مۇسۇلمانلار

مۇئمىنۇن سۈرىسى

مۇئمىنۇن سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان، 118 ئايەت.
ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
1- مۇئمىنلار ئەلۋەتتە مۇرادىغا يېتىدۇ.
2- ئۇلار نامىزىدا ئۆزىلىرىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھغا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچى كىشىلەردۇر.
3- ئۇلار بىھۇدە سۆز- ھەرىكەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر.
4- ئۇلار گۇناھتىن پاكلىنىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلغۇچى كىشىلەردۇر.
5- ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ساقلىغۇچى كىشىلەردۇر-
6- پەقەت ئۆز چۈپتىلىرىدىن ياكى قول ئاستىدىكىلەردىن ساقلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ ئەھۋالدا ئەيبلەنمەيدۇ.
7- بۇنىڭ سىرتىغا چىققانلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر-.
8- ئۇلار ئامانەتلىرىگە ۋە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر.
9- ئۇلار نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى كىشىلەردۇر.
10- ئەنە شۇلار ۋارىس بولغۇچى كىشلەردۇر.
11- ئۇلار فىردەۋسكە ۋارىس بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچى كىشلەردۇر.
12- بىز ئىنساننى سۇغىرىلغان تۇپراقنىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق.
13- ئاندىن ئۇنى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھالىتىدە مۇستەھكەم بىر قارارگاھقا ئورۇنلاشتۇردۇق.
14- ئاندىن كېيىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى يېپىشقاق بىر قانغا ئايلاندۇردۇق. ئاندىن يېپىشقاق قاننى بىر چاينام گۆشكە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن بىر چاينام گۆشنى سۆڭەكلەرگە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن سۆڭەكلەرگە گۆش قوندۇردۇق. ئاندىن كېيىن ئۇنى باشقا بىر مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق. ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ!
15- سىلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئۆلۈسىلەر.
16- ئاندىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر.
17- بىز سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە يول ياراتتۇق. بىز نېمە ياراتقانلىقىمىزنى بىلىمىز.
18- بىز ئاسماندىن بەلگىلەنگەن مىقداردا سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق. بىزنىڭ كۈچىمىز ئۇ سۇنى يوق قىلىۋىتىشكىمۇ يېتىدۇ.
19- بىز ئۇ سۇ بىلەن سىلەرگە خورمىلق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق. ئۇ باغلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مېۋىلەر بار. سىلەر ئۇلاردىن يەيسىلەر.
20- بىز يەنە ئۇ سۇ بىلەن سىنا تېغىدا چىقىدىغان بىر دەرەخ يېتىشتۈردۇق. ئۇ دەرەختىن ماي ۋە يېگۈچىلەرگە بىر خىل قوشۇمچە يېمەكلىك چىقىدۇ.
21- تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار. بىز سىلەرنى ئۇلارنىڭ سۈتلىرى بىلەن سۇغىرىمىز. ئۇلاردىن كۆپ پايدىلىنىسىلەر ۋە گۆشلىرىنى يەيسىلەر.
22- ئۇلارغا مىنىپ ۋە كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ خالىغان يەرلىرىڭلارغا بارىسىلەر ۋە ھەر ئىككىسى بىلەن يۈكلىرىڭلارنى توشۇيسىلەر.
23- بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھغا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوق، ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا ئۇنىڭغا مۇخالىپ كېلىشتىن ساقلانمامسىلەر؟».
24- شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىچىدىكى ئىنكارچى كاتتىلار مۇنداق دېدى: «بۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنساندۇر، مەقسىتى سىلەردىن ئۈستۈن بولۇشتۇر. ئاللاھ پەيغەمبەر ئەۋەتسە، پەرىشتىلەرنى ئەۋەتەتتى. بىز بۇرۇنقى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن بۇنداق بىر نەرسە ئاڭلىمىدۇق.
25- بۇ ئادەمدە ئەلۋەتتە ساراڭلىق بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇددەت ئۇنى كۆزىتىڭلار».
26- نۇھ: «رەببىم! ئۇلار مېنى يالغانچى دېيىشتى، ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى.
27- شۇنىڭ بىلەن بىز نۇھقا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلدۇق: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ۋەھيىمىز بويىچە كېمىنى ياسىغىن. بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز كېلىپ تونۇر قاينىغاندا ھەر جىنستىن بىر جۈپ ھايۋان بىلەن ئائىلەڭنى كېمىگە ئالغىن. ئائىلەڭدىن غەرق قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ماڭا زالىملار توغرىسىدا مۇراجىئەت قىلمىغىن. چۈنكى ئۇلار ئەلۋەتتە غەرق قىلىنىدىغان كىشىلەردۇر».
28- سەن يېنىڭدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە كېمىگە ئورۇنلىشىپ بولغان چېغىڭدا: «بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھغا شۈكۈر!» دېگىن.
29- يەنە: «رەببىم! مېنى بەرىكەتلىك بىر يەرگە چۈشۈرگىن، سەن چۈشۈرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن» دېگىن.
30- بۇنىڭدا ئايەتلەر بار. بىز ئىنسانلارنى سىنىماقتىمىز.
31- ئاندىن بىز نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا بىر نەسىل پەيدا قىلدۇق.
32- ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئاللاھغا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوق. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ساقلانمامسىلەر؟».
33- ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر بولغان، ئاخىرەتكە مۇلاقات بولۇشنى يالغان دېگەن ۋە بىز باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاتقان كاتتىلىرى مۇنداق دېدى: «بۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنساندۇر، يېگىنىڭلاردىن يەيدۇ، ئىچكىنىڭلاردىن ئىچىدۇ.
34- ئەگەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئەلۋەتتە زىيان تارتىپ كېتىسىلەر.
35- ئۇ سىلەرگە: ‹سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ قەبرىڭلاردىن چىقىرىلىسىلەر› دەمدۇ؟
36- ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغان بۇ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئېھتىمالدىن تولىمۇ يىراق!
37- ھايات، بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەت. ئۆلۈپ تۇرىمىز، تۇغۇلۇپ تۇرىمىز. ئۆلگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ تىرىلدۈرۈلمەيمىز.
38- شۈبھىسىزكى، بۇ ئاللاھغا بوھتان چاپلىغان ئادەمدۇر. بىز ئۇنىڭغا ھېچقاچان ئىشەنمەيمىز».
39- پەيغەمبەر: «رەببىم! ئۇلار مېنى يالغانچى دېيىشتى، ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى.
40- ئاللاھ: «ئۇلار يېقىندا پۇشايمان قىلىدۇ» دېدى.
41- شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېلىشكە تېگىشلىك بولغان دەھشەتلىك ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى. بىز ئۇلارنى لۆجە قىلىۋەتتۇق. يوقالسۇن زالىملار گۇرۇھى!
42- ئاندىن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا نەسىللەر پەيدا قىلدۇق.
43- ھېچبىر ئۈممەت ئەجىلىنى ئالدىغىمۇ سۈرەلمەيدۇ، كەينىگىمۇ سۈرەلمەيدۇ.
44- ئاندىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقا- ئارقىدىن ئەۋەتتۇق. قاچانىكى بىر ئۈممەتكە ئۆز پەيغەمبىرى كەلسە، ئۇ ئۈممەت ئۇ پەيغەمبەرنى يالغانچى دېيىشتى. بىز ئۇلارنى بىر- بىرلەپ ھالاك قىلىپ ھېكايىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق. يوقالسۇن ئىمان ئېيتمىغانلار گۇرۇھى!
45- ئاندىن مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىر قىسىم ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن بىر دەلىل بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق،
46- فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە. ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ ئىمان ئېيتمىدى. ئۇلار تەكەببۇر قەۋم ئىدى.
47- شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش بىرەر ئىنسان بولغان شۇ ئىككى ئادەمگە ئىشىنەمدۇق؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزگە قۇل تۇرسا!» دېيىشتى.
48- ئۇلار ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنى ئەنە شۇنداق ئىنكار قىلدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارمۇ ھالاك قىلىندى.
49- بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ھىدايەت تاپسۇن، دەپ مۇساغا كىتابنى بەردۇق.
50- بىز ئىيسانى ۋە مەريەمنى بىرەر ئايەت قىلدۇق ۋە ئۇلارنى ياشاشقا ئۇيغۇن، ئېقىن سۇلۇق ئېگىز بىر جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق.
51- ئى پەيغەمبەرلەر! پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەل قىلىڭلار. مەن قىلمىىشڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن.
52- «ئەنە شۇلارنىڭ دىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردۇر. ھەممىڭلارنىڭ دىنى بىردۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلارمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەندىن قورقۇڭلار».
53- لېكىن ئىنسانلار ئۇ دىننى ئۆز ئارىسىدا پارچىلاپ ھەر خىل كىتابلارغا ئايرىدى. ھەر گۇرۇھ ئۆز دىنى بىلەن خۇشال بولۇپ ماختىنىدىغان بولدى.
54- سەن ئۇلارنى چۆمۈپ كېتىشكەن غاپىللىقلىرى ئىچىدە بىر مۇددەت تەرك ئەتكىن.
55- ئۇلار بىزنىڭ مال- مۈلۈك ۋە ئەۋلاتلارنى بەرگەنلىكىمىزنى،
56- ياخشىلىق قىلىشقا ئالدىرىغانلىقىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟ ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايۋاتىدۇ.
57- رەببىگە چوڭقۇر ھۆرمەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلغانلار،
58- رەببىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگەنلەر،
59- رەببىگە شېرىك كەلتۈرمىگەنلەر
60- ۋە بەرگەن ماللىرىنى رەببىنىڭ دەرگاھىغا قايتىش ئېتىقادى بىلەن قەلبلىرى تىترەپ تۇرۇپ بەرگەنلەر،
61- ئەنە شۇلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا مۇسابىقىلىشىپ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن كىشىلەردۇر.
62- بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقنى سۆزلەيدىغان بىر كىتاب بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
63- لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بۇنىڭدىن غاپىلدۇر. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ يامان ئىشلىرى بار. ئۇلار ئۇ ئىشلارنى قىلىپ تۇرىدۇ.
64- بۇ، بىز ئۇلارنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغانلىرىنى ئازابقا دۇچار قىلغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئۇلار ئەنە شۇ چاغدا بىردىنلا پەرياد قىلىشىدۇ.
65- ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۈگۈن پەرياد قىلماڭلار، بىزدىن ياردەم كۆرەلمەيسىلەر.
66- ئۆز ۋاقتىدا سىلەرگە ئايەتلىرىم تىلاۋەت قىلىنسا، يۈز ئۆرۈيتتۈڭلار.
67- قۇرئانغا تەكەببۇرلۇق قىلاتتىڭلار، كېچىلىرى يىغىلىپ ئۇ توغرۇلۇق ئاغزىڭلارغا كەلگەننى دەيتتىڭلار».
68- ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى چۈشىنىشكە تىرىشمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا ئىلگىرىكى ئاتا- بوۋىلىرىغا كەلمىگەن بىر نەرسە كەلدىمۇ؟
69- ياكى ئۇلار ئۆز پەيغەمبىرىنى تونۇمىدىمۇ؟ شۇڭا ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟
70- ياكى ئۇلار: «مۇھەممەد جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم» دەمدۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. ئۇ، ئۇلارغا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتنى يامان كۆرىدۇ.
71- ئەگەر ھەق ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىغا بويسۇنسا ئىدى، ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەخلۇقاتلار بۇزۇلۇپ كېتەتتى. ئەسلىدە بىز بۇ كىتابنى نازىل قىلىش بىلەن ئۇلارغا شان-شەرەپ ئاتا قىلدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ شان-شەرىپىدىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.
72- ياكى سەن ئۇلاردىن بىر ھەق تەلەپ قىلىۋاتامسەن؟ رەببىڭ ساڭا بېرىدىغان مۇكاپات ياخشىدۇر. ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر.
73- ئەسلىدە سەن ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرىۋاتىسەن،
74- لېكىن ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار بۇ يولغا كەلمەيۋاتىدۇ.
75- ئەگەر بىز ئۇلارغا رەھىم قىلىپ باشلىرىدىكى بالانى كۆتۈرۈۋەتكەن بولساق ئىدۇق، ئۇلار يەنىلا كاجلىق قىلىشىپ خاتا يوللىرىدا مېڭىۋەرگەن بولاتتى.
76- بىز ئۇلارنى ھەر خىل ئازابلارغا دۇچار قىلدۇق، لېكىن ئۇلار يەنىلا رەببىگە بويۇن ئەگمىدى. ئۇلار ئاللاھقا يېلىنمايدۇ.
77- بۇ، بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئۇلار ئەنە شۇ چاغدا بىردىنلا ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.
78- ئاللاھ سىلەرگە قۇلاق، كۆز ۋە دىللەرنى ئاتا قىلغان زاتتۇر. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!
79- ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىپ زېمىنغا تارقاتقان زاتتۇر. ئاخىرىدا ئۇنىڭ دەرگاھىغا كەلتۈرۈلىسىلەر.
80- ئاللاھ ئۆلتۈرۈپ تۇرىدىغان، تىرىلدۈرۈپ تۇرىدىغان ۋە كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان زاتتۇر. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
81- ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، بۇرۇنقىلار نېمە دېگەن بولسا شۇنى دېدى.
82- بۇرۇنقىلار مۇنداق دېيىشكەن ئىدى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟
83- بىزگە سېلىنغان بۇ تەھدىت بۇرۇن ئاتا- بوۋىلىرىمىزغىمۇ سېلىنغان ئىدى. بۇ قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىدىنلا ئىبارەت!».
84- ئېيتقىنكى: «زېمىن ۋە زېمىندىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ، بىلەمسىلەر؟».
85- ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئويلاپ باقمايسىلەر؟».
86- ئېيتقىنكى: «يەتتە ئاسماننىڭ رەببى ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببى كىم؟».
87- ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئاللاھدىن قورقمايسىلەر؟».
88- ئېيتقىنكى: «ھەر نەرسىنى باشقۇرىدىغان، قۇتقۇزىدىغان ۋە قۇتقۇزۇلمايدىغان كىم، بىلەمسىلەر؟».
89- ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئالدىنىسىلەر؟».
90- ئەسلىدە بىز ئۇلارغا ھەقنى سۆزلىدۇق، لېكىن ئۇلار يالغان سۆزلىمەكتە.
91- ئاللاھ ھېچ پەرزەنتلىك بولمىدى. ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. بولغان بولسا ھەر ئىلاھ ئۆزىنىڭ ياراتقىنىغا ھۆكۈم قىلىپ ئۇنى خالىغان تەرەپكە ئېلىپ باراتتى ۋە بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلىشكە تىرىشاتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.
92- ئۇ، غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ، ئۇلارنىڭ شېرىك قىلغان نەرسىلىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.
93- ئېيتقىنكى: «رەببىم! سەن ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىدىغان بولساڭ،
94- مېنى ئۇ زالىم قەۋمنىڭ ئىچىدە قويما، رەببىم!».
95- بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىشنى ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە قادىرمىز.
96- سەن يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىل. بىز ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىنى ئوبدان بىلىمىز.
97- ئېيتقىنكى: «رەببىم! مېنى شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ساقلىغىن.
98- رەببىم! شەيتانلارنى يېنىمغا يېقىنلاشتۇرمىغىن».
99- ئۇلار ئاللاھغا بوھتان چاپلاشنى ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، ئۆلگەن چېغىدا مۇنداق دەيدۇ: «رەببىم! مېنى قايتۇرسىلا.
100- ئارقامدا قالغان دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئىش قىلىشىم مۇمكىن». ياق! بۇ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان قۇرۇق گەپ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا بىر توسما بار. بۇ ئۇلارنى ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر دۇنياغا قايتىشتىن توسۇپ تۇرىدۇ.
101- سۇر چېلىنغان كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى قالمايدۇ، ھېچكىم ھېچكىمدىن ھال- ئەھۋال سورىمايدۇ.
102- ئۇ كۈنى مىزاندا ياخشىلىقلىرى ئېغىر كەلگەنلەر مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.
103- مىزاندا ياخشىلىقلىرى يېنىك كەلگەنلەر زىيان تارتقۇچىلاردۇر ۋە جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
104- ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى يالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەھەننەمدە ئۇلارنىڭ كالپۇكلىرى قورۇلۇپ چىشلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ.
105- ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەرگە ئايەتلىرىم تىلاۋەت قىلىنغان ئەمەسمىدى؟ سىلەر ئۇلارنى يالغان دېگەن ئەمەسمىدىڭلار؟».
106- ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىز يامان ئارزۇلىرىمىزغا يېڭىلىپ ئازغۇن قەۋم بولدۇق.
107- رەببىمىز! بىزنى بۇ يەردىن چىقارغىن. ئەگەر يەنە ئەسكىلىك قىلساق، ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغان بولىمىز».
108- ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «تۇرغان يېرىڭلاردا تۇرۇپ خارلىنىڭلار ۋە ماڭا بىر نەرسە دېمەڭلار.
109- چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم بەندىلىرىم: ‹رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن› دەيتتى،
110- سىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلاتتىڭلار، ھەتتا سىلەر ئۇلارنى مەسخرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇغان ئىدىڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كۈلەتتىڭلار.
111- بۈگۈن مەن ئۇلارنى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈپ مۇكاپاتلىدىم».
112- ئاللاھ ئۇلارغا يەنە: «زېمىندا قانچە يىل تۇردۇڭلار؟» دەيدۇ.
113- ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز، سانىغۇچىلاردىن سورىغىن» دەيدۇ.
114- ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بەك ئاز تۇردۇڭلار، كاشكى بۇنى بىلگەن بولسڭلارچۇ!
115- سىلەر، ئاللاھ بىزنى بىكار ياراتتى، ئاللاھ بىزدىن دەرگاھىغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئالمايدۇ، دەپ ئويلىدڭلار، شۇنداققۇ!؟».
116- ئاللاھ ئۇلۇغدۇر. ئۇ مۇتلەق پادىشاھدۇر، شەكسىز باردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ، ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببىدۇر.
117- ھېچبىر دەلىلگە ئاساسلانماستىن ئاللاھغا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا دۇئا قىلغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھېساب بېرىدۇ. كاپىرلار ھەرگىز مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ.
118- ئېيتقىنكى: «رەببىم! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر