۆتنىنى ئارىيەت ھېسابلىشى نېمىدېگەن چوڭ زىتلىق! ھەنەفىيلەردىن كەمالۇددىن ئىبىن ھۇمام بۇ زىتلىقتىن ۋاقىپلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
كۆرۈنىدۇكى، ئۆتنىنى ئارىيەت دەپ قاراش بىلەن بىر نەرسە قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى دىرھەم ۋە دىنارنىڭ ئارىيەتى، كەمچەن، تارازا ۋە سان بىلەن سېتىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئارىيەتى ھەقىقىي مەنىدىكى بىر ئارىيەت ئەمەس. چۈنكى ئارىيەتتە ئارىيەتكە ئېلىنغان نەرسىنىڭ ئۆزى ئىستېمال قىلىنىپ تۈگىتىلمەستىن پايدىلىنىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرگىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىكتە بولۇشى لازىم. ھالبۇكى، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئۆزىنى ئىستېمال قىلىپ تۈگەتمەستىن پايدىلىنىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا ئۇ نەرسىلەردە ھەقىقىي مەنىدە بىر ئارىيەتمۇ، ئارىيەتنىڭ ھۆكمىمۇ تېپىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان كۆزقارىشىغا ئاساسەن ئۆتنە ئالغۇچىنىڭ بىر قەستى بولماستىن ھالاك بولغان ئۆتنىنى تۆلەپ بېرىش كېرەك، لېكىن ئىشلەتكۈچىنىڭ قەستى بولماستىن ھالال بولغان ئارىيەتنى تۆلەپ بېرىش كېرەك ئەمەس.
بۇ خىل ماللارنى ئارىيەتكە بەرگەندە ئارىيەتنىڭ نە ئۆزى، نە ھۆكمى كۈچكە ئىگە ئەمەس. ئۇنداقتا ئۆتنىنى ئارىيەت دېيىشنىڭ بۇ مەسىلىدە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ[31].
يىغىپ ئېيتقاندا ھەنەفىيلەر ئۆز سىستېمىلىرىدىكى زىتلىق سەۋەبىدىن ئۆسۈمسىز ئۆتنىنى ئۆسۈم دائىرىسىدىن چىقىرالمىغان. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى بۇ مەۋقەسىزلىكنى كۆرۈشى ۋە مەزھەپنىڭ ئۆسۈم سىستېمىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بۇ نۇقتىدىنمۇ ئاڭقىرىشى لازىم ئىدى.
ب- ھەنەفىيلەرنىڭ كۆزقارىشىچە ئەينى جىنستىن بولغان ئىككى مالنى بىر-بىرى بىلەن تېگىشكەندە قاراپ بېقىش لازىم: ئەگەر ئۇلار كەمچەنلەپ ياكى تارتىپ سېتىلىدىغان ماللار بولمىسا تېگىشىشنىڭ نەق بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئۆسۈم يەنى رىبەننەسىئە مەيدانغا كېلىدۇ.
بۇ كۆز قاراش بويىچە بىر فەلسنى[32] نەق ئىككى فەلسكە تېگىشىشكە بولىدۇ. بۇلار ئەينى جىنستىن، لېكىن سان بىلەن مۇئامىلە كۆرىدۇ. سان ئۆسۈمنىڭ ئىللىتى (سەۋەبى) ئەمەس. قەغەز پۇلمۇ تارتىپ ياكى كەمچەنلىنىپ مۇئامىلە كۆرمەيدۇ، بۇنىڭدىن قارىغاندا 10.000 لىرانى نەق 15.000 لىراغا تېگىشكىلى بولىدۇ.
بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئېنىق. چۈنكى جازانىخورنىڭ ئەسلى مەقسىتى، 10 لىرا بېرىپ، 11 لىرا ئېلىشتۇر. ئۇ بۇنى قانۇنلۇق بىر يول بىلەن ئېلىپ بارالىسا ئۇنى قەرزگە ئايلاندۇرۇشى قېيىن بولمايدۇ. مەسىلەن: ئۇ ئالدى بىلەن 11 لىرا قەرز بېرىدۇ، ئاندىن ئۇنى قەرزداردىن 10 لىراغا نەق سېتىۋالىدۇ. ئەگەر ھەنەفىيلەرنىڭ بۇ سۆزىنى قوبۇل قىلغىلى بولسا ئىدى، جازانىخور بانكىلارنىڭ ئىشى ئاسانلاشقان بولاتتى. مەسىلەن: بانكىلاردا ئىككى بۆلۈم بولاتتى، كىرېدىت تەلەپ قىلغان كىشى بىرىنچى بۆلۈمىدىن ئۆسۈمسىز 11 لىرا قەرز ئالاتتى، ئىككىنچى بۆلۈمدە ئۇنى بانكىغا نەق 10 لىراغا ساتاتتى، ئاندىن بانكىدىن 10 لىرا پۇل ۋە 11 لىرا قەرز بىلەن ئايرىلغان بولاتتى، بۇ تەقدىردە ئۆسۈم چەكلىمىسىنىڭ بىر مەنىسى قالمايتتى. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ ئاساسەن بۇ خىل مۇئامىلىلەردىن چەكلىگەنلىكى ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ت- ھەنەفىيلەرنىڭ كۆزقارىشىچە تېگىشتۈرۈلمەكچى بولغان ئىككى مال ئەينى جىنستىن بولمىسا قاراپ بېقىش لازىم: ئەگەر ئۇلار كەمچەنلەپ ياكى تارتىپ سېتىلىدىغان ماللار بولسا مىقدارلىرى پەرقلىق بولسا تېگىشىشكە بولىدۇ، لېكىن تېگىشىش نەق بولۇشى لازىم. بولمىسا ئۆسۈم يەنى رىبەننەسىئە مەيدانغا كېلىدۇ.
ئالتۇن ۋە كۈمۈش تارتىپ سېتىلغانلىقى ئۈچۈن ھەنەفىيلەرنىڭ پرىنسىپىغا ئاساسەن ئۇلارنى تارتىپ سېتىلىدىغان باشقا ماللار بىلەن نېسى تېگىشىش ئۆسۈم مۇئامىلىسى بولىدۇ. بۇرۇنقى زاماندا پۇل ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن بېسىلغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلار ئۇ پۇللار بىلەن نېسى مال سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولاتتى. بۇ سەۋەبتىن ھەنەفىيلەر ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى تارتىپ سېتىلىدىغان باشقا ماللار بىلەن نېسى تېگىشىشنى ئۆسۈم مۇئامىلىسى، دەپ ھېسابلىمىغان. مەسىلەن: ئالتۇن بىلەن تۆمۈرنى نېسى تېگىشكىلى بولىدۇ، لېكىن تۆمۈر بىلەن تۇچنى نېسى تېگىشىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئۆسۈم مەيدانغا كېلىدۇ[33].
 كەمالۇددىن ئىبىن ھۇمام (788-861 ھ/1396-1457 م) بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:
1- ئالتۇندىن ۋە كۈمۈشتىن بېسىلغان دىنار ۋە دىرھەملەر بىلەن تارتىپ ئېلىپ ـ سېتىلىدىغان باشقا ماللارنىڭ ئارىسىدا كۆرۈنۈشتە (سۇرەتەن) بىر پەرق بار، چۈنكى دىنار ۋە دىرھەملەر سانجات[34]، دېيىلىدىغان بىر ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابى بىلەن، باشقا ماللار بولسا مەن[35]، دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابى بىلەن تارتىلىدۇ.
2- ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان (مەنەن) بىر پەرق بار، دىنار بىلەن دىرھەملەر تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلەشمەيدۇ، لېكىن باشقا ماللار تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلىشىدۇ[36].
3- ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باھالاش جەھەتتىن (ھۇكمەن) بىر پەرق بار، 1 دىنارغا 60 كىلو تۆمۈر سېتىۋېلىنسا، ساتقۇچى  تۆمۈرنى سېتىۋالغۇچى يوق يەردە، سېتىۋالغۇچى دىنارنى ساتقۇچى يوق يەردە تارتقان بولسا، بەدەللەر تاپشۇرۇپ ئېلىنغاندىن كېيىن دىنارنى قايتا تارتماستىن ساتقىلى بولىدۇ، لېكىن تۆمۈرنى تارتىپ سېتىش ئۈچۈن خېرىدارنىڭ ئۇنى يېڭىدىن تارتىشى كېرەك.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سۇرەتەن، مەنەن ۋە ھۇكمەن پەرق بولغانلىقى ئۈچۈن مۇئامىلىسى تارتىپ قىلىنىدىغان باشقا ماللار بىلەن دىنار ۋە دىرھەملەر تارتىشتا ھەر تەرەپتىن ئورتاق ئەمەس[37].
ھەنەفىيلەردىن شۇنى سوراش كېرەك: مادامىكى ئارىدا بۇ قەدەر پەرق بارىكەن، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ تارتىپ سېتىلغانلىقىغا ئاساسلىنىپ تارتىشنى (ۋەزىننى) ئۆسۈمنىڭ ئىللىتى (سەۋەبى)، دەپ ھېسابلىدىڭلار؟ بۇ مۇكەممەل بىر زىتلىق ئەمەسمۇ؟ بۇ زىتلىق يالغۇز ھالدا ئۇلارنىڭ پرىنسىپىنى بىكار قىلىپ تاشلاشقا كۇپايە قىلىدۇ.
تۆۋەندە يۇقىرىدىكى سەۋەبلەرگە بىر-بىر رەددىيە بېرىمىز:
1- سىلەر ئى ھەنەفىيلەر! دىنار ۋە دىرھەملەر «سانجات» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابى بىلەن، باشقا ماددىلار بولسا «مەن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابى بىلەن تارتىلىدۇ، دەيسىلەر. پۇل سۈپىتىدە بېسىلمىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشمۇ «سانجات» بىلەن تارتىلىدۇ. دېمەككى، سىلەر ئۇ كۆزقارىشىڭلار بىلەن ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئۈچۈن بېكىتكەن تارتىش (ۋەزىن)دىن ئىبارەت بولغان سەۋەبىڭلارنىڭ تارتىپ سېتىلىدىغان باشقا ماللاردىمۇ تاپقىلى بولىدىغان بىر سەۋەب ئەمەسلىكىنى قوبۇل قىلغان بولىسىلەر. ئۇنداقتا، سىلەر نېمىگە ئاساسلىنىپ تارتىپ سېتىلىدىغان باشقا ماللارنى پەقەت بۇ ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىنلا رىبەۋى ماللار (بەزى مۇئامىلىلىرىدە ئۆسۈم مەيدانغا كېلىدىغان ماللار) دائىرىسىگە كىرگۈزىسىلەر؟ بۇ يەردە ھەم تارتىش سەۋەبىنى ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن چىقىرىسىلەر ھەمدە ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى بۇ ھۆكۈمدىن ئىستىسنا قىلىسىلەر. بۇنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
2- دىنار ۋە دىرھەملەر تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلەشمەيدۇ، لېكىن باشقا ماللار تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلىشىدۇ، دەيسىلەر. پۇل سۈپىتىدە بېسىلمىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشمۇ تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلىشىدۇ. ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن فىقىھ كىتابلىرىڭلاردا پۇل سۈپىتىدە بېسىلغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش بىلەن پۇل سۈپىتىدە بېسىلمىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئارىسىدا بىر پەرق كۆرمەيسىلەر؟
3- تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئالتۇنلارنى تەكرار تارتماستىن ساتقىلى بولىدۇ، لېكىن تۆمۈرنى تارتىپ سېتىش ئۈچۈن خېرىدارنىڭ ئۇنى يېڭىدىن تارتىشى كېرەك، دەيسىلەر. بۇ ئالاھىدىلىك پۇل سۈپىتىدە بېسىلغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشتە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقى بىلىنگەنلىكى ئۈچۈن تارتىشقا ئېھتىياج تۇيۇلمايدۇ. لېكىن ئۇنداق بولمىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى ھەر قېتىمدا تارتىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سۆزۈڭلارنىڭمۇ بىر مەنىسى يوق.
ئەسلىدە ھەنەفىيىلەرنىڭ ۋەزىننى (تارتىشنى) بىر ئۆسۈم سەۋەبى ھېسابلىماستىن مۇنداق دېيىشى كېرەك ئىدى: ئالتۇن ۋە كۈمۈش ھەر نە قەدەر تارتىپ ئېلىپ ـ سېتىلسىمۇ بولار بىلەن تارتىپ ئېلىپ ـ سېتىلىدىغان باشقا ماللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۇرەتەن (كۆرۈنۈشتە)، مەنەن (كۆرۈنمەيدىغان) ۋە ھۇكمەن (ھۆكۈمدە) بىر پەرق بولغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىن (تارتىش) ئۆسۈم سەۋەبى بولالمايدۇ. ۋەزىن (تارتىش) ئۆسۈم سەۋەبى بولالمىسا كەيل (كەمچەنلەش)مۇ ئۆسۈم سەۋەبى بولالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەنەفىيلەرنىڭ ئېلىم-سېتىمغا ئاساسلانغان ئۆسۈم سىستېمىسى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.
ھەنەفىيلەرنىڭ ئۆسۈم سىستېمىسىنىڭ تۇراقلىق ھېچبىر تەرىپىنىڭ بولماسلىقى نۇرغۇن مەسىلىدە بولغاندەك ئۇلارنىڭ قۇرئاننى ئۆلچەم قىلماسلىقى ۋە ھەدىسلەرنى ئۆز خاھىشلىرىچە ئىلغاشقا ئۇرۇنۇشلىرى سەۋەبىدىن بولغان. خاتا يول بىلەن توغرا نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ.

[1]– ئەلى ئىبىن ئەبى بەكىر مەرغىنانى، ھىدايە (فەتھۇلقەدىر بىلەن بىرلىكتە) 7/8.
[2]– مۇسلىم، مۇساقات 77 (1585).
[3]– شەمسۇددىن سەرەخسى، مەبسۇت 7/113.
[4]– شەمسۇددىن سەرەخسى، مەبسۇت 77/116.
[5]– سەرەخسى، مەبسۇت 7/113.
[6]– ئەلئىنايە شەرھۇلھىدايە 7/9-10.
[7]– بۇخارى، سەھىھ، بۇيۇئ 78؛ مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 75 (1584)؛ نەسائى، سۇنەن، بۇيۇئ 47.
[8]– مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 81 (1583).
[9]– نەسائى، سۇنەن، بۇيۇئ 43.
[10]– شەرھۇ بىدايەتۇلمۇبتەدى، 7/8.
[11]– تالقان قازاندا قورۇلغان ئۇن، دېگەن بولىدۇ.
[12]– شەرھۇ بىدايەتۇلمۇبتەدى 7/23.
[13]شەرھۇ بىدايەتۇلمۇبتەدى 7/32.
[14]– فەلس ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن باشقا مېتاللاردىن ياسالغان پۇل بولۇپ، پارچە پۇل سۈپىتىدە كۆپراق ئىشلىتىلىدۇ.
[15]– ھىدايە، 7/12-13. نەقىلدە ئىبارەتكە ئەمەس، مەنىگە دىققەت قىلىندى.
[16]– مۇسلىم، مۇساقات 82 (1584).
[17] مۇسلىم، مۇساقات 89 (1591).
[18]– دىنار ئالتۇندىن ئىشلەنگەن پۇل.
[19]– مۇسلىم، مۇساقات 90 (1591).
[20]مۇسلىم، مۇساقات 81 (1583).
[21]ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 12 (3349).
[22]ھەنەفىيە مەزھىپىدە بىر سا تەخمىنەن ئۈچ كىلو (2920 گىرام) ئېغىرلىقتا ئارپا ۋە بۇغداي سىغىدىغان بىر ئۆلچەم بىرلىكىدۇر.
[23]مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 100 (1595).
[24]بۇخارى، بۇيۇئ 82.
[25]ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل، مۇسنەد 2/109.
[26]ئابدۇلئەزىم ئىبىن ئابدۇلقەۋى ئەلمۇنزىرى، ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب، قاھىرە، 1356 ھ، 1937 م، 2/163.
[27]– مۇسلىم، زىكىر 38؛ ئەبۇ داۋۇد، ئەدەپ 60؛ تىرمىزى، بىرر 19.
[28]ئەلى ئىبىن ئەبى بەكىر مەرغىنانى، ھىدايە (فەتھۇلقەدىر بىلەن بىرلىكتە)، جىلد 6/523-524؛ مۇھەممەد ئىبىن مەھمۇد بابەرتى (ۋاپاتى: 786 ھ).
[29]– مەرغىنانى، ھىدايە ۋە ئىبىن ھۇمام شەرھۇ فەتھىلقەدىر (بۇ ئىككى ئەسەر بىر پۈتۈن)، 4/4-7.
[30]مەرغىنانى، ھىدايە ۋە ئىبىن ھۇمام شەرھۇ فەتھىلقەدىر، بابەرتى، شەرھۇلئىنايە ئەلەلھىدايە (بۇ ئۈچ ئەسەر بىر پۈتۈن)، 4/13.
[31]– ئىبىن ھۇمام، فەتھۇلقەدىر 4/14.
[32]– فەلس ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن باشقا مېتاللاردىن ياسالغان پۇل بولۇپ، پارچە پۇل سۈپىتىدە كۆپراق ئىشلىتىلىدۇ.
[33]– ھىدايە 7/12-13. نەقىلدە ئىبارەتكە ئەمەس، مەنىگە دىققەت قىلىندى.
[34]– سانجات پارسچىدىن ئەرەبچىگە كىرگەن بىر سۆزدۇر (لىسانۇل ئەرەب)، فارىسچىسى سنك تروزن، دېگەن سۆزدۇر- (ئەكمەلۇددىن مۇھەممەد ئىبىن مەھمۇد بابەرتى، شەرھۇل ھىدايە 7/274؛ فەتھۇلقەدىر بىلەن بىرلىكتە).
[35]– مەن 260 دىرھەملىك بىر ئۆلچەمدۇر ـئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، قامۇس 4/126)، بىر شەرئى دىرھەم 2.975 گىرام كەلگەنلىكى ئۈچۈن بىر مەن تەقرىبەن 774 گىرام ئېغىرلىقتا بولىدۇ.  
[36]– تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلىشىش مەسىلىسى كىتابىمىزنىڭ «پۇل» بۆلۈمىدە «پۇلنىڭ ھوقۇقى ئالاھىدىلىكلىرى» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا ئىزاھلاندى.
[37]– ھىدايە، فەتھۇلقەدىر ۋە بابەرتىنىڭ ھىدايە شەھىلىرى 5/274- بەت ۋە داۋامى

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر