مۇسۇلمانلار
مىراس ۋارىسلارنىڭ ئىككىگە ئايرىلىشى 1

مىراس \ ۋارىسلارنىڭ ئىككىگە ئايرىلىشى

5§. ۋارىسلارنىڭ ئىككىگە ئايرىلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

4 – سۈرە نىسانىڭ 176 – ئايىتىدە بالىسى بار مېيىتنىڭ ئاتا بىر ياكى ئاتا – ئانا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرىنىڭ، ئۇنىڭ بالىسىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ ئۈلۈش ئالالمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ئايەتكە ئاساسەن بىر تۇغقاننىڭ بىر تۇغقاننىڭ مىراسىدىن ئۈلۈش ئېلىشى ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتكەن بىر تۇغقاننىڭ بالىسى بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ.

4 – سۈرە نىسانىڭ 11 – ئايىتىدە يەنە قىز بالىنىڭمۇ بالا ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن مېيىتنىڭ بىر قىزى بار بولسا، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى مىراسىدىن ئۈلۈش ئالالمايدۇ.

ئەھۋال ئەنە شۇنداق تۇرۇقلۇق كونا – يېڭى فىقىھ كىتابلىرىنىڭ «مىراس تەقسىماتى بۆلۈمى»دە ۋارىسلار «ئۈلۈش ئىگىلىرى» ۋە «ئەسەبە» دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ ۋە ھەر بىرىگە تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بېرىلىدۇ:

ئۈلۈش ئىگىلىرى – شەرىئەتتە ئۈلۈشى بەلگىلەنگەن ۋارىسلاردۇر. ئەسەبە – مىراستىن ئالىدىغان ئۈلۈشى شەرىئەتتە بەلگىلەنمىگەن، لېكىن ئۈلۈش ئىگىلىرى ئۈلۈشلىرىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن مىراستىن قانچىلىك  ئېشىپ قالسا شۇنى ئالىدىغان، ئېشىپ قالمىسا ھېچ نەرسە ئالالمايدىغان، يالغۇز بولغان چېغىدا مىراسنىڭ ھەممىسىنى ئالىدىغان ۋارىس بولۇپ، ئۇلار مېيىتنىڭ ئاتىسى، ئوغلى، ئوغلىنىڭ ئوغلى، ئاتا – ئانا بىر قېرىندىشى، ئاتا بىر قېرىندىشى، ئاتىسىنىڭ ئاتا – ئانا بىر قېرىندىشى قاتارلىقلارغا ئوخشاش مېيىت بىلەن ئارىسىدىكى تۇغقانلىق مۇناسىۋەتتە ئايال كىشى بولمىغان ئەر كىشىدۇر[1].

قۇرئان كەرىمدە ۋارىسلار ئۇنداق ئىككىگە ئايرىلمايدۇ، لېكىن «ھەدىس كىتابلىرى»دا ۋارىسلارنىڭ بۇ شەكىلدە ئىككىگە ئايرىلىشى توغرۇلۇق ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر «ھەدىس» ئورۇن ئالغان[2]. مەزكۇر «مىراس تەقسىماتى بۆلۈمى»دە ۋارىسلارنىڭ يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئىككىگە ئايرىلىشى ئەنە شۇ ھەدىسكە ئاساسلانغان.

مەزكۇر رىۋايەتنىڭ «ھەدىس كىتابلىرى»دا پەقەت ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنلا كېلىشى، نۇرغۇن تارىخ كىتابلىرىدا «ئابباسىيلار سۇلالىسى»نىڭ قۇرۇلۇشىدا «ئەسەبە»لىكنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنىڭ ئورۇن ئېلىشى قاتارلىقلار دىققەتنى تارتىدىغان ئەھۋالدۇر. ئەسلىدە بۇ كىتابتا بۇنداق مەسىلىگە ئورۇن بېرىش «ئۇسۇلىمىز»غا خىلاپ بولسىمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ، مىراس تەقسىماتىنىڭ بۇ يەردىكى سىستېمىسى بىلەن كلاسسىك فىقىھ كىتابلىرىدىكى سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ قالار دېگەن ئوي بىلەن بۇ يەردە قىسقىچە بولسىمۇ توختىلىشنى توغرا تاپتىم. ئاللاھتىن مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.

«ئۇمەۋىيلەر سۇلالىسى» يىقىلغاندىن كېيىن ھاشىمىيلەر جەمەتى كىمگە بەيئەت قىلىشنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا «ئەلەۋىيلەر»[3] ۋە «ئابباسىيلار»[4] دپ ئىككىگە بۆلۈنگەن: ئەلەۋىيلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىرىگە بەيئەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئابباسىيلارمۇ بىزنىڭ ئىچىمىزدىن بىرىگە بەيئەت قىلىنىشى كېرەك دېگەن. ھەر تەرەپ ئۆز دەۋاسىغا ئۆزىنىڭ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا تېخىمۇ يېقىنلىقىنى دەلىل قىلغان، شۇنداقلا «خەلىپىلىك مىراسى»غا ئۆزىنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنى ئۆزئارا يېزىشقان مەكتۇپلىرىدا، مۇنازىرىلىرىدە ئاشكارا زىكىر قىلغان. ئۇلارنىڭ ئۆلىما، يازغۇچى ۋە شائىرلىرى ئۆز تەرىپىگە يان باسقان. نەتىجىدە مەزكۇر «تېخىمۇ يېقىنلىق»نى ئىپادىلەش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى مەنىدە «ئەسەبە» دەپ بىر ئاتالغۇ پەيدا بولغان، شۇنداقلا «ئابباسىيلار سۇلالىسى»نىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان. تۆۋەندە بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز:

1.      ئابباسىي پېشۋالىرىنىڭ بەزى خۇتبىلىرى

ئابباسىيلارنىڭ تۇنجى خەلىفەسى سەففاھنىڭ   (ھ 104 – 136 /م 721 – 754) ھىجرىيە 132 – يېلى كۇفە مەجلىسىدە بەيئەت ئېلىش ئەسناسىدىكى خۇتبىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۆزىنىڭ بوۋىلىرى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئارىسىدىكى يېقىنلىقنى ۋە ھەقىقىي ئەھلى بەيت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلىپىلىك مۇقامىغا ئۆزلىرىنىڭ ۋارىس بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. خۇتبىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:

«… ئاللاھ بىزنى رەسۇلۇللاھقا تۇغقان قېلىش ۋە يېقىن قىلىش ئارقىلىق شەرەپلىك قىلدى. بىزلەرنى ئۇنىڭ ئەجدادىدىن، ئۇنىڭ نەسەبىدىن، ئۇنىڭ شەجەرىسىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئۇنى بىزلەردىن قىلدى. رەسۇلۇللاھقا تۇغقان بولۇشنى بىزگە مەخسۇس قىلدى. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: ‹… ئى نەبىينىڭ ئائىلىسى! ئاللاھ سىلەرنى گۇناھ ۋە يامانلىقلاردىن تازىلاپ، پاك – پاكىز ھالەتكە كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلىدۇ›[5]، ‹مەن تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن. مەن سىلەردىن پەقەت تۇغقانچىلىقتىكى دوستلۇقنى تەلەپ قىلىمەن›[6]، ‹ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن›[7]، ‹بىلىڭلاركى، ئالغان غەنىيمەتلىرىڭلارنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە يولۇچىلارغا خاستۇر›[8]، ‹ئاللاھ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىدىن ئېلىپ ئۆز ئەلچىسىگە فەيئ قىلىپ بەرگەن ماللار ئاللاھ، رەسۇلۇللاھ، رەسۇلۇللاھنىڭ يېقىنلىرى، يېتىملەر، مىسكىنلەر ۋە يولۇچىلار ئۈچۈندۇر…›[9]. ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنىڭ ئۈستۈنلىكىمىزنى ئىنسانلارغا بىلدۈردى، ئۇلارغا ھەققىمىزنى بېرىشنى ۋە بىزنى ياخشى كۆرۈشنى پەرز قىلدى… ئى كۇفەلىكلەر! سىلەر دوستلۇقىمىزنىڭ  قۇرۇلۇش ماكانى، سۆيگۈ – مۇھەببىتىمىزنىڭ مەركىزىسىلەر… مەن كۆپ قان تۆككەن ۋە بۇنى جائىز كۆرگەن كىشىمەن، مەن ۋەيران قىلغۇچى، ئىنتىقام ئالغۇچىمەن»[10].

سەففاھ خۇتبىسىدە «رەسۇلۇللاھقا تۇغقان بولۇشنى بىزگە مەخسۇس قىلدى. بىزلەرنى ئۇنىڭ ئەجدادىدىن، ئۇنىڭ نەسەبىدىن، ئۇنىڭ شەجەرىسىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى» دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئاتا تەرەپتىن ئۇرۇق – تۇغقان ۋە ئەھلى بەيت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە «بىزنىڭ ئۈستۈنلىكىمىزنى ئىنسانلارغا بىلدۈردى، بىزنى ياخشى كۆرۈشنى ۋە ھەققىمىزنى بېرىشنى پەرز قىلدى» دېيىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆزلىرىنى ئەھلى بەيت بولغانلىقى ئۈچۈن قوللىشىنىڭ دىنى مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

سەففاھدىن كېيىن تاغىسى داۋۇد ئىبنى ئەلى (ھ 80 – 133 / م 700 – 751) مۇنبەرگە چىقىپ ئابباسىيلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن ئۇرۇق – تۇغقان بولغانلىقى ئۈچۈن خىلافەتنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

خۇتبىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلەر مۇنداق:

«دۈشمىنىمىزنى ھالاك قىلغان، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەددىن قالغان مىراسىمىزنى بىزگە يەتكۈزگەن ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن… ھەق، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەھلى بەيتتىكى ئەسلى ئورنىغا قايتتى. بۇ ئائىلە سىلەرگە قارشى مۇلايىم ۋە مەرھەمەتلىكتۇر، سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ… بەنى ئۇمەييەنىڭ ھەققىمىزنى مەجبۇرى قولىمىزدىن ئېلىۋالغانلىقىنىڭ ئاچچىقى ۋە ئۇلارنىڭ تاغىمىزنىڭ بالىلىرىغا قارشى ئۆچمەنلىكى  بىزنى بۇ دەۋاغا سۆرەپ چىقتى… سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ئابباسنىڭ كېپىللىكى باردۇر… ئاللاھ ئۇلار (خۇراسانلىقلار) بىلەن ھەققىمىزنى قايتىدىن بەردى، دەۋايىمىزنى ئۇلار بىلەن كۈچلەندۈردى، دۆلىتىمىزنى ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقاردى… ئىچىڭلاردىن بەنى ھاشىمدىن بولغان بىر خەلىپە چىقاردى، ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىرىڭلارنى ئاقارتتى. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن بۈگۈنگىچە ئۆتكەن زامان ئىچىدە مەن دەسسەپ تۇرغان مۇشۇ مۇنبەرگە مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ ۋە (ساففاھقا ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ) ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەددىن باشقا خەلىفە چىقىپ باقمىدى…»[11].  

داۋۇد ئىبنى ئەلىنىڭ، خۇتبىسىنى «مىراسىمىزنى بىزگە يەتكۈزگەن ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دەپ باشلىشى «ھەق، نەبىمىزنىڭ ئەھلى بەيتىگە قايتتى» دېيىشى، خىلافەتنى مىراس ۋە ھەق دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقنىڭ ئەھلى – بەيتكە ئائىت بولۇپ، مىراس ئارقىلىق ھەقىقى ئورنىنى تاپتى دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

2.      ئابباسىلار دەۋرىدىكى شائىرلەرنىڭ شېئىرلىرىدا «ئەسەبە»لىك

ئابباسىلارنىڭ، رەسۇلۇللاھقا تاغىسى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئارقىلىق تۇغقان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىلافەتكە ئۆزلىرىنىڭ ۋارىس بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشىدا «ئەسەبە، زەۋىل ئەرھام، ۋەلەد» دېگەندەك مۇھىم ئاتالغۇلاردىن پايدىلانغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ۋە كۆزقاراشلىرىنىڭ خەلق ئارىسىدا تارقىتىش ۋە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تەشۋىقاتتا ئۆزلىرىنى مەدھىيەلەيدىغان يالغان رىۋايەتلەرنى توقۇشقا رۇخسەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۆز زامانىسىدىكى شائىرلىرىنىمۇ تەشۋىقات ۋاستىسى قىلغان. ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان شائىرلارنىڭ مۇكاپاتلىنىپ خان سارىيىغا قوبۇل قېلىنغانلىقى، ماسلاشمىغانلارنىڭ بولسا مەرتىۋىلىرىدىن ئايرىلىپ جازاغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى بىلىنمەكتە. تۆۋەندە ئۇ دەۋىردىكى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن بىرقانچىسى ئۆرنەك بېرىلىدۇ:

ئابباسىيلارنى ۋە بەرمەكىيلەرنى[12] مەدھىيلەپ بايلىق توپلىغان مەرۋان ئىبنى ئەبى ھەفسە (ھ 105 – 182 / م 723 – 798)، شېئىرلىرىدا ئەلەۋىلەرنى سۆكىدۇ. خىلافەتنىڭ ئابباسىيلارنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنى كۆككە كۆتىرىدۇ. ئۇنىڭ ئابباسىي خەلىفىسى مەھدىنى (ھ 127 – 169 / م 744 – 785) مەدھىيەلەپ ئوقۇغان تۆۋەندىكى شېئىرى ئۇنىڭغا ئۇ زامانغىچە ھېچبىر شائىر ئېلىپ باقمىغان دەرىجىدە كۆپ ھەدىيە قازاندۇرغان:

يا ابن الذي ورث النبي محمدا         دون الأقارب من ذوي الارحام

الوحي بين بني البنات وبينكم          قطع الخصام فلات حين خصام

ما للنساء مع الرجال فريضة           نزلت بذلك سورة الانعام

ألغي سهامهم الكتاب فحاولوا           أن يشرعوا فيها بغير سهام

مەنىسى:

 ئى مۇھەممەد نەبىيگە ۋارىس بولغاننىڭ ئوغلى!

قۇرۇق قالغان زەۋىل ئەرھام تۇغقانلارنىڭ قولى.

سىلەر بىلەن قىزلارنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسدا،

ۋەھىي بولغاچ توختىدى جودا تۈگىدى جودا.

ئەرلەر بار يەردە يوقتۇر ئاياللارنىڭ ھەسسىسى،

بۇ ھۆكۈم بىلەن نازىل بولغان ئەنئام سۈرىسى.

كىتاب بىكار قىلغاندۇر ئۇلارنىڭ ھەسسىسىنى،

شۇنداقتىمۇ ئالىمىز دەيدۇ ئۇلار ھەسسىنى[13].

مەرۋان شېئىرىدا «ئى مۇھەممەد نەبىيگە ۋارىس بولغاننىڭ ئوغلى!»  دېگەن ئىپادىدىكى «ۋارىس بولغان» سۆزى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئابباسنى، «ئوغلى» بىلەن مەھدىنى ۋە ئابباسىيلارنى، «زەۋىل ئەرھام» دېگەن ئىپادىسى بىلەن ئەلەۋىلەر (ئەلى بىلەن فاتىمەنىڭ بالىلىرىنى) مەقسەت قىلىدۇ.

ئىككىنچى بېيىتتىكى «قىزلارنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ۋەھىي باردۇر» دېگەن سۆزى بىلەن باشقا بىر شېئىرىدا تىلغا ئالغان 8 – سۈرە ئەنفالنىڭ 75 – ئايىتىگە ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى بەزى مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتنىڭ «ئەسەبە» تۇققانلارنىڭ مىراسى ھەققىدە نازىل بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

«ئەرلەر بار يەردە يوق ئاياللارنىڭ ھېچ ھەسسىسى» دېگەن سۆزى بىلەن «ئەسەبە» تۇغقانلار ئىچىدە مىراستىن ئۈلۈشى بولمىغان ئاياللار بولۇپ قالسا مىراسقا ۋارىس بولالمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خەلىپىلىككىمۇ ۋارىس بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتىدۇر.

«بۇ ھۆكۈم بىلەن نازىل بولدى ئەنئام سۈرىسى» دېگەن ئىپادە بىلەن ئەنئام سۈرىسىنىڭ، «ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدى، بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىرقانچە دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. ئاللاھ بۇنى سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلىرىدە سىلەرنى سىناش ئۈچۈن قىلدى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» دېگەن مەنىدىكى 165 – ئايىتىگە ئىشارەت قىلىدۇ.

مەرۋان بۇ قەسىدىنى ئابباسى خەلىفىسى مەھدى ئىشتىراك قىلغان بىر سورۇندا ئوقۇپ سورۇندىكىلەردىن نۇرغۇن بايلىق توپلايدۇ. «ئەغانى» دېگەن كىتابتا خەلىفە مەھدىنىڭ مەرۋانغا يۈز مىڭ دىرھەم بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

مەرۋان ئىبنى ھەفسەنىڭ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر شېئىرى مۇنداق:

أَني يكُونُ ولَيْسَ ذاكَ بكَائِنِ … لِبَنِي البَنَاتِ وِرَاثَةُ الأعْمَامِ!

ألغى سهامهم الكتاب فما لهم، ان يشرعوا فيه بغير سهام

مەنىسى:

 ۋارىس بولسۇن قانداقمۇ قىزلارنىڭ ئوغۇللىرى؟!

بار تۇرۇقلۇق ھاياتتا مېيىتنىڭ تاغىلىرى.

بىكار قىلغان ئۇلارنىڭ ھەسسىلىرىنى كىتاب،

شۇنىڭ بىلەن قالمىغان ئۇلارنىڭ ھېچ ھەقلىرى[14].

مەرۋان بۇ يەردە «تاغىلار» بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئابباسنى ۋە ئابباسىيلارنى، «قىزلارنىڭ ئوغۇللىرى» بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ بالىلىرىنى مەقسەت قىلىدۇ.

مەرۋاننىڭ، ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى ئىكەنلىكىنى، قىزى فاتىمەنىڭ ئوغۇللىرى ھەسەن ۋە ھۈسەيىننىڭ، تاغىسى ئابباس بولغانلىقى ئۈچۈن مىراستىن مەھرۇم بولىدىغانلىقىنى ۋە خەلىپىلىككىمۇ ۋارىس بولالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان شېئىرلىرى بەزى شائىرلار تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى. تۆۋەندە ئۇنى تەنقىدلىگەن شېئىرلاردىن بىر قانچىسىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز:

جەئفەر ئىبنى ئاففان (ھ ؟ – 150 / م ؟ – 767) مەرۋاننى بۇ شېئىرى سەۋەبىدىن لەنەتلىگەن ۋە تۆۋەندىكى شېئىرى بىلەن رەددىيە قايتۇرغان:

لم لايكون وان ذاك  لكائن، لبني البنات وراثة الاعمام

للبنت نصف كامل من ماله، والعم متروك بغير سهام

مەنىسى:    

نېچۈن ۋارىس بولمىسۇن قىزلارنىڭ ئوغۇللىرى؟

بار بولسىمۇ ھاياتتا مېيىتنىڭ تاغىلىرى،

مىراسنىڭ دەل يېرىمى تېگىدۇ بىر قىزىغا،

قېپقالىدۇ مىراستىن مەھرۇم ھالەتتە تاغا[15].

ئەبۇ ھەسەن ئەلى رىزا (ھ 148 – 203 / م 765 – 818)نىڭمۇ تۆۋەندىكى شېئىرنى مەرۋانغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن يازغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

أني يكون وليس ذاك بكائن         للمشركين دعائم الاسلام

لبني البنات نصيبهم من جدهم      والعم متروك بغير سهام

مەنىسى:

مۇشرىكلارغا تەگمەيدۇ ئەسلا ھەسسە مىراستا،

ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكلىرى بار تۇرۇقلۇق ھاياتتا،

قىزلارنىڭ ئوغۇللىرى ھەسسە ئالار بوۋىسدىن،

تەرك ئېتىلگەن تاغىسى مەھرۇم ھالدا ھەسسىدىن[16].

ئۇ دەۋىرنىڭ شائىرلىرىدىن ئەبان ئىبنى ئابدۇلھەمىد لاھىقى (ھ135 – 200 / م 753 – 815)مۇ ئابباسىي خەلىپىسى ھارۇن رەشىد (ھ 149 – 193 /م767 – 809)كە يېقىن بولۇش ئارزۇسى بىلەن مەشھۇر شائىر مەرۋان ئىبنى ئەبى ھەفسەگە ئوخشاش ھەرخىل ۋاستىلەرنى قوللانغان. ئەبانغا، بۇ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن خەلىپىلىكنىڭ فاتىمەنىڭ بالىلىرىنىڭ ئەمەس، ئابباسىلارنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان شېئىرلار ئوقۇشى كېرەكلىكى دېيىلگەندە، ئۇنىڭ بۇ ھەقتە قەسىدە يازغانلىقى، بۇنى ھارۇن رەشىدكە ئوقۇپ بەرگەندە يىگىرمە مىڭ دىرھەم بېرىلىپ، خەلىفىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكى ۋە «دىۋانى شېئىر»غا باش قىلىنغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ.

باشقا بىر رىۋايەتتە ئەباندىن مەرۋانغا ئوخشاش ئابباسىلارنى مەدھىيەلەپ، ئەلەۋىلەرنى سۆكۈشى تەلەپ قىلىنغاندا مەن «بۇنى ھالال ئىش دەپ قارىمايمەن» دېگەنلىكى، لېكىن ئۇلارنىڭ «دۇنيا ئىشلىرى پەقەت ھالال بولمىغان ئىشلاردا يۈرۈشىدۇ» دېگەن سۆزى بىلەن ئەباننىڭ مۇناسىۋەتلىك قەسىدىنى يازغانلىقى/ئوقۇغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئەباننىڭ قەسىدىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈم مۇنداق:

أعم رسول الله أقرب زلفة                  إليه أم ابن العمّ في رتبة النسب

وأيهما أولي به وبعهده                   ومن ذا له حق التراث بما وجب!

فان كان عباس أحق بتلكم               وكان علي بعد ذاك علي سبب

فابناء عباس هم يرثونه          كما العم لابن العم في الارث قد حجب

مەنىسى:

كىم ئەڭ يېقىن تۇغقىنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ؟

تاغىسىمۇ؟ ۋە ياكى ئوغلىمۇ تاغىسىنىڭ؟

قايسىسى ئەڭ لايىقتۇر ئۇنىڭغا، ئەھدىسگە؟

كىم ئىگىدۇر راستىنلا ۋارىس بولۇش ھەققىگە؟

بولسا ئابباس ئەڭ ھەقلىق ئۇلارنىڭ ئىككىسىگە،

قالسا ئەلى كەينىدە بىنائەن بىر سەۋەبكە،

ئابباسنىڭ ئوغۇللىرى ۋارىس بولۇر ئۇنىڭغا،

تاغا ئوغلى بولغاندەك مەھرۇم، بولغاچقا تاغا[17].

ئەبان،  بۇ قەسىدىسىدە ئابباس بىلەن ئەلىنىڭ قايسىسىنىڭ رەسۇلۇللاھقا بەكرەك يېقىنلىقىنى سېلىشتۇرىدۇ. ئابباسىيلارنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرۈپ، ئەلىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ مەرتىۋىسىنى چۈشۈرمەكچى بولىدۇ.

ئابباسىي خەلىفىلىرىنى مەدھىيەلەپ مۇكاپات ئالغان شائىرلارنىڭ بىرى مەرۋان ئىبنى ئەبى ھەفسەنىڭ نەۋرىسى مەرۋان ئىبنى ئەبى جەنۇبتۇر (ھ ؟ – 240 / م ؟ – 854). ئۇنىڭ تۆۋەندىكى قەسىدىسىنى ئوقۇپ، مۇتەۋەككىل ئەلەللاھ (ھ 205 – 247 / م 822 – 861)دىن ئون مىڭ دىرھەم ئالغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ:

لكم تراث محمد      وبعدلكم تُنْفَى الظُلامه

يرجو التراث بنوالبنا     ت وما لهم فيها قُلامه

والصهر ليس بوارث     والبنت لاترث الإمامه

مەنىسى:

مۇھەممەدنىڭ مىراسى سىلەرگىلا خاس پەقەت،

ئادالىتىڭلار بىلەن يوقالماقتا شىكايەت،

ئۈمىد قىلار مىراسنى قىزلارنىڭ ئوغۇللىرى،

ھالبۇكى، يوقتۇر ئۇلارغا تىرناقنىڭ ئۇچلىرى.

كۈيئوغۇللار ئەسلىدە ۋارىس ھېسابلانمايدۇ،

قىزلار ھەرگىزمۇ ئىمامەتكە[18] ۋارىس بولمايدۇ [19].

 مەرۋان ئىبنى ئەبى جەنۇب باشقا شائىرلارغا ئوخشاش ئابباسىيلارنىڭ «ئەسەبە» بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ مىراسىغا، شۇنداقلا خەلىپىلىككە ۋارىس بولىدىغانلىقىنى، فاتىمەنىڭ بالىلىرى، قىزنىڭ بالىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ۋارىس بولالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئابباسىيلارنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرگەن، مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارىي ھالدا ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغان نۇرغۇنلىغان شائىرلار بولغاندەك، رەقىبلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان شائىرلار مۇ بولغان. مەسىلەن: سۇدەيف ئىبنى مەيمۇن (ھ ؟ – 146 / م ؟ – 763) ، ئىبنى مەييادە (ھ ؟ – 1449 / م ؟ – 766)، سەييىد ھىميەرى (ھ 105 – 173 / م 723 – 789)، مەنسۇر نەمرى (ھ ؟ – 190 / م ؟ – 809)، ئەبۇل ئاتاھىيە (ھ 130 – 211 / م 747 – 826)، قاسىم ئىبنى يۇسۇف (ھ ؟ – 220 / م ؟ – 835) ، مۇھەممەد ئىبنى سالىھ (ھ ؟ – 248 / م ؟ – 862) ۋە ئىبنى مۇئتەزگە (ھ 247 – 296 / م 861 – 909) ئوخشاش نۇرغۇنلىغان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا ئوخشاش مەسىلىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ[20].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 438 – 449.

[1] ۋەھبە زۇھەيلى، ئەلفىقھۇلئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ، 4 – باسما (دەمەشق: دارۇلفىكر، تارىخسىز)، 10: 7747 ۋە 7794.

[2] ھەدىس «ئۈلۈشلەرنى ئىگىلىرىگە بېرىڭلار، ئېشىپ قالغىنى كىشىنىڭ ئەڭ يېقىنى بولغان ئەر كىشىنىڭدۇر» دېگەن مەنىدىدۇر. قاراڭ: بۇخارى، «فەرائىز»،  5، 7، 9، 15؛ مۇسلىم، «فەرائىز»، 2، 3، 4؛ تىرمىزى، «فەرائىز»، 8؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 6: 57.

[3] ئەلى ۋە فاتىمە ەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بالىلىرى.

[4] ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بالىلىرى.

[5] 33 – سۈرە ئەھزاب، 33 – ئايەت.

[6] 42 – سۈرە شۇرا، 23 – ئايەت.

[7] 26 – سۈرە شۇئەرا، 214 – ئايەت.

[8] 8 – سۈرە ئەنفال، 41 – ئايەت.

[9]  59 – سۈرە ھەشر، 7 – ئايەت.

[10] مۇئەللىفى نامەلۇم، ئەلئۇيۇن ۋەلھەدائىق فى ئەخبارىلھەقائىق، نەشر قىلغۇچى: م. ژ. دېگوژې (برىل: لېئىدەن =Brill: Le’den، 1871)، 3 : 198 – 200؛ بەلازۇرى، ئەھمەد ئىبنى يەھيا ئىبنى جابىر ئىبنى داۋۇد، ئەنسابۇل ئەشراف، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مەھمۇد فىردەۋس  ئەزەم (دەمەشق: دارۇليەقەزەتىل ئەرەبىييە، 1998)، 3: 159 – 160؛ ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى جەرىر ئىبنى يەزىد ئىبنى كەسىر ئىبنى غالىب تەبەرى، تارىخۇل ئۇمەم ۋەلمۇلۇك، نەشر قىلغۇچى: مۇھەممەد ئەبۇل فەزل ئىبراھىم (بېيرۇت: دارۇل سۇۋەيدان، 1967)، 7:424 – 427؛ ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن ئىبنى ئەلى مەسئۇدىي، مۇرۇجۇززەھەب ۋە مەئادىنۇلجەۋھەر، نەشر قىلغۇچى: مۇھەممەد مۇھيىددىن ئابدۇلھەمىد (قاھىرە: مەتبەئۇس سەئادە، 1948)، 3: 270 – 271؛ جەمالۇددىن ئەبۇلفەرەج ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد جەۋزى، ئەلمۇنتەزەم فى تارىخىلمۇلۇك ۋەلئۇمەم، (بېيرۇت: دارۇل فىكىر، 1995)، 5: 9 ~ 10؛ ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ئەبىلكەرەم مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلكەرىم ئىبنى ئابدۇلۋاھىد ئىبنى ئەسىر، ئەلكامىل فىتتارىخ، تەھقىقلىغۇچى: ئۆمەر ئابدۇسسالام تەدمىرى (بېيرۇت: دارۇلكۇتۇبىل ئەرەبى، ھ 1417/ م 1997)، 4: 575؛ ئىبنى كەسىر، بىدايە ۋە نىھايە، تەھقىقلىغۇچى: ئەلى شىيرىي (بېيرۇت: دارۇ ئىھيائىت تۇراسىل ئەرەبى، ھ 1408/ م 1988)، 10 : 44 – 45.

[11]  بەلازۇرى، ئەنسابۇلئەشراف، 3: 157 – 159؛ ئەبۇلئابباس مۇھەممەد ئىبنى يەزىد مۇبەررەد، ئەلكامىل فىللۇغىتى ۋە لئەدەب، نەشر قىلغۇچى، مۇھەممەد ئەھمەد دالى (بېيرۇت: مۇئەسسەتۇل رىسالە، 1986)، 3: 1482 – 1483؛ مۇئەللىف نامەلۇم، ئەلئۇيۇن ۋەلھەدائىق، 3: 200 ~ 202؛ ئەھمەد ئىبنى ئىسھاق ئىبنى جەئفەر ئىبنى ۋەھب ئىبنى ۋازىھ يەئقۇبى، تارىخۇل يەئقۇبى (بېيرۇت: دارۇ سادىر، تارىخسىز)، 2: 350؛ تەبەرى، تارىخۇل ئۇمەم ۋەلمۇلۇك، 7:426 – 428؛ مەسئۇدى، مۇرۇجۇززەھەب ۋە مەئادىنۇلجەۋھەر، 3: 270 – 271؛ ئىبنى جەۋزى، مۇنتەزەم، 5: 10 ~ 11؛ ئىبنى ئەسىر، ئەلكامىل فىتتارىخ، 4: 577 – 578؛ ئىبنى كەسىر، بىدايە ۋە نىھايە، 13: 250 – 252.

[12] ئابباسىيلارنىڭ ھاكىمىيەتكە كېلىشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان ئىرانلىق، مەجۇسىي تائىپىسى.  

[13] قاراڭ: ئىبنى ئەبى ھەفسە، مەرۋان ئىبنى سۇلايمان ئىبنى يەھيا، دىۋانۇ مەرۋان ئىبنى ئەبى ھەفسە، شەرھىلىگۈچى: ئەشرەف ئەھمەد ئەدرە (بېيرۇت: دارۇل كىتابىل ئەرەبى، 1993)، 15؛ ئەبۇ ئۆمەر شىھابۇددىن ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدى رەببىھى، ئەلئەقدۇلفەرىد (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، ھ 1404 / م 1983)، 1 : 262؛ شەۋقى دايف، ئەھمەد ئابدۇسسەلام، تارىخۇل ئەدەبىل ئەرەبىي (مىسىر: دارۇل مەئارىف، 1960 – 1995)، 3: 300؛ مەسئۇدى، مۇرۇجۇززەھەب ۋە مەئادىنۇلجەۋھەر،  3: 332؛ شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان سەخاۋىي، ئەلجەۋاھىرۇل مەجمۇئەتۇ ۋەننەۋادىرۇل مەسمۇئەتۇ تەھقىقلىغۇچى: مۇھەممەد كەرىم مۇھەممەد جەمىلى (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، 2011)، 180.

[14] مۇبەررەد، ئەلكامىل فىللۇغىتى ۋە لئەدەبى، 2: 72؛ ئىبنى ئابدى رەببىھى، ئەلئەقدۇلفەرىد، 1: 262؛ ئەبۇلقاسىم ئەلى ئىبنى ھەسەن ئىبنى ئەساكىر، تارىخۇ دەمەشق، تەھقىقلىغۇچى: ئەمر ئىبنى غەرامە ئەمرەۋى ( دارۇل فىكىر، ھ 14115 /م 1995)، 57: 292.

[15] ئەھمەد مۇھەممەد شايب، تارىخۇش شىئرىسسىياسىي ئىلا مۇنتەسەفىل قەرنىسسانىي (بېيرۇت: دارۇل قەلەم،  2016)، 8.

[16] ئەبۇ ئابدىللاھ ئىبنى مۇئەللىم مۇفىد، ئەلفۇسۇلۇل مۇختارەھ، نەشر قىلغۇچى: سەييىد ئەلى مىر شەرىف، 2 – باسما (بېيرۇت: دارۇلمۇفىد، ھ 1414 / م  1993)، 96؛ مۇھەممەد باقىر ئىبنى مۇھەممەد مەجلىسى، بىھارۇل ئەنۋار ئەلجامىئەتى لىدۇرەرى ئەخبارىل ئەئىممەتىل ئەتھار، 2 – باسما (بېيرۇت: مۇئەسسەتۇلۋەفا، ھ 1403 / م 1983)، 109 ~ 110.

[17] ئەبۇلفەرەج ئىسفەھانىي، كىتابۇل ئەغانىي، شەرھىلىگۈچى: ئابدۇلئەمىر ئەلى مىھەننا (بېيرۇت: دارۇلكۇتۇبىل ئىلمىييە، 1986)، 6: 101؛ ئابدۇلقادىر ئىبنى ئۆمەر بەغدادىي، خەزانەتۇل ئەدەب ۋە لۇببۇ لۇبابى لىسانىل ئەرەب، نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇسسەلام مۇھەممەد ھارۇن (قاھىرە: مەكتەبەتۇل خانجى، م 1981)، 8: 178؛ ئەلى ۋەردىي، ۋۇئئازۇزس سەلاتىن، 2 – باسما (بېيرۇت: دارۇ كۇفان، 1995)، 215.

[18] «خەلىپىلىككە» دېمەكچى.

[19]  تەبەرى، تارىخۇل ئۇمەم ۋەلمۇلۇك، 9: 247؛ ئىبنى ئەسىر، ئەلكامىل فىتتارىخ، 6: 176.  

[20] ئابدۇراھمان يازىجى،  ئىسلام مىراس ھۇقۇقۇ ئاراشتېرمالارى (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋاقفى يايىنلارى، 2015)، 233 ~ 234.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر