مۇسۇلمانلار
مىراس قىزلارنىڭ مىراس ئېلىشى ھەققىدە كەلگەن رىۋايەت 1

مىراس \ قىزلارنىڭ مىراس ئېلىشى ھەققىدە كەلگەن رىۋايەت

3.      دەلىل قىلىنغان مەشھۇر رىۋايەت

1)     ئۇ رىۋايەتنىڭ تېكىستى (مەتنى)

«عَنْ جَابِرِ بْنِ عَبْدِ اللَّهِ قَالَ: جَاءَتْ امْرَأَةُ سَعْدِ بْنِ الرَّبِيعِ بِابْنَتَيْهَا مِنْ سَعْدٍ إِلَى رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَقَالَتْ: يَا رَسُولَ اللَّهِ هَاتَانِ ابْنَتَا سَعْدِ بْنِ الرَّبِيعِ قُتِلَ أَبُوهُمَا مَعَكَ يَوْمَ أُحُدٍ شَهِيدًا وَإِنَّ عَمَّهُمَا أَخَذَ مَالَهُمَا فَلَمْ يَدَعْ لَهُمَا مَالًا وَلَا تُنْكَحَانِ إِلَّا وَلَهُمَا مَالٌ قَالَ: «يَقْضِي اللَّهُ فِي ذَلِكَ» فَنَزَلَتْ: آيَةُ المِيرَاثِ فَبَعَثَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ إِلَى عَمِّهِمَا فَقَالَ: «أَعْطِ ابْنَتَيْ سَعْدٍ الثُّلُثَيْنِ وَأَعْطِ أُمَّهُمَا الثُّمُنَ وَمَا بَقِيَ فَهُوَ لَكَ»

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جابىر ئىبنى ئابدىللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: سەئد ئىبنى رەبىئنىڭ ئايالى سەئددىن بولغان ئىككى قىزىنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ مۇنداق دېدى:

يا رەسۇلەللاھ! بۇ ئىككىسى سەئد ئىبنى رەبىئنىڭ قىزلىرى. بۇلارنىڭ ئاتىسى (سەئد) ئۆزلىرى بىلەن ئۇھۇد ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ شېھىت بولغان. بۇلارنىڭ تاغىسى (سەئدنىڭ قېرىندىشى) مىراسنى ئالدى ۋە بۇلارغا ھېچ مال قالدۇرۇپ قويمىدى. بۇلارنى ياتلىق قىلىش ئۈچۈن مال بولمىسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

رەسۇلۇللاھ: «بۇ ھەقتە ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ» دېدى، ئۇزۇن ئۆتمەي مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت نازىل بولدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇ ئىككى قىزنىڭ تاغىسىنى چاقىرتىپ: «سەئدنىڭ ئىككى قىزىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى، ئۇلارنىڭ ئانىسىغا سەككىزدىن بىرىنى بەرگىن، قالغىنى سېنىڭ بولىدۇ» دېدى[1].

بۇ رىۋايەت بۇ شەكلى بىلەن سەئدنىڭ ئىككى قىزىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ئۈلۈش، ئايالىغا سەككىزدىن بىر ئۈلۈش، قالغىنى سەئدنىڭ قېرىندىشىغا تېگىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

2)     ئۇ رىۋايەتنىڭ پەرقلىق يوللىرى

(1) ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (ھ 164 – 241 /م 780 – 855) ئۇ رىۋايەتنى جابىر ئىبنى ئابدىللاھ ← ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىل← ئۇبەيدۇللاھ يولى بىلەن كەلگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ[2].

(2) ئىبنى ماجە  (ھ 209 – 273 /م 824 – 886) ئۇ رىۋايەتنى جابىر ئىبنى ئابدىللاھ ← ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىل← سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە يولى بىلەن كەلگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ[3].

(3) ئەبۇ داۋۇد (ھ 202 – 275 / م 817 – 889) ئۇ رىۋايەتنى پەرقلىق ئىككى يول بىلەن نەقىل قىلىدۇ:

 بىرىنچىسى، جابىر ئىبنى ئابدىللاھ ← ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىل← بىشر ئىبنى ئەلمۇفەددەل.

ئىككىنچىسى،  جابىر ئىبنى ئابدىللاھ ← ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىل← داۋۇد ئىبنى قەيس ۋە باشقا ئەھلى ئىلىملەر[4].

(4) تىرمىزى (ھ 209 – 279 /م 824 – 892) ئۇ رىۋايەتنى جابىر ئىبنى ئابدىللاھ ← ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىل← ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر يولى بىلەن كەلگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ[5].

(5) ئىبنى ئەبى ھاتىم (ھ 240 – 327 /م 854 – 938)، دارەقۇتنى (ھ 306 – 385/ م 918 – 995) ، ھاكىم (ھ 321 – 405 /م 933 – 1015) ۋە بەيھەقى (ھ 384 – 458 / م 994 – 166) لەر بولسا، ئۇ رىۋايەتنى جابىر ئىبنى ئابدىللاھ ← ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىل يولى بىلەن كەلگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ[6].

3)     ئۇ رىۋايەتنىڭ مەتىن (تېكىست) پەرقلىرى

مەزكۇر رىۋايەتنىڭ يوللىرىدىكى ئاساسلىق مەتىن پەرقلىرى تۆۋەندىكىچە:

1 – مەتىنلەردە ئىككى قىز بالىنىڭ ئاتىسى، باشقا بىر ئىپادە بىلەن ئېيتقاندا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن سوئال سورىغان ئايالنىڭ ئېرى پەرقلىق كىشىلەردۇر. بەزى يوللار بىلەن كەلگەن رىۋايەتلەردە «سەئد ئىبنى رەبىئنىڭ ئايالى ئىككى قىزى بىلەن كەلدى» ياكى «بۇ ئىككىسى سەئد ئىبنى رەبىئنىڭ ئىككى قىزىدۇر»[7] دېيىلىدۇ. بەزى يوللار بىلەن كەلگەن رىۋايەتلەردە: «بۇ ئىككى قىز سابىت ئىبنى قەيسنىڭ قىزلىرىدۇر» دېيىلىدۇ[8].

رىۋايەتلەردىكى ساھابىنىڭ سابىت ئىبنى قەيس ئىكەنلىكى ھەققىدە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەتنىڭ راۋىسى بىشر ئىبنى ئەلمۇفەددەلنىڭ خاتالاشقانلىقىنى، ئۇ ئىككى قىزنىڭ سەئد ئىبنى رەبىئنىڭ قىزلىرى ئىكەنلىكىنى، سابىت ئىبنى قەيسنىڭ يەمامەدە شېھىت بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ[9]. مەنبەلەرمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ[10].

2 – مەتىنلەردىكى باشقا بىر پەرق، سوئال سورالغاندا رەسۇلۇللاھنىڭ پوزىتسىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئىبنى ماجەدە «رەسۇلۇللاھ سۈكۈت قىلدى»[11] دېيىلىدۇ.

بەزى يوللار بىلەن كەلگەن رىۋايەتلەردە «رەسۇلۇللاھ: بۇ توغرىدا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ دېدى» دېيىلىدۇ[12]. بەزىلىرىدە بولسا ھېچقانداق ئىپادە يوق[13].

3 – بەزى يوللار بىلەن كەلگەن رىۋايەتتە سوئالنىڭ سورىلىشى بىلەن «مىراس ئايىتى نازىل بولدى» دېيىلىدۇ[14]، بەزىلىرىدە «سۈرە نىسانىڭ ‹ئاللاھ بالىلىرىڭلار توغرىسىدا ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ› دېگەن مەنىدىكى ئايىتى نازىل بولدى» دېيىلىدۇ[15]. باشقا بىر يول بىلەن كەلگەن رىۋايەتتە بولسا «ئاللاھ مىراسنى نازىل قىلدى» دېگەن ئىپادە زىكىر قىلىنىدۇ[16]. يەنە باشقا بىر يول بىلەن كەلگەن رىۋايەتتە بۇنداق ئىپادە زىكىر قىلىنمايدۇ[17].

4)     ھەدىس ئالىملىرىنىڭ ئىبنى ئەقىل ھەققىدە كۆزقاراشلىرى

 ھىجرىيە 140~145 يىللىرى ئارىسىدا ۋاپات بولغانلىقى زىكىر قىلىنغان[18] ۋە ئىبنى ئەقىل دەپ مەشھۇر بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىل ھەققىدە ھەدىس ئالىملىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى سەلبىي كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

مالىك ئىبنى ئەنەس  (ھ 93 – 179 / م 712 – 795) بىلەن يەھيا ئىبنى سەئىد (ھ ؟ – 458 / م ؟ – 1066)نىڭ  ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلمىغانلىقى، سۇفيان ئبنى ئۇيەينە (ھ 107 – 198 / م 725 – 814)نىڭ ئۇنى قۇرەيشتىن رىۋايەتلىرى تەرك ئېتىلىدىغان تۆت كىشىنىڭ قاتارىدا سانىغانلىقى يېزىلىدۇ[19].

ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئۇنىڭ ھەققىدە «ھەدىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان ئادەم» دەيدۇ[20].

ئەبۇ ھاتىم «ھەدىس رىۋايىتىدە يۇمشاق، كەڭ قورساق، ھەدىس رىۋايىتىدە كۈچلۈك ئەمەس، ھەدىسى دەلىل قىلىنىدىغانلاردىن ئەمەس»[21] دەيدۇ.

يەھيا ئىبنى مەئىن   (ھ 158 – 233 / م 775 – 848): «ھەدىسى دەلىل قىلىنمايدۇ»، «زەئىپتۇر»[22] دېگەن ئىپادىلەرنى سۆزلەيدۇ.

جۇزجانى (ھ ؟ – 259 / م ؟ – 873) ئۇنىڭ ھەققىدە «ئۇنىڭ ھەدىسىدىن توختاپ تۇرىلىدۇ، رىۋايەت قىلغانلىرىنىڭ تولىسى غەرىبتۇر» دەيدۇ[23].

نەسەئى (ھ 215 – 303 / م 829 – 915) «زەئىپتۇر»[24] دەيدۇ. ئىبنى ھىببان (ھ 270 – 354 / م 884 – 965)، ئۇنىڭ ئېسىدە تۇتۇش قۇۋۋىتىنىڭ ناچار بولۇپ، بەرگەن خەۋەرلىرىدىن يىراق تۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىدۇ[25].

ھەيسەمىي (ھ 735 – 807 / م 1335 – 1405) «ئېسىدە تۇتۇش جەھەتتن ياخشى ئەمەس» دەيدۇ[26].

تىرمىزى «بەزى ئالىملار ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ھەققىدە ئۇنى تەنقىد قىلغان» دەيدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا ھەدىس ئالىملىرىنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىل ھەققىدىكى سەلبىي پىكىرلىرى ئۇنىڭ رىۋايىتىنى دەلىل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

تەھلىل ۋە نەتىجە

قۇرئان كەرىمدە بالىسى بار كىشىنىڭ مىراسىنىڭ قېرىنداشلىرىغا تەگمەيدىغانلىقى، قىز بالىنىڭمۇ بالا ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىنغان[27]. ھەقىقەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ۋارىسلارنىڭ «ئۈلۈش ئىگىلىرى» ۋە «ئەسەبە» دەپ ئىككىگە ئايرىلىشى، بىر ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن ئەمەۋىيلەرنىڭ ھاكىمىيىتى «خۇراسانلىقلار» تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ھاشىمىي جەمەتى كىمنىڭ «خەلىپە» بولۇشى توغرىسىدا ئەلەۋىلەر (ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەسلى) ۋە ئابباسىيلار (ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەسلى) دەپ ئىككى پىرقىگە ئايرىلغان.

ھەر پىرقىنىڭ تەرەپدارلىرى، موللىلىرى ۋە يازغۇچى – شائىرلىرى بولغان. ھەر كىم ئۆز نامزاتىنى «خەلىپە» قىلىش يولىدا پۈتۈن جان – جەھلى بىلەن تىرىشچانلىق قىلغان بولسىمۇ ئاخىرىدا بۇ «جەڭ»نىڭ غالىبى ئابباسىيلار بولغان. ۋارىسلارنىڭ «ئۈلۈش ئىگىلىرى» ۋە «ئەسەبە» دەپ ئىككىگە ئايرىلىشى ئەنە شۇنداق پەيدا بولغان.

ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك تەرىپى شۇكى، ئۇ چاغلاردا بەزى ئۆلىمالار ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئالىقاندا كۆتۈرۈلگەن[28]. بەزى ئۆلىمالار بولسا چەتكە قېقىلغان[29].  لېكىن ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ نامى بىلەن بىرەردىن مەزھەپ ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ھەر مەزھەپنىڭ كىتابلىرىدا ۋارىسلار ئەنە شۇنداق ئىككىگە ئايرىلغان[30].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 450 – 457.

[1] تىرمىزى، «ئەبۋابۇل فەرائىز»، 3. بۇ ھەدىس پەرقلىق شەكىللەردە تۆۋەندىكى كىتابلاردىمۇ ئۆتىدۇ: ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 13: 108؛ ئىبنى ماجە، «فەرائىز»، 2؛ ئەبۇ داۋۇد، «فەرائىز»، 4؛ ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇرەھمان ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئىبنى ئەبى ھاتىم رازى، تەفسىرى ئىبنى ئەبى ھاتىم/تەفسىرۇل قۇرئانىل ئەزىم، تەھقىلىغۇچى: ئەسئەد مۇھەممەد تەييىب، 3 – باسما (باز – سەئۇدى ئەرەبىستان: مەكتەبەتۇ نەزار مۇستەفا، ھ 1419 / م 1998)، 3: 881؛ دارەقۇتنى، سۇنەن، 4: 78 ~ 79؛ ھاكىم، مۇستەدرەك، 4: 370 ، 380؛ بەيھەقى، سۇنەنى كۇبرا، 6: 216.

[2]  ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 13: 108.

[3]  ئىبنى ماجە، «فەرائىز»، 2.

[4]  ئەبۇداۋۇد، «فەرائىز»، 4.

[5]  تىرمىزى، «فەرائىز»، 3.

[6]  ئىبنى ئەبى ھاتىم، تەفسىرۇل قۇرئانىل ئەزىم، 3: 881؛ دارەقۇتنى، سۇنەن، 4: 78 – 79؛ ھاكىم، مۇستەدرەك، 4: 342؛ بەيھەقى، سۇنەنى كۇبرا، 6: 216.

[7] ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 13: 108؛ ئىبنى ماجە، «فەرائىز»، 2؛ ئەبۇ داۋۇد، «فەرائىز»، 4؛ تىرمىزى، «فەرائىز»، 3؛ دارەقۇتنى، سۇنەن، 4: 78 – 79.

[8] ئەبۇ داۋۇد، «فەرائىز»، 4؛ دارەقۇتنى، سۇنەن، 4: 78 – 79.

[9]  ئەبۇ داۋۇد، «فەرائىز»، 4؛ دارەقۇتنى بىلەن بەيھەقى ئەبۇداۋۇدنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىدۇ. قاراڭ: دارەقۇتنى، سۇنەن، 4: 78، بەيھەقى، سۇنەنى كۇبرا، 6: 229.

[10]  سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى ھاتىمنىڭ ھىجرىيە 12 – يىلى، مىلادىيە 633 – يىلىدا يەمامەدە شېھىت بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات ئۈچۈن قاراڭ: ئىبنى سەئد، تەبەقاتۇل كۇبرا، 3: 88؛ مۇستافا قاراتاش، «سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى ھاتىم»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2008)،  35: 352. سەئد ئىبنى رەبىئنىڭ ئۇھۇدتا شېھىت بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات ئۈچۈن قاراڭ: ئىبنى سەئد، تەبەقاتۇل كۇبرا، 3: 612؛ سالىھ قاراجابەي، «سەئد ئىبنى رەبىئـ»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى  (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2008)،  35: 375 – 376.

[11]  ئىبنى ماجە، «فەرائىز»، 2.

[12]  ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 23: 108؛ ئەبۇ داۋۇد، «فەرائىز»، 4؛ تىرمىزى، «فەرائىز»، 3؛ دارەقۇتنى، سۇنەن، 4: 78؛ ھاكىم، مۇستەدرەك، 4: 342؛ بەيھەقى، سۇنەنى كۇبرا، 6: 216.

[13]  دارەقۇتنى، سۇنەن، 4: 79.

[14]  ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 23: 10؛ ئىبنى ماجە، «فەرائىز»، 2؛ تىرمىزى، «فەرائىز»، 3؛ ھاكىم، مۇستەدرەك، 4: 342.

[15]  ئەبۇ داۋۇد، «فەرائىز»، 4؛ دارەقۇتنى، سۇنەن، 4: 78.

[16]  بەيھەقى، سۇنەنى كۇبرا، 6: 216.

[17]  دارەقۇتنى، سۇنەن، 4: 78.

[18]  شىھابۇددىن ئەبۇلفەزل ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى، تەھزىبۇتتەھزىب (ھىندىستان: دارۇلمەئارىفىن نىزامىييە، 1326)، 6: 15.

[19] ، ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى ئەمر ئىبنى مۇسا ئىبنى ھەمماد ئۇقەيلى، كىتابۇددۇئەفائۇل كەبىر، تەھقىقلىغۇچى: ئابدۇلمۇئتى ئەمىن قەلئەجى (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، ھ 1404 / م 1984)، 2: 298؛ يۇسۇف ئىبنى ئابدۇررەھمان ئىبنى يۇسۇف ئەبۇلھەججاج مىززى، تەھزىبۇلكەمال فى ئەسمائىر رىجال، تەھقىقلىغۇچى: بەششار ئەۋۋاد مەئرۇف (بېيرۇت: مۇئەسسەتۇر رىسالە، ھ 1400 / م 1980)، 16: 80؛ ئەسقەلانى، تەھزىبۇتتەھزىب، 6: 13 ~ 15.

[20]  ئەسقەلانى، تەھزىبۇتتەھزىب، 6: 13 – 15. تىرمىزى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ، ئۇنىڭدىن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتنى دەلىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قاراڭ: تىرمىزى، «تاھارەت»، 3؛ مىززىي، تەھزىبۇلكەمال، 16: 84. لېكىن ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئۇنى، ھەققىدە «يەتتەقۇنە بىھەدىسىھى – ئۇلار ئۇنىڭ ھەدىسىدىن يىراق تۇراتتى» دېيىلىدىغان ئاسىم ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. قاراڭ: ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىلەل، 2: 210. بۇ ئەھۋال ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئۇ كىشى ھەققىدە «ھەدىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن كۆزقارىشىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسەتكەندەك، تىرمىزىنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە نەقىل قىلغان سۆزىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ياكى ئۇنىڭدىن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتنى باشقا بىر دەلىل سەۋەبىدىن دەلىل قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.  

[21] ئىبنى ئەبى ھاتىم، ئەلجەرھ، 5: 154؛ مىززىي، تەھزىبۇلكەمال، 16: 84؛ ئەسقەلانى، تەھزىبۇتتەھزىب، 6: 13 – 15

[22]  ئۇقەيلى، كىتابۇددۇئەفا، 2: 701؛ ئىبنى ئەبى ھاتىم، ئەلجەرھ، 5: 154؛ جەمالۇددىن ئەبۇلفەرەج ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد جەۋزى، ئەددۇئەفا  ۋەلمەترۇكۇن، تەھقىقلىغۇچى: ئابدۇللاھ قازى (بېيرۇت: دارۇلكۇتۇبىل ئىلمىييە، ھ 1406/ م 1985)، 2: 140.

[23] ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى يەئقۇب ئىبنى ئىسھاق جۇزجانىي، ئەھۋالۇررىجال، تەھقىقلىغۇچى: ئابدۇل ئەلىم ئابدۇل ئەزىم بەستەۋى ( پاكىستان – فەيسەل ئاباد: ھەدىس ئاكادېمىيەسى، تارىخسىز)، 13؛ مىززى، تەھزىبۇلكەمال، 16: 83.

[24]  مىززى، تەھزىبۇلكەمال، 16: 84.

[25] مۇھەممەد ئىبنى ھىببان ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ھىببان، ئەلمەجرۇھىينە مىنەلمۇھەددىسىينە ۋەددۇئەفائى ۋەلمەترۇكىينە، تەھقىقلىغۇچى: مەھمۇد ئىبراھىم زايد (ھەلەب: دارۇلۋەئيى، ھ 1396/ م 1976)، 1: 494؛ ئىبنى جەۋزى، ئەددۇئەفا ۋەلمەترۇكۇن، 2: 140.

[26] ئەبۇلھەسەن نۇرۇددىن ئەلى ئىبنى ئەبى بەكر ئىبنى سۇلەيمان ھەيتەمى، مەجمەئۇززەۋائىد ۋە مەنبەئۇلفەۋائىد، تەھقىقلىغۇچى: ھۇسامىددىن قۇدسى (قاھىرە: مەكتەبەتۇل قۇدسى، ھ 1414 / م 1994)، 1: 588، 6: 22، 7: 18.

تىرمىزى، «تاھارەت»، 3؛ ئىبنى جەۋزى، كىتابۇددۇئەفا ۋەلمەترۇكىن، 2: 140؛ مىززى، تەھزىبۇلكەمال، 16: 84؛ ئەسقەلانى، تەھزىبۇتتەھزىب، 6: 13 – 15.

[27] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسانىڭ 11 ۋە 176 – ئايەتلىرى.

[28] مەسىلەن: «ئىمام ئەۋزائىي» (ھ 88 – 157 / م 707 – 774) ئۇلاردىن بىرىدۇر. ئەۋزائىي ھەم ئۇمەۋىي ھەم ئابباسىيلار تەرىپىدىن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان «ئۆلىما»دۇر. ئۇنىڭغا «خەلىپىلەر»نىڭ تېرىلغۇ يەرلەر بەرگەنلىكى، ئۇنىڭغا ئۇمەۋىي ۋە ئابباسىي خەلىپىلىرى تەرىپىدىن يەتمىش مىڭ دىنار ئالتۇن پۇل بېرىلگەنلىكى يېزىلىدۇ. (قاراڭ: ئىبنى كەسىر، ئەلبىدايە ۋەننىھايە، 10: 125؛ زەھەبىي، سىيەرۇ ئەئلامىننۇبەلا، 7: 107 – 134).

[29] مەسىلەن: ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە (ھ 80 – 150 /م 699 – 767) ئۇمەۋىي ھۆكۈمدارلىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن قاماققا ئېلىنغان ۋە بىرقانچە كۈن قاتتىق ئۇرۇلغان. ئۇلار ئەبۇ ھەنىفە تاياق زەربىسىدىن ئۆلۈپ كېتىپ ئۇمەۋىيلەر ئۈچۈن ئەيىب بولۇشتىن قورقۇپ قويۇپ بەرگەن. ئابباسىي خەلىپىلىرىدىن مەنسۇر (ھ 95 – 158 / م 714 – 775) تەرىپىدىن زىندانغا تاشلىنىپ، ھەر كۈن 10 قامچا ئۇرۇلغان، تاكى ئۆلەي دەپ قالغاندا زىنداندىن چىقىرىلغان، لېكىن دەرس ئۆگىتىش ۋە پەتىۋا بېرىشتىن مەنئى قىلىنغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن. قاراڭ: مۇھەممەد ئەھمەد مۇستەفا ئەبۇ زەھرە، تارىخۇل مەزاھىبىل ئىسلامىييە فىسسىياسەتى ۋەلئەقائىدى ۋە تارىخىل مەزاھىبىل فىقھىييە، (قاھىرە: دارۇل فىكرىل ئەرەبىي، تارىخسىز)، 349، 353. ئىمام مالىك (ھ 93 – 179 /م 711 – 795) «خەلىپە مەنسۇر»نىڭ مەدىنە ۋالىيسى تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ قولى مۈرىسىدىن چىقىپ كەتكەن. قاراڭ: ئەبۇ زەھرە، تارىخۇل مەزاھىبىل ئىسلامىييە، 391. ئىمام شافىئىي (ھ 150 – 204 / م 767 – 820) ئابباسىي خەلىپىلىرىدىن ھارۇن رەشىد (ئۆلۈمى: 192 – ھىجرىيە) تەرىپىدىن قول – پۇتلىرى باغلىنىپ، يەمەندىن بەغدادقا كەلتۈرۈلگەن. قاراڭ: ئىبنى كەسىر، ئەلبىدايە ۋەننىھايە، 10: 275. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (ھ 164 – 241 / م 780 – 855) ئابباسىي خەلىپىلىرىدىن مەئمۇن (ھ 170 – 218 / م 786 – 833)، مۇئتەسىم بىللاھ (ھ 179 – 227 /م 796 – 842)، ۋاسىق بىللاھ (ھ  200 – 232 / م 816 – 847)لار تەرىپىدىن ھەر تۈرلۈك ئىسكەنجىلەرگە ئېلىنغان ۋە زىندانغا تاشلانغان. قاراڭ: ئىبنى كەسىر، ئەلبىدايە ۋەننىھايە، 463 ~ 465.   

[30]  ئۇ مەزھەپلەر سۈننىي مەزھەپىنىڭ مەشھۇر تارماق تۆت مەزھىپى بولغان  ھەنەفىيە مەزھىپى،. مالىكىيە مەزھىپى، شافىئىيە مەزھىپى ۋە ھەنبەلىيە مەزھىپىدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر