مۇسۇلمانلار
مىراس ۋەسىيەت ۋە قەرز 1

مىراس \ ۋەسىيەت ۋە قەرز

4§. مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى

ئاللاھ تائالا مىراس تەقسىماتىدا مېيىتنىڭ بالىلىرى ۋە ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۈلۈشلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن ﴿مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِي بِهَا أَوْ دَيْنٍ – بۇ تەقسىمات مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئادا قىلىنىپ ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ﴾ دەيدۇ[1]. شۇنىڭدەك، ئاياللىرى ۋاپات بولغان ئەرلەرنىڭ ئۈلۈشلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن ﴿مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِينَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ – بۇ تەقسىمات ئۇلارنىڭ ۋەسىيىتى ئادا قىلىنىپ ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ﴾ دەيدۇ. ئەرلىرى ۋاپات بولغان ئاياللارنىڭ ئۈلۈشلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن ﴿مِّن بَعْدِ وَصِيَّةٍ تُوصُونَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ – بۇ تەقسىمات سىلەرنىڭ ۋەسىيتىڭلار  ئادا قىلىنىپ ياكى قەرزىڭلار تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ﴾ دەيدۇ. ئانا بىر قېرىنداشلارنىڭ ئۈلۈشلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىنمۇ ﴿مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصَى بِهَآ أَوْ دَيْنٍ – بۇ تەقسىمات قىلىنغان ۋەسىيەت ئادا قىلىنىپ ياكى قەرز تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ﴾[2] دەيدۇ.

مىراس تەقسىماتىنى توغرا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ ئايەتلەردە ئۆتكەن «ۋەسىيەت»نى ۋە ئۇنى «ئادا قىلىش»نى توغرا چۈشىنىش، شۇنداقلا ئىجرا قىلىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە بۇ مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا چۈشىنىشكە ۋە ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز.

1) «ۋەسىيەت»نىڭ مەنىسى 

 ۋەسىيەت – بۇيرۇماق، ئەمر قىلماق، تاپىلىماق، جېكىلىمەك، تەكىتلىمەك، تاپشۇرماق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان تەۋسىيە ۋە ئىيسائــ «التوصية». «الإيصاء»نىڭ ئوبيېكتى بولغان نەرسىدۇر[3]. تەۋسىيە ۋە ئىيسائـ دېگەن تۈپ سۆزلەردىن تۈرلەنگەن پېئىل ۋە سۈپەتلەر قۇرئان كەرىمدىمۇ يۇقىرىدىكى مەنىلەردە كېلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە مۇھىم ئىشلار ئۇ كەلىمىلەر بىلەن بۇيرۇلغان. مەسىلەن: دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىش، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش، نامازنى ئۆتەش ۋە زاكاتنى بېرىش، ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئەڭ مۇھىم «ئون ئەمر»[4]نى ئادا قىلىش[5] قاتارلىق ۋەزىپىلەر بۇ ئىككى تۈپ سۆزدىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەر بىلەن بىلدۈرۈلگەن ۋە تەكىتلەنگەن[6]. جۈملىدىن ئاللاھ تائالا ۋارىسلارنىڭ ئۈلۈشلىرىنى 4 – سۈرە نىسانىڭ 11 – ئايىتىنىڭ بېشىدا يۇسىيكۇم ﴿يُوصِيْكُمْ﴾ دېگەن پېئىل بىلەن بايان قىلغان، 12 – ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ۋەسىيەتەن مىنەللاھ (وَصِيَّةً مِنَ اللّهِ – بۇ تەقسىمات ئاللاھ تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىدۇر) دەپ تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئېنىقلىمىغا ئاساسەن ئاللاھنىڭ ۋەسىيىتى – ئاللاھ تائالا «تەۋسىيە ۋە ئىيسائـ» تۈپ سۆزلىرىدىن تۈرلەنگەن پېئىللار بىلەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردۇر. بەندىنىڭ ۋەسىيىتى ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى گۇۋاھچىلارنىڭ ھۇزۇرىدا ئېتىراپ قىلغان ۋە ۋارىسلىرىغا تۆلىۋېتىش توغرىسىدا ۋەزىپە قىلىپ تاپشۇرغان قەرزىدۇر.

2) ۋەسىيەت  ۋە دەين

كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ۋارىسلىرىنىڭ تۆلىشى كېرەك بولغان قەرزى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا ئېتىراپ قىلىپ ۋارىسلىرىغا تۆلىۋېتىشنى تاپشۇرغان قەرزى، يەنە بىرى ئىلگىرى ھۆججەت يېزىپ بەرگەن قەرزى. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى «ۋەسىيەت» بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ھۆكۈملەر 5 – سۈرە مائىدىنىڭ 106 – ئايىتىدە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. ئىككىنچىسى «دەين» بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ھۆكۈملەر 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 282 – ئايىتىدە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. 4 – سۈرە نىسانىڭ 11 – ۋە 12 – ئايەتلىرىدە بىللە زىكىر قىلىنغان «ۋەسىيەت» ۋە «دەين» مېيىتنىڭ مانا بۇ ئىككى تۈرلۈك قەرزىدۇر.

مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ شَهَٰدَةُ بَيۡنِكُمۡ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ ٱلۡمَوۡتُ حِينَ ٱلۡوَصِيَّةِ ٱثۡنَانِ ذَوَا عَدۡلٖ مِّنكُمۡ أَوۡ ءَاخَرَانِ مِنۡ غَيۡرِكُمۡ إِنۡ أَنتُمۡ ضَرَبۡتُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَأَصَٰبَتۡكُم مُّصِيبَةُ ٱلۡمَوۡتِۚ تَحۡبِسُونَهُمَا مِنۢ بَعۡدِ ٱلصَّلَوٰةِ فَيُقۡسِمَانِ بِٱللَّهِ إِنِ ٱرۡتَبۡتُمۡ لَا نَشۡتَرِي بِهِۦ ثَمَنٗا وَلَوۡ كَانَ ذَا قُرۡبَىٰ وَلَا نَكۡتُمُ شَهَٰدَةَ ٱللَّهِ إِنَّآ إِذٗا لَّمِنَ ٱلۡأٓثِمِينَ  ١٠٦ فَإِنۡ عُثِرَ عَلَىٰٓ أَنَّهُمَا ٱسۡتَحَقَّآ إِثۡمٗا فَ‍َٔاخَرَانِ يَقُومَانِ مَقَامَهُمَا مِنَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَحَقَّ عَلَيۡهِمُ ٱلۡأَوۡلَيَٰنِ فَيُقۡسِمَانِ بِٱللَّهِ لَشَهَٰدَتُنَآ أَحَقُّ مِن شَهَٰدَتِهِمَا وَمَا ٱعۡتَدَيۡنَآ إِنَّآ إِذٗا لَّمِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ  ١٠٧ ذَٰلِكَ أَدۡنَىٰٓ أَن يَأۡتُواْ بِٱلشَّهَٰدَةِ عَلَىٰ وَجۡهِهَآ أَوۡ يَخَافُوٓاْ أَن تُرَدَّ أَيۡمَٰنُۢ بَعۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱسۡمَعُواْۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡفَٰسِقِينَ  ١٠٨﴾

«ئى مۇئمىنلار! بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ، ۋەسىيەت قىلماقچى بولسا[7] سىلەردىن ئادالەتلىك ئىككى كىشى ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولسۇن. ياكى سىلەر سەپەردە بولۇپ بېشىڭلارغا ئۆلۈم مۇسىبىتى كەلسە، سىلەردىن بولمىغان باشقا ئىككى كىشى گۇۋاھ بولسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر گۇمانلانساڭلار ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنى نامازدىن كېيىن توختىتىسىلەر، ئاندىن ئۇلار مۇنداق دەپ قەسەم قىلىدۇ: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز پايدىسىغا قەسەم قىلىدىغان كىشى تۇغقىنىمىز بولغان تەقدىردىمۇ بىز قەسىمىمىزنى ھېچبىر بەدەلگە ساتمايمىز، ئاللاھ ئۈچۈن بېرىلگەن گۇۋاھلىقنى يوشۇرمايمىز. ئەگەر ئۇنداق قىلساق بىز چوقۇم گۇناھكارلاردىن بولىمىز›. ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ گۇناھكار ھېسابلىنىشقا تېگىشلىك بولغانلىقى بايقالسا، ئۇ گۇناھ زىيىنىغا قىلىنماقچى بولغانلارنىڭ ئىچىدىن مېيىتقا ئەڭ يېقىن بولغان باشقا ئىككى كىشى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىغا ئۆتىدۇ، ئاندىن مۇنداق دەپ قەسەم قىلىدۇ: ‹ئەلۋەتتە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىن توغرىدۇر، بىز ھەددىمىزدىن ئاشمىدۇق. ئەگەر ئۇنداق قىلساق بىز چوقۇم زالىملاردىن بولىمىز›. بۇ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقنى ئۆز يولى بىلەن ئادا قىلىشى ئۈچۈن ياكى ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىدىن كېيىن باشقا قەسەملەرنىڭ قىلىنىشىدىن قورقۇشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە قۇلاق سېلىڭلار. ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»[8].‏

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا تَدَايَنتُم بِدَيۡنٍ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى فَٱكۡتُبُوهُۚ وَلۡيَكۡتُب بَّيۡنَكُمۡ كَاتِبُۢ بِٱلۡعَدۡلِۚ وَلَا يَأۡبَ كَاتِبٌ أَن يَكۡتُبَ كَمَا عَلَّمَهُ ٱللَّهُۚ فَلۡيَكۡتُبۡ وَلۡيُمۡلِلِ ٱلَّذِي عَلَيۡهِ ٱلۡحَقُّ وَلۡيَتَّقِ ٱللَّهَ رَبَّهُۥ وَلَا يَبۡخَسۡ مِنۡهُ شَيۡئًاۚ فَإِن كَانَ ٱلَّذِي عَلَيۡهِ ٱلۡحَقُّ سَفِيهًا أَوۡ ضَعِيفًا أَوۡ لَا يَسۡتَطِيعُ أَن يُمِلَّ هُوَ فَلۡيُمۡلِلۡ وَلِيُّهُۥ بِٱلۡعَدۡلِۚ وَٱسۡتَشۡهِدُواْ شَهِيدَيۡنِ مِن رِّجَالِكُمۡۖ فَإِن لَّمۡ يَكُونَا رَجُلَيۡنِ فَرَجُلٞ وَٱمۡرَأَتَانِ مِمَّن تَرۡضَوۡنَ مِنَ ٱلشُّهَدَآءِ أَن تَضِلَّ إِحۡدَىٰهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحۡدَىٰهُمَا ٱلۡأُخۡرَىٰۚ وَلَا يَأۡبَ ٱلشُّهَدَآءُ إِذَا مَا دُعُواْۚ وَلَا تَسۡأَمُوٓاْ أَن تَكۡتُبُوهُ صَغِيرًا أَوۡ كَبِيرًا إِلَىٰٓ أَجَلِهِۦۚ ذَٰلِكُمۡ أَقۡسَطُ عِندَ ٱللَّهِ وَأَقۡوَمُ لِلشَّهَٰدَةِ وَأَدۡنَىٰٓ أَلَّا تَرۡتَابُوٓاْ إِلَّآ أَن تَكُونَ تِجَٰرَةً حَاضِرَةٗ تُدِيرُونَهَا بَيۡنَكُمۡ فَلَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَلَّا تَكۡتُبُوهَاۗ وَأَشۡهِدُوٓاْ إِذَا تَبَايَعۡتُمۡۚ وَلَا يُضَآرَّ كَاتِبٞ وَلَا شَهِيدٞۚ وَإِن تَفۡعَلُواْ فَإِنَّهُۥ فُسُوقُۢ بِكُمۡۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ وَيُعَلِّمُكُمُ ٱللَّهُۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ  ٢٨٢﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئۆزئارا قەرەللىك قەرز مۇئامىلىسى قىلىشقان چېغىڭلاردا ئۇنى يېزىپ قويۇڭلار. ئاراڭلاردىن خەت يازالايدىغان بىر كىشى ئۇنى ئادىللىق بىلەن يازسۇن. خەت يازالايدىغان كىشى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئۆگەتكىنىدەك يېزىشتىن باش تارتمىسۇن، يازسۇن. ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئېيتىپ بەرسۇن. ئۇ رەببى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسۇن، قەرزىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتمىسۇن. ئەگەر ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئەقىلسىز ياكى كۈچسىز بولسا ۋە ياكى ئېيتىپ بېرىشكە قادىر بولالمىسا ئۇنىڭ ۋەلىيسى ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن. ئەر كىشىلىرىڭلاردىن ئىككى گۇۋاھچىنى گۇۋاھچى قىلىڭلار. ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچى ئىككى ئەر بولمىسا، ئۆزۈڭلار رازى بولىدىغان گۇۋاھچىلاردىن بىر ئەر ۋە ئىككى ئايال بولسۇن. بۇ ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئېزىپ قالسا يەنە بىرىنىڭ ئەسلىتىشى ئۈچۈندۇر. گۇۋاھچىلار چاقىرىلغاندا كەلمەي قالمىسۇن. سىلەر پۈتۈكچىلەر! قەرز كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن ئۇنى قەرەلى بىلەن بىرلىكتە يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا توغرا، گۇۋاھلىق ئۈچۈن ساغلام، شۈبھىلەنمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇيغۇن بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئاراڭلاردا نەق قىلىشىدىغان تىجارەت بولسا، ئۇنداق قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇنى يازمىساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئېلىم – سېتىم قىلىشقان چېغىڭلاردا گۇۋاھچى ھازىر قىلىڭلار. پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن. ئەگەر ئۇلارغا زىيان يەتكۈزسەڭلار توغرا يولدىن چىققان بولىسىلەر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۆگەتمەكتىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»[9].‏

مۇناسىۋەتلىك ئىككى رىۋايەت:

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆلگەن مۇئمىننىڭ روھى تاكى ئۇنىڭ قەرزى ئادا قىلىنغانغا قەدەر يۇقىرى ئورۇنغا يېتىشتىن ئېسىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن[10].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىممىسىدىكى قەرزنى ئادا قىلماي ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ نامىزىنى ئوقۇشتىن ئۆزىنى تارتاتتى[11].

خۇلاسە

مېيىتنىڭ ئىككى تۈرلۈك قەرزى بولىدۇ:

بىرى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئەسناسىدا، شاھىتلارنىڭ ھوزۇرىدا ئاغزاكى ئېتىراپ قىلىپ ۋارىسلارنىڭ تۆلىۋېتىشىنى تاپشۇرغان قەرزى بولۇپ، بۇ قەرز «ۋەسىيەت» دەپ ئاتالغان. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ھۆكۈملەر 5 – سۈرە مائىدەنىڭ 106 – ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ.

ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ ھۆججەت يېزىپ بەرگەن قەرزى بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ھۆكۈم 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 282 – ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ. مېيىتنىڭ مىراسىدىن ئۈلۈش ئالىدىغان (ۋارىس)لار، مىراستىن ئۇنىڭ بۇ ئىككى تۈرلۈك قەرزىنى تۆلىۋېتىپ ئېشىپ قالغىنىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بەلگىلەنگەن بويىچە تەقسىم قىلىشىشى كېرەك.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 432 – 438.

[1] 4 – سۈرە نىسا ، 11 – ئايەت.

[2] 4 – سۈرە نىسا ، 12 – ئايەت.

[3]  ئەرەبچە لۇغەت كىتابلىرىدا «ۋەسىيەت»، ما يۇسا بىھى ۋە ئەلمۇسا بىھى، ئەلمۇسا بىھى «ما يوصى به، الموصى به» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىزاھلىنىشى بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ. – ئىبنى مەنزۇر، «ۋەسىيەت»، 15: 394؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، «وصية»، 2: 1036.

[4] 1 – ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەسلىك، 2 – ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، 3 – پېقىرلىقتىن قورقۇپ بالىلارنى ئۆلتۈرمەسلىك، 4 – قەبىھ سۆز – ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش، 5 – ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەسلىك، 6 – يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالماسلىق، 7 – ئۆلچەم ۋە تارازىدا ئادىل بولۇش، 8 – يېقىننىڭ زىيىنىغا بولسىمۇ سۆزدە ئادىل بولۇش، 9 – ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، 10 – توغرا يولغا (قۇرئانغا) ئەگىشىش (قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 151 ~ 153 – ئايەتلەر).

[5] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 151 – ۋە 152 – ئايەتلەر.

[6] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 131 – ئايەت؛ 19 – سۈرە مەريەم، 31 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 14 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 13 – ئايەت.

[7]  يەنى زىممىسىدە بولغان قەرزىنى ئېتىراپ قىلىپ، ۋارىسلارغا تۆلىۋېتىش توغرۇلۇق ۋەزىپە تاپشۇرماقچى بولسا.

[8] 5 – سۈرە مائىدە، 106 ~ 108 – ئايەتلەر.

[9] 2 – سۈرە بەقەرە ، 282 – ئايەت.

[10]  تىرمىزى، «جەنائىز»، 76؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 16: 352.

[11]قاراڭ: بۇخارى، «كاپالەت»، 2؛ مۇسلىم، «فەرائىز»، 3؛ ئەبۇ داۋۇد، «جىھاد»، 143؛ تىرمىزى، «جەنائىز»، 70؛ نەسەئى، «جەنائىز»، 67.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر