مۇسۇلمانلار

مىراس \ تاغا – ھامما ۋە جىيەنلەرنىڭ ئۈلۈشى

تاغا – ھاممىلار

(1) ئاتا تەرەپتىن تاغا – ھاممىلار، بۇلار مېيىتنىڭ بىۋاسىتە ئاتىسى، بالىسى، قېرىنداش – ھەمشىرىلىرى ۋە بوۋىسى بولمىغان تەقدىردىلا  مېيىتنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ، ئوغۇل ئىككى ئۈلۈش، قىز بىر ئۈلۈش ئالىدۇ.

(2) ئانا تەرەپتىن تاغا – ھاممىلار. بۇلار مېيىتنىڭ بىۋاسىتە ئانىسى، بالىسى، قېرىنداش – ھەمشىرىلىرى ۋە مومىسى بولمىغان تەقدىردىلا  مېيىتنىڭ  ئانىسىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئۈلۈشىنى ئالىدۇ ۋە ئوخشاش مىقداردا بۆلىشىدۇ.

3) جىيەنلەر

بۇلار مېيىتنىڭ قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرىنىڭ بالىلىرى بولۇپ، يۇقىرىدىكى ۋارىسلارنىڭ ھېچبىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ يەنى مېيىتنىڭ قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ (ھايات بولغان تەقدىردىكى) ئۈلۈشلىرىنى ئالىدۇ:

  • ئانا بىر قېرىنداش – ھەمشىرىنىڭ بالىلىرى، ئۇ ئانىنىڭ ئۈلۈشىنى ئېلىپ، ئوخشاش مىقداردا بۆلىشىدۇ.
  • ئاتا بىر قېرىنداش – ھەمشىرىنىڭ بالىلىرى، ئۇ ئاتىنىڭ ئۈلۈشىنى ئېلىپ، ئوغۇلغا ئىككى ئۈلۈش، قىزغا بىر ئۈلۈش بويىچە بۆلۈشىدۇ.
  • ئاتا – ئانا بىر قېرىنداش – ھەمشىرىنىڭ بالىلىرى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۈلۈشنى ئالىدۇ. ئانا تەرەپتىن ئالغان ئۈلۈشنى ئوخشاش مىقداردا، ئاتا تەرەپتىن ئالغان ئۈلۈشنى ئوغۇلغا ئىككى، قىزغا بىر ئۈلۈش پىرىنسىپى بويىچە بۆلىشىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 426 – 427.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر