مۇسۇلمانلار
مىراس قېرىنداشلارنىڭ ئۈلۈشى 1

مىراس \ قېرىنداشلارنىڭ ئۈلۈشى

4) قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەرنىڭ ئۈلۈشلىرى

ۋاپات بولغۇچىنىڭ قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرى ئاتا – ئانىسى بىر ياكى ئاتىسى بىر ۋە ياكى ئانىسى بىر بولۇپ. جەمئىي ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ۋاپات بولغان قېرىنداش ياكى ھەمشىرىسىنىڭ مىراسىدىن ئۈلۈش ئېلىشى ئۈچۈن مۇئەييەن شەرتلەر بىلدۈرۈلگەن، ئۈلۈشلەرنىڭ نىسبىتى ئۇ شەرتلەرگە قاراپ بەلگىلەنگەن. قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەرنىڭ تۈرلىرى، ئۇلارنىڭ مىراستىن ئۈلۈش ئېلىش شەرتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈلۈش مىقدارلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) ئانا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەرنىڭ ئۈلۈشلىرى

بىر ئانىدىن بولغان قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەرنىڭ، ۋاپات بولغان قېرىندىشى ياكى ھەمشىرىسىنىڭ مىراسىدىن ئۈلۈش ئالالىشى ئۈچۈن ئىككى شەرت بار: بىرىنچىسى، ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئانىسى بولماسلىقى (بۇ ئانا ئۇلارنىڭمۇ ئانىسىدۇر)، ئىككىنچىسى بولسا، ۋاپات بولغۇچىنىڭ بالىسى بولماسلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ ئۈلۈش نىسبىتى ئۆزلىرىنىڭ سانىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ.

ئەگەر ئانا بىر قېرىنداش ياكى ھەمشىرە بىر بولسا ئۇنىڭغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئۇنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولۇشىنىڭ پەرقى يوق. ئەگەر ئۇلار بىردىن كۆپ بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ. ئۇلار بۇنى ئوخشاش نىسبەتتە ئۈلىشىدۇ. يەنى ئۇلار ھەر ئېھتىمالدا ئانىنىڭ ئۈلۈشىنى ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَإِن كَانَ رَجُلٞ يُورَثُ كَلَٰلَةً أَوِ ٱمۡرَأَةٞ وَلَهُۥٓ أَخٌ أَوۡ أُخۡتٞ فَلِكُلِّ وَٰحِدٖ مِّنۡهُمَا ٱلسُّدُسُۚ فَإِن كَانُوٓاْ أَكۡثَرَ مِن ذَٰلِكَ فَهُمۡ شُرَكَآءُ فِي ٱلثُّلُثِۚ … ١٢﴾

«ئەگەر بىرەر ئەرنىڭ ياكى بىرەر ئايالنىڭ ئانىسى ۋە بالىسى يوق ھالەتتە مىراسى ئېلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت بىر قېرىندىشى ياكى بىر ھەمشىرىسى بار بولسا، ئۇ ئىككىسىدىن ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا، ئۇلار مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدە شېرىك بولىدۇ»[1].

بۇ يەردىكى قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر ئانا بىر بولغان قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەردۇر. چۈنكى ئايەتنىڭ بۇ قىسمىدا قىز – ئوغۇل پەرقى ئېتىبارغا ئېلىنماستىن ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئانىنىڭ، مېيىتنىڭ بالىسى ياكى ئاتا بىر قېرىنداشلىرى بولغان تەقدىردىكى  ئۈلۈشى (يەنى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى)، ياكى ئۇلار بولمىغان تەقدىردىكى ئۈلۈشى (مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى) ئوخشاش نىسبەتتە تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

(2) مېيىتنىڭ ئاتا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۈلۈشلىرى

 بۇلارنىڭ، ۋاپات بولغان قېرىندىشى ياكى ھەمشىرىسىنىڭ مىراسىدىن ئۈلۈش ئېلىشىنىڭ ئىككى شەرتى بار: بىرى ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئاتىسى بولماسلىقى (بۇ ئاتا ئۇلارنىڭمۇ ئاتىسىدۇر)، يەنە بىرى بالىسى بولماسلىقى. ئۇلارنىڭ ئۈلۈش نىسبىتى ئۆزلىرىنىڭ سانىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ.

ئەگەر ۋاپات بولغۇچى ئەر، ھاياتتا قالغىنى بىر قىز ھەمشىرە بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ. ئەگەر ھاياتتا قالغان ھەمشىرىلەر ئىككى ۋە ئىككىدىن كۆپ بولسا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ.

ئەگەر ئۇ ۋارىسلار ئوغۇل – قىز قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر بولسا، مىراس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوغۇلغا ئىككى، قىزغا بىر ئۈلۈش پىرىنسىپى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.

ئەگەر ۋاپات بولغىنى ھەمشىرە، ھاياتتا قالغىنى قېرىندىشى بولسا، مىراسنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تېگىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَسۡتَفۡتُونَكَ قُلِ ٱللَّهُ يُفۡتِيكُمۡ فِي ٱلۡكَلَٰلَةِۚ إِنِ ٱمۡرُؤٌاْ هَلَكَ لَيۡسَ لَهُۥ وَلَدٞ وَلَهُۥٓ أُخۡتٞ فَلَهَا نِصۡفُ مَا تَرَكَۚ وَهُوَ يَرِثُهَآ إِن لَّمۡ يَكُن لَّهَا وَلَدٞۚ فَإِن كَانَتَا ٱثۡنَتَيۡنِ فَلَهُمَا ٱلثُّلُثَانِ مِمَّا تَرَكَۚ وَإِن كَانُوٓاْ إِخۡوَةٗ رِّجَالٗا وَنِسَآءٗ فَلِلذَّكَرِ مِثۡلُ حَظِّ ٱلۡأُنثَيَيۡنِۗ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ أَن تَضِلُّواْۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمُۢ  ١٧٦﴾

«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن پەتىۋا سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ئاللاھ سىلەرگە ئاتىسى ۋە بالىسى يوق ھالەتتە ۋاپات بولغان كىشى توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇ – ئەگەر بىر ئەر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ ھېچ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسىلا بولسا، مىراسنىڭ يېرىمى بۇ ھەمشىرىگە تېگىدۇ. ناۋادا ۋاپات بولغان كىشى ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر قېرىندىشىلا بولسا، مىراسنىڭ ھەممىسىنى بۇ قېرىندىشى ئالىدۇ. ئەگەر ھەمشىرە ئىككى بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ۋارىسلار ھەم  ئەر ھەم ئايال قېرىنداشلار بولسا، بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ئۈلۈشىگە ئوخشاش ئۈلۈش تېگىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئېزىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»[2].

(3) مېيىتنىڭ ئاتا – ئانا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۈلۈشلىرى

بۇلارغا، ۋاپات بولغان قېرىندىشى ياكى ھەمشىرىسىنىڭ مىراسىدىن تۆۋەندىكى ئېھتىماللارنىڭ بىرىدە ئۈلۈش تېگىدۇ ۋە تېگىدىغان ئۈلۈشنىڭ مىقدارى ھەر ئېھتىمالدا پەرقلىق بولىدۇ:

1 – مېيىتنىڭ ئانىسى ۋە بالىسى بولمىغان ئېھتىمال. بۇ تەقدىردە بۇ قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر 4 – سۈرە نىسانىڭ 12 – ئايىتىدە بايان قىلىنغان «قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر»نىڭ قاتارىدا ئانىسىنىڭ (ھاياتتا بولغان تەقدىردىكى) ئۈلۈشىنى شۇ ئايەتتە بەلگىلەنگەن بويىچە تەقسىم قىلىشىدۇ. چۈنكى بۇلار مېيىتقا ئانا تەرەپتىن، پەقەت ئانىسىلا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە يېقىندۇر.

2 – مېيىتنىڭ ئاتىسى ۋە بالىسى بولمىغان ئېھتىمال. بۇ تەقدىردە بۇ قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر 4 – سۈرە نىسانىڭ 176 – ئايىتىدە بايان قىلىنغان «قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر»نىڭ قاتارىدا ئاتىسىنىڭ (ھاياتتا بولغان تەقدىردىكى) ئۈلۈشىنى شۇ ئايەتتە بەلگىلەنگەن بويىچە تەقسىم قىلىشىدۇ. چۈنكى بۇلار مېيىتقا ئاتا تەرەپتىن، پەقەت ئاتىسىلا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە يېقىندۇر.

3 – مېيىتنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە بالىسى بولمىغان ئېھتىمال. بۇ تەقدىردە بۇ قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر ئىككى تەرەپتىن ئۈلۈش ئالىدۇ. بىرى 4 – سۈرە نىسانىڭ 12 – ئايىتىدە بايان قىلىنغان «قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر»نىڭ قاتارىدا ئانىسىنىڭ (ھاياتتا بولغان تەقدىردىكى) ئۈلۈشىنى شۇ ئايەتتە بەلگىلەنگەن بويىچە تەقسىم قىلىشىدۇ. چۈنكى بۇلار مېيىتقا ئانا تەرەپتىن، پەقەت ئانىسىلا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە يېقىندۇر. يەنە بىرى 4 – سۈرە نىسانىڭ 176 – ئايىتىدە بايان قىلىنغان «قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر»نىڭ قاتارىدا ئاتىسىنىڭ (ھاياتتا بولغان تەقدىردىكى) ئۈلۈشىنى شۇ ئايەتتە بەلگىلەنگەن بويىچە تەقسىم قىلىشىدۇ. چۈنكى بۇلار مېيىتقا ئاتا تەرەپتىن، پەقەت ئاتىسىلا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە يېقىندۇر.

خۇلاسە

  • مېيىتنىڭ ئانا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرى پەقەت مېيىتنىڭ ئانىسى ۋە بالىسى ھايات بولمىغان تەقدىردىلا مىراستىن ئۈلۈش ئالالايدۇ. بۇ ئۈلۈش ئۇ ئانا ھايات بولغان تەقدىردە ئۆزى ئالىدىغان ئۈلۈشتۇر.
  • مېيىتنىڭ ئاتا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرى مېيىتنىڭ ئاتىسى ۋە بالىسى بولمىغان تەقدىردىلا ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنىغا ئۆتىدۇ ۋە مىراسىنى خۇددى ئۇ بالىلاردەك ئوغۇلغا ئىككى، قىزغا بىر ئۈلۈشتىن بۆلۈشىدۇ.
  • مېيىتنىڭ ئاتا – ئانا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرى، مېيتنىڭ ئانىسى ۋە بالىسى بولمىغان تەقدىردە، مېيىت بىلەن پەقەت ئانىسىلا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىنىڭ قاتارىدا ئۈلۈش ئالىدۇ. مېيىتنىڭ ئاتىسى ۋە بالىسى بولمىغان تەقدىردە، مېيىت بىلەن پەقەت ئاتىسىلا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەرنىڭ قاتارىدا ئۈلۈش ئالىدۇ. ناۋادا مېيىتنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە بالىسى بولمىسا، ئىككى تەرەپتىن ئۈلۈش ئالىدۇ: ھەم ئانىسى بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەرنىڭ قاتارىدا ھەمدە ئاتىسى بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرى قاتارىدا ئۈلۈش ئالىدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ تۆت بىر تۇغقىنى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئانا بىر ، بىرى ئاتا بىر، بىرى ئاتا – ئانا بىر قېرىنداشلار بولسا ۋە بىرى ئاتا بىر ھەمشىرە بولسا، مىراس تۆۋەندىكىدەك تەقسىم قىلىنىدۇ:

مىراس ئالتىگە بۆلۈنىدۇ، ئالتىدىن بىرى ئىككىگە ئايرىلىپ، بىرى پەقەت ئانا بىر قېرىنداشقا، بىرى ئاتا – ئانا بىر قېرىنداشقا تېگىدۇ. چۈنكى بۇ ئىككىسى مېيىتقا ئانا تەرەپتىن ئوخشاش دەرىجىدە يېقىندۇر. قالغان بەش ئۈلۈشنىڭ بىرى ئاتا بىر ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ، تۆت ئۈلۈشتىن ئىككىسى ئاتا بىر قېرىندىشىغا، ئىككىسى ئاتا – ئانا بىر قېرىندىشىغا تېگىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 414 – 418.

 [1]4 – سۈرە نىسا، 12 – ئايەت.

[2] 4 – سۈرە نىسا ، 176 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر